•         جۇڭگۇ ياشلىرى تورىنىڭ 22 - ئىيوندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەسەر قۇبۇللاش دائىرسى تور ئەدەبىياتىدىن كېڭىيىپ ، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات پىشۋالىرىنىڭلا ئەسەرلىرىنى باھالاپلا قالماستىن بەلكى ، دېھقان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ نامزات دائىرىسىگە كىرگۈزگەن .

  •         ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، كەڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ۋە تورداشلار ؟ بلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىلىمۇ مانا 3 يىل بوپتۇ . بۇجەرياندا كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىپ كەلدۇق . دەسلەپتە ، بىز بۇ ساھەگە كىرگەندە كۆپ نەرسىنى ئۇقمايىتتۇق ، ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام ، ھېچنىمىنى ئۇقمايىتتىم . ئەمما << مەن ھېچنىمىنى ئۇقمايمەن >> دەپ توردا ئويۇن ئويناپ ، ناخشاش مۇزىكا تىڭشاپ ، كىنو كۆرۈپ ، يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ۋاقىت ۋە پۇلنى ئىسراپ قىلىش ، مېنىڭچە تورغا چىقىشتىكى ئاقىلانە ئوي بولمىسا كېرەك . چۈنكى ناخشا مۇزىكا ۋە كىنونى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ياكى تورسىز مۇھىتتىكى كۆرگىلى بولىدۇ . نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكىلىرى بار ، ئۇنى ئېلىپلا تېلىۋېزۇر ئارقىلىق ئوينىسىمۇ يەنە ئوخشاشلا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇ ھەممىمىز توغرا دايدىغان ئەمما شۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغان كونىراق ئۇسۇل . تۇنجى ئەۋلاد كومپىيۇتېر مەيدانغا كىلىپ تاھازىرغىچە كومپيۇتېرنىڭ ھەر نەشىردىكى ئىلگىرلەش ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ...

  •         بىز تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھەر تەرەپكە قاتراپ تۇرىمىز ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر ناھايىتى تىزلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا ، بۈگۈنكى ئاقتاملىق ئەتىكى سودا سارىيى ياكى كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىغا ۋە ياكى شىركەت - كارخانىلارغا ئايلانماقتا . بىزدىكى ئىچكى ئېھتىياج كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا . بىزدىكى كۆز - قاراش ۋە ئىدىيە ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە . بىز مەيلى ھېس قىلايلى ياكى ھېس قىلمايلى ، بۇنداق ئۆزگىرىش ئاللىبۇرۇن بىزنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى . بۇنداق ئىچكى جىددىي ئۆزگىرىش 2000 - يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىدى . ئەلۋەتتە ، ھازىرغىچە بۇ تېما ھەممە يەردە ئاشكارا ياكى مەۋھۇم ھالدا توختىماي سۆزلىنىپ كەلدى ، بىزنىڭ بۇيەردە سۆزلىشىمىزگە ئەرزىيدىغىنى ، مۇشۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا بىزنىڭ نېمىنى يوقىتىپ قويغىنىمىز بولسا كېرەك .

  •         ھازىرغىچە ھەرقايسى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا ۋاقىت توغىرلۇق كۆپلىگە ماقالە - مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى . ئەمما ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس تېما ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ، ئىنساننىڭ ھاياتىغا ، بەخت - سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ، كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالغا ئىنتىلىش ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ، ئەلۋەتتە . مانا يۇقىردا تىلغا ئۆتۈپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنىڭ بىرسىنى بىز ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئېيتالمايمىز . چۈنكى ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ، ھامان ئۆلىدۇ ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى زامان ئۇقۇمى ئىچىدە ياشايدۇ . ئۆزىنى قاپلاپ تۇرغان ماكان پوستى ھامان زامان يېپىنچىسى بىلەن پەردىلەنگەن بولىدۇ . شۇڭا ، جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ ۋاقىت قارشى ، خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ، تۇرمۇش رىتىمى ، تۇرمۇش سەۋىيىسى ... قاتارلىق ئىزتىراپلىق ۋە جىددىي مەسىلىلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەچكە ، مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشنى ۋىجدانىي مەسىلە دەپ بىلدىم .

  •         ھازىرقى كۆپ سانلىق زىيالىيلىرىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان بولۇپ ، مۇشۇنداق بىر ئىلغار جەمئىيەتتە ياشىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق ، ئەلۋەتتە . بۈگۈنكىدەك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەتتە ھەممىمىز بىردىنبىر ئېھتىياجلىق بولغىنىمىز مەۋجۇتلۇق بولۇپ كەلدى . بىز مەيلى بۇنى ماھىيەتتىن چۈشىنەيلى ياكى يۈزەكى چۈشىنەيلى پەقەت مۇشۇ ئېھتىياج بىزنى ھەر كويغا سالدى ۋە ھەر يولدا سەپەر قىلدۇردى . بىز پەقەت ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغاندىلا  ، ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق .ئەلۋەتتە ، بۇنداق چۈشىنىشنى ھەممە زىيالىيلاردىن تەلەپ قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ . بىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسىلا زىيالىيلىق قالپىقى كىيدۈرۈلىدۇ . بۇ تازا توغرا بولمىغان كۆز قاراش . ھەقىقىي زىيالىيلىق پەقەت خەلقكە ئەمەلىي نەپ بېرىش بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك .

  •         بۇ ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا بولسا كېرەك . چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى ، كۆرسەتكەن ئەجىرگە ، تىرىشچانلىقىغا چۇشلۇق نەتىجىگە ، ھوسۇلغا ئېرىشىشىنى ئويلايدۇ . ھەممە ئادەم قىلغان ئىشىدا ئۈنۈمگە ئېرىشىنى ئويلايدۇ . ئۇنداقتا ، زادى قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ؟ مېنىڭچە بۇ مەسىلە ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .

  •         ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئويلايدۇ . ھېچكىمنىڭ قەدەمدە بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ يامان كۈنگە قالغۇسى يوق ئەلۋەتتە . مۇۋەپپەقىيەت ھەممىمىز ئىنتىلىدىغان بۈيۈك نىشان . ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ كېتىشى ناتايىن ، ئەمما ھەممە ئادەم جەزمەن ھەرخىل تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ . بەزىلىرى نېمە ئۈچۈن مەغلۇب بولغانلىقى ئۈستىدە كاللا قاتۇرسا ، يەنە بەزىلىرى بۇ قېتىمقى ئاچچىق تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلىمەكچى بولىدۇ . يەنە بەزىلەر كىملەردىندۇر ۋە جەمئىيەتتىنمۇ رەنجىپ ئۈلگۈرىدۇ . مېنىڭچە باشقىلاردىن ۋە جەمئىيەتتىن رەنجىگەننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق . رەنجىشكە توغرا كەلسە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزدىن رەنجىسەك بولىدۇ . گەپنى مۇشۇ ماقالىنىڭ تىمىسىغا قاراتقاندا ، مېنىڭ بۇيەردە مۇلاھىزە قىلماقچى بولغان ئاساسلىق مەسىلەم - مۇۋاپىقىيەتتىىن بۇرۇنقى ئىشتۇر .

  •         تەمكىنلىك بىر خىل روھىي ھالەتتۇر ، ئۇ سىزنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتشكەنلىكىڭىزنىڭ سىرتىقى ئالامىتى بولۇپ ، سىزنىڭ مەلۇم ئىشقا تۇتقان پۇزىتسىييىڭىزدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . مەيلى چوڭ يېغىلىشلاردا بولسۇن ياكى ئەڭ ئاددى ئېغىزچە سوراقلاردا بولمىسۇن ، سىزنىڭ تەمكىن روھىي ھالىتىڭىز سىزگە سىز ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى ئۈنۈملەرنى ئاتا قىلىدۇ . بەزى ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالسىلا ، ھەدەپ جىددىيلىشىپ ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، نەتىجىدە ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايلا قالماستىن ، بەلكى ئۆزىگە يەنە تالايلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋالىدۇ .

  •         مەن شۇنداق بىر سەھرا ئوقۇتقۇچىسىنى بىلىمەن . ئۇ مەن تۇرىۋاتقان بۇ شەھەردىن تولىمۇ يىراقتىكى بىر سەھرايى قىيامەتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن كۆپ يىللاردىن بىرى خەت ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئازابقا لىق تولغان دەردلىك خەتلىرىنى ئوقۇغىنىمدا ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنۇچلۇق تىترەك باسىدۇ .

  •         كەڭ تورداشلارغا ئايان ، مەن ئالدىنقى بىر نەچچە يازمامدا لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى توغرىلىق ئازراق توختالدىم ۋە لۇشۈن ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتۇم ( كۆرمىگەن تورداشلار بلوگنىڭ < ئەدەبىيات ئۇچۇرى > سەھىپىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ ) . لۇشۈن پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان يازغۇچى . لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى لۈشۇننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەن نوپۇزى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەدەبىيات مۇكاپاتىدۇر . مۇكاپاتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرسى بۇ قېتىم تور ئەدەبىياتىغىمۇ كېڭەيدى . بۇ جۇڭگۇ تارىخىدا بولۇپمۇ تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن ، دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم تور ساھەسىگە كېڭەيتىلىشى ئىكەن . مەنمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلانغانىدىم . چۈنكى بۇ ئىش ئەدەبىيات ئۈچۈن يەنە ئىلگىرلىگەن ھالدا پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتكەنىدى . گەرچە بۇ قېتىم تور ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرىدا شىېئر بولمىسىمۇ ، ئەمما مۇكاپات باھالاش ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ بايان قىلىشىچە ، كېلەركى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىگە يەنە يېڭى ژانىرلار قوشۇلىدىكەن .

  •         بىز دە نەزەرىيە توغرۇلۇق گەپ بولۇنسا ، ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ . << نەزەرىيە ساتما ، قۇرۇق گېپىڭنى تامغا سۆزلە >> دېگەندەك چىرايلىق سۆزلىرىمىز بىلەن تۈرلۈك نەزەرىيىلەرنى ئىنكار قىلىپ كەلدۇق . چەتئەللەردە ئۇنداق نەزەرىيە بۇنداق نەزەرىيە گۇرۇپپسى ياكى تەتقىقات ئورنى بار ئىكەن دەپ ئاڭلىساق  << ۋاي بۇ خەقنىڭ قورسىقى تويۇپ ، قىلغىلى ئىش تاپالماي قۇرۇق گەپ سېتىۋاتسا كېرەك >> دەپ ئۇلارغىمۇ پەرۋاسىز قارىدۇق . بىزنىڭ بۇ خېل قاتماللىقىمىز ئاخىردا بىزدىكى نەزەرىيە گادايچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .

  •         ھەممە ئادەم تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇنداق ئۆتكۈزۈش ماكان ۋە زامان جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ . مەيلى بىز ئۈمىد قىلايلى ياكى ئۈمىد قىلمايلى تۇرمۇشىمىزدا ھامان خۇشاللىق ۋە ئازاب گىرەلىشىپ تۇرغان بولىدۇ . بىز بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپ غەمگە پېتىپ كېتىمىز ، ھەتتا بۇنداق ئويلاۋېرىپ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز سۇسلاپ ھاياتتىن ۋاز كېچىش گىردابىغىمۇ بېرىپ قالىمىز . ئادەمنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى كەيپىياتى ئوخشاش بولمايدۇ . بىر كۈن شادلىقتا ياكى بىر كۈن ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغان ئادەم بولمايدۇ . تۈرمىدە قامىلىپ ياتقان مەھبۇسمۇ تۇرمە ئىچىدە داۋاملىق ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋەرمەيدۇ .

  • ئۆزنى ياخشى كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىش


               قۇياشنىڭ غەمكىن نۇرى كۈلبەمنى ئاستا يۇرۇتتى . مەن ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم . قارىسام مەن كەپەم ئالدىدا تۇرۋاتاتتىم . چۈشۈمدىكى بارچە دۇنيا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇش ئالدىدا ، ھىلى ئۇچۇپ كېتىدىغان قۇشتەك ، ھىلى مىلتىق ئىستىۋۇلدىن چىقىپ كېتىدىغان بىر پاي ھاياتلىق ئوقىدەك شۇنداق جىددىي كەيپىياتتا ئىدىم . يۈرىكىم تېنىمگە قاپسىلىپ قالغان . پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈزەل بىقىشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆزۈمگە قايتىدىم بىر قاراپ چىقتىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى قايتىدىن بىر ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .

  • ئۆزىمىزگە نەزەر


             ئادەم ئاتىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشىدىن باشلىنىپلا ئادەم گۇناھ ئىچىدە يەنى زىيان ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان . ھەم قۇرئان كەرىمدىكى ئادەم بالىسىنىڭ زىيان ئىچىدە ياشايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان . مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم . ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى ، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئىدىلوگىيە سىسىتىمىسىكى كىشىلەر بىلەن يۈز تۇرانە ۋە ئلىخەت ئارقىلىق كۆرۈشتۈم ۋە ئاقىلاشتىم ۋە ئالاقىلىشىپ تۇراۋاتىمەن . ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنى تۇرمۇش قاينىغا سۆرەپ كىرمەكتە .


  • بىزدىكى غەيرىي ئىشلار ( 1 )


              قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن بىر ئالىم توغۇرلۇق ئاڭلاپ قالدىم . بۇ ئالىم توغۇرلۇق مەنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ھەتتا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئائىت نۇپۇزلۇق ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىم . ئەمما بۇ دوستۇم ئالىمنى سەل كۆپتۈرۋەتتى . مەن ئۇنىڭغا ئالىمنى سەل كۆپتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيىتقان بولساممۇ ئۇ يەنىلا ماختاۋاتتاتتى .