-
ئىككى قەبرە ياكى ئىككى تاش - [شېئىرىي ئەسەرلەر]
2010-06-19
بىز بىر- بىرىمىزنى كۆرگەن چاغدا
يۇلتۇزلارمۇ ئاسماندىن چۈشتى
تەبىئەتتە قارا قالمىدى .بىز كۆرۈپ باقمىغان
بىزنى كۆرۈپ ناتونۇشلۇق
ھەممىدىن كېيىنكى چۈش
نىپىز خىياللار بەرگىدە ئېچىلغان
بۇ يەردە كۆرگۈدەك نەرسە يوق ئىدى .بىر دەرەخنىڭ ساقاللىرى قۇرۇپ كەتتى
يەنە بىر دەرەخ ئۇنى ساتتى بىر چىنە دوغقا
يەنە بىر دەرەخ يالىڭاچلاندى دارنىڭ ئالدىدا
بۇ يەردىكى ئورمانلىقتا ئورمان قالمىدى
قۇشلار ناخشا ئېتسىمۇ مۇڭلۇق
ئەمما سەزگۈ ئازاپلىق ئىدى .
بۇ يەردىن ھەييام ئۆتكەن
سادىردىن كېيىن .
بۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمىگەن
ئۆلۈمدىن كېيىن .
بۇ يەر تولىمۇ چىرايلىق بىر تال ئەتىرگۈل
ئېسىلزادا زىنداندىكى ئازاپخانىدا .مەن يەنىلا سېنى كۆرمىدىم
كۆزلىرىمدىكى سۈرىتىڭ يىرتىلغان
كۆكسۈڭدىكى دەريا توختىغان
بۇندا مەنمۇ جەزمەن قالمىغان
بىزگە قاراۋاتقىنى ئىككى قەبرە
ئىككىمىزدىن مەھكەم ياسالغان .بىنالارنىڭ دەرىزىىسى يوق
يوقتۇر يەنە ئىككى قانات ئشىك
يۇقتۇر يەنە ئاڭا بارار يول
يوقتۇر بەلكىم بۇنداق جاي بۇندا .
قايغۇ بىلەن سۆيۈشەلمىدۇق
ئاھ ،كىمنى دەپ ئاشۇ كېچىدە
بىز ئەقىلگە قىلىپ خىيانەت .
بەلكىم
بۇ ئەمەستۇر كۇللىي ئاقىۋەت .قارا قۇرۇم قاپقارا ئاپتاپ
كېچە يەنە مۇلايىم شۇنچە .
بىزنى كۆرمىدى ئاخىرقى قېتىم
باش - كۆزى يوق خىيالچان تەنچە .随机文章:
يېشىل قەبرە 2008-11-26ھۇجرىغا قايتىش 2009-05-21ئەنجۈر 2009-01-14ئۆزىدىن قېچىش 2008-11-26تاشقاتمىنىڭ ۋەسىيىتى 2008-11-26
评论
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
.
يەنە بىر يەردە "نىپىز"دىگەن خەت "نىپىر"دەپ يېزىلىپ قاپتۇ