• بلوگ قۇرماقچى بولغان دوستلار سەمىگە - [بلوگ ئۇچۇرى]

    2010-05-26

           تور ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىر خېل داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا . نۇرغۇن بلوگگىرلىرىمىز شارائىتنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك بلوگىغا قارىيالمىدى . نۇرغۇن بلوگ زىيارەتچىلىرى بلوگلىرىمىزغا كىرىپ ، كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلالمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگباس بۇ قېتىم پىكىر سۆزىنىڭ ھەجىمگە چەك قويغان بولغاچقا ، بېرىلگەن پىكىرلەرمۇ بىر - ئىككى جۈملىدىن ئاشمايۋاتىدۇ . مەيلى قانداق بولمىسۇن ، پۈتۈنلەي تىمتاس ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ ، ئاز - تولا مدىرلاۋاتىمىز . كەڭ تورداشلار كۆرۈپ تۇرۇپتىكى ، بلوگ ھامان ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك زىيارەتچىلىرى بىلەن بلوگ بولۇپ تۇرالايدۇ ھەمدە تەرەققىي تاپالايدۇ .
            يېقىندىن بۇيان توردا بەزى قىرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ بلوگ قۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سەمىمىي ئۆتۈندى . مەن بۇ ئۆتۈنۈشنى جان دىل بىلەن قۇبۇل قىلدىم . چۈنكى خەلقئارالىق تور بەيگىسىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ، بولۇپ ئانا تىلىمىزنىڭ جۇلالاپ تۇرۇشى ئۈچۈن بۇ كەم بولسا بولمايدىغان قورال ئىكەن . شۇڭا مەن مۇشۇ ئېتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ بلوگ ئۇسلۇبى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇم . بۇ مۇلازىمەت پۈتۈنلەي ھەقسىز شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما مەنمۇ ئالدى بىلەن بىر ئوقوغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ كەمگىچە كۆپ تور ئارلاپ ۋە بەزى ھەقلىق ماتىرياللارنى سېتىۋالغان بولغاچقا ھەقلىق تەمىنلەشنى لايىق تاپتىم . چۈنكى مەن ياساپ بەرگەن ئۇسلۇبنى بلوگباس دۇنياسىدىن ئۇچرىتالمايسىز . ئاساسەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب . ئەگەر پاكىزە ، ئازادە ، كۆركەم ئۇسلۇپ بىلەن بلوگ يېزىشقا كىرىشەي دېسىڭىز ، مۇلازىمەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
    0. ئۇيغۇرتېكىن بلوگى تەمىنلىگەن ھەقلىق ئۇسلۇپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغانلار : يازغۇچى - شائىرلار ، مۇئەللىم - مۇئەللىمەلەر ، كەسپىي تەتقىقاتچىلار ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى . ئەگەر سىزدە بلوگقا ئىشتىياق بولۇپ ، يېزىقچىلىق ئىقتىدار كەمچىل بولسا ، تېخى ھازىرغىچە بەلگىلىك ئۇل سالالمىغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا بلوگ بىلەن ۋاقتنى ئىسراپ قىلماي ، ئۆزىڭىز ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ، ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغان ئىشىنى قىلىڭ . بۇ ھەرگىزمۇ كۆڭلىڭىزگە سوغۇق سۇ سەپكەنلىكىم ئەمەس ، بەلكى سىزگە توغرا نىشان كۆرسىتىشتە ياردەم قىلىۋاتقىنىم .
    1. ئالدى بىلەن بلوگ قۇرغۇچى بلوگباستىن بلوگ ئىلتىماس قىلىشى كېرەك . ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ ئېلخىتىمگە  ئابونت نامى ۋە مەخپىي نومۇرى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ،تېلېفۇن نۇمۇرى ، ھازىر تۇرىۋاتقان ئورنى قاتارلىقلارنى يوللىغاندىن كېيىن ، بۇ تېما ئاستىغا ئۇچۇر يوللىغانلىقنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك . ئابونت نامى ۋە مەخپىي نومۇرى قالدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بلوگ ئۇسلۇبى قاچىلىنىپ ، بلوگ ئىگىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە بۇندىن كېيىنكى بلوگ ئاسراش ، ئىقتىدار قوشۇش ، ئېلان قويۇش بىر قوللۇق ئەلا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ .
    2. ماڭا يوللىغان ئۇچۇرلار ھىچقانداق يەدە ئاشكارلانمايدۇ. بۇنىڭدا بىز شەخىسنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلايمىز . شۇڭىلاشقا  بلوگ قۇرغۇچى دوستلار بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك . چۈنكى ئادەم ئىشەنگەن ئادەمنى ئىشلىتىشى ، ئىشلەتكەن ئادەمگە ئىشىنى كېرەك . ئەگەر سىزدە بۇ ئىشتا دەرگۇمان بولۇپ قىلىپ ، بۇ توردىكى بىر ئالدامچىلىق بولسا كېرەك ، دەپ ئويلاپ قالسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇر قالدۇرماڭ . چۈنكى مەن بۇ ئېلاننى ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىپ چىقاردىم ، ئۆزىڭىزگە ئشەنچىڭىز تولۇق بولسا ، ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .
    3. بىز تەمىنلىگەن بلوگ ئۇسلۇبى بلوگباس تەمىنلىگەن ياكى باشقا دوستلار تەمىنلىگەن بلوگ ئۇسلۇبىغا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ . شۇنىڭغا بىزگە ئۇچۇر قالدۇرغاندا بلوگنىڭ خاراكتېرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ . چۈنكى بلوگ ئۇسلۇبىدا دەل سىز دېگەن خاراكتېر گەۋدىلىنىدۇ .
    4. بىز تەمىنلىگەن بلوگ ئۇسلۇبىنى بلوگگىر ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە بولىدۇ . بىز بىر ئادەمدىن باشقا ھېچكىمگە بۇ خېل بلوگ ئۇسلۇبىنى تەمىنلەپ بەرمەيمىز ھەم يەنە بىز تەمىنلىگەن بلوگلارنىڭ ئەڭ ئاستىدا ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ۋە ئۇيغۇرتېكىنگە ئائىت ئۇچۇرلار بولىدۇ . بلوگ قۇرغۇچى بۇنى بلوگىدىن قەتئىي ئېلىۋەتمەسلىكى كېرەك . مېنىڭچە بۇنچىلىك كەسپىي ئەخلەق كەڭ بلوگەرلا ئاساسەن يېتىلىپ بولىدى دەپ قارايمەن . شۇڭا بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك .
    5. بلوگ ئۇسلۇبى ھەقلىق بولۇپ ، باھاسى تۆۋەن بولىدۇ . ھەقلىق قىلىشىمدىكى ئاساسىي سەۋەب مەنمۇ كەڭ تورداشلارغا ئوخشاش ھەق تۆلەپ تورغا چىقىمەن . بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان . ئەڭ مۇھىمى بولدى پۇلنى ھىسابقا ئالمىغاندىمۇ ۋاقىت ، زېھىن ئىسراپ بولىدۇ . بۇ ئىشنى قىلغاننىڭ ئورنىدا باشقا ئىش قىلساممۇ ، ھامان باشقىچە نەتىجە بولىدۇ . شۇڭا مەن كەڭ تورداش دوستلارنىڭ بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەگەر بۇنچىلىك ئاددىي قائىدنى توغرا چۈشەنمىسىڭىز بولدى قىلسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ .
    5. ئەگەر راستىنلا بلوگ ئۇسلۇبىغا ئېھتىياجلىق بولغان دوستلار بولسا ، تەلەپ قىلغىنىمىزدەك ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي يوللاپ بەرسە بولىدۇ. بلوگ ئۇسلۇبىدىن باشقا مۇلازىمەت ھەردائىم ھەقسىز . ئەمما ۋاقىت ئېھتىياجى تۈپەيلى بەزى تېخنىكىلار بلوگگىرلارغا ئۈگىتىلمەي قىلىشى مۇمكىن . ھازىر تور دۇنياسىدا بلوگ ھۆنەرلىرىگە ئائىت يازمىلار كۆپ ، نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ .
    6. ئەگەر بلوگقا ھەۋەس قىلىپ ، ئۇسلۇپنى چۈشەنمەيدىغان ، توردا ئادەمنى قۇرۇق ئاۋارە قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان دوسىتلارغا ئالدى بلەن بلوگ ۋە ئۇسلۇپقا ئائىت بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئەگەر ئەڭ ئۆزگىچە ، ئۇسلۇپقا ئېتىياجلىق بولسىڭىز ، ئىككىلەنمەيلا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى يېزىقچىلىق ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۈلدىكىدەك سورۇن ھازىرلاي دېسىڭىز ، ئالدى بىلەن Blogbus تىن بىر Blog ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ ، مۇشۇ تىما ئاستىغا ياكى تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بويىچە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ . ئەگەر بۇ ئىشتا ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولمىسا ، بىزگە ماسلاشقۇدەك ھالىڭىز بولمىسا ، ئۆزىڭىزنىڭ سۆزىگە ئۆزىڭىز ئىگە بولالمىسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ھەقسىز بلوگ ئۇسلۇپلرىنى ئشلىتىۋىرىڭ ، بىزدە پەقەت لاھىيە بار ، قالغان قەدەم ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق .
    7. ئابونتلار قىززىق لېنىيىسى( چ چ )  : 1504333710  ئابونتلار خەت ساندۇقى : uyghurtekinblog@qq.com
            كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ئۇسلۇپ مۇلازىمىتىدىن ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى





     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • مېنىڭ بىلوگىمنىڭ LOGO ئادرىسى:
      http://filer.blogbus.com/5967341/59673411276674962.gif

    • سىزنڭ چ چ نومۇرىڭىز قانچە بولغىيتى. مىنىڭ 283547490
    • مېنى بىلوگىڭىزغا قوشىۋالغان بولسىڭىز،مەنمۇ سىزنى بىلوگىمغا قوشىۋالدىم،رەخمەت.
      ئۇيغۇرتېكىن回复كۆلتېكىن说:
      بولىدۇ ، مۇمكىن بولسا LOGO ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز .
      2010-06-18 16:52:18
    • چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
      ئۇيغۇرتېكىن回复uyghurtarihi说:
      چ چ : 694933208 ، ئەگەر بۇ چ چ نى قېتىۋىلالمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ چ چ رىڭىزنى قالدرۇپ قويۇڭ .
      2010-06-10 19:53:19
    • سىزنىڭ چچ نۇمۇرىڭىز قانچە؟بەزى گەپلەرنى چچ دا سوراي دىگەن.
    • مەن چچ رىڭىز غا يوللىۋەتتىم ئۇچۇر نى
      ئۇيغۇرتېكىن回复alamdar说:
      مۇۋاپىق جاۋاپنى چ چ رىڭىزگە قالدۇرۇپ قويدۇم ، مۇمكىن بولسا ، جاۋاپ قايتۇرسڭىز بولىدۇ ، ئامان بولۇڭ !
      2010-06-07 23:16:14
    • مەن چچ رىڭىز غا يوللىۋەتتىم ئۇچۇر نى
    • ئەمىسە ماڭا تەمىنلەپ بىرىڭ . ئۇچۇرنى چ چ رىڭىز غا يوللاي
    • http://shah.blogbus.com/files/12360918600.jpg
      ئۇيغۇرتېكىن回复ش. ئە. ئۇيغۇرى 说:
      بلوگىڭىز ئۇلىنىش قىلىندى ، ئامان بولغايسىز !
      2010-06-07 17:17:56
    • http://shah.blogbus.com/files/12360918600.jpg
      بۇ مېنىڭ بىلوگمنىڭ تۇغ ئادىرىسى
      شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىن
    • http://shah.blogbus.com/files/12360918600.jpg
      بۇ مېنىڭ بىلوگمنىڭ تۇغ ئادىرىسى
      شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىن
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ياخشىمۇسىز بىلوگىڭىز ماڭا بەكمۇ يارىدى، خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىشايلى شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
      ئۇيغۇرتېكىن回复ش. ئە. ئۇيغۇرى 说:
      مۇمكىن بولسا لوگو ئادېرسىڭىزنى قالدرۇپ قويسىڭىز ، بلوگۇمنڭ ئۇلىنىش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز .
      2010-06-05 16:51:26
    • پاھ ...ئۇسلۇپنىڭ بازىرىنى چىقىراي دەپسىز-دە ؟!! ماڭا بىر يوللىۋىتىڭە ، ئۆز قولۇڭىزدىن ئىلىپ ساقلاپ قوياي بۇ ئۇسلۇبنى . ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىم بەرگەنتى دەپ تەۋەرۈك قىلىپ ساقلاپ قويارمەن ...