-
ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ۋە بلوگلىرى مەيدانغا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ . يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش ، كېچىكلىكتىن زورىيىشتىن ئىبارەت مۇقەررەر مۇساپىنى باسقان ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ۋە بلوگلىرى ئادەمنى خۇشال قىلغۇدەك يېڭى تىخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سەۋىيىدە ياسىالدى ۋە ياسىلىۋاتىدۇ . تور تېخنىكىسىنىڭ يەرشارىلىشىشىغا ئەگىشىپ ، تور مەدەبىيىتى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان ئەللەر ۋە مىللەتلەرگىمۇ يېڭىچە خىرىس ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . بىزمۇ يەرشارىنىڭ نوپۇسىدىكى بىر قەدىمىي مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇخىل ھادىسىدىن مۇستەسنا بولالمىدۇق . بىزنى ھەر ئىككى تەرىپى قېيىن قىستاققا ئېلىۋتتقان ، يات كىشىلەرنىڭ سىفىرلاشقان ئىددىيە كاتولۇگى بىزنىڭ ئىدۇلۇگىيىمىزگە بېسىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بىزمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ بولسىمۇ ، بۇ ئىلغارلىققا يۈرۈش قىلىپ ئۈلگۈردۇق .
-
ئەدەبىيات توغۇرسىدا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارىشى بولىدۇ . مۇنداقچە قىلىىپ ئېيىتقاندا ، ھەممە كىشى ئۆزىگە بىر ئەدەبىيات بولالايدۇ . ئەدەبىياتنىڭ دائىرسى زامان ۋە ماكان دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ياكى ھەرقانچە ئادەم ئىزى باسمايدىغان ، گىياھمۇ يوق ، ئۈنتۈنسىز جايلارغا يەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇيەنىلا ئادەمنى ئاساس قىلغان بولىدۇ . قانداقتۇر ئۇ ئالاھىدە نەرسە ئەمەس ، ئەمما ئالاھىدە نەرسىلەر ئەدەبىياتتا ئەكىس ئېتىپ قالىدۇ . مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن ياكى ئىرىق بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات سەزگۈزەشتىسى بولىدۇ . بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ كەلگەن ئۈلگىلىك مىللەتنىڭ بىرى . بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزنى يەنى سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشلاش گەرچە تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن بولسىمۇ ئەمما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىيىتقاندا ئازراق مۇخالىپ كېلىدىغان يەرلىرىمۇ بار .