• ۋاقىت قارىشىغا يانداشقان ئويلار - [ماقالە ئەسەرلەر]

    2010-06-18

            ھازىرغىچە ھەرقايسى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا ۋاقىت توغىرلۇق كۆپلىگە ماقالە - مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى . ئەمما ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس تېما ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ، ئىنساننىڭ ھاياتىغا ، بەخت - سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ، كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالغا ئىنتىلىش ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ، ئەلۋەتتە . مانا يۇقىردا تىلغا ئۆتۈپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرسىنى بىز ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئېيتالمايمىز . چۈنكى ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ، ھامان ئۆلىدۇ ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى زامان ئۇقۇمى ئىچىدە ياشايدۇ . ئۆزىنى قاپلاپ تۇرغان ماكان پوستى ھامان زامان يېپىنچىسى بىلەن پەردىلەنگەن بولىدۇ . شۇڭا ، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ۋاقىت قارشى ، خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ، تۇرمۇش رىتىمى ، تۇرمۇش سەۋىيىسى ... قاتارلىق ئىزتىراپلىق ۋە جىددىي مەسىلىلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەچكە ، مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشنى ۋىجدانىي مەسىلە دەپ بىلدىم .
            قاراپ باقساق ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاستا بولماقتا . تۇرمۇش سەۋىيىنىڭ ئۆسۈشى تىك سىزىقلىق لىنىيىنى ھاسىل قىلىپ باقمىدى . بىزدەك %80 تى تېخىچە دېھقان نوپۇسىنى ( بۇ يەردە دېھقان ياكى يېزا نوپۇسىنى چەتكە قاققان ئىدىيە يوق ، ئەمما بىزدە يېزا ئىگىلىكنىڭ سەۋىيىسى ئۆسۈشى ، زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ زورىيىشى زۆرۈر . چۈنكى بىز يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق پەن - مەدەنىيەتكە ، جۈملىدىن مىللىي سانائەتكە يول باشچى بولالمايمىز . ) ئىگەللەۋاتقان ، ئىچكىي ئېنىرگىيىدە مەنپىي كويفېنسىت كۆرۈلۈۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ، قەتئىي ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان بىر جىددىي مەسىلە ، زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش ، كەڭ زىيالىيلار قوشۇنى ئارقىلىق پەننى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ، كەڭ دېھقانلىرىمىزنىڭ ( ھەرگىزمۇ ئىككى - ئۈچ دېھقاننى ئەمەس ) مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، پەن ئارقىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ھازىرقى زامان ئاڭ ئۇقۇمىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت . بۇنى ھەرگىزمۇ بىر - ئىككى كۈندە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئەمما بىزدە قەتئىي ئىرادە بولسىلا ، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس .
            ئەمدى تېمىغا قايتىپ كەلسەك ، ۋاقىت توغرىسىدىكى ھەر بىر مىسالنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن قانچىلىك زىچ ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز . ئەگەر بىزدە ۋاقىت بولمىغان بولسا ، بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ھېچنىمە بولمىغان بولاتتى . ئەگەر بىز باشقىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنىپ ، بىزنىڭ سىرتىقى مەۋجۇدىيىتىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز پۈتۈنلەي كىشەنلەنسە ، ئۇنداقتا يەنە بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي قىلغۇدەك ۋاقتىمىز بولامدۇ ؟ بولىدۇ ، لېكىن بىز بۇ مەزگىلدە ئوي - خىيالدىن باشقا ھېچنىمىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايمىز . ھەرىكەتتىن ئايرىلغان ھەرقانداق ئوي خىيالنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن ؟ 
            شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى ، ھازىرقى تۇرمۇشىىمىزدا ئۆزىنىڭ كىشىنىگە ئۆزى مەھكۇم بولغان كىشىلىرىمىز كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇلار تۈرلۈك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان . ئۇلار ناھايىتى ئالدىراش لېكىن ، ئەمەلىي ئىش قىلغۇدەك ۋاقىت يوق . بىز تۆۋەندە مەلۇم بىر كىشىنىڭ بىر نەچچە خىل مۇھىتتىكى قىسقىغىنا دېئالۇگىغا قاراپ باقايلى :
    - مەن كەچتە قايتالمايمەن سورۇنۇم بار ، ئەتە بالىنى سەن يەسلىگە ئاپار !
    - ۋاي ، شۇ ئالدىراشچىلىقتا قۇربان ھېيتتا بارالمىدۇق ، ئەمدى بولسىمۇ بارارمىز ، ئاپا - دادا ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار .
    - مەندىن باشقا ئادەم يوقمۇ بۇ ئىدارىدە ؟! مېنىلا بۇنداق ئىشقا قويامسەن ؟ زادى سېنىڭ ماڭا بىر گېپىڭ بار ! ئانام ئاغرىق ، بالام تېخى كېچىك ، مەندە ۋاقىت دېگەن نېمە بارمۇ بۇ ئىشنى قىلغىلى !
    - شۇ بالىلارنىڭ ئىشى بولمامدۇ ، ئىمتىھان بېرىمەن دەپ بىزنىمۇ سۆرەپ كىردى ، چولىنىڭ يوقىدا قولۇم يا ئىشقا بارمايدۇ .
            بىز ۋاقىتنى ئۆزىمىز چىقارمىساق ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۆي ئالدىمىزغا چىقمايدۇ ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ يەنە تۈگىمەس باھانە - سەۋەبلەر قوينىدا يۈرىۋرىمىزمۇ ؟ ۋاقتىمىز بار تۇرۇپ ۋاقىتسىز ياشىساق ، ياش تۇرۇپ زېھنىي قۇۋۋىتىمىز ئەرزىمەس ئىشلار تەرىپىدىن ئىسراپ بولۇپ كەتسە ، بىز قانداقمۇ كەلگۈسى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرلايمىز ؟ توغرا ، ئاتا - ئانا ، بالا - چاقا ، ئۇرۇق - تۇغقان ناھايىتى مۇھىم ، ئەمما ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ لايىقىدا بولۇش كېرەك . ۋاقىت بىزگە بېرىلگەن نھمەت ، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلانساق ھەممىگە خۇشاللىق ۋە نەپ ئېلىپ كېلەلەيمىز ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ، باشقىلارنى ئۇۋاللىققا ئۇچراققاننىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىمۇ تۈگەشتۈرۋالىمىز . ۋاقىت گوياكى بىر پارچە ئاق يەرگە ئوخشايدۇ ، ئۇ يەرگە نېمە تىرىشىش ، قانداق پەرۋىش قىلىش ، قانداق يېغىۋېلىش بىزنىڭ بىۋاسىتە جانىجان مەنپەئىتىمىزگە تاقىشىدىغان مەسىلىدۇر . ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى جايىدا قىلساق ئاندىن باشقىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق ، بۇ ۋاقىتتا زىخمۇ كۆيمەيدۇ ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ . ئۆزىمىز ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قېلىۋېتىپ ، ئۆزىمىزگمۇ يوق باشقىلارغىمۇ يوق بولۇپ قالسا ، بۇ ھالدا ئېچىنىشلىق ئىش بولىدۇ .
            بىر ۋاقىتتا خارتىرەمگە ۋاقىت خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ باشقۇرۇپ تۇرمىساڭ ساڭا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ دەپ يازغانىدىم . بۇ ناھايىتى سىلىقلاشتۇرۇپ ئېتىلغان گەپ بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى ئادەتتىكىچە ئەلۋەتتە . بىزدە بىز ئىش تاپشۇرۇلسا ، شۇ كۈنىلا قىلىدىغانلار ئاز ، داۋاملىق كەينىگە تارتىمىز ، ئىشنى ئاخسىتىمىز ، باشقىلارغىمۇ ئۆزىمىزگىمۇ بىر مۇنچە زىيان سالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە باشقىلاردىن ئاغرىنىمىز . سائەتلەپ - سائەتلەپ كوچا دۇقمۇشىدا كوتۇلداپ ئولتۇرۇشقا ، قارت ئويناشقا ۋاقتىمىز بار ، ئەمما ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان ماكاننىڭ ئاددىي جۇغراپىيلىك جايلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ياكى بىر تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك ھېكايە ، ماقالىلەرنى ئوقۇشقا ۋاقتىمىز يوق . شۇڭلاشقا بىزدىكى ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئاستا ، خۇددى بىزنىڭ ئالدىمىزدا قۇلۇلە كېتىۋاتقاندەك ، بىزئۇنىڭغا يېتىشۋلالمىغاننىڭ ئۈستىگە  قولىمىزغا قامچا ئېلىپ ئۇنى ھەيدەۋاتقانداك كېتىپ بارىمىز . بىز زادى نەگە بارماقچى ، ئاخىرقى ھېسابتا نېمىگە ئىرىشمەكچى ؟ بىزدىكى ۋاقىت ئۇقۇمىنى پايدا زىيان ئۇقۇمى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئادەم زادى قانچىلىك ؟ بىزنىڭ ۋاقىتقا تۇتقان مەنسىتمەسلىك پۇزىتسىيىمىز ئارخىرقى ھېسابتا بىزگە ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ، تامامەن ياقتۇرمايدىغان بىر رېئاللىقنى ئاتا قىلدى ، ئەمدى ئۇنى تاللىماسلىققا ئامالىمىز يوق . نۇرغۇن قەدەمنى خاتا ئالدۇق ، تېخى بۇنى ئەجدادلاردىن كۆرگەنلەرمۇ بار ، ئۇلاردىن كۆرگەننىڭ نېمە پايدىسى ؟ بىز ئۆزىمىزنى تونۇمىساق ، يەتمەكچى بولغان نىشان بولمىسا ، ئىچكىي ئېنېرگىيە خوراپ ، ئۇرۇق پىچەكلەشسە ، بىزدە يەنە ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ھېلىھەم تۇرىۋاتقان قىممەتلىك ۋاقىتتا خىيانەتلىك قىلغۇدەك قانداق كۆڭۈل ۋە ۋىجدان بولسۇن ؟ ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىلا ئويلىسا ، ئۇ دۆڭكۆۋرۈكتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سېپىگە قېتىلسىمۇ كۈنى ئۆتۈۋېرىدۇ . ئەمما ئادەم بولغان ئىكەن ، ھايات مۇساپىسىگە قەدەم باسقان ئىكەن ئۇنىڭدىن ئىز قىلىشى ، نام - نىشان قىلىشى كېرەك .  رومانتىك شائىر نەۋبەتى بىر غەزىلىدە<< ئەي ، يارەنلەر بىز ئۆلۈرمىز ، يادىكار قالدى كالام ، كىشىدىن قالغاي نىشاندا بىر نىشانە - ياخشى نام >> دەپ كىشىلىك ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە قانداق ياشاش توغرىسىدا بىزگە تەلىم بېرىدۇ .<< بىز ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلغان كۈنى جاھانغا قايتىدىن تىرىلگەن بولىمىز >> دەيدۇ خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك يازغۇچىسى ئەختەم ئۆمەر . بىز نېمىشقا ئىدىيىمىزنى ئۆزگەرىتمەيمىز ؟ قاچانغىچە قالاق ئىدىيىگە ھەمرا بولىمىز ؟ بىزگە بىرىلگەن ۋاقىت ناھايىتى چەكلىك تۇرسا ، ئۇنى نېمىشقا قەدىرلىمەيمىز ؟
            ھەممىمىزگە ئايان ، ھازىر ياپونلارنىڭ ماشىنىسى دۇنيانى قاپلاپ بولدى . ›نەدە ماشىنا قويۇش ئورنى بولسا ، شۇ يەردە ياپونىيىنىڭ ماشىنىسى بار دېگەن گەپ ھەقىقەتەن رېئاللىق . مانا شۇ ياپونلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ۋاقىتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىز بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدۇ ، دېسە ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ . بىزدە ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىدىغان ئىدىيە ناھايىتى تىزلا ئەۋج ئېلىپ كەتتى .
    - مەيلى كېلەر قېتىم ياخشى قىلارسەن .
            دۇنيادا كېيىنكى قېتىم بولمايدۇ . پەقەت يېڭى بىر قەدەملا بولىدۇ . بىز كېيىنكى قەدەم دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ بىز ئالدىنقى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالالمىغان قەدەمنىڭ داۋاملىشىشى ئەمەس ، بەلكى ئۇ خاراكتېر ، خۇسۇسىيەت جەھەتتە تامامەن ئوخشىمايدىغان يېڭى شەيئىدۇر . بىز يەنە بۇنىڭغا كونا ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئەنئەنىۋىي دۇنيا قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلساق ، شۇ يەردىلا دۈم چۈشۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ . ئورۇنسىز تۆلەنگەن ھەربىر بەدەل ھاياتقا قىلىنغان ئىسراپچىلىق . بىز ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىز ۋەكىللىك قىلغان ئىجتىمائىي توپنى ئىسراپ قىلمايلى ، ۋاقىتقا يېڭىچە قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلايلى ، قۇياش نۇرى بىزگىمۇ ئوخشاش .





     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • ھارمىغايسەن! تېخىمۇ تىرىش دوستۇم! مەن ساڭا مەدەتكار!!!