-
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى جوۇس سارامگۇ ئالەمدىن ئۆتتى - [ئەدەبىيات ئۇچۇرى]
2010-06-21
1998-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى پورتۇگالىيلىك يازغۇچى جوۇس سارامگۇ ( José Saramago) مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىسپانىيە سالوت ئارىلىدىكى ئۆيىدە 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
1982 - يىل نەشىر قىلىنغان رومانى << چېركاۋدىكى راس ئىشلار >> ئۇنى ئالەمچەمۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن بولۇپ ، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرىدۇر .روماندا ئاساسلىقى مافۇلا چېركاۋىنىڭ تارىخىدىكى ۋەقەلىك يىپ ئۇچى قىلىنىپ ، ئاجايىپ ئوبرازلىق كىنايە ۋاستىسى بىلەن جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئېچىپ بېرىلىپ ، ھەققانىيەت كۈيلەنگەن .
1995 - يىلى جوۇس سارامگۇ پورتۇگالىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات كامېس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي 1998 - يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ . ئۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات<< لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى >> غا ئېرىشىش بىلەن بىرگە << ئەدەبىي تەرجىمە سەيخوڭ مۇكاپاتى >> غا ئېرىشكەن .