• ئۇلىنىش قىلىش شەرىتلىرى - [بلوگ ئۇچۇرى]

    2009-01-28

            ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە ئىجادىيلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، دوستانە ئۇلىنىش قىلىشتا بىر تۈرلۈك شەرتلەرنى قوللىنىشنى لايىق تاپتىم . چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ، ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئىجادىيلىقىنى ۋە ئىشەنچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ساغلام ، گۈزەل ، ئېسىل ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ۋە ئۆزىمىز ھەمدە ئۆزگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجادىي مەزمۇنلار بىلەن بىزەلگەن بلوگلارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ . ئۇنداقتا ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ دوستانە ئۇلىنىش قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك :
    1. بلوگىڭىز جەزمەن ئانا تىلىمىزدا بولىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - نىزاملىرىغا زىت كېلىدىغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك .( سىزنىڭ قەيەردە بولىشىڭىز ، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز ، قايسى مىللەتتىن بولۇشىڭىز قاتارلىقلار ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ .)
    2. بلوگىڭىزدىكى ھەربىر يازما ئۆزىڭىزنىڭ ۋە كەسىپداش ۋە بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ  ئىجادىي يازمىلىرى بولۇشى كېرەك . ( بۇنىڭدا سىزنىڭ باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلغان نادىر بەدىئىي ئەسەرلەر ۋە تەرجىمھال ھەمدە نۇتۇقلار بولسا بولىدۇ . ئەمما ئۇنىڭدىن سىرت ئاقما خەۋەر ، رەسىم ، MP3 , MP4 ,قاتارلىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسا ، بۇ شەرتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . چۈنكى بۇنداق خەۋەرلەرنى ۋە رەسىم ، MP3 , MP4 , لارنى مەخسۇس تارقىتىدىغان بىزنىڭ توربەتلىرىمىز بار . ئەگەر ئېھتىياجىڭىز چۈشسە شۇ يەردىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ، خاسلىققا ئەھمىيەت بەرگىلى بولىدۇ . )
    3. بلوگىڭىز بىر خاسلىققا ئىگە بولىشى كېرەك . ( بۇنىڭدا بلوگنىڭ يازمىلىرى ۋە بلوگ ئۇسلۇبى كۆزدە تۇتىلىدۇ . مەسىلەن : يۈكسەل بلوگىدەك ، تارىم بلوگىدەك ، ئوۋچى بلوگىدەك ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدەك ...   )
    4. بلوگىڭىزنىڭ قايسى نامدا بولۇشى ياكى قايسى بوشلۇق تەمىنلىگەن بولۇشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ .( مەسىلەن :  Blogger ۋە Blogbus ... قاتارلىقلاردىن ياسالغان بلوگلار بولسا بولىۋېرىدۇ. )
    5. بىلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانى 3000 دىن يۇقىرى بولۇشى ۋە PR قىممىتى 1 گە تەڭ ياكى چوڭ بولۇشى كېرەك .( بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ ، بەزى بلوگلاردىكى يازمىلارنىڭ تۈزۈكرەك قىممىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت سانى ۋە PR قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئەمەس  . شۇڭلاشقا ، بىز ئىجادىيلىقىنى جېنىمىزنىڭ بېرىچە تەكىتلەيمىز . ئەسىرىڭىز ئىجادىي  ، بەدئىي قىممتى يۇقىرى بولسا ، زىيارەت سانى ۋە PR قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ. )
    6. ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ لوگوسىنى بلوگىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چىقىرىشى كېرەك . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنى ئۇلىنىش قىلماي تۇرۇپ ، ئۇلىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بلوگى تەستىقلانمايدۇ . شۇڭا بلوگگىرلارنىڭ بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك .
    7. مۇشۇ شەرتلەرگە تولۇق چۈشىدىغان ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگى بىلەن ئۇلىنىش قىلىشىنى خالايدىغان دوستلار  مۇشۇ يازما ئاستىغا بلوگ نامىنى ۋە ئۇلىنىش مەنزىلنى قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .

            بلوگ نامى : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى
            بلوگ ئادرېسى :
            logo ئادرېسى : http://filer.blogbus.com/4313179/resource_431317912751923294.gif
            logo كۆرۈنۈشى :
            كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى

     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • ئەسسالام ئەلەيكۇم.
      ماتېماتىكا بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ ، تۇغ ئادېرىسنى چاپلىيالمىدىم، بلوگىمدىكى ئۇلانمىلار قاتارىدىن ئادېرىسىنى تاپالايسىز.
      ئۇيغۇرتېكىن回复ماتېماتىكا说:
      ۋەئەلەيكۇمەسسالام ، ماتىماتىكا ئەپەندىم ؟
      مەن بلوگىڭىزغا كىرىپ قارىسام ، لوگورىڭىز سەن ئۇزۇن ئىكەن ، مەن ئالدىمىزىدكى ئىمتىھانلىرىمنى بېرىپ بولۇپ ، ياىشىراق لوگو ئىلشەپ چىقىرىپ قوياي ، ئامان بولغايسىز .
      2010-06-25 22:25:40
    • ئەسسالام ئەلەيكۇم.
      ماتېماتىكا بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ ، تۇغ ئادېرىسنى چاپلىيالمىدىم، بلوگىمدىكى ئۇلانمىلار قاتارىدىن ئادېرىسىنى تاپالايسىز.
    • ياخشىمۇسىز بىلوگچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن تەڭ ئالغا باسايلى شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
      http://files.blogbus.com/shah.blogbus.com/files/12360918600.jpg
      ئۇيغۇرتېكىن回复ش. ئە. ئۇيغۇرى 说:
      بولىدۇ .لېكىن ، لوگو ئادېرسىڭىز ۋاقتى ئۆتكەن ئوخشايدۇ ، مۇمكىن بولسا لوگو ئادىرسىڭىزنى يەنە بىر يوللىسىڭىز .
      2010-06-05 15:05:28
    • مانا ئەمسە ................ خان جەمەتى ئۇيغۇر تور خاتىرسى

      لوگو ____ چاپلىغىلى بولمىدىغۇ |؟؟
      ئۇيغۇرتېكىن回复خان جەمەتى 说:
      لوگو ئادېرسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .
      2010-06-01 03:52:34
    • سۈبھى تور بېكىتىىمزىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!!!!!!
      http://subhi.biz/web/
      بېكەت تۇغى:http://subhi.biz/logo.gif
      ئۇيغۇرتېكىن回复سۇبھى说:
      بولىدۇ ، سىزمۇ ئۇنتۇپ قالماي ئۇلىنىش قىلىپ قويغايسىز !
      2010-05-30 23:18:39
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
    • تۇغ ئادرېسى:
      http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      بلوگ ئادرېسى: http://pristan.blogbus.com
      تۇغ ئادرېسى: http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
      - پرىستان بلوگ
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      بلوگ ئادرېسى: http://pristan.blogbus.com
      تۇغ ئادرېسى: http://filer.blogbus.com/4974894/resource_497489412575741569.gif
      - پرىستان بلوگ
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
      ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق بولارمۇ؟
      -پرىستان بلوگى
      http://pristan.blogbus.com/
      ئۇيغۇرتېكىن回复PRISTAN说:
      بولىدۇ ، بولسا ماڭا لوگورىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن ئۇلىنىش قىلىپ قوياي
      2010-05-19 22:41:15
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوستۇم. سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە ئاناتىلىم بلوگى قۇرۇلۇپ 13 كۈندە 3000 قېتىملىق زىيارەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى، PR قىممىتى يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدىغان بولغاچقا يۇقىرىقى تەلىپىڭىزگە ئۇيغۇن بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلىنىش قىلىش قىلماسلىقنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز.
      قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز: http://anatilim.blogbus.com/logs/35011024.html
      بۇ بايرامنى تەشۋىق قىلىش ھەققىدە باشقا ماقالە يازسىڭىزمۇ ياكى مەنبەسىنى ھېچقانداق ئەسكەرتىپ ئولتۇرماي ئانا تىلىم بلوگىدىكى مەزمۇنلاردىن خالىغانچە پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      بۇ بايرام كۈنىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار: http://anatilim.blogbus.com/logs/34715312.html
    • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
    • مەنمۇ ئۇيغۇر تېكىن بلوگىغا ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلسام بولارمۇ؟
    • ئۇيغۇېتكىن بلوگى ھەقىقەتەن ياخشى بىزىلىپتۇ .
    • كۆپ رەھمەت. ئاناتىلىم رەسمىي ئېلان قىلىنغىنىغا ئۇزاق بولمىدى. مەن سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى چىڭ ئېسىمدە تۇتىمەن ۋە ئۇنتۇپ قالسام بلوگىڭىزغا كىرىپ پىششىقلاپ تۇرىمەن. 5.تۈر زىيارەت سانى 3000دىن يۇقىرى بولۇش ئىكەن. ئاللاھقا شۈكرى بۈگۈنلۈك زىيارىتى 300دىن ئاشتى، ئاللاھ خالىسا ئۇزاققا قالماي سىز دېگەن تەلەپتىن ئاشقۇسى، مەن شۇ چاغدا كېلىپ يەنە سىزگە ئىلتىماس سۇنىمەن.
      قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە ھەرۋاقىت تەشنامەن.
      ھە، راسىت . مۇنداقلا سوراپ ئۆتۈپ كېتەي. ئۇلانمىلار بلوگىنى بىلىسىز، قۇرۇلۇپ 20 كۈندىن كېيىنكى زىيارىتى 5000دىن ئاشتى، بۇ سىزنىڭ 5. شەرتىڭىزگە توشۇشى مۇمكىن، بىراق باشقا شەرتلەرگە تولۇق توشۇش-توشماسلىقى ماڭا نامەلۇم. ئەگەر مەن ئۇ بلوگنى ئۇلىنىشقا ئىلتىماس قىلسام تەستىقلار ئىدىڭىزمۇ ؟!
      ئۇيغۇرتېكىن回复ئۇلانمىلار说:
      ئۇلانمىلار ئەپەندىم ، يىقىندا مەخسۇس ئۇلىنىش بلوگلرىغا ئايرىم بىر سەھىپە ئاجىرتىمىز . بولسا سىز ئۇلانمىلار بلوگىغا يازما يولىماي ، ئۇنىڭغا ئۇلىنىش قىلىشقا قولايىلىق ۋە ككركەم بولىدىغان ئىقتىدارلارنى قوشۇڭ . ئۇلانمىلار بولغاندىكىن مەخسۇس ئۇلانمىلارلا بولىشى كېرەك ئىدى . شۇڭا سىزمۇ بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاڭ . ئىشىنىمىزكى ئۇلانمىلار بلوگى ، تېخىمۇ ياخشى ئۇلىنىش بلوگى بولالايدۇ .
      2009-01-29 19:46:51
    • ئەگەر شەرتى توشمىسا مەيلى!
      ئۇقۇدۇم! ok!
      مەن ئىلگىرى بلوگمغا گوگلى ئېلانى قۇيغان ، تۇنگىندىن تارتىپ گوگىل ئېلانى كۈرۈنمەس بۇلۇپ قالدى! شۇڭا بەت ئۈستى بىر قەدەر قالايمىقان!
    • رەخمەت سىزگە!
    • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      بىلوگىڭىز ھەممە جەھەتتىن ھەققەتەن ياخشىكەن،
      مەخسەتكە كەلسەك: مەن سىز نىڭ بىلوگىڭىزغا مىنىڭ بىلوگىمنى ئۇلنىش قىلىپ قۇيشىڭىز نى سۇرايمەن! سىزنى ئۇلنىش قىلۋالدىم!
      دىلكەش613بلوگى
      ئادرىسى:http://dilax613.blogbus.com
      ئۇيغۇرتېكىن回复دىلكە613بلوگى说:
      دىلكەش613 ، سىزنىڭ مۇشۇ بەتتىكى شەرىتلەرنى ئەستائىدىل ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
      2009-01-29 18:59:55
    • بىلوگىمغا قالدۇرغان سۆزىڭىزنى كۆردۈم،بىلوگىڭىزنىڭ مەزمونلېرى ياخشىكەن،دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    • خوش ،ئۇيغۇر تىكىن ئەپەندى ،گەرچە مىنىڭ بىلوگۇم سىز دىگەن شەرىتلەرنىڭ بىرىگىمۇ چۈشمىسىمۇ(ئەلۋەتتە بەزىدە ئۆز ئىچىمدىن چىقىرىپ يىزىپ قويىمەن ،بەزىدە تەرجىمە قىلىمەن، يەنە بەزىدە باشقا يەردىن كۆچۈرۈپمۇ قويىمەن،بىلوگ دىگەن شۇ بىرسى كۆرسە ئازىراق مەنپئەتلىنەمدىكىن دەپ قۇرغان نەرسىدە بۇ)
      ئۇلىنىش تەلەپ قىلىپ بۇ ئىنكاسنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،<<قول قولنى يۇيسا قول كىلىپ يۈزنى يۇيىدۇ>> ئەمەسمۇ؟
      ئەگەر بولمايتى ،دىسىڭىز ئۇمۇ مەيلى، بىلوگىڭىز ئۇلىنىشقا قوشۇلغىلىمۇ بىر ئاي بولدى!!!
      ئۇيغۇرتېكىن回复سەھرا说:
      سەھرا ئەپەندىمنىڭ بلوگىمىزغا قىلغان ياردەملىرى كۆپ ئىدى . مەن سەھرا ئەپەندىمگە يەنە بىر رەت رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . بىز باشتىلا دېگەندەك ، ئەمدى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەمدى ئجادىيلىقىنى تەكىتلىمىسەك بولمايدۇ . چۈنكى قايسىكى بىر بلوگ ياكى توربەت قارىساق ، خەقنىڭ ، چەتئەلنىڭلا گېپى ! بىزدە ئۆزىمىزنى ئويلىغۇدەك ئىنىرگىيە يوقمۇ ؟ بۇنى دەپ ئولتۇمىساممۇ ، سەھرا ئەپەندىم ، ئوبدان چۈشۈنىلا ! شۇڭا بۇ ئىشىنى توغرا چۈشۈنۈشلىرىنى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرتېكىن بلوگىغا پىكىر - تەلەپلەرنى بېرىپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئامان بولغايلا ! سەھرا بلوگىنىڭ ئىجادىيلىقىنڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
      2009-01-29 15:28:03
    • ئەلۋەتتە ئىجادىيلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن، ئاللاھ خالىسا ئېلان قىلىدىغان ماتېرىياللىرىم ئۆز قولۇمدىن چىقىدۇ، سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكا دەرسلىكى، ئېنگىلىزچە ئۆگېنىش توغرىسىدىكى لېكسىيەلەر ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيتى، يەنە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنىدىغان ئىستىقبال ناملىق كىتاب، بۇ ئىجادىيەت بولمىسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تەرجىمە ماتېرىيال.
      مېنى بلوگىڭىزغا كېلىپ تېما يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغىنىمدىن تەرمەچ تېرىيدىغان كۆرۈپ قالماڭ، مېنىڭ بلوگىمدا كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلار كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشى ھەم ئىجادىي ئەسەرلىرىم بىلەن بولغان نىسبىتى بەشتە بىرنى ساقلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرتىلى كۆپچىلىككە تەۋە، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىغا ئىگە ماقالىلىرىنىڭ توپلىنىپ تۇرۇشىمۇ تورداشلارغا نىسبەتەن قولايلىقلىقنى كۆزدە تۇتۇلغان. مەن سىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقىڭىزنى ياخشى قوغدىغىنىڭىزنى توغرا چۈشەندىم، سىزمۇ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى توغرا چۈشىنەرسىز. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن. بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى.
      ئۇيغۇرتېكىن回复ئاناتىلىم说:
      ئانا تىلىم ئەپەندى ، سىزنىڭ ئالدى بىلەن توغرا چۈشەگەنلىكىڭىزگە ۋە ۋە ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە بلوگلارنىڭ بولشىنى بولۇپمۇ ئىنتايىن كۆپ بلوگلارنىڭ بولشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم سىزنىڭ شۇنداق بىر بلوگنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .
      بىز نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ سايىسىدە جان بېقىپلا كەلدۇق . مەسىلەن : مەرىپەت بلوگدا ئىلان قىلىنغان ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ يازملىرىنى خېلى كۆپ بلوگلار كۆچۈرۈپ ئىشلەتتى ھەم ئىشلىتىۋاتىدۇ . مېنىڭچە بىز بۇنداق ئىشلارغا سەل قارىساق بولمايدۇ . بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى توردىكى مەنبە ھوقۇقى يەنىلا مەرىپەت بلوگىغا تەۋە بولغاچقا ، شۇ يەردە بولسا ياخشى بولاتتى . ئەگەر كۆرىمەن ، ماڭا نىسبەتەن كۆرۈش قىممىتى بار دېسە مەرىپەت بلوگىغا كىرىپ كۆرسە بولاتتى . مانا ھازىر ، دىھقان ئاھ - ۋاھ يەپ ، گۇپپاڭچىلار پايدا ئېلىۋاتىدۇ . ئىسىمىزدە بولسۇنكى بلوگمۇ بىر مەتبۇئات بۇنىڭمۇ قەدىر - قىممىتى ۋە ئورنى بولشى كېرەك ، ۋاقتى كەلگەندە بەلگىلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالايدىغان بولشى كېرەك . ياكى بلوگ باشقۇغۇچى ئۆزىنى ئاشكارلىماي مەسئۇيەتسىزلىك بىلەن بلوگ قۇرسا ۋە باشقۇرسا ، بۇنداق بلوگقا كىرگەن ئادەمدە بەلگىلىك گۇمان قوزغالماي قالمايدۇ . سىزنىڭ بلوگىمىزدىكى مەزكۇر يازمىنىڭ 5 - تۈرىنى ئەستائىدىل ئوقۇپ كۆرشىڭىزنى ۋە شەرىتلەر تولۇق ھازىرلانغاندا ، بىزگە ئۇچۇر قالدۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ئامان بولغايسىز . ئانا تىلىم بلوگى ئانا تىلىمنىڭ سەمەرىسى بولۇپ قالغۇسى !
      2009-01-29 14:43:50
    • ئاناتىلىم بلوگىنىڭ بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇر كېلىش-كەلمەسلىكىنى سىز بېكىتىڭ، مەن تۆۋەندىكى بىر پارچە ماقالەمنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن :
      http://anatilim.blogbus.com/logs/34315226.html
      مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. ھەمكارلىق ئۈزۈلمىسۇن!
      ئۇيغۇرتېكىن回复ئاناتىلىم说:
      ئانا تىلىم ئەپەندى ، ئاناتىل بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيلىقىغا كاپالەتلىك بېرەلەمسىز ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىغا قوشىلىدۇ .
      2009-01-28 23:18:35