-
لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئوبكىتى تور ئەسەرلىرىگىمۇ كېڭەيدى - [ئەدەبىيات ئۇچۇرى]
2010-05-24
مۇكەممەل زامان تورىنىڭ بۈگۈن بىيجىڭ ۋاقتى 04:45:07 دە ئېلان قىلغان خەۋرىگە قارىغاندا ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئوبىكتى 2007 - يىلدىن 1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا دۆلەت تەكشۈرۈپ بىكتكەن گېزىت - ژۇرنال ، نەشىريات ۋە دۆلەت تەكشۈرۈپ ئىجازەت تەستىق نۇمرى بەرگەن تور بىكەتلەردە ئىلان قىلىنغان ياكى نەشىر قىلىنغان خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەر ئىكەن . توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش دائىرسى ئىچىگە كىرىشى جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈرلرىنى تۇنجى قېتىم تور ساھەسىگە كېڭەيتىشى ئىكەن .
باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى خۇپىڭنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ ئالدىنقى قېتىقىدىكىگە ئوخشىمايدىغان يىرى باھالاش دائىرىسنىڭ كەڭرىلىكى ، دۆلەت تەكشۈرۈپ ئىجازەت قىلغان ۋە ئىجازەت نۇمۇرى ۋە ئىجازەتنامىگە ئىگە توربىكەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭمۇ بۇ دائىرىگە كىرگەنلىكىدە ئىكەن . تور ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى مەزكۇر ئەسەرنىڭ تورغا چىقىرىلغان ۋاقتى ھىساب قىلىنىدىكەن . دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇلغان تور ئەسەرلرىنىڭ 31 پارچە بولۇپ ، 18 پارچىسى پوۋسىت ، 10 پارچىسى ھىكايە ، 3 پارچىسى ئەدەبىي ئوبزۇر ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، شېڭدا ئەدەبىياتى ئەۋەتىپ بەرگەن ئەسەرلەر 15 پارچە بولۇپ ، مۇقىملاشتۇرغان تور ئەسەرلىرىنىڭ بىر كەم يىرىمنى تەشكىل قىلىدىكەن .
شېئر ۋە نەسىرلارنى باھالاشتا نەشېرياتتىن چىققان ۋاقتى ئۆلچەن قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئىلگىرى توردا ئېلان قىلىنغان شېئر ۋە نەسرلەرگە بۇ توغرىسىدا ھىچقانداق ئۇچۇر يوق بولۇپ ، بۇ ئىككى تۈر باھالاش ئوبكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن . ئەمما خۇپىڭ كېلەركى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بلدۈردى .
评论