• 2010-12-25

    Window Live Writer ئارقىلىق BlogBus قا يازما يوللاش

    Windows Live Writer بولسا Windows Live جەمەتىدىكى ھەقسىز پروگراممىلارنىڭ بىرى. Windows Live Writer ئارقىلىق  ئۆز بلوگىمىزغا مول مەزمۇنلۇق بلوگ خاتىرىلىرىمىزنى ئاسانلا يوللىيالايمىز. ئۇ كۆپ خىل بلوگ سۇپىلىرىنى قوللايدۇ. مەسىلەن، wordpress، PJblog (نۆۋەتتە مەن بۇ خاتىرىنى Windows Live Writer تا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن). مەن بۇنى تەدبىركار بلوگىدا كۆرۈپلا ئىشلىتىپ كەتتىم. بلوگ ئارقا سوپىلىرىدا خاتىرە تەھرىرلەش ۋە قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىق ئىش. Windows Live Writer تا خاتىرە تەھرىرلىگەندە Word تا ھۆججەت تەھرىرلىگەندەك تەھرىرلەپ، يوللاش (发布) كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەكلا كۇپايە.

    نۆۋەتتە BlogBus مۇ Windows Live Writer قا نىسپەتەن API ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپتۇ. سىز پەقەت تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز، Windows Live Writer ئارقىلىق BlogBus تىكى ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىغا خاتىرە يوللاش، ھۆججەت يوللاش، خاتىرە كۆرۈش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.

    ئاۋال  http://get.live.com/writer/overview دىتالنى چۇشۇرىمىز

    1. Windows Live Writer نى قوزغىتىپ، تىزىملىكتىن خاتىرە ئابونتى قوشۇش (添加日志账户) يول باشلاش دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. يول باشلاش دىئالوگ رامكىسىدىن باشقا خاتىرە مۇلازىمىتى (其他日志服务) تاللاپ كېيىنكى قەدەم (下一步) كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.

    点击查看原始尺寸

    2. BlogBus تىكى بلوگىمىزنىڭ باش بەت ئادرېسى، ئابونت نامى، پارول قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز (خاتىرە باش بەت ئادرېسى http:// نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. مەسىلەن: http://blogbus.blogbus.com ). ئاندىن كېيىنكى قەدەم (下一步) كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.
    点击查看原始尺寸

    3. خاتىرە تۈرى (日志类型) سىيرىلما تىزىملىكتىن Atom Publishing Protocol نى تاللايمىز. مۇلازىمەتچى ھۆججەت ئادرېسى (服务文档URL) غا ئۆزىمىزنىڭ بلوگ ئادرىسىنىڭ كەينىگە /api نى قوشۇپ تولدۇرىمىز (مەسىلەن: http://blogbus.blogbus.com/api) . ئاندىن كېيىنكى قەدەم (下一步) كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.

    点击查看原始尺寸

    4. ئاندىن Windows Live Writer نۆۋەتتىكى ئابونتنىڭ BlogBus تىكى بارلىق بلوگلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىز باشقۇرماقچى بولغان بلوگ ئىسمىنى تاللاپ، كېيىنكى قەدەم (下一步) كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.

    点击查看原始尺寸

    5. Windows Live Writer نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، Writer نىڭ بلوگىڭىزغا ۋاقىتلىق خاتىرە يوللىشىغا قوشۇلامىسىز؟ (是否允许Writer创建临时日志) كۆرسەتمە ئۇچۇرى چىققاندا ياق (否) نى چىكىمىز.

    点击查看原始尺寸

    6. رەسىملەرنى تاللاش 4- قەدەمدە تاللىغان بلوگنى تاللايمىز.

    点击查看原始尺寸

    7. بلوگ سەپلىمىسى تۈگىدى. تاماملاش (完成) كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.

    点击查看原始尺寸

    Windows Live Writer دا بلوگ ئابونت تەڭشەش تاماملاندى. ئەمدى Windows Live Writer ئارقىلىق بلوگ يېزىش ۋە يوللاش مەشغۇلاتىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

    1.  نۆۋەتتە Windows Live Writer ئارقىلىق BlogBus قا خاتىرە يوللىغاندا Windows Live Writer ئارقىلىق خاتىرە تۈرى ۋە ئاچقۇچ سۆز تاللىغىلى، قوشقىلى بولمايدىكەن.

    2. Windows Live Writer ئارقىلىق خاتىرە يوللىنىپ بولغاندا خاتىرە بىۋاستە باش بەتتە كۆرۈنىدۇ. كەينىگە سۈرۈش ۋاقتى بولمايدۇ.

    3. Windows Live Writer  ئارقىلىق خاتىرە ئۆزگەرتكەندە BlogBus تىكى رەسىملەر كۆرۈنمەيدۇ. بىراق، خاتىرىدە كۆرستىلىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.



    点击查看原始尺寸


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ماۋۇ يازما ياخشى چىقىپتۇ باللا ھە...[cusFace:2]
  • دوسلارنىڭ كىپم تۇرغانلىقىغا رەخمەت ئېيتىمەن
    uyghurlar回复uyghurlar说:
    خەتنى خاتا يىزىپتىمەن توغرا چۇشىنىڭلار
    2010-12-29 00:04:12
  • سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇش بولدۇم! بەك ياخشى ماقالىلەر بار ئىكەن! بلوگىڭىزنى نۇرغۇن تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىم!يەنىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى بلوگىڭىزدا كۆرۈشكە تەشنامىز! ھارمىغايسىز!
    uyghurlar回复شەمشاد0991说:
    سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىمۇ كۆردۇم 排名سىمۇ خېلى يۇقىركەن سىزگە كۆپ رەخمەت
    2010-12-28 22:31:17
  • رەھمەت ... تولىمۇ ئەپلىككەن~[cusFace:6]
    uyghurlar回复بۆرەيار说:
    داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن
    2010-12-25 16:56:49
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق