-
ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى ئەسلىگە كەلدى - [بلوگ ئۇچۇرى]
2010-06-12
بۈگۈن بلوگقا كىرىپلا ، بلوگنىڭ PR قىممىتىنى سىناپ باققۇم كەلدى . ئالدىنقى يىلىلا 3 - دەرىجىنى غەلبىلىك تاماملىغان ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى تور تاقىلىش سەۋەپلىك نۇرمال كۆرۈنمەسلىك ياكى 0 بولۇپ كۆرۈنۈش گىردابىغا بېرىپ قالغاندى . بۇ مېنىمۇ ۋە بەزى تورداشلارنىمۇ ئازراق ساراسىمىگە سېلىپ قويغاندى . ھەممىمىز PR نىڭ Google قۇرغۇچىسىنىڭ بىر پاتىنېتى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ، مەلۇم بلوگنىڭ ئورنىنىمۇ بەلگىلەيدۇ . ئۇ بىر بلوگنىڭ زىيارەت سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالمستىن بەلكى سىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار ئىزدەش ماتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قېتىۋىلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئالدىنقى يىلى << قادىراخۇن >> دېگەن بىر تورداشمۇ مۇشۇ توغىرلىق ئازراق ئاقماس پاراڭ قىلىپ قويغاندى . ئەمدى ، ھەممە نەرسە ئېنىق بولدىكى ، بۇ خېلى كۆپ تەرەپكە چېتىلىدىغان قىممەت ئىكەن .
-
بلوگ قۇرماقچى بولغان دوستلار سەمىگە - [بلوگ ئۇچۇرى]
2010-05-26
تور ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىر خېل داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا . نۇرغۇن بلوگگىرلىرىمىز شارائىتنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك بلوگىغا قارىيالمىدى . نۇرغۇن بلوگ زىيارەتچىلىرى بلوگلىرىمىزغا كىرىپ ، كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلالمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگباس بۇ قېتىم پىكىر سۆزىنىڭ ھەجىمگە چەك قويغان بولغاچقا ، بېرىلگەن پىكىرلەرمۇ بىر - ئىككى جۈملىدىن ئاشمايۋاتىدۇ . مەيلى قانداق بولمىسۇن ، پۈتۈنلەي تىمتاس ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ ، ئاز - تولا مدىرلاۋاتىمىز . كەڭ تورداشلار كۆرۈپ تۇرۇپتىكى ، بلوگ ھامان ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك زىيارەتچىلىرى بىلەن بلوگ بولۇپ تۇرالايدۇ ھەمدە تەرەققىي تاپالايدۇ .
-
شادلىقتىكى ھىسلار - [بلوگ ئۇچۇرى]
2010-05-14
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،قەدىرلىك قىرنداشلار ؟ تور ئېچىلىپ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى .مەن شۇ تاپتا راستىنلا ھاياجانلىنىۋتىمەن . ئىلگىرى تور ئوچۇق ۋاقىتلاردىمۇ تور ئانچە قەدرىگەيەتمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلانغان بولساممۇ ،ئەمما ھازىرقى خۇشاللىقىم ھەممىنى بېسىپ كەتكەندەك قىلىدۇ . نېمىلا بولمىسۇن ،تور ئېچىلىپ ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى . تىمتاسلىق ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىمىزگەخاتىمە بېرىلىپ ، قايتىدىن جانلانغان يېڭى تۇرمۇشىمىز باشلاندى .
-
سەبۇرى ئىلان مۇلازىمىتى ھەققىدە - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-06-18
سەبۇرى ئىلان مۇلازىمىتى ھەققىدە
ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بلوگلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ ، بىردىن ئونغا ، ئوندىن يۈزگە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ . تېخى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ سەركەردىسى بولغان 80 خالتا تورى بىر مىلىيۇن زىيارەت سانىنى تاماملاپ ، بىزگە زور ئۈمد بەخىش ئەتكەندى . -
بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىز - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-06-16
بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىز
ئۇيغۇرتېكىن بلوگى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى بويىچە بىر خىل رىتىمدا ئىلگىرلەپ كەلدى . ئىجادىيەت بلوگى بولغاچقا ، بەزى يازمىلاردىن يەنى بلوگ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان يازمىلاردىن ساقلاندى ۋە يوللانمىدى . يازما يوللاشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسگە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدى . ئەمدى ، بلوگ ياساش ھەممە بلوگگىرلارغا ئايان ئىش . ھەممىمىز 0 دىن باشلىغان ئىدۇق . -
كەڭ بلوگگىرلارغا - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-06-15
كەڭ بلوگگىرلارغا
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ؟ ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن ، كەڭ بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن قوشىۋىلىشى ۋە بلوگلىرىنى تىزىملىتىشى بىلەن ھازىرقى ھالىتى شەكىللەندى . بلوگ ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددى ، ئازادە بولشتەك خاسلىقى ۋە ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىشى بىلەن كەڭ بلوگگىرلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئۇلىنىش بلوگى ئىلان قىلىنىشى ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭمۇ بالىلىقتىن بىر قەدەر پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . -
تىل - ئەدەبىيات تورى ئىلان قىلىندى - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-06-10
تىل - ئەدەبىيات تورى ئىلان قىلىندى
ئەسلىدىكى تىل - ئەدەبىيات بلوگى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ باشقۇرشىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل - ئەدەبىيات يۆنىلىشدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە بلوگ ئىدى . بلوگقا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە يازمىلار يوللانغان ھەم بىر مەزگىل گۈللەنگەن ئىدى . ئەمما تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەپلىك تىل - ئەدەبىيات بلوگىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىگە يەنى پىقىرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . مەن بۇ بلوگنى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئالغان كۈنى ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى بۇ توربەتنى ئىلان قىلىپ قويۇپلا ، ئۇۋىسىغا كىرىۋالىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى . بەلكى بۇ بەدەل تۆلەيدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىدى . -
ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىسلىنىڭ كودى ئوغىرلاندى ! - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-31
ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىسلىنىڭ كودى ئوغىرلاندى !
مەن بۈگۈن بلوگقا كىرىپ قارىسام ، << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى ئىلان قىلىندى >> دېگەن تىما ئاستىدا بۇ يازمىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىك ئۇچۇرى چىقىپ تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قارىسام ، ulax دېگەن بىر ئابۇنىت نامى تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ بىر ئۇلىنىش بلوگى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ http://ulax.blogbus.com دەپ كىرسەم ھەممىسى ئايان بولدى . دېمەك بۇ بلوگ قۇرغۇچىسى يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئۇيغۇرتېكىن بلوگى قارمىقىدىكى << ئۇيغۈرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نىڭ كودىنى ئوغىرلاپ ، تېخى تۈزۈك ئۆزگەرتىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىكەن . بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىقلاندىم ...
-
ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كە چىقتى ! - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-30
ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كە چىقتى !
مەن ئالدىنقى كۈنى بلوگنىڭ PR قىممتىنىڭ 3 كە چىققانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولغاندىم . چۈنكى ئۇيغۇر بلوگلىرى ئارىسىدا PR قىممتى 3 كەچىققانلىرى ئاز ئىدى . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدن باشقا بلوگلارنىڭ ئومۇمىي زىيارەت سانى 30 مىڭدىن ئارتۇقلىرىنىڭكى 3 كەچىققاندى . ئەمما ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئومۇمىي زىيارەت سانى ئەمدىلا 12 مىڭدىن ئېشىپلا PR قىممتىنىڭ 3 كە چىقىشى مېنى سەل گۇمانلاندۇرۇپ قويدى . مەن شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توربەتلەر ئارقىلىق بۇنى تەكشۈرۈپ چىقتىم . مەن قايتا تەكشۈرۈپ يەنە شۇ نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىنلا ئاندىن بۇنى جەزىملەشتۈردۈم . دېمەك ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كەچىققاندى .
-
يەنە << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> ھەققىدە - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-21
ئەڭ ئەلەيكۇم ، قەدىرلىك بلوگگىرلار ؟ ھەممىڭىلارغا كەمىنىدىن سالام !
ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى ئىلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆپ سانلىق بلوگگىرلارنىڭ يۇقرى باھاسىغا ئىرىشىش بىلەن بىرگە كەڭ بلوگگىرلىرىمىزغا ئازبولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . كۈننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بلوگگىرلارمۇ ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىشتى . پىقىر ئالدى بىلەن شۇ بلوگنى كۆرگەندىن كېيىن ، بەلگىلىك ساپا سۈپەتكە ئىگە بولغان بلوگلارنى ئۇلىنىشقا قوشتى . ئەمما پىقىرنىڭ ۋاقتىىنىڭ سەل ئالدىراشچىلىققىدىن ياكى بلوگ ئۇسلۇبى ئىشلەش بىلەن ھايال بولۇپ كېتىپ ، بەزى بلوگلار ۋاقتىنچە قوشۇلالماي قالدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن بلوگى ۋاقتىدا ئۇلانماي قالغان بلوگگىرلاردىن ئەپۇ سورايمەن . -
بلوگنىڭ PR قىممىتى ۋە ئومۇمىي زىيارەت سانى - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-13
ئالدىنقى ئايلاردا ئۇيغۇرتېكىن بلوگى قىسقىغىنە ۋاقىت مەلۇم سەۋەبلەر سەۋەبىدىن ئشىكىنى ئېتىۋالغاندى . كېيىن ئازراق ھۆنەرلەر بىلەن ھازىرقى شەكىلگە كېلىپ ئېچىۋىتىلدى . ئەمما بلوگتا ئەجەللىك ئۆزگىرىشتىن بىرسى يۈزبەرگەندى . بۇ بولسىمۇ بلوگنىڭ PR قىممتى 0 گەچۈشۈپ قالغاندى . 2 گە چىقىپ بولغان PR قىممىتى قانداقچە 0 گە چۈشۈپ قالىدۇ ؟ مەن بۇنى ئويلاپ ، بېشىم قېتىپ كەتكەندى . ئاخىرى مەن بۇ نۇقتا ئۈستىدە بەك ئويلانماي ، PR قىممتىنى قويماسلىقنى توغرا تاپىقاندىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدىكى PR قىممىىتى كودى ئېلىپ تاشلانغاندى .
-
<< ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> ئىلان قىلىندى - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-02
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، كەڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ؟ ھەممىمىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭىلارنىڭ خەيرىلىك ، تېنىڭلارنىڭ سالامەت ۋە كۆڭلۈڭلارنىڭ خاتىرجەم بولشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ياراتقۇچى ھەممىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن !
مەخسەتكە كەلسەم ، خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئۈگىنىش ، توپلاش ئارقىلىق << ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى >> نامىدىكى بىر بلوگلار ئائىلىسىنى ئىلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم . بلوگ ئۇسلىبى جەھەتتىن پاكىزە ھەم رەتلىك ، چىريلىق بولۇپ ، ئادەمگە بىر خىل ئازادىلىك ھىس قىلىدۇرىدۇ . يەنە بلوگلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىر قەدەر سىسىتمىلىق ۋە ئەتراپلىق بولۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى . -
يېڭى ئۇسلۇپ ، يېڭىچە روھ - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-04-29
يېقىندا بەك ئىككىلەندىم . PJBLG قا كۆچەيمۇ ياكى كۆچمەيمۇ دېگەن نۇقتا كاللامدىن زادى كەتمەي ، ئەگىپلا يۈردى . PJBLOG ئۇسلۇپلىرى راستىنى ئيىتقاندا بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تولىمۇ كېيىن ھىس قىلغان بولساممۇ ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم تارتىپ تۇردى . چۈنكى ئۇ ھەقسىز بوشلۇققا قاچىلاپلا بلوگ ياسىغىلى بولىدىغان ئۇسلۇپلار ئەمەس . ھەم بىرىنجى دەرىجىلىك نام بولىشى كېرەك . نۇرغۇن جەھەتتىن قولايلىق بولسىمۇ يەنىلا ئەمما بەزى ئىقتىزاد مەسىلىسىگە كەلگەندە تازا ئېغىر كېلىدىغان يەرلىرمۇ بار ئىكەن . BLOGBUS تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلار يامان ئەمەس بولسىمۇ ، ئەمما مىللىي خاسلىقى بەك كۈچلۈك بولغاچقا بىزگە ئانچە ماس كېلىپ كەتمىگەن ياكى ياقتۇرمىغان دېگەندەك ، ئشقىلىپ BLOGBUS ئارقا ھويلىسىكى ئۇسلۇپلاردىن سەل رايىم يانغاندى . بۇنىڭ ئالدىدىكى بلوگ ئۇسلۇبىنى ۋىنجۇلۇق بىر خەنزۇدىن 15.00RB غا سېتۋالغاندىم . ئەمما .ئۇنىڭ بىر چاتاق يېرى باش بەتتە خەنزۇيېزى بىلەن ئىنكاس كۆرنىدۇ . ئەمما بىزنىڭ تىلىمىزدا نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ . مەن قانچە قىلىپ باقساممۇ ، يەنىلا ئامال بولماي ، بىر مەزگىل ئىشلىتۋەرگەندىم . ئارىدىن بىزمەزگىل ئۈگىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئامالسىز بلوگنى تاقاپ قويدۇم . كېيىن قارىسام 2 گە چىقىپ بولغان PR قىممىتى 0 گە چۈشۈپ قاپتۇ . شۇڭا PR قىممىتىنى بلوگىغا قويغۇچىلار بۇ قۇقتىغا سەل دىققەت قىىلىپ قويساڭلار بولغۇدەك . تاقىغان ۋاقىت بەك ئۇزاقراق بولۇپ كەتسە ، ئۇلار توختىتىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ .
-
بلوگىنڭ PR قىممىتى 2 گە چىقتى - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-04-07
ئۇيغۇرتېكىن بلوگى قۇرۇلغىلى 3 ئايدىن ئاشاي دەپ قاپتۇ ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن دوسىتلار يېڭىندىن ھەمدەمدە بولۇپ ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك ياردەمدە بولىدى دەپ قارايمەن . بلوگ ( blog ) بولسا شەخىسنىڭ شەخسىي تور خاتىرسى ياكى تور تۇراسى ۋە ياكى تور خاتىرسى بولۇپ ، ئاساسەن بۇنىڭغا مەلۇم شەخىس ئۆزىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ياكى ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى ياكى ئۆزى ياقتۇرغان ئەسەرلەر ۋە باشقىلارغا پايدىلىق بولغان خەۋەرلەرنى يوللايدىغان كەڭ سەھىنىسى دەپ قارايمەن .
-
ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-01-30
ئۇيغۇرتېكىن بلوگى بلوگلار بىلەن ئۆز - ئارا دوستانە ھەمكارلىق موناسىۋىتى ئورنىتىشنى يولغا قويغان بولۇپ ، بۇنىڭ تەلەپ ۋە شەرىتلىرى دوستانە ئۇلىنىش بىلەن تامامەن ئوخشاش ، ئەمما شەكلىدە پەرىقلىنىدۇ . دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغان دوسىتلار تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ :