• بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىز - [بلوگ ئۇچۇرى]

    2009-06-16

    بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىز


             ئۇيغۇرتېكىن بلوگى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى بويىچە بىر خىل رىتىمدا ئىلگىرلەپ كەلدى . ئىجادىيەت بلوگى بولغاچقا ، بەزى يازمىلاردىن يەنى بلوگ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان يازمىلاردىن ساقلاندى ۋە يوللانمىدى . يازما يوللاشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسگە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدى . ئەمدى ، بلوگ ياساش ھەممە بلوگگىرلارغا ئايان ئىش . ھەممىمىز 0 دىن باشلىغان ئىدۇق . قىسقىغنە ۋاقىت ئىچىدە ، خېلى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر بلوگچىلقىدىكى بوۋا - كالاملارنىڭ قىممەتلىك ياردىمى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بەل قويىۋەتمەي تىرىشچانلىك كۆرسىتىشىمىز ئاساسىي ئورۇندا تۇردى . مەنمۇ ، ئۆزۈم ئىجادىيەت بلون شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ سىرىتقى قىززىقىشى بولغان ئۇسلۇپ ياساش كەسپىدە بەلگىلىك ماھارەتلەرنى ئۈگەندىم . بۇنىڭدا بىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ نادىر يازمىلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ شۇنىڭغا ئىت يازمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۈگىنىپ ، ئۇنى ئەمىلىيەتنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكۈزدۈم . شۇ ئەمگەكلىرىمنىڭ نەتىجىسى بولمىش ئۈچ بلوگ ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ << بلوگ بىلدۈرگۈسى >> سەھىپىدە تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم . مەخسىتىم ، يەنە بىلوگ لازىم بولغان ، بلوگنىڭ ھۆددىسىن چىقالايدىغان قىرىنداشلىرىمىز بولسا ، مەن بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقسام بولىدۇ . بۇ پەقەت ھەقسىز ، مىننەتىسىز ئەمگەك .
           ( 1 ) ئالدى بىلەن شائىر ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ بلوگىنى ياساپ چىقتىم . بلوگ ئۇسلۇبى ئەسلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان بلوگ << ئاينۇرى >> بلوگىنىڭ ئۇسلۇبى بولۇپ ، مەن ئاۋۋال ، بۇ بلوگنىڭ Z - blog نۇسىخسىنى تېپىپ ، ئاندىن بۇنى Blogbus قا ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئشلىدىم . بۇنىڭدا Blogbus قوللىمايدىغان تەرەپلىرىنى بىردەك چىقىرۋىتىشكە ياكى ئامال بار ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى . Z - blog ، PJblog ئۇسلۇپلىرى ھەقىقەتەن سىپتا ۋە چىرايلىق . بىزمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق ئۇسلۇپلارغا ئىنتىلىپ كەلگەچكە ، بۇ ئارزۇيىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشتى . بۇ بلوگ ئۇسلۇبىنى << ئاينۇرى >> بلوگىدىن باشقا يەنە بىر نەچچە بلوگ ئىشلەتكەن . ھەم بۇ بلوگ ئۇسلۇبى ھەقسىز تارقىتىلغان . بۇ بلوگ ئۇسلۇبىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە ، ئەسلى ئۇسلۇپ سقلاپ قىلىش جەھەتتە كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرۈلدى . ئادىرسى : http://abdurxiteli.blogbus.com/
            ( 2 ) شائىر مۇتەللىپ مەنسۇپ ئاكىمىزنىڭ ئوۋچى بلوگى . بۇ بلوگ ياساش ۋاقتى سەل ئۇزاقراق بولدى . چۈنكى بۇنىڭدا بلوگ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى . بەزى پارامىتىرلار تەڭشىلىپ ، بلوگنىڭ سىرىتقى كۆرنىشى گۈزەللەشتۈرۈلدى . ئادىرسى : http://zulmet.blogbus.com/
           ( 3 ) پولىشادا ئوقۇۋاتقان ئابلىز ئاكىمىزنىڭ بلوگى بولۇپ ، بلوگ ئۇسلۇبى ئادەمگە يارقىن كۆرنىدۇ ۋە ئۈمىد بىغىشلايدۇ . بۇ بلوگدا ياۋرۇپا توغرىسىدىكى تېخىمۇ ئىسىل يازمىلار جۇلالانغۇسى : ئادىرسى : http://perwazim.blogbus.com/
          مەزكۇر يازما ، پەقەت بلوگ ئۇسلۇبىغا ، يەنى ئۆزگىچە ، چىرايلىق بلوگ ئۇسلۇبىغا ۋە بلوگ ھەققىدىكى يەنى بلوگ گۈزەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى خالىس ياردەمگە مۇھتاج قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن يوللاندى . ئەگەر ئىھتىياج بولسا ، مۇشۇ تىما ئاستىغا ئۇچۇر قالدۇرساڭلا ، مە ئۇزاققا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە سىلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىمەن .





     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • ئۇيغۇر تېكىن بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىدە نادىر بلوگلار قاتارىدا كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىندى. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز!
      ئۇيغۇرتېكىن回复يۈكسەل说:
      يۇكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىڭ ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنى نادىر بلوگلار قاتارىدا كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغىنىغا كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر . ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ھەرقايسى بلوگگىرلار ۋە كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن كۈندىن - كۈنگە يۈكلىسىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى يەنىلا بىر داۋالغۇش ئىچىدە مېڭىۋاتىدۇ . چۈنكى بلوگ يازغان ئىكەن بلوگتا ئۆزىگە خاس بولغان تەرەپلەرنىڭ كۆپرەك بولغىنىدا ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرغىنىدا ئاندىن ۋەزىيەتكە ماسلىشالايدىكەن . ئۇيغۇرتېكىن بلوگى قانداقتۇر بىر كومپىيۇتىر بلىملىرى ھەققىدىكى بلوگ بولمىسىمۇ ، ئەمما يەنىلا تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ .
      يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ ئەجرىگە تشەككۈرلەر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يۇكسەل بلوگىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ، ئۆزىنىڭ تۇلپارلىق رولىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
      2009-06-18 00:56:15