-
ئۆلۈم دەرىخى ئاستىدا - [نەسىرلەر گۈلزارلىقى]
2010-05-30
ئۆلۈم دەرىخىنىڭ ئاستىدا سايىداۋاتىمەن . قەبرىسىمان چۈشلىرىمدىكى خارابىلەردەك چىھرىڭ ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن . بۇندا توپىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان زەئىپ تەندىن ئۆزگە ھىچ نەرسە ماڭا ئۆزىنى تەۋە دەپ ئويلاپ باقمىغان . پەقەت مۇشۇ تۇپراقسىمان تەنلا ماڭا ئۈمىد بېغىشلاپ ئەجەل ناخشىسىنى ئاڭلىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىدۇ .
-
يارغا مەكتۇپ - [نەسىرلەر گۈلزارلىقى]
2009-06-11
يارغا مەكتۇپ
( نەسىر )
سېنى ئۇچراتقان كۈنۈملا مېنىڭ ئازابىمنىڭ باشلىنىشى بولغاندى . مەن نېمە ئۈچۈن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمى ۋە نېمە ئۈچۈن سەندىن شۇقەدەر يىراق تۇرغىنىمنى ئويلىسام يۈرىكىم پارە- پارە بولۇپ كېتىدۇ . سېنىڭ ئاھ - زارىڭغا باقماي ، سېنىڭ قەلبىڭنى تىڭشاشتىن ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغانلىقىم ماڭا ئۈزلۈكسىز تەنە قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما تالىىۋالغان ھايات يولۇم ماڭا ئىلھام بەخىش ئېتەتتى . -
تەنھالىق كۈيى - [نەسىرلەر گۈلزارلىقى]
2009-06-02
تەنھالىق كۈيى
تۇرمۇش رىتىمى ئۈلۈكسىز تىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ھامان ئۆزىمىزنىڭ بىر تەنھالىقىنى ھىس قىلىشقا مۇھتاج . تەنھالىق قەلبىمىزنى قانچىلىك چۇلغىسا ، بىزنى قانچىلىك ئازاپلىسا ، بۇ بىز ئۈچۈن بەخىت ھىسابلىنىدۇ . ئازابنى ھىس قىلىشقا يۈرەك كېرەك . يۈرەك ئۆز رولىنى يوقاتقان ، مىڭە كونتىرۇللىقىنى ئاللىبۇرۇن باشقا ئەزاغا ئۆتكۈزۋەتكەن گەۋدىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئازاپ ۋە ھىجران ئۇلارغا خەستىنمۇ پەس كۆرنىدۇ . ئەمما ھەقىقىي ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئازابنىڭ تەمىنى تىتىش ، ئازابلىغۇدەك ئازابقا ئىرىشش ئاسان ئىش ئەمەس .