ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار» ناملىق نەسرMTV سى نەشر قىلىندى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 10:45

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: نەسرMTV سى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىۋاتقان تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ يېڭى بىر شەكلى بولۇپ، ئۇ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن زور ھاياتى كۈچكە ئىگە.

    بايىنغولىن خەلق رادىيو ئىستانسىسىىنىڭ تونۇلۇۋاتقان ياش دىكتورى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، نەسر MTV سى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئۆز يېنىدىن مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى يۈرۈشلۈك نەسرMTV سى ـــ «ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار»نى جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇردى.

    «دېھقان ئاكا»، «ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار»، «نادان مۇخلىسلار» قاتارلىق نادىر يۈرۈشلۈك نەسر MTV لىرى دا تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ يېڭى شەكىللىك ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقىنى جارى قىلدرۇش يولىدا ئىزچىل ئىزدەنگەچكە، بۇ ئەسەرلەر مۇكەممەل ھالەتتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

    تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ كەسپى ھاياتىدىن خەلقىمىزگە سۇنغان بۇ گۈلدەستىسى سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزغا تېخىمۇ رەڭدار تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا سىزنىڭ بەھرلىنىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە