-
2009 - يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى - ھېرتا مۇللېر - [ئەدەبىيات ئۇچۇرى]
2010-05-27
2009- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى 2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، شىۋىتسىيە خان جەمەتى ئىنستىتۇتى گېرمانىيىلىك ئايال يازغۇچى ھېرتا مۇللېر ( Herta Müller ) نىڭ 2009 - يىللىق نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان . خان جەمەتى ئىنستىتۇتى<< ھېرتا مۇللېر شېئىرىي تۇيغۇغا باي ۋە ئاددىي نەسىرلىرى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن >> دەپ باھا بەرگەن . ئۇ 100000000 شىۋىتسىيە كىرۇنا ( پۇل بىرلىكى ) سى ( تەخمىنەن 1400000 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ ) مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشكەن .
ھېرتا مۇللېر 1953 - يىلى 08 - ئاينىڭ 17 - كۈنى رۇمىنيەنىڭ بانات دېگەن يېرىدىكى گېرمان تىلى قوللىنىدىغان بىر كچىك بازاردا دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى رۇمىنيىدىكى گېرمانچە سۆزلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت . ئۇنىڭ دادىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا گېرمان پارتىيىسى ئۈچۈن كۈچ كۆرسەتكەن . 1945 - يىلى كۆپ مىقداردىكى رۇمىيىلىك سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولۇپ ، ھېرتا مۇللېرنىڭ ئاپىسىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە ئىدى . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇكرائىنادىكى بىر ئەمگەك مۇلازىمىتى ئورنىدا بەش يىل ئىشلىدى . نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان رۇمىنيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى << نەپەستىن قىلىش >>( 2009 ) دېگەن ئەسىرىدە تەسۋىرلەنگەن .
1973 - يىلىدىن 1976 - يىلغىچە ھېرتا مۇللېر رۇمۇنىيە دەشمىشۋېلادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا رۇمۇنيە ۋە گېرمان ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن . ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ، بانات كىچىك باننات ھەرىكىتى ئەترىتىگە ئەزا بولغان . بانات ھەرىكىتى ئەتىرتى بولسا گېرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان ياش يازغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بىر تەشكىلات ئىدى . ئەينى ۋاقىتتىكى رۇمىنىيە چىرىك ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن سۇئال - سوراققا قالغان . ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ، بىر مېخانىكا زاۋۇتىدا تەرجىمان بولغان ، ئۇ يەنىلا ساقچىلارنىڭ مەخپىي تەكشۈرۈشىدىن قۇتۇلالمىغاچقا ، زاۋۇتتىكى ئىش ئورنىدىنمۇ ئايرىلغان . ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ، مەخپىي تارماقلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان .
ھېرتا مۇللېرنىڭ تۇنجى ئەسىرى << پەس جاي >> دېگەن ھېكايە بولۇپ ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رۇمۇنيىنىڭ تەكشۈرىشگە يولۇققان . ئىككى يىلدىن كېيىن ، بۇ ئەسەرنىڭ قىسقارتىلمىغان نۇسخىسى گېرمانىيىدە نەشىردىن چىققان ، ئوخشاش يىلدا رۇمىنىيىدە << شەپقەتسىز تانگو>> ئېلان قىلىنغان . بۇ ئىككى پارچە ئەسەردە ، ھېرتا مۇللېر گېرمان تىلىدا سۆزلەيدىغان بىر كچىك كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە كەنتتىكىلەرگە بولغان ئازابلىق بىسىمىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن . 1987 - يىلى ، ھېرتا مۇللېر ، ئېرى ۋە يازغۇچى رىچارد ۋاگىنا بىلەن گىرمانىيىنىڭ بېرلىنغا كۆچۈپ بارغان . ھېرتا مۇللېر گېرمانىيىنىڭ بىرلىندا تۇرمۇش كەچۈرۈپ ، 1995 - يىلدىن باشلاپ گېرمانىيە تىل ۋە شېئىرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان .
ھېرتا مۇللېر گەرچە رۇمىنيىدىن ئايرىلغىلى 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە رۇمىنىيە تۇرمۇشى ناھايىتى قويۇق ئەكىس ئەتكەن . ئۇنىڭ ھېكايە ۋە شېئىرلىرى يۇقىرىنىڭ چىرىكلىكى ۋە تۆۋەننىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى تەڭ ئەكىس ئەتتۈرگەن . << كۆرۈشۈش >> دېگەن ئەسىرىدە ، بىر مۇستەبىت تۈزۈم يۈرگۈزۈلگەن كىيىم - كىچىك زاۋۇتىنىڭ ئايال ئىشچىسى ئىتالىيدىن كەلگەن بىر سودىگەرنىڭ كاستۇمىنىڭ ئىچىگە << مېنى ئېلىڭ >> دېگەن خەت يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى سېلىپ قويىدۇ . << پاسپورت >> دېگەن ئەسىرىدىمۇ يەنە گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر كىچىك مەھەللىدىكى ۋەقە بايان قىلىنىدۇ . ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى بىر مۇستەبىت تۈزۈم ئىلكىدە تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان .随机文章:
评论
ئېلانلىرىڭىزنى چىكىپ قويدۇم.