• 2011-01-07

    بۇ تېمىنى ئوقۇماڭ! Don't read this!

    تور خۇمار بىلوگىغا خېلى كىرىپ تۇرىمەن ،سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار، ئىشىنىمەنكى ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ دىكى 5.دىكى لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ياندۇرۇپ چىقىرالمايسىز!دىگەن سۆزنى ئۇقۇپبۇرۇنقى بىر يازما ئىسىمگە كىلىپ قالدى ،ئىزدەپ  ئارامگاھ بلوگىدا لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ تېمىسىدىكى يازمىنى ئوقۇپ يېرىم كۈن كۈلدۈم. بىراق، قورقۇنچلىقى شۇكى، مەندە نىمىشقا سالغىلى بولغان لامپۇچكىنى ئالغىلى بولمايدىكەن؟ دېگەن قاتتىق بىر بىر شۈبھە پەيدا بولدى. مانا ھازىرمۇ تۇرۇستىكى لامپۇچكىغا پات-پات قاراپ قويۇۋاتىمەن. لېكىن مەن ئەلۋەتتە بۇنى سىناپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى ئالغىلى بولسۇن-بولمىسۇن، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، بەرىبىر لامپۇچكا يەيدىغان نەرسە بولمىغاندىن كېيىن.

    بەلكىم لامپۇچكىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقى يالغاندۇر. مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر چاغلاردا كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنى دەل سائەت 00:00:00دە تۇخۇمنى تەكشى يەرگە قويسا تىك تۇرار ئىمىش، ئالىملار ھازىرغىچە بۇ سىرنى ئاشكارىلىيالماپتۇدەك، دېگەن گەپ تارقالغان، مەن بۇ گەرچە سىناپ كۆرمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئىشىنىپ قالدىم، چۈنكى بىر قانچە چوڭلار ( ئۇ چاغلاردا كىچىك ئىدۇق) راست شۇنداق، دېگەن ئىدى. بىراق كېيىن بىر قانچەيلەن: قىلىپ باقتۇق، يالغانكەن، دېدى. شۇندىن باشلاپ مەن بۇ گەپنىڭ راستىلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم، ھازىرمۇ گۇمانلىنىمەن. لامپۇچكىنىڭ ئىشىمۇ خۇددى ئاشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان ئوخشايدۇ. سىناپ باقاي دېسىڭىز بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىق، يا ئىشىنىشنى، يا ئىشەنمەسلىكنى بىلمەيدىكەنسىز!
    بەلكىم بۇ تېمىنى( ئەسلى خەنزۇچىسىنى) ئوقۇغانلار، سىنىنى كۆرگەنلەر ئارىسىدىمۇ ماڭا ئوخشاش قىزىقىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن، نىمىشقا ئالغىلى بولمايدىكەن؟؟ بىز ئەمدى دىققەت قىلىپ باقايلى، ناۋادا لامپۇچىكىغا يېزىلغىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ! دېگەن گەپ بولماي، ئاغزىڭىزغا سېلىڭ، بەرىبىر چىقارغىلى بولىدۇ، دەپ يېزىلغان بولسا، قانچىلىك ئادەم قىزىققان بولار ئىدى؟؟

    ئۆتكەن بىر چاغدا، بىر نەرسە ئىزدەپ يۈرۈپ بىر تور بەتتىكى << بۇ يەرنى چەكمەڭ!>> دېگەن ئېنگلىزچە گەپنى كۆرۈپ قالدىم-دە، شۇئان شۇ يەرنى چەكتىم!! ھى،ھى!! نىمىشقا؟ نېمە باردۇ؟ دەپ قىزىقتىم. بىراق............
    بىر قۇرۇق بەت ئېچىلىپ، چوڭ قلىپ يېزىلغان بۇ يەرنى چەكمەڭ! دېگەن خەت كۆرۈندى!!! يەنە چەكتىم. مۇشۇنداق داۋاملاشتى. ئاخىرى 10-20قېتىمدەك داۋاملاشقاندىن كېيىن: سىزگە بۇ يەرنى چەكمەڭ! دەپ ئېيتساممۇ چېكىۋەردىڭىزغۇ؟ قارىغاندا سىز ئېنگلىزتىلىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز، تۆۋەندىكى دۇنيادىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللاردىكى بۇ يەرنى چەكمەڭ! دېگەن گەپ! دېگەن گەپ چىقىپ، ئۇلىنىش تۈگەپ كەتتى( چەككىلى بولمىدى) ئاستىدا بەت سىتاستىكىسى بار ئىكەن، قارىسام 10 خانلىق رەقەم تۇرىدۇ!!گەپ مۇشۇ يەردە! ئادەملەر نىمىشقا چەكمەڭ دېگەن يەرنى چېكىدۇ؟ لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ دەپ تۇرسا سالغىسى كېلىدۇ؟؟ مانا بۇ ئادەمدىكى تەبىئىي قىزىقىش پىسخىكىسى!
    بۇ پىسخىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلىسىڭىز شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالالايسىز!!  قاراڭ، ئېلانكەشلەرگە! بۇ يەرگە ئەرلەر كىرمەڭ، ئاياللار كىرمەڭ! دەپ يېزىپ قويغان يەرگە ئادەم ئەڭ جىق كېرىدۇ، بۇ يەردە مۇنداق نېمە بار كىرىڭ، كىرىڭ! دېسە كىرىدىغانلار ئۇنداق جىق چىقمايدۇ. شۇنداققۇ؟؟

    گەپ مۇشۇ يەردە! ئادەملەر نىمىشقا چەكمەڭ دېگەن يەرنى چېكىدۇ؟ لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ دەپ تۇرسا سالغىسى كېلىدۇ؟؟ مانا بۇ ئادەمدىكى تەبىئىي قىزىقىش پىسخىكىسى!
    بۇ پىسخىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلىسىڭىز شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالالايسىز!!  قاراڭ، ئېلانكەشلەرگە! بۇ يەرگە ئەرلەر كىرمەڭ، ئاياللار كىرمەڭ! دەپ يېزىپ قويغان يەرگە ئادەم ئەڭ جىق كېرىدۇ، بۇ يەردە مۇنداق نېمە بار كىرىڭ، كىرىڭ! دېسە كىرىدىغانلار ئۇنداق جىق چىقمايدۇ. شۇنداققۇ؟؟
    شۇنداق <<تەتۈر تەشۋىقات>> نى مەنمۇ قىلىپ باقاي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ قويدۇم!!!!!!!

    分享到: