•         جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىنىڭ 11 - ئىيۇندىكى خەۋرى :
            بەشىنچى قېتىملىق لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامىزاتىغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىغان مەزگىلدە ، باھالاش ئىشخانىسى بىر قاتار نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . باھالاش ئىشخانىسى بارلىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىقىپ ، تەھلىل قىلىپ ، تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەستىقلاپ بېكىتىلىپ ، نامىزاتقا سۇنۇلغان ئەسەرلەرگە زۆرۈر تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان . ئىلگىرىكى 1009 پارچە ئەسەردىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولغانلىرى ھازىر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇقىملاشتۇرۇپ ، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى سۈپىتىدە جۇڭگۇ يازغۇچىلار تورىدا ئىلان قىلىندى .

  •         مۇكەممەل زامان تورىنىڭ  بۈگۈن بىيجىڭ ۋاقتى 04:45:07 دە ئېلان قىلغان خەۋرىگە قارىغاندا ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان لۈشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئوبىكتى 2007 - يىلدىن 1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا دۆلەت تەكشۈرۈپ  بىكتكەن گېزىت - ژۇرنال ، نەشىريات ۋە دۆلەت تەكشۈرۈپ ئىجازەت تەستىق نۇمرى بەرگەن تور بىكەتلەردە ئىلان قىلىنغان ياكى نەشىر قىلىنغان خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەر  ئىكەن . توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش دائىرسى ئىچىگە كىرىشى جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈرلرىنى تۇنجى قېتىم تور ساھەسىگە كېڭەيتىشى ئىكەن .