_ قانداقسىگە ...قانداقسىگە ساپ ساق بىر قىز ئۈلۈپ قالدى ؟ _ سورىدى كامىلجاننىڭ ئايالى ئىسەدەپ تۇرۇپ ، _ تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىمغۇ ؟ئەجەپ بىر ... _ نېمىسىنى سورايلا خوشنام ، _ ئايال ئۆكسۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى ، _ ئاخشام ماۋۇ توڭغۇز پۇشتى سىرتنى ئايلىنىپ كىلىمەن دەپ يەر يۈتكەندەكلا يوقاپ كەتتى ، بىر چاغ بولغاندا گەۋرىلىك ، قىزىل كۆز بىر ئوغرى مەيزاپ ئىچكىلى كەپتۇ ،ئازراق ئىچىپ كەلگەنمىدىكىن ، سەل لەيلەپ ، بىر ئىزىدا تۇرالماي قالغان ئىكەن . ئۆيدە ئەر كىشى بولمىغاندىن كېيىن « مەيزاپ يوق» دەپ تۇرىۋالدۇق . ئەمما ئۇ كەتكىلى ئۇنىماي ئۆيگە كىرىۋالدى . ئاخىرى بولماي، مەيلىلا ، ئىچسە شۇ ئىشەك سۈيدىكىدىن ئازراق ئىچىپ كېتىپ قالار دەپتىمەن . ئۇ دەيۈزنىڭ ئاللىقاچان قىزىمغا كۆز تاشلىغىنىنى مەن نەدىن بىلەي ؟ بورىچى ھالۋىچى بولسا كۈزىنى چاپاق بېسىپتۇ دېگىنى شۇ ئىكەن ، ئوخشىتالمىغان شۇ تىجارەتنى دەپ بېشىڭغا چىقتىمغۇ قىزىم ،ۋاي قىزىم ، تاتلىق قىزىم ... _ كېيىنچۇ ؟ _ ئالدىراپ سورىدى داۋۇت مەيچى پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ . _ كېيىن ، كېيىن ،ئۇ ھارامزادە ماڭا ئۇنى -بۇنى بۇيرىدى ، يىتىشىپ بولالماي قىزىمنى ياردەمگە چاقىرىپتىمەن . بىر چاغدا توخۇ قوردىقى قورۇۋاتسام قىزىمنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى . يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ يۈگرەپ چىقسام قازناقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېتىۋاپتۇ . قىزىمنىڭ نالىسى ...مىنى چاقىرىشلىرى ، يىغلاپ يېلىنىشلىرى...نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئۆينىڭ ئىچىدە بىر نەچچىنى پىرقىرىدىم . ئىشىكنى ھەرقانچە تىپىپمۇ ، مۇشتلاپمۇ زادىلا ئاچالمىدىم . ئاخىرى بۇ يارامسىزنى ئىزلەپ سىرتقا يۈگرىدىم ، دىڭىلداپ يۈرۈپ كارنىيىم يىرتىلغۇچە ۋارقىراپ قىچقاردىم .قاينۇقنىڭ كوچىلىرىنى قېزىۋەتتىم ،يەردىمۇ ، ئاسماندىمۇ يوق . بىر چاغدا قايتىپ كىرسەم ئۇ دەيۈز قۇيرىقىنى خادا قىپتۇ ، قىزىم نومۇسقا چىدىماي ئۆزىنى ئېسىۋاپتۇ ...ۋاي قىزىم ، سىنىڭ بېشىڭغا بىز چىقتۇق قىزىم .ئاناڭ ئۆلسۇن قىزىم ، داداڭنى يەر يۈتسۇن قىزىم ... _بۇ ئەسلىدە ئاشۇ نائەھلىنىڭ قىلغان ئىشىكەندە ، _ كامىلجان يەرگە قارىغىنىچە پەس ئاۋازدا سۈزىنى داۋام قىلدى ، _ ئۇ ئاخشام بىزنىڭكىگە كەپتىكەن ، ئىشىكنى خېلىلا قاققان بولسىمۇ ئاچمىغان ئىدىم ، چۈنكى، مەن ئاللىقاچان بۇ ئىشتىن قول يۇيىۋەتكەن- دە . _ كىمۇ ؟ _ داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا سورىدى . _ ھېلىقى پور كۈتەك شۇ . بۇنى ئاڭلاپ داۋۇت مەيچىنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلىدى . كۆز ياشلىرى بوراندەك قۇيۇلدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرۈپ ئاتقان ئاشۇ پور كۈتەكنىڭ ھىجىيىپ تۇرغان چىرايى قايتىدىن پەيدا بولدى . ئۇ مۇشتلىرىنى تۈككىنىچە ئورنىدىن تۇردى .كامىلجان ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى چۈشەنگەندەك كاپپىدە بىلىكىنى تۇتىۋالدى . _ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەيلى داۋۇت ئاخۇن ، سورىقىنى ھۈكۈمەت قىلىدىغان ئىش بۇ ، ئۇ نىمە قانات چىقىرىپمۇ ئۇچۇپ كىتەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى ، مىيىتنى يەرلىككە قۇيۇشنىڭ ئامالىنى قىلايلى ، راست گەپنى قىلسام ، ھەر ئىككىمىز بۇ يەردىكىلەرنىڭ غەزىۋىگە، قارغىشىغا كەتكەن ئادەملەرمىز . شۇڭا بۇ پالاكەتلەردىن قۇتۇلمىقىمىز ئاسان ئەمەس . ئۆتكەنگە سالاۋات ، مەن چىقىپ ئابلىز قارىنى ئىزدەپ باقاي ، بالىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئادەم كىرەكتە . قالدىسىنى بار مەسلىھەت بىر ئىش قىلارمىز ... كامىلجان ھەممەيلەنگە تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى سالغىنىچە ئاستا سىرتقا ماڭدى . قاينۇقنىڭ بۇ يىلقى قىشى ھەرقانداق بىر يىلدىكىگە زادىلا ئوخشىماي قالدى . كۈندۈزلىرى ھارارەتسىز قۇياش دۈشمەننىڭ كۈلكىسىدەك ئاندا – مۇندا جىلمىيىپ تۇرغان بىلەن سوغۇق شۇنچىلىك قاتتىق ئىدىكى ،تاڭ- تاڭ مۇزلىغان يەرنىڭ بىر قات ئېتى يېرىلىپ ، چۈيۈندەك قېتىپ كەتكەن ئىدى . كۈننىڭ پىشىنگە بېرىپ قالغىنىغا باقماي كوچىلاردا ئادەم شالاڭ ئىدى . مۇزلىغىنىدىن تۈكلىرى پاخپىيىپ ، قۇيرىقى چات ئارىسىغا قىستۇرۇلغان لالما ئىتلار كوچىنىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىدە بىر نىمىلەرنى تىمىسقىلاپ يۈرىشەتتى. بىر پۇتىنى تۈكلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇپ ، بىر پۇتىدا يەر دەسسەپ تۇرغان خورازلار ئۇيقىغا كەتكەندەك كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشقان ئىدى . سۇغۇقنىڭ شۇنچە قاتتىق بولۇشىغا قارىماي تېخىچە تۇنجى قار ياغمىغان ئىدى . قارنىڭ ياغماسلىقى ئاپەتتىن بىشارەت دىيىشەتتى كونىلار .ئەمما قانداق ئاپەتنىڭ يىتىپ كېلىشىنى ھېچكىم بىلمەيتتى .قاينۇقلۇقلار داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىدە يۈز بەرگەن پاجىئەنى ئاڭلىغىنىدا ، ھەممە بالا قازانىڭ شۇنىڭ بىلەن كېتىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك بىر تۇيغۇدا ئېغىر تىنىشتى . _خۇدانىڭ ئارغامچىسى ئوزۇن، _دېيىشەتتى قاينۇقلۇقلار بىر يەرگە كەلگەندە ، _ قىلغىنىڭغا يارىشا دارامەت ئالىسەن دەيدىغان گەپ بار . داۋۇت مەيچى قاينۇققا ئەمەس ، بالىسىغا قىلدى . ئەمدى كىلىپ شۇنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ . _ قاينۇقتا ئازدۇر كۆپتۇر شىشە – قاپاق مۇڭداشلىرى بولغان بىلەن، ئاتام زامانىسىدىن باشلاپ ھېچكىم مۇنداق شەرمەندە ئىشنى قىلىپ باقمىغان ، مانا ، داۋۇت مەيچى باشلاپ ، كامىل تورغاي دوراپ كۈرۈۋىدى ، خۇدا ئۇرۇپ ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپ، بۇرنى قۇلىقىغىچە تويدى .ئىبرەت ئالىلى جامائەت ... 8
ھەممە جىمىدى . كىشىلەر سۆزلەپ ھاردى ؛ ئەتراپ يەنە تىنچىپ قالدى . قاۋاپ ھارغان ئىتلار كاتىكىغا كىرىپ كېتىشتى . ۋاقىتسىز چىللاپ ئالەمنى مالەم قىلغان خورازلار مىكىيان قوغلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى . قاينۇقنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بېسىقىپ ، قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرى ، بەرىكەتسىز كۈنلىرى بىر قېلىپتا جىمجىتقىنە داۋاملاشماقتا ئىدى . ئارقا – ئارقىدىن ۋەيران بولغان ئىككى ئائىلە ئاشۇ مۇدھىش سوغۇق ئىچىدە ئوت - بوغۇزسىز دۈگدەرەپ ياتقان قېرى كالىدەك ھالىدىن كەتكەن ئىدى . داۋۇت مەيچىنىڭ قازنىقى ئىنتايىن سوغۇق ئىدى .ئوت يېقىلمىغان ئۆينىڭ ئىچىدە بۇران ھۇۋلايتتى. ئاشۇ مۇسىبەتتىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىچارە ئايال پەقەتلا ئۆرە بۇلالمىدى. ئۇ مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن كونا يوتقان ئىچىدە تىنماي يۈتىلىپ - خىقىراپ ياتاتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسە يېگۈدەك، داۋۇت مەيچىگە ئۇنى- بۇنى دېگۈدەك ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى . قىزىنىڭ جەسىدى ئىككى كۈن ساقلىنىپ ، ھېچبىر قەدىر - قىممەتسىزلا ، خۇددى بىر ئىشەك تاپىسىدەك كۈمۈپ قۇيۇلىشى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىدى .ھەمىشە كۈلۈپ يۈرىدىغان بۇ خۇشپىئېل قىزنىڭ ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ھەش پەش دېگۈچە قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىشى ئۇنىڭغا بىر قورقۇنۇچلۇق چۈشتەكلا بىلىنەتتى . شۇنداق ، ئۇ مەڭگۈ ئويغانغىلى بولمايدىغان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق چۈش – ئۈلۈم ئىدى ... داۋۇت مەيچى ئاستا ھويلىغا چىقىپ ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئېغىلنىڭ ئالدىدىن بىر قۇچاق قوناق پاسىرى كۈتۈرۈپ كىردى- دە ، مانتا ئۇچاققا تاشلاپ سەرەڭگە ياقتى . لاپ قىلىپ يانغان قۇرۇق پاسار قۇيۇق ئىس چىقىرىپ تۈتەپ كۈيۈشكە باشلىدى .ئەمما ، پاسار چوغى تۇتامسىز يىگىتكە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ كونىلار .لاپپىدە ئوت ئالغان ئوت - خەس تۈزۈك ئىسسىق بەرمەيلا، ئۇنىڭ بارلىق ئۈمىد – ئارزۇلىرىغا ئوخشاش كۈلگە ئايلاندى . كۈنلەر ئۆتمەكتە . كۈچلۈك بوراندا كۈتۈرۈلگەن دېڭىز ئۆركىشىدەك قاتمۇ قات كەلگەن دەرت- ئەلەملەردىن داۋۇت مەيچىنىڭ چاچ – ساقىلى ئاق رەڭدە بۇياتقاندەكلا تامام ئاقىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ بىلى مۈكچەيدى . كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچتى . پۇت – قوللىرى قورايدەك قېتىپ ، ماغدۇرسىزلىقتىن كۈز شامىلى سوققان ياپراقتەك تىترىدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا يەتمىش – سەكسەن يىل ياشىغان بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ ھاياتتىن كۈتىدىغان ھېچقانداق ئارزۇلىرىمۇ يوق ! خۇدانىڭ ئامانىتىنى بالدۇرراق ئېلىشىنى كۈتۈپ ياتقىنى ياتقان ئىدى . ئۇ بۇ دۇنياغا ئورۇنسىز تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاققا ئوخشاش ، مەھەللىدىكىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن . قاينۇقلۇقلار بۇ يەردە ئەزەلدىن بۇنداق بىر ئادەملەر ياشاپ باقمىغاندەك ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن ئىدى . پەقەت كۈن ئارىلاپ بۇ ئۆيگە كامىلجان بېشىنى تىقىپ قۇياتتى .ئايالى تاماق سۇناتتى .بىر دەم يېرىمدەم مۇڭدىشىپ چىقىپ كىتەتتى . بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن قىش پەسلى ئاخىرلىشىپ ، ئەتراپتىن باھار ھىدى كېلىشكە باشلىغان بىر كۈنى، داۋۇت مەيچىنىڭ ئايالى كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ نومۇس كۈچى مەھكەم بوغقان بۇغۇزىدىن ئاخىرقى نەپىسى شەپىسىزلا ئۈتۈپ كەتتى. تەقدىر قىسمىتىنىڭ ئاللىقاچان شۇنداق بەلگىلىنىپ بولغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن داۋۇت مەيچى تەقدىرگە تەن بەردى. ئۇ بىر تامچىمۇ ياش چىقمىغان نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە نەچچە ئون يىل ھەمرا بولغان ئايالىنىڭ چېھرىگە ئاخىرقى قېتىم نەزەر تاشلىغىنىدا، يۈرىكىنىڭ قات-قېتى يىرتىلىپ قانىغاندەك، ئەمدى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھەمراھ بۇلىدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغاندەك بىلىندى . كىشىلەرنىڭ بەكمۇ رەھىمسىزلىشىپ ، بىر بىرىنىڭ ئۆلەر -تىرىلىشى بىلەنمۇ كارى بولمىغۇدەك ھالغا يەتكىنىنى، مىھرى- ۋاپانىڭ كۈتۈرۈلۈپ ، دۇنيانىڭ نەقەدەر باغرى تاش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ، ئايالىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنراق ھايات خورلۇقلىرىدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولدى . قاينۇققا باھار پەسلى شەپىسىزلا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى . ئەتراپ خېلىلا ئىللىپ قالغان ، قىشىچە توڭ تىزەكتەك قېتىپ كەتكەن قۇشلارنىڭ پۇت قولىغا جان كىرىشكە باشلىغان بىر كۈنى داۋۇت مەيچى ئاتا – ئانىسىدىن قالغان ، چۇپۇردىن تۇقۇلغان ئالا خۇرجۇننى مۈرىسىگە تاشلاپ ئۆيدىن چىقتى . ئۇ نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا بىر پەس قارىغاندىن كېيىن ئىشىككە_ ياق ، ھاياتتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قەلبىگە قوش مۇشتتەك كىلىدىغان يۇغان قارا قۇلۇپنى سالدى- دە ، بازارغا قاراپ ماڭدى . _ خۇدا رەھمىتى ، ئىمان پاكلىقى ئۈچۈن سەدىقە تىلەيمەن ، سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى ...توۋا قىلىڭ جامائەت ، بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن تۆۋە قىلىڭ ، سەدىقە بالانى يەر ، تۆۋە گۇناھنى ، خۇدا يۇلىدا سەدىقە تىلەيمەن ... كوچا - كويلاردا ، ئايماق- مەھەللىلەردە ، مازار - ماشايىقلاردا تۇلىمۇ مىسكىن ، چۆل تورغىيىنىڭ سەھەر پەيتىدىكى چۇ - چۇلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ ئاۋاز پات -پات ئاڭلىنىپ قالاتتى .چەكسىز پۇشايمان،كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز ھەسرەت- نادامەتلەر چوڭقۇر سىڭگەن بۇ جۇدالىق ناخشىسى داۋۇت مەيچىنىڭ تىلىم تىلىم كىسىلگەن يۈرەك قېتىدىن فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى.ئەمما شۇ نەرسە ئۇنىڭغا ئايان ئىدىكى ،چىققان كۆز مەڭگۈ ئورنىغا كەلمەيتتى. مەھەللە تىنچىپ قالدى .ھەممە بالا قازا داۋۇت مەيچى بىلەن نەگىدۇر كەتكەندەك ئىدى. ئەتىسى ئاخشىمى قاينۇق ئاسمىنىدا ياڭرايدىغان مەستلەرنىڭ ئالاتاغىل ناخشىلىرى، بىر بىرى بىلەن تىللىشىپ، ياقا سىقىشىپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلانمايتتى. مەھەللىدىكىلەر ئۆز تىرىكچىلىكىنىڭ غېمىدە يۈرىشەتتى.ھەر كۈنى غالتەكلىرىنى پەدىگە كەلمىگەن سۇنايدەك غىچىرلىتىپ بازارغا مېڭىشقان قاينۇقنىڭ ئۇششاق يايمىكەشلىرى داتلىشىپ كەتكەن قارا قۇلۇپ، ئولتۇرۇشۇپ، بارغانسېرى يەر تەكتىگە چۈكۈۋاتقاندەك كۈرۈنۈدىغان كونا تاملارغا پەرۋاسىزلا قاراپ قۇيىشاتتى. بۇ يەردە ھايات ھالىدىن كەتكەندەك تولىمۇ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى ... 2004 - يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى ، خۇتەن
( ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك « يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمىدە ) |


