-
ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كە چىقتى ! - [بلوگ ئۇچۇرى]
2009-05-30
ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كە چىقتى !
مەن ئالدىنقى كۈنى بلوگنىڭ PR قىممتىنىڭ 3 كە چىققانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولغاندىم . چۈنكى ئۇيغۇر بلوگلىرى ئارىسىدا PR قىممتى 3 كەچىققانلىرى ئاز ئىدى . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدن باشقا بلوگلارنىڭ ئومۇمىي زىيارەت سانى 30 مىڭدىن ئارتۇقلىرىنىڭكى 3 كەچىققاندى . ئەمما ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئومۇمىي زىيارەت سانى ئەمدىلا 12 مىڭدىن ئېشىپلا PR قىممتىنىڭ 3 كە چىقىشى مېنى سەل گۇمانلاندۇرۇپ قويدى . مەن شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توربەتلەر ئارقىلىق بۇنى تەكشۈرۈپ چىقتىم . مەن قايتا تەكشۈرۈپ يەنە شۇ نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىنلا ئاندىن بۇنى جەزىملەشتۈردۈم . دېمەك ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممتى 3 كەچىققاندى .
مەن شۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا بلوگلارنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆردۈم . بۇنىڭدا ئەركىن ئابدۇللانىڭ بلوگى 4 كە ، ئارامگاھ ، تەكلىماكان ، جىك ، مەرىپەت ، يازاي ، دۇنياقارا ، تارىم ، بىزنىڭ ، ئۇيغۇرتېكىن قاتارلىقلارنىڭ PR قىممتى 3 كە چىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى باشلامچى توربەت بولغان شەنبەم تورىنىڭ PR قىممتى 5 ئىكەن . ئەمما بىزنىڭ بۇ بلوگلارنىڭ 3 كە چىقىشى راستىنلا ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئىدى .
قالغان بلوگلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ PR قىممتى 2 ۋە 1 ئىكەن . مەن يەنە سەل ئىلگىرلىگەن ھالدا سەلكىن توربېتىنى تەكشۈرۈپ باقسام 3 ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى . دېمەك بۇ بلوگلرىمىزنىڭ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر يۈزلىنىشتە ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ .随机文章:
بلوگ قۇرماقچى بولغان دوستلار سەمىگە 2010-05-26شادلىقتىكى ھىسلار 2010-05-14بلوگنىڭ PR قىممىتى ۋە ئومۇمىي زىيارەت سانى 2009-05-13بلوگىنڭ PR قىممىتى 2 گە چىقتى 2009-04-07سەبۇرى ئىلان مۇلازىمىتى ھەققىدە 2009-06-18
评论
بىراق مەن سىزگە نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى ئىنىق چۈشەندۈرەلمىگەن ئوخشايمەن. مېنىڭ كىملىكىمنى ئىنىقلاپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى مەنمۇ %100 ئوغۇل بالا. بىراق بۇ يەردە سىزدەك ئادەم بىلەن بەس مۇنازىرە قىلىپ يۈرۈشنى لايىق كۆرمىدىم. چۈنكى سىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىز ماڭا بەش قولدەك ئايان. بۇنى مەن بىلىمەن. باشقىلاردىنمۇ خېلى كۆپ ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن. تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى پەقەت يالغۇز اللە بىلىپ تۇرىدۇ ۋە بىلگۈچىدۇر!
مەقسەد:
مەن تۇيۇقسىز بۇ بلوگنى ئېچىپ سىز ئېلان قىلغان PR قىممەتكە كۆزۈم چۈشتى شۇڭا بۇنداق PR قىممەتنىڭ يىڭىلانغانلىقىنى بلدۈرۈش، بلوگىڭىزنىڭ نامى بار زىيارەت قىلغۇچىسى ساناقلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىلدۈرۈش، مىللىتىمىزنىڭ < يالغانچى، ساختىپەز، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئوغۇل... ۋاھاكازالار> بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۆزۈمنى يۈشۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ قويدۇم خالاس!
خۇلاسە:
مەن سىز بىلەن ھېچ قانداق ئۆچ ئاداۋېتىم يوق. سىزنى مەن تونۇمايمەن. مېنىمۇ سىز تونۇمايسىز...
شۇڭا گەپ ئېغىزدىن چىقتى، كونۇپكا تاختىسىدا نىمە گۇناھ دەپ قالايمىقان جۆيلۈپ يۇرمەڭ. مەن سىزگە تېخى ھاقارەت قىلغىنىم يوق بۇنى بىلىۋېلىڭ.
مۇمكىن بولسا بۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئالدىنقى قېتىملىق ئىنكاس ۋە جاۋاب بىلەن مەزكۈر ئىنكاسنى ئۆچۈرۋېتىڭ. يەنە گەپ قىلسام باشقىلار سىزنىڭ بىر توخۇ پوقى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالمىسۇن...
تور مەدەنىيىتى بولسا بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ، ئۆز - ئارا ئورتاق تۇنۇش ئىگە قىلىشتىكى كۆۋرۈك بولۇپ قالسا ياخشى بولاتتى ، ئەمما سىز قادىيخان ھۆل تامغا ئىشىك تەپكەندەك قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ غەيۋەتخانىڭىزغا ئايلاندۇرۋالماڭ .
مېنىڭ مۇشۇ يەردە ناھايىتى ئېسىل بىر كەلىمىنى مىسال كەلتۈرگۈم كېلىۋاتىدۇ . ھەزرىتى رەسۇل ئەكرەم سەللەلاھۇئەلەيھى ۋەسسالام مۇبارەك ھەدىس - شەرىپلىرىدە بايان قىلىپ شۇنداق دېگەنىكەن :
<< كىمكى زاماندىن زارلىنىپ ، باشقىلارنى بۇزۇق دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلسا ، ئالدى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بۇزۇقتۇر . >> مانا بۇگەپ كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز بىلىدىغان ، ئەمما ئەمەل قىلىپ كېتەلمەيدىغان ھەقىقەتتۇر . مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن ، ئۆزۈمنىڭ تاللىغان يولى دۇرېست يول ، شۇڭا بۇنىڭدىن قايىتمايمەن ، ئەڭ ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىمەن . سىزدەك قادىيخاندىن برەر مىڭى چىقىپ ناكشىپ تۇرسىمۇ پەرۋايىمغا كەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ، مېنىڭ ۋاقتىمنىڭمۇ ئىسراپ قىلىدىغان ئىپلاس خۇيىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ نىشانى بويىچە تىرىشىڭ ، بۇ ۋاقتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ ، بەلكىم سىز شۇندىلا ھەقىقىي مەنزىلىڭىزنى تېپىشىڭىز مۇمكىن .
http://www.webmasterhome.cn/
كۈنلۈك زىيارەت IP مىقدارى 100 دىن ئاشمايدىغان كىچىككىنە بلوگلارنىڭ گوگېل PR قىممىتى 3 كە چىقىپ قالغىننى دىسە توۋا قىلمىسا بىكار جۇمۇ... بۇ ھەقىچەن http://*.blogbus.com نىڭ ئىنىق تۇرسا، يەنە مېنىڭ دەپ تۇرۋېلىشىڭ نىمە زۆرۈرىيتى بار؟ ھەقىقەتەن ئىشەنمىگۈچىلەر بولسا ئۆز ئالدىڭىزغا تور نامى ۋە تور بوشلۇقى ئېچىپ مەزكۈر بلوگىڭىزنى نەچچە يىل داۋاملىق يېزىڭ، ئاندىن ھېلىقى سىزنى خوشال قىلغان قىممەت قانچە ئىكەن شۇ چاغدا بىلىسىز. ئىشەنمىگۈچىلەر مۇشۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئىزدىنىپ بېقىڭلار. مۇشۇ يېقىندا نۇرغۇن تور بەتلەرنىڭ PR قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىسى نورمال ئەھۋال. بىراق مۇشۇ < ئۇيغۇر تىكىن > دىگەن تور بلوگىغا كىرىدىغان كۈنلۈك IP سانى 100 دىن ئاشمايدىغانلىقىنى %99 ، زىيارەت PV 1000 دىن ئاشمايدىغانلىقى %100 ئىنىق. قېنى ئەمدى ئەقلى بار ئادەم زادى بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ يوق بىر ئويلىىشپ باقساڭلار بولىدۇ.
مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىم:
مەزكۈر بلوگ سۇپىسىنى تەمىنلىگەن مۇلازىمتىرغا تەۋەمۇ ياكى مۇشۇ بلوگقا تەۋەمۇ؟ ( PR قىممىتىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش)
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مېنىڭ كىملىكىمنى سۈرۈشتە قىلماڭ... ھەم باشقىچە ئويلاپمۇ يۈرمەڭ. ئوغۇل بالا بولسىڭىز مەزكۈر ئىنكاسنى ئۆچۈرمەڭ...
PR قىممتىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەك بولسىڭىز ، سىزمۇ بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ئۇنىڭغا PR كودىنى قويۇپ بېقىپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ . شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ PR قىممىتىنىڭ 0 ئىكەنلىكنى كۆرىسىز . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ PR قىممىتى بىردىنلا 3 كە چىقىپ قالمىدى . بەلكى 0 دىن باشلىنىپ 1 گە ، ئاندىن 2 گە ، مانا ھازىر 3 كە چىقتى . ئەگەر بۇنى يالغان ياكى ئۇيغۇرتېكىن بلوگىغا تەۋە ئەمەس دەپ ئويلىسىڭىز ، سىز Google , Baidu قاتارلىق داڭلىق ئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە دەپ كىرگۈزۈپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئەمدى بۇ نۇقتا يەنە ئايدىڭ بولمىسا ، سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .
مېنىڭ ئوغۇل بالىلىقىمغا گەپ كەتمەيدۇ . بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يۈزدە يۈز ئىشەنچى بار . ئەمما سىز ئوغۇل بالا بولسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى يۇشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن . ئەمما بۇ ئىنكاس ھەرگىز ئۆچۈرۈلمەيدۇ . ئۇيغۇرتېكىن بلوگى مېنىڭ ئىجادىيەت بلوگۇم ، ئىنىقلا كۈندىلىك زىيارەتچىلەر باشقا تور تېخنىكىغا ئائىت بولغان بلوگلارغا قارىغاندا سەل ئاز بولىشى تەبئىي . ئەمما مەن شۇ بىر قىسىم ئىشتىراكچىلارنىڭ بولغىنىغا خۇرسەن . چۈنكى ئەدەبىي ئەسەر قۇرۇق گەپ - سۆز ئەمەس ، بەلكى ئۇ سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھادىسىدۇر . ئۇنى چۈشىنىدىغانلار ، ئۇنى قەدىرلەيدىغانلارنىڭ ئۈنچە كۆپ ئەمەسلىكى پىقىرغىمۇ ئايان .
يۈكسەل بلوگى بلوگباس سۇپىسىدىكى چاغدا PageRank قىممىتى 3 ئىدى. يىل بېشىدىن باشلاپ مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن بىراقلا 0 گە چۈشۈپ قالغان. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە ھەر ئىككىلا ئادرېسنىڭ قىممىتى 3 كە چىقتى.