• گۇما - [شېئىرىي ئەسەرلەر]

    2010-08-03

    گۇما
    يۈرىكىمگە ئويۇلغان نامىڭ
     ۋۇجۇدۇمغا كۆمۈلگەن جىسىمىڭ .

    سەن تونۇتقان ئىدىڭ سۆيگۈنى
    مەن تالادا تىلسىز يۈرگەندە ،
     بىر قەدىمىي سىھرلىك كۈيسەن
     دەريا مەپتۇن ، تاغلار لال بولغان .
     يۈرەك پارەڭ ياد ئېتەر سېنى
     كۆزلىرى قان ، يۈرىكى ھىجران .
     قۇملار سۆزلەر مەسۇم تورغايدەك
    تورغاي كەتكەن ئاخىرقى چۈشكە ،
    مەن يەنىلا كۈتۈپخانامدا
    ياكى سىدام خەرىتىلەردە
    يىلان باغىرى سوزۇلغان شۇ يول
     بارار ئوتتەك يۇرتۇم ، ئەي ، ساڭا .

     شاپتۇل ، قوغۇن مەي بولدى جەزمەن
     دىلىمدىكى غەمكىن ئازابتەك .
    ئەتراپىمدا ئادەم دېڭزى
    ئۇچرىمايدۇ ھىچكىم خۇشچىراي
     كۆۋرۈك بېشى دوقمۇشىدىكى
    چاڭگا ساقال ، بەڭگە قاسساپتەك .
     موجى ، چودا ، كۆكتىرەك ، سايۋاغ
    قىززىپ كەتتى بەلكىم قوقاستەك
    ئاشۇ ئوتلۇق نەپەسلەر ئارا
     تۇيۇلىمەن ئاخىرقى قاردەك .

    ماشنىلار ، ئادەملەر ، تاشلار
    يەنە بىر رەت ساختا تەبەسسۇم
     مېنى يوقلاپ تۇرىدۇ ھەركۈن .
    قەلىبم ئىزدەر سېنى ھەر دەقىق
    روھىم باھار ئىزدەپ يۈرگەندەك .
    چىراغ نۇرى غۇۋا شۇ دەمدە
    ئۆچمەك بولۇپ تۇرغاندەك يۈرەك .

    قەلەمدان قۇرۇقدىلىپ قالغان
    ئۈستىلىمنى غىربلىق باسقان ،
    مەن ئىلگىرى قاردا ئوينىغان
    قار ئۇچقۇنىدەك ياكى سوغۇقتەك
    شۇنچە خىرامان .
    قاپاقتېرەك يالىڭاچ ئىدى
    توپىسىراپ تۇرغان يول بويىدا .
    بۈگۈن روھىم ئانىدىن تۇغما
    مەن خانەمدە ، قات - قات ئىچىدە .
    كۆزلىرىمدىن ئەگىيدۇ ئەگىز
    سەن قەيەردە ئەي ، گۇمىلىق قىز !
    دەدلىرىمنى كىمگە تۆكىمەن
    دەرياغىمۇ ياكى تاشلارغا
    چاچلىرمنى يۇلۇپ ساراڭدەك
    ئېسىلايمۇ ئاخىرقى دارغا ؟!...

    گۇما !
    مەن مۇساپىر ئەركە بالاڭمەن
    ئوغۇز سۈتىڭگە قانمىغان تېخى .
    تېلېفۇن سىمى ياكى چۈمۈلە
    خىيالىمنىڭ غەمسىز مېھمىنى
    سېنى ئەسلەپ تۇرغان تاڭلاردا
    ناخشا ئېيىتقان ياكى ياش تۆككەن .
    بىنالاردا ئىزىم قالمىدى
    بىنالارغا سۆزلىيەلمىدىم .
    بىناۋاغا ئايلاندىم سەنسىز
    گۇگۇم ماراپ تۇرغان ئويۇمدا ،
    يالىڭئاياغ ، ساددا بالىلار
    قارىشىدۇ ماڭا شۇدەمدە
    10 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ ماكاندا .
    مەن ئۇ چاغدا يولنى بىلمەيىتتىم
    يولنى دائىم قەبرىستان دەيىتتىم .
    دادام ، مەكتەپ ياكى ھويلىمىز
    مەندىن بەكمۇ يىراق جايدىكى
    چاقناۋاتقان ماي بوياق رەسىم .





     
    [ بۇ يازمىنى ساقلىۋىلىڭ ] : QQ书签 百度搜藏 Del.icio.us Google书签 和讯网摘 天极网摘 添加到饭否
    • 评论

    • ئىسىل!!! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
    • سەھرا بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئالماشتى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولغۇسى!!