• قانداق ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ - [ماقالە ئەسەرلەر]

    2010-06-13

            بۇ ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مۇھىم نۇقتا بولسا كېرەك . چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى ، كۆرسەتكەن ئەجىرگە ، تىرىشچانلىقىغا چۇشلۇق نەتىجىگە ، ھوسۇلغا ئېرىشىشىنى ئويلايدۇ . ھەممە ئادەم قىلغان ئىشىدا ئۈنۈمگە ئېرىشىنى ئويلايدۇ . ئۇنداقتا ، زادى قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ؟ مېنىڭچە بۇ مەسىلە ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .
            ئەلۋەتتە ، جەڭچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا قورالى ۋە ئوزۇق - تۈلۈكى بولىدۇ ، مۇئەللىمنىڭ دەرس تەييارلىق دەپتىرى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرى بولىدۇ . مەيلى جەڭچى بولسۇن ياكى مۇئەللىم بولسۇن ، ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشتىن ئۈنۈم كۆرۈش ئۈچۈن جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىش ۋە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . ھېچقانداق قورالى يوق ۋە ھېچقانداق مەشىقنى ئىشلىمىگەن جەڭچىنىڭ جەڭدە غالىب كېلىشى ياكى ئەزەلدىن دەرس تەييارلىق قىلمايدىغان ، كىتابمۇ كۆرمەيدىغان مۇئەللىمنىڭ دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتۈشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، مۇمكىن بولدى دېگەندىمۇ ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ . ھازىر جەمئىيەت ئۆزگەردى ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋىردىكى كۆز - قاراش ۋە ئىدىيە بىلەن جەمئىيەتكە مۇئامىلە قىلساق ، ئەلۋەتتە ئېغىز زىيان تارتىپ قالىمىز . بىزدىمۇ دەۋىرگە ، زامانغا خاس ئىدىيە ۋە تەييارلىق بولىشى كېرەك .
            ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك ، جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئادەم - ھەر ۋاقىت تەييارلىقى پۇختا ئادەمدۇر . سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتمىگەن ياكى يوق دېيەرلىك بولسا ، سىزنىڭ مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى كېچىك بالىلار تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ناھايىتى ئاددى ئەمما كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز قۇبۇل قىلالمايدىغان نەرسىدۇر . ئەڭ ئاددىيسى يېنىڭىزدا بىر سوم پۇل بولمىسا ، سىز كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقالمايمىز ، ئەگەر كۆز بويامچىلىق قىلىپ چىقىۋالسىڭىز ، ئەمدى بۇ باشقا . ئەمما سىز مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن تەييارلىقسىزلا بولىدىكەنسىز ، سىز بۇ ئىشتا مەن مەغلۇپ بولدۇم دەپ ئويلىسىڭىز تامامەن توغرا بولىدۇ .
            ئەمما ، ئادەم ياشىغان ئىكەن ، بۇنداق خىيالدىن ئامال بار نېرى ياشىشى كېرەك . بۇ ، ئەلۋەتتە ، مۇشۇنداق مۇھىتتىن يىراق ياشاشتىكى ئالدىنقى شەرت . ئەڭ ئالدىنقى شەرت بولسا ، ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە يېتەرلىك تەييارلىقنى پۈتكۈزۈش . مانا بۇ سىز قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ياسىيالايدىغان مۇھىم شەرتتۇر . سىز مۇشۇ شەرتنى ھازىرلاش ھوقۇقىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈڭ ۋە ئۇنى قەدىرلەڭ . ئامال بار تەييارلىقىڭىزنى پۇختىلاڭ ، مۇۋەپپەقىيەتنى بولسا ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . چۈنكى سىزنىڭ تەييارلىقىڭىزدىن چاتاق چىقمىسىلا ، مۇۋەپپەقىيەت سىزنىڭ ئالقىنىڭىزدا بولىدۇ .
            بىزدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھىكمەت بار . ئەڭ ئاددىيسى  سۇ كەلگۈچە توغان تۇت . نېمە دېگەن ئېسىل گەپ ، ھە بۇ ! سۇ كەلگۈچە توغان تۇتمىساق ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . بۇ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى جانلىق كۆرۈنۇش . ئەمما ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ھادىسە ئابىستراكىتلىشىپ كەتكەن ، ئۇ سىزنىڭ ناھايىتى قانلىق تەپەككۇر قىلىشىڭىزنى ، ئاددىي ، قولايلىق مىساللارنى جانلىق تەدبىقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ . بولمىسا ، سىزنىڭ يەنە تەييارلىقىڭىز پۈتمىگەن بولىدۇ ، دە ، مەغلۇبىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېتىسىز . قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇ ئەمدى بىزگە قاراڭغۇ ئەمەس ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن جاپالىق مەشىق قىلىشىمىز ، تەييارلىقىمىزنى ئاخىرقى دەقىقىغىچە پۇختىلىشىمىز كېرەك .





     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否