• ئېزىۋاتقان بەندىلەر

    ( ھىكەيە )

               ئالىم ئىشىكتىن تىزلا چىقتى . ئۇنىڭ نەگە بارماقچى بولغانلىقى ئۆزىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ خۇددى تامامەن بىر ناتونۇش ماكانغا مېڭىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇچىراشماقچى بولغان قىز - مەۋلۇدەنىڭ سىماسى كەۋدىلەنمەكتە ئىدى . ئۇ مەۋلۇدەنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقاندىن كېيىن كۆڭلىدە بىردىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىغاندى . راستىنلا يۈرىكىدىن سوراپ باققىنىدا بولسا ، ئۇ بۇ مەۋلۇدەنى كېسىپ<< ياخشى كۆرىمەن  >> دېيەلمەيىتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆلى ئۇ مەۋلۇدەنى  تارتىپ تۇراتتى . مەۋلۇدەنىڭ سۈتتەك چىرايى ، تولغان بەدىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ھىچ كەتمەيىتتى .

  •         رۇستەم شۇ تاپتا خىيالىدا ئۆزۈنى قالتىس چاغلىماقتا ئىدى . ئۇ چوڭ بولغۇچە بۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغاندەك ، ئىلگىركى خۇشاللىقلارنىڭ ھەممىسى ھىچنەرسىگەئەرزىمەيدىغاندەك ، خۇددى ئۇلار بولۇپ باقمىغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى .ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئازراق يامانلىق قالغان ياكى غۇم ساقلىغان كىشلەرگە ئەمدى ئۆزۈمنى تازا  كۆرسىتىۋالىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىماقتا ئىدى . ئەگەر شۇتاپتا دۈشمەنلىرىدىن بىرەرسى ئۇچراپ قالغان بولسا ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى قىياپىتى بىلەن دۈشمىنىنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان بولاتتى .

  •          مەن ھەممە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بۇيەردىن كەتمەكچى بولدۇم . ئىشلىرىم ئۆزۈم ئويلىغاندەك خەيرىلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولماقتا ئىدى . << مەن ماڭىدىغان بولدۇم >> دەپ ساڭا تېلىفۇن قىلىپ قويغۇم شۇنداق ئىسىمدە ئىدى . ئەمما سېنىڭ يا ئۆلۈكۈڭ يا تىرىڭكىندىن خەۋەر يوق ئىدى . ئاخىر مەن ۋوگزالغا قاراپ يولغا چىقتىم . بىر سائەت ئەراپىدا ماڭغاندىن كېيىن مەن ۋوگزالغا يېتىپ كەلدىم . ئادەملەر خېلى جىق بولۇپ ، ئۆزىنىڭ نەرسە كېرەكلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى . مەن ماڭىدىغان پويىزغا يەنە ئىككى سائاتتىن ئارتۇق ۋاقىت بارئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بېخەتەر رايۇنغا كىرىپ ۋاقىتنىڭ تىزراق توشۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇدۇم .

  •         بۈگۈن يەنە ئايلىنىپ سەن بىلەن خوشلاشقان كونا جايغا كېلىپ قاپتىمەن . بۇيەرگە بىر كونا ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ ، بىر دوڭغاق سۆگەت دەرىخى ئاستىغا جايلاشقاندى . مەن بۇ يەردە سەن بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئۇچراشقان ۋە ئىچ سىرلىرىمىزنى تۆكۈشكەن ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان . ئەمدىلىكتە بۇ بىچارە جاينى غىرىپلىق باسقاندى . كۆزلىرىم نېمشقىدۇر يولغا پات - پاتلا قاراپ قوياتتى . سېنىڭ بۇ جايغا مەڭگۈ كەلمەيدىغانلىقڭنى بىلىپ تۇرساممۇ ، مېنىڭ تۇيغۇلىرىم سېنى ساقلاپ كۆنۈپ قالغاچقا شۇنداق ئويلاپ قالماقتا ئىدىم . قەلبىمدە مىڭ بىر ئازاپ ، كۆزلىرىمدە ھەسرەتنىڭ ئۇچقۇنى پارلىماقتا ئىدى . مەيلى نېمىلا دېمەي ، بىزنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمىز ۋاقىتسىز سارغايغان ياپراققا ئايلانغاندى .

  •           ئۇنىڭ ئشىك تۈۋىدە جىملا تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم . ئەگەر ئاشۇ مۈشۈك كۆزدىن قارىمىغان بولسام ئۇ قاچانغىچە ئاشۇ يەردە ئۈن- تۈنسىز تۇراتتىىكىن ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى .  مەن ئىشىكنى ئېچىش ياكى ئاچماسلىق ھەققىدە بەك ئىككىلەندىم . راستىنى ئېيىتقاندا ئاچسام ياكى ئاھمىسام بۇ ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ماڭا پايدىسىز ئىدى . چۈنكى ئاچسام ، سەل تۇرۇپ ئاپام ئىشتىن قايتىشى مۇمكىن ئىدى . ئۇھالدا ئاپام بۇ ناتونۇش قىزنى كۆرۈپ ھەيران قىلىشى تۇرغنلا گەپ ئىدى . ئەگەر ئاچمىسام ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەر<< سەلىمە مۇئەللىمنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر قىز تۇرىدۇ .>> دەپ گەپ تارقاتسا ئاپامدەك بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈزىگە سەت ئىدى . يەنە قوشنىلارنىڭ ماڭىمۇ يامان كۆزى بىلەن قارىشى ئىنىق ئىدى .

  •        - بولدى كەچتە تاماققا ساقلىما ، مەن دوسىتلىرىم بىلەن دېيىشىپ قويغان ، شۇڭا سەل كېيىنرەك كېلمەن .
          ئەركىن شۇنداق دەپلا 70 ياشلاردىن ئاشقان خاسىيەتخان ئاننىڭ << بالام تىزراق قايتىپ كەل >> دېگەن سۆزىنى ئاڭلىماستىنلا ئالدىراش ئىشىكتىن چىقتى . ئەركىن مۇشۇ مەھەللىدىكى ساۋۇت ھاجىنىڭ كېچىك ئوغلى بولۇپ بولۇپ ، مانا بۇيىل ئورما ۋاقتىكەلسە ساۋۇت ھاجىغا يۇرۇق ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقىلى بىر يىل بولاتتى . شۇندىن بىرى بۇ ئازادە ئۆيلەردە ئىككى جان ياشاپ كەلدى . ئەركىننىڭ ئۈستۈنكى مەھەللىدە ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بىر ئاكسى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ ئىدى . ئۇ ئادەتتە تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىاتتى . تاپاۋىتى ئانچە كۆپ بولمىغان بىلەن ئاپىسنى ھەركۈنى دېگۈدەك يوقلاپ كېلىەتتى .

  • غىرىپلىق باسقان تۈندە

    ( پوۋسىت )

               مەن سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرسام ، يېنىمدىكى ساۋاقدشىم ئالقانچىلىك كەلگەن قاتلانغان خەتنى ئۇزاتتى . مەن سەل تەئەججۇپلىنىپ ئۇ خەتنى ئالدىم . خەتكە بىر قاراپلا كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم . چۈنكى بۇ پۇچۇركا ماڭا بەك تۇنۇش ئىدى . خەت قىسقىلا يېزىلغان بولۇپ مۇنداق باشلانغاندى :
             <<سېنىڭ كېلىشىڭنى ئەسلا ئويلپ باقمىدىم . سەن بۇدۇنيادا بارمۇ ياكى يوقمۇ بۇ ېمنىڭ ئەس - يادىمغا كىرىپ چىقمايدۇ . سېنى ئويلاشمۇ مەن ئۈچۈن بىر ئەسەبىي ئازاپ . ئامال بار سېنى ئۇنتۇشقا تىرىشىمەن . ئەمما سېنى ئۇنتۇپ كەتكەن كۈنۈمدە سېنى ئىزدەپ بارىمەن . چۈنكى ئۇ كۈنى قەلبىمدە ساڭا قايتىدىن بىر ئورۇن تەييارلىنىدۇ .

  •     مەن ئىشىكنى چەكتىم . بىردەمدىن كېيىن 40 ياشلار چاممىسىدىكى پاكار بويلۇق ، دىغماق كەلگەن بىر كىشى ئىشىكنى ئاچتى .
    - ياخشىمۇسىز ؟ مەن سىلەرنىڭ دىرىكتۇرىڭلارنى ئىزدەپ كەلگەندىم .
    - ياخشىمۇسىز ؟ دىرىكتۇرنىڭ ئىشخانىسى ئاۋۇ تەرەپتە ،- دېدى ئۇ كىشى سەل نىرىسىدىكى بىر ئىشخانىنى ئىشارە قىلىپ . 

  •         مەن كېچىك ۋاختىمدا چوڭ بولسام<< ئۇنداق بولىمەن ، بۇنداق بولىمەن >> دەيىتتىم . چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش تورغۇرسىدىكى سۇئاللىرى دائىم دېگۈدەك سورىلىپ تۇراتتى . 
    - چوڭ بولساڭ نېمە ب

  •          ئۇ ئىچىكىرى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يىزىقچىلىق قىلىۋاتاتتى ، سىرىتىقى ئۆيدە بىر قىرى ئايالنىڭ خىرقىراپ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلىناتتى . ئۇ يەنىلا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ يېزىقلىقىنى قىلىۋەردى . ئۇنىڭ يزىقچىلىق ئادىتى ئادەتتە ئەسەر يېزىۋاتقاندا ھەرقانداق نەرسىلەر كارى بولمايىتتى . بىرەرسى ئىشىكنى چېكىپ قالسىمۇ ئاچمايىتتى . ئەگەر سىرىتتىن بىرەر تاماق ئەكىرىپ قالدىغان چاغلار بولسىمۇ ، خۇددى تاماق يەۋالغاندەك بېخىرامان ئولتۇرۇپ ، يېزىقچىلىقىنى قىلاتتى .

  •                                                                  ئاپتۇبۇستا
                                                                   ( ھىكايە )
            مەن كېچىكىمدە شەھەر مۇھىتىدا چوڭ بولغاندىم . دادام بىر ماتىماتىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، تەتقىقاتتىن باش كۆتۈرەلمەيىتتى . ئاپام بىر يەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، تولىمۇ تەلەپچان ئىدى . بۇنداق تەلەپچانلىق نەتىجىلىرىم توغۇرسىدا ، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بولغان ئىتتپاقىم توغۇرسىدا گەۋدىلىك بولاتتى . << بىر بالا >> دەپ ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايىتتى .

  •       ئۇ بىر بىپەرۋا ئادەم ئىدى . ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ، جەمىئيەتتىكى ئورنىدىن زارلىناتتى . ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشدىن تولۇق رازى بولۇپ باقمىغاندى . ئۇ ئۆزى قىلالمىغان ئىشنى باشقا بىر ئادەم قىلسا جەزمەن قاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئۇ گەرچە چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسىمۇ كىچىكرەك ئىشلارنى بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى .

  •         ئۇ ئالدىمدا دوستى بىلەن كېتىپ باراتتى . كوچىدا ئادەم خېلى كۆپ بولۇپ ئالدىراپ ماڭماق تەس ئىدى . مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتىۋالدىم ۋە قەستەن ئۇنىڭ جەينىكىنى بوشقىنە سوقىۋەتتىم .
    __ كەچۈرۈڭ ، دىققەتىسزلىكىمدىن...
    __ ھىچقىسى يوق ،__ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ ،__ كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
            ئۇ شۇنداق دەپلا دوستى بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپ قالدى . ئەمما ئۇنىڭ بايىقى كۈلكىسى ماڭا باشقىچە تۇيۇلۇشقا باشلىدى . ئۇ بۇ كۈلكىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئاكىسغا ياكى تاغىسىغا كۈلگەندەك تەبىيلا كۈلگەندى . ئۇنىڭ يەنە << ھىچقىسى يوق ، كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ >> دېيشلىرى ماڭا غەلىتە تۇيۇلماقتا ئىدى .

  •       كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاندى . قەيسەر يەنىلا يەتتىنچى بىنانىڭ ئالدىدا تۇراتتى .بىنا تولىمۇ كونا ئىدى . ئۇ بىنادىن قان ھىدى كېلىپ تۇراتتى . تاملىرى ۋە نەقىشلىرىدىن نۇرغۇنلىغان بىگۇنا كىشىلەرنىڭ كۈمۈشتەك جەسەتلىرى كۆرۈنگەندەك بولۇپ ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرەتتى .
           قەيسەر ئىلگىرىمۇ بۇ بىنانىڭ ئالدىغا كەلگدندى . قەيسەر ئۇ بىنادىن نېمىدۇر بىر نەرسىنى قايتۇرۋالماقچى بولاتتى . قانداق قايتۇرۋىلىىش ، قاچان قايتۇرۋىلىش ، نېمىگە تايىنىپ قايتۇرۋىلىش توغۇرسىدىكى چېگىش خىياللار ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنى قاپلاپ ، باشقا نەرسىلەرنى ئويلاشقا ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندى .