ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننى ئىزدەپ ساتىراچلار قاتارىغا كەلدى . – ھە ، كەپقاپتۇققۇ ؟– ئۇستۇرا كېسىۋەتكەن تازنىڭ بېشىغا ماز چاپلاۋاتقان كامىلجان ئۇنىڭغا سوغۇقلا قاراپ قويدى .
– مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭلا خوشنام ، – داۋۇت مەيچى پەرۋايىغا ئالمىغان قىياپەتتە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى ، – مىنىڭ سۈننىتىمنى كەسكەندە نەدە قالغان بولغىيدىڭلا كامىلاخۇن ؟ ھەجەپ ئوبدان مازلايدىكەنسىلە ئەمەسمۇ ؟ ۋاي ئىسىت ، ئانام رەھمىتى قان شۇنداق كۆپ چىقىپ كەتكەن دەۋاتقان ...
– ئەتىگەندە بىر يىرىڭلا قىچىشىپ ، مىنىڭ بېسىقتۇرۇپ قۇيۇشۇمنى تىلەپ كەلگەن ئوخشىمامسىلە ؟– ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا يا ئاچچىقلىنىشنى يا كۈلۈشنى بىلمىگەن كامىلجان پوكاندەك قىزاردى .
– خاسىيەتلىك دورىنى بىزدىن قىزغىنىپ بىر ئۆزۈڭلا ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۇنچىلىك ئىشنىڭ قولۇڭلىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،– داۋۇت مەيچى يامغۇردا قالغان ساماندەك ساپ سېرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى ، – قانداق ، ئاخشام بىر يۇلىلا « جان ئانا » دېگۈزگەنسىلە ؟
– شۇ ئىشنى بىلمەك بۇلۇپ كىچىچە كۈزۈڭلىگە ئۇيقۇ كىرمىگەن ئوخشىمامدۇ ؟ ئوغرى كۈزۈڭلىنىڭ چاپاقلىشىپ تۇرغىنى بىكار ئەمەسكەندە، ئۇنداق ئادەم دېگەن بىزنىڭ تۈڭلۈككە قۇلاق يېقىپ ياتساڭلا بولماسمىدى ؟! – كامىلجانمۇ كۈلۈپ قويدى .
– بولدى خوشنام ، ھەر قانچە چىچاڭشىپ ، بىرىمىزنىڭ ئۈستىگە بىرىمىز يۇندا چېچىپ يۈرسەكمۇ يەنىلا ئىشىكتىن چىققاندا دوقۇرۇشۇپ قالىمىز . ئۇنىڭدىن كۈرە نىمە خاپىلىقىڭلا بولسا كۆڭلۈڭلىدىن چىقىرىۋېتىڭلا ، ئاخشام مەن ئوبدان قىلماپتىمەن ، شۇڭا ئەتتىگەندىلا سىلىدىن ئەپۇ سوراشقا كەلدىم . خوشنا دىگەن قىيامەتكىچە دەپتىكەن ، ئاغرىنىپ، ماي تارتىشىپ يۈرسەك ، ناھايىتى كەلسە بىلىدىغانلارغا قىلىشقىلى گەپ تېپىپ بىرىمىز شۇ . قانداق دېدىم ؟
_ دېگىنىڭلا راست ، _ دېدى كامىلجانمۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە ، _ خۇدا قوشقان قوشنىلار تۇرۇپ ئىت – مۈشۈكتەك خىقىرىشىپ يۈرسەك ، ئەھلى مەھەللە ئالدىدىمۇ سەت . مەندىن ئۆتكەن يەر بولسا سىلىمۇ رەنجىمەڭلا داۋۇت ئاخۇن . _ئەتتىگەن ئىش باشلىۋاپسىلە ، يول بولسۇن خوشنام ، مەن سىلىنى بىكارغا گەپكە تۇتۇپ ، تېپىپ يەيدىغان نېنىڭلىدىن قۇرۇق قويماي ،_داۋۇت مەيچى ئاستا كەينىگە ياندى ۋە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك چىپپىدە توختاپ كامىلجاندىن سورىدى ، _سايىمجان كىتىپ بولدىما ؟ _ ھەئە ، ماڭغىلى بىر چۆگۈن قاينىمىچىلىك ۋاقىت بولدى ، _ دېدى كامىلجان خىرىدارىنىڭ يۈزىدىكى چاچ تۇزۇندىلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ، _ قانداق ، ئۇنى ئىزدەپ قاپتىمىزغۇ ؟يا ئاخشام مەيزاپنىڭ كەيپى ئوبدان تۇتقان بولسا ، قۇشناچىم يەنە شۇندىقىدىن تېپىپ كەل دەپ قوغلىغان ئوخشىمامدۇ ؟ _ مەنمۇ بىر ئىش قىلايمىكىن دەيمەن ، _ دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ چاقچىقىغا ئۇدۇللا جاۋاپ بىرىپ ، _ ئۆيدە مەيزاپخانا ئاچسام ، سىلىچە بولارمۇ ؟ _ بولمايدىغان نېمىسى بار ؟ ئۇمۇ بىر تىجارەتقۇ ؟_ كامىلجان خىرىدار سۇنغان پۇلنى تەكەللۇپ قىلىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ، « بىسمىللا » دەپ يەرگە بىر سۈرۈۋېتىپ يانچۇققا سالدى ، _ ھە داۋۇت ئاخۇن ، ئاخشامقى مەيزاپ راستلا تېتىپتۇ – دە، شۇنداقمۇ ؟ _ تېتىشقۇ بىر گەپ ، سايىمجاننىڭ مەسلىھەتى مىنى شۇنداق خىيالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىڭ كۈچىنى مەن يېڭىۋاشتىن كۈرۈپ قويدۇم كامىلاخۇن ، شۇڭا بىر ئىش قىلىپ پۇل تاپاي دەيمەن . _ ئەمىسە سايىمجاندىن مەسلىھەت ئالماقچىكەنسىلىدە ، _ داۋۇت مەيچىنىڭ مەخسىدىنى چۈشەنگەن كامىلجان بىكار بولغان پەلتەڭنى ئۇنىڭغا سۇندى ، _ بۇ ئاسان ، ئۇنىڭغا مەن خەۋەر قىلاي ، ھايت دېسەملا ئۈنۈپ بولىدىغان نوچام ئۇ . _ ئەمىسە خەۋىرىڭلارنى كۈتىمەن ئاغىنە ، كەچتە سىلىنى ئۆيدىلا ساقلاي ،_ داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىگە قاراپ يول ئالدى . 5
بىر مەزگىللىك ئالدىراشلىقتىن كېيىن، كامىلجاننىڭ ھە- ھۇلىرى بىلەن بۇ مەيزاپخانا داۋۇت مەيچىنىڭ ئىسلاش تاملىق ئاددىي ئۆيىدە پەيدا بولدى . ئەلبەتتە ئۇمۇ ئاز رىيازەت تارتمىدى . بىر تەخەيلىك ئىشەك ، تۆت تۇياق قوي ، يەنە خوتۇنىنىڭ بىر دانە تەۋەرۈك ئۆزىكى مەبلەغ قىلىپ سېلىندى . دەسلىۋىدە ئىچەرمەنلەرنى كامىلجان بىر ئىككىدىن باشلاپ كەلدى . سايىمجان ئەكەپ بەرگەن ئون قاپاق مەيزاپنىڭ تەمى ئىچەرمەنلەرنىڭ تامغىقىدا قالدى . ئاندىن بۇ ئالاھىدە مەيزاپخانىنىڭ داڭقى ئاستا – ئاستا يېقىن ئەتراپقا تاراشقا باشلىدى . چىكەرمەنلەر ئارىسىدا نەشىنىڭ گېپى ، ئىشقىۋازلار ئارىسىدا خوتۇننىڭ گېپى جېق بولغىنىغا ئوخشاش ، ئىچەرمەنلەر ئارىسىدىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭ مەيزاپخانىسى توغرىسىدا پاراڭ كۆپ بولسا كىرەك، ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۇنىڭ كەلتۈرگەن مەيزاپلىرى پاك پاكىزە تۈگىدى . _ ئىش چاتاق ، _ دېدى داۋۇت مەيچى بىر كۈنى ئەتتىگەن يەنە كامىلجاننى ئىزدەپ بازارغا كىلىپ ، _ ئۆيدە بۇرۇتنى نەمدىگۈچىلىكمۇ بىر نەرسە قالمىدى ، سايىمجان بۈگۈنلا يەنە بىر نەچچە قاپاق مەيزاپ كەلتۈرۈپ بەرمىسە، كەچتە چۆپقەتلەر ئالدىدا سارغىيىپ قالىمەن . _ بازار كۈڭۈلدىكىدەك ئوخشىمامدۇ ؟_ كامىلجان ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى ، _ قايسى كۈندىكى ئون قاپاق مەيزاپنىڭ ھەممىسى تۈگىدىما ؟ _ ھېچنىمە قالمىدى كامىلاخۇن، ھەممىنى ئىچىپ بولۇشتى،– ئۇ ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا يېلىندى، – ئەمدى خوشنام، ياخشىلىقنى ئاخىرىغىچە قىلىپ سايىمجانغا بىر تۇنۇۋەتسەڭلا، بۈگۈنلا يەتكۈزۈپ بىرىشنىڭ ئامالىنى قىلسا، بۇدا ئىككىڭلارغا ئېيتىدىغان ئوبدان بىر رەھمىتىم بار. – ماقۇل داۋۇتاخۇن، مەن ھازىرلا تۇنىۋىتەي . – ئەمىسە مەن تۇلۇق خاتىرجەم بولدۇم خوشنام، – ئۇ كامىلجان بىلەن خوشلىشىپ توخۇ بازىرىغا باردى ۋە ئىچەرمەنلەرگە قورداق تەييارلاش ئۈچۈن بىر نەچچە توخۇ سېتىۋالدى. ئاندىن يەنە سەي كۆكتات دېگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر ئىشەك ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ مەھەللىگە قايتتى . كەچكە يېقىن سايىمجانمۇ ئون قاپاق مەيزاپنى بىر كىرا موتسىكلىتىگە بېسىپ ئېلىپ كەلدى . بۇ چاغدا نەپسى تاقىلداپ ، كۈننى كەچ قىلىشقا تاقىتى قالمىغان بىر نەچچىسى ئاللىقاچان ئۇنىڭ يەرلىك « يازور » لىرىدىن ئورۇن ئېلىپ ، مەيزاپ جىدىلىنى باشلىغان ئىدى . ئاچقان يەرگە بارغان ئاشتەك يىتىپ كەلگەن مەيزاپنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى . ئۇ سايىمجاننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇزۇنغىچە قۇيۇپ بەرمىدى . – رەھمەت ، رەھمەت سايىمجان بۇرادەر ، قېرىندىشىم ، مىنى بىر تەڭلىكتىن چىقاردىڭىز . شۇ تۇرقىدا ئۇلار مىنى مەيزاپ چىچارتىش ئالدىدا تۇرغان ئىدى . قېنى كىلىڭ ، ئاۋال مەن سىزگە بىر چاي بىرەي . – ياق داۋۇت ئاخۇن، سىلى ئىشنى ئوڭ قىلىپ ئاۋال مىھمانلارغا قارىسىلا، بىز دېگەن قېچىپ كەتمەيمىز،– سايىمجان ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئىتتەردى، – قېنى، جىدەلخورلارنىڭ ئوتىنى ئۈچۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال مەيزاپ ئەكىرسىلە . داۋۇت مەيچى بىر قاپاق مەيزاپنى كۈتۈرگىنىچە قازناققا يۈگۈردى . ھېرىپ چارچىغان كەچكى شەپەق يەنە ئەتتىگەندىكى قىزىللىقى بىلەن تاغ ئارقىسىغا باش قويدى . كۆيگەن بۇلۇتلارمۇ ئاستا- ئاستا قىزىللىقىنى يۇقىتىپ ، ئەتراپ گۇگۇم پەردىسى ئىچىدە بارا -بارا قاراڭغۇلاشتى . مەھەللە يۇلىدا پۇرۇقلاپ ئۆرلەۋاتقان توپا – چاڭمۇ بېسىققان ئىدى . ئەتراپتىن ئوت بوغۇزغا تويمىغان ئىشەكلەرنىڭ جەھلى بىلەن ھاڭراشلىرى ، كىملەرنىڭدۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلىشقان پاراڭلىرى ، بەڭۋاش ئوغلىنى قىچقىرىپ توۋلاۋاتقان ئانىنىڭ بوغۇق ئاۋازى ، بازاردىن يانغان ئۇششاق يايمىكەشلەرنىڭ غالتەك ھارۋىسىدىن كىلىۋاتقان چاقنىڭ سۈركىلىش ئاۋازى قۇشۇلۇپ ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق سىمپونىيەنى ھاسىل قىلغان ئىدى . بۇ سىمپونىيەدە يەككە سازلارنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئىتىش بەكمۇ قىيىن ، ھەممىسى بىر خىل ھاياجانلىق گۈرۈلدەش ئىچىدە ئۆز مەرغۇللىرىنى ئومۇمى سىمپونىيەگە قۇشۇۋېتەتتى . قاراڭغۇ كوچىلاردا ئوغرى مۈشۈكتەك ئەتراپقا ئەندىشىلىك بېقىپ كىلىۋاتقان قارا گەۋدىلەر بارغانسىرى كۈپىيىشكە باشلىدى .بىردىن- ئىككىدىن كېلىشىۋاتقان بۇ مەيخورلار دوقمۇشتىن قايرىلىپ داۋۇت مەيچىنىڭ غېرىبانە ھويلىسى ئالدىغا كەلگەندىلا « ئۇھ » دېيىشىپ ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۈزىنى ھويلا ئىچىگە ئېتىشاتتى . ئىشلار ئەنە شۇنداق داۋاملاشماقتا . بىر ھەپتىگە قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىككى يول مەيزاپ كەلتۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ قولىدا ئوبدانلا پايدا قالدى . بۇنى كۈرۈپ تاز چىراي خوتۇننىڭمۇ قاپىقى ئېچىلىپ ، چىرايىدا كۈلكە پەيدا بولدى . ئۇ زىرىسى ئۈچۈن ئالەمنى مالەم قىلىپ ، داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدا ئىلەنگۈچ ئۇچقىنىنى ئويلىغىنىدا بىر ئاز خىجىلچىلىقمۇ تارتقان بولدى . |


