•           تور ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، بلوگ يېزىۋاتقان دوستلىرىمىز يەنە ئاۋۋالقىدەك قىزغىنلىق بىلەن بلوگىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتى . تور ئېچىلىشتىن بۇيان بلوگتىكى يازمىلىرىمىزدىن ئەنسىرىگەندەك بولساق ، ئەمدىلىكتە بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بلوگىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئىلگىرىكىدەك نامايان بولۇپ ، بۇ دىلغۇللىقىمىزنى يۇيۇپ تاشلىدى .مەن تور ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان كۈنىگە بىردىن يازما يوللاي دېگەن پىلان بىلەن بلوگقا يازمىلارنى يوللاپ تۇردۇم . ئەڭ ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى ھازىرغىچە بىرمۇ ئىنكاس يوق .

  • ئالىم ئەركىن سىدىق ئاكىنى زىيارەتتىن ھاسىلات


               ئەگەر بىر ئالىم بىر مىللەتكە تەۋە دىېيىلسە بۇ سەل ئالدىراقانلىق ھىسابلىنىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىنسانىيەت ھۆرلىكى ۋە مەنپەئىتى بىلەن زىچ بىرلەشكەن چاغدا ئۇ ئالىم بىر مىللەت ، بىر دۆلەت ، بىر رايۇندىن ھالقىپ چىقىپ ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىغا قېتىلىپ ، جاھانغا تەۋە بولىدۇ . مانا بۇنىڭ تېپىك مىسىالى - ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدۇر .

  •  << قادىراخۇن >> غا ئوچۇق خەت
           

            ئۇيغۇرتېكىن بلوگى كەڭ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ قاتارىدا ئېنتىرنېت دۇنياسىدا نامايەن بولغىلى خىلى بولغان بۇ كۈنلەردە بلوگنىڭ PR قىممتى 3 كە چىقىپ ، شەخسەن مېنى خېلى خۇشال قىلدى . چۈنكى بۇ بلوگ يازغۇچىلىرى ئۈچۈن خۇشال بولىدىغان ئىش ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خۇشاللىقنى ۋە ئۆزگىرىشنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ۋە تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆرۈپ ، PR قىممەت توغۇرلۇق بىر يازما يوللىدىم .
           ئەسكەرتىش : قادىراخۇننىڭ بۇ تىمىغا يوللىغان ھەرقانداق ئىنكاسى باش بەتتە كۆرسىتىلمەيدۇ . پەقەت ئۇيغۇرتېكىنلا ئۆزى كۆرىدۇ . شۇڭا قادىراخۇننىڭ پەقەت قادىراخۇن بولۇشىنى ھەرگىزمۇ << قادىخان >> بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  •      مېنىڭچە ئەدەبىيات بلىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مەيلى نەگىلا بارمىسۇن تىل كاتكۇرىيىسىدىن ھالقىپ چىقىپ ئەسەر بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ . چۈنكى ئەدەبىيات تىلنى ۋاستە قلىپ ، ئوبراز يارتىدۇ . ئوبراز ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ . شۇڭىلاشقا مەيلى يازغۇچى بولسۇن ياكى شائىرلاربولسۇن ۋە ياكى ئادەتتىكىچە بىر ھەۋەسكار بولسۇن ، تىل ئامىلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ . بولۇپمۇ ئانا تىلغا تېخىمۇ ئەستائىدىل قارىشى لازىم .
           مەن قايسى كۈنى ( بۇ يەردە مۇئەللىپنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئەسىرىنىڭ نامى ۋاقتىنچە تىلغا ئېلىنمايدۇ ) شۇنداق شئېرىي ھەم نەسىر ئەسەرلەرنى كۆرۈپ قالدىم . بىز ئادەتتە تەلەپپۇز قىلغىنىمىز بويىچە ئۇنى شېئر ياكى ھىكايىگە سۆرەپ كىرسەك بولمايدۇ . چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئاناتىل بىلىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئاناتىلىغا قانچىلىك كۆيۈنگەنلىكىمىزنى ۋە شۇنىڭ ئىپادىسى بولمىش قانچىلىك ئۈگەنگەنلىكىمىزنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىمىزگە بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ يرىمىدىن كۆپرەك قىسمى ئاللىبۇرۇن چاڭلىشىپ بولغان تۇرسا ، ئەمدى قالغان قىسمىنىمۇ بىز بۇزۇپ - چاچساق ئەۋلادلارغا نېمە قالىدۇ ؟ بۇ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغان تىلغا قارىتا پۇزىتسىيىسى بولىشى كېرەك ئىدى .

  •        مەن ئىلگىرى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ شىجاڭدىكى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلنغان ماقالىلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتىم ھەم نۇرغۇنلىغان ھىسلارغا ۋە يېڭىچە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىرىشكەندەك ئۇنى بىر پەخىرلىك ئوغلا دەپ ھىس قىلاتتىم . دېمىسىمۇ ئۇ  بىزنىڭ بىر پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئىدى . مەن ئۇنى دىيارىمدا كۆرۈپ قالارمەن يەنى دىيارىمدا ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن نۇتۇقىنى ئاڭلارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغاندىم . ئەمما بۇ خىيالىم دىيارىم تورىدا ئەمەلگە ئاشتى .