مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ‹‹ئارمىيەدە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە››نى بېسىپ تارقاتتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۆز ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئائىت ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چىڭ چۆرىدەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ‹‹بەلگىلىمە››نى ئۆگىنىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چىرىكلىكنىڭ مەنبەدىن باشلاپ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ‹‹بەلگىلىمە››گە ئاساسەن كونكرېت تەدبىر – چارىلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش چەكلىمىسى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم رامكىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئىبارەت ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، جەزمەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. دېلو بولىدىكەن چوقۇم تەكشۈرۈش، چىرىكلىك بولىدىكەن چوقۇم جازالاش، ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ بىرلىكتە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى