• 2011-01-01

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!! مانا مىلادىيە 2010-يىلى بىلەن خوشلىشىپ مىلادىيە 2011-يىلىغا قەدەم قويۇپتىمىز .ھاياتىمىزنىڭ بىر يىلى بىز بىلەن ئەبەدى خوشلىشىپ ۋاقىت قايناملىرىدا غايىپ بولدى.بىز ئانچە -مۇنچە ئەسلىمىلەرگە ئېگە بولدۇق(ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك ئەسلىمە بولسا).يىل ئاتلاش بىزنىڭ بىر ياش چوڭايغانلىقىمىزنىڭ،بىر يىللىق ئۆمرىمىزنىڭ قىسقارغانلىقىنڭ رۆشەن ئىپادىسى بولۇپ ،بىزنى ئۆمۆر ،ۋاقىت ۋە ئۆزىمىز توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ،ئەلۋەتتە ئازراق ئويلىنىپ قويايلى،2010-يىلى بىز بىلەن ئەبەدى خوشلىشىپ كەتتى ئەمەسمۇ؟!يېڭى يىل، يېڭىچە روھ ،يېڭى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ .2011-يىلى مول ھوسۇللۇق ،گۈزەل بىر يىل بولغاي!!!!!!!!ھەممەڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن!!!

    分享到: