-
مەن ۋە ئەدەبىيات - [ئۆزۈم ھەققىدە]
2010-05-24
كەسىپ ئالمىشىپ ، ئېنىقراق ئېيىتقاندا مەكتەپ ئالمىشىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم ، بۇنىڭغا خېلى چاغلار بولۇپ كەتتى . ۋاقىت نېمە دېگەن تىز ئۆتكەن ، ھە ! جىق ۋاقتىمنى ئىمتىھان ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزدۈم . ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن تارتىپ قايسى كەسىپكە كىرىشكىچە بولغان جەريان كۆڭۈل قويۇپ تاللىمىسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىدۇر . ئادەم بەزىدە ئۆزى ياقتۇرغا ن ئىش ئۈچۈن كۆوپ بەدەللەرنى تۆلەپ قالىدىكەن ، ئەمما كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەندە ، بۇ تۆلىگەن بەدەللەر ۋە تارىتقان جاپالار كۆزگە كۆرۈنمەيدىكەن . ئىلگىرىكى قانۇن كەسپىمدىن ۋاز كېچىپ ھازىرقى ئەدەبىياتقا ئالىمىششىقىچە بولغا ۋاقىتتا بېشىمدىن كۆپ ئىشلار ئۆتۈپتۇ .
-
ئەڭ قەدىرلىك ئادەملىرىم - [ئۆزۈم ھەققىدە]
2009-05-09
بۈگۈن كۈندىلىك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم . كۈن باشقا كۈندىكىدەك ئانچە ئىسسىق بولمىسىمۇ ئەمما باھارنىڭ مەيىن شاماللىرى ئادەمگە ئىللىقلىق ھىس قىلدۇراتتى . مەن چەكسىز خياللار ئىلكىدە ياتاققا كىردىم . بۇ مېنىڭ ياتىدىغان ھەم بەلگىلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىىنىدىغان ئۆيۈم بولۇپ ، خىېلى چوڭ ئىدى . ئۆي ئىچى ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرلغاندى . ئەمما كىتاب ئىشكابىدىكى تالاي كىتابلىرىم بۇ كچېك ئۆيۈمگە ئالاھىدە تۈس بېرىپ تۇراتتى .
-
مەن پولۇ ئەتكەندىم - [ئۆزۈم ھەققىدە]
2009-01-28
مەن ئادەتتە بەك تاماق تاللاپ كەتمەيمەن . ئەمما تاماقنىڭ تەمىگە بولغان سەزگۈزلىكىم سەل ئۆتكۈررەك . مەسىلەن : تۇزى سەل كەم بولۇپ قىلىش ، شوخلىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋتمەسلىك ... دېگەندەك . مەن ئانام تاماق ئەتكەندەن بۇلارنى يەنى بولۇپمۇ شوخلىنىڭ ئۇرۇقىنى بىرەر قېتىممۇ كۆپ ساپسىز دەپ باقمىدىم . گەرچە مەن ياقتۇرمىساممۇ ئەمما ئانامغا بۇنداق دەپ باقمىدىم . بۇنداق قىلىشىمنىڭ ئاساسى بار ئىدى .
-
ئۆزۈم ھەققىدە ئىككى كەلىمە - [ئۆزۈم ھەققىدە]
2008-12-10
مەن بۇ بلوگنى قۇرغاندىن كېيىن ، ئەمدى ئۆزۈم توغۇرلۇقمۇ ئازراق بىر نەرسە دېيىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى بلوگقا كىرگەن دوسىتلار پەقەت (ئۇيغۇرتېكىن ) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسۇم بىلەن يازغان ئەسەرلىرىمنىلا كۆرۈپ ئۇيغۇرتېكىن زادى كىمدۇ دېگەن ئويغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى . شۇڭىلاشقا بۇنىڭ يەنە دوسىتلار توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن ئۆزۈم توغۇرلۇق بىر - ئىككى كەلىمە دېيىشكە توغرا كەلدى .
-
مەن ئۇيغۇرتېكىن ! - [ئۆزۈم ھەققىدە]
2008-11-26
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، مەن بۈگۈن ئۇيغۇرتېكىن يەنى Uyghurtekinنامىدا Blogbusتورىدىن بوشلۇق ئېلىپ بۇ بلوگنى ياسىدىم . مەن (يەنى توردىكى نامىم ئۇيغۇرتېكىن ) ئۇيغۇرتېكىن دېگەن نامىنى 2003- يىلدىن تارتىپ ئىشلەتكەن . .مەن بۇ تەخەللۇسنى قوللۇنۇپ شېئر يازىمەن دەپ ئىرمىشىپ چىرمىشىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا تېخى جىق نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدىكەنمەن . قىسقىسى تېخى گۈدەكمەن . مانا ئەمدى يېشىم توختاپ ، ئەقىل ھۇشۇم بىر نەرسىنى ئويلىغۇدەك بولغاندا باللىقىمدا ئارزۇلارپ يۈرگەن تەخەللۇسۇمنىڭ مەنىسىنى ۋە مەسئۇلىيىتننىڭ مەنىسىگە نائل بولدۇم .