_ نىمە ئامال ، بىر ئازماس خۇدا دەپتىكەن ، بەندە دېگەن بەزىدە جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ شۇنداق ئېزىپ قالىدۇ .شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيلى جامائەت ... قاينۇقلۇقلار ھەر نىمىلەرنى دېيىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كامىلجان ئۆيىدىكى مەيزاپ كۈپلىرىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى چوققا دۆڭگە ئېلىپ باردى- دە، ھەممىنى چېقىپ تاشلىدى. پارە -پارە بولغان كۈپلەردىن تۈكۈلگەن مەيزاپلار دۆڭنىڭ يانباغرىغا سەلدەك ئاقتى . ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساتىراچلىق سايمانلىرى سېلىنغان كىچىك ساندۇقچىسىنى يېنىغا ئېسىپ بازارغا كەتتى . قاينۇقتىكى مەيزاپ بازىرىنى داۋۇت مەيچى يەنە ئىگىلىدى . ئەمدى ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىدىغان ، چۆپقەت تالىشىدىغان ھېچكىم قالمىغانىدى . ئەمما ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قارىشاتتى .كامىلجاننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈنلەرنى ئۇنىڭدىن كۈرەتتى . چۈنكى ، ساقچىلارغا مۇشۇ خەۋەر بەرمىسە باشقىلارنىڭ نىمە ئىشى ؟مەنپەئەت تالىشىدىغانلار بۇ ئىككىسى بولغاندىكىن ئەلبەتتە باشقىلارغا ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىشاتتى. ئىككى قوچقار ئۈسسۈشسە ، بۆرىگە پايدا دىگەن شۇ ئىدى . چېقىمچىلىقنى ئەڭ يامان كۈرىدىغان قاينۇقلۇقلار بىلەن داۋۇت مەيچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇ ئىشتىن كېيىن بارغانچە يىراقلاپ كەتكەن ئىدى . مەيزاپ بازىرىنىڭ قايتىدىن ئۆز ئىلكىگە ئۆتكىنىدىن بىر ئاز خۇشال بولغان داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭكىگە كېلىدىغان ئىچەرمەنلەرنىڭ يەنىلا تايىنى يوق ئىدى . ئاشۇ ساقىلىغا تۈكۈرۈپ ، بىر پىيالە ئىچە- ئىچمەيلا ئاللا يارىمنى غىڭشىپ ، سۆزلەپ قالىدىغان بىر نەچچە قېرى ئىچەرمەننى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كامىلجاننىڭكىدىن كەتمەي يۈرگەن سىدام نوچىلاردىن بىرىمۇ يوق ئىدى . _ قانداق بولغىنى بۇ ؟ _ ئۆزىچە جىلە بۇلۇپ ، يول بىلەن ھويلا ئارىسىدا تامادا قاتراپ يۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ بۈگۈنمۇ ئەرۋاھى ئۇچتى . كىلىدىغانلار بارغانچە ئازلاپ بارماقتا ئىدى ، _ مەن نىمە قىلدىم بۇ پەسەندىلەرگە ؟ كامىلۋايغا قارا تۇتقاندەك ، بىزنىڭ بۇسۇغىدىن ھېچ بىر ئاتلاي دىمەيدىغۇ ؟ ياكى مەن ئۇلارغا مەيزاپنىڭ ئورنىغا ئېشەك سۈيدۈكى قۇيۇپ بەرمىسەم ، شۇنداقمۇ چاندۇرامدۇ كىشى ؟ ئىسىت، ئىسىت ، كامىلجان ، سەن ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ ، ماڭىمۇ قىلدىڭ . ئاخىرى بېرىپ ئىككىلىمىز ۋەيران بولامدۇق ئەمدى ؟ بىر يېرىم مىڭ كويلۇق مەيزاپنى مەنمۇ چوققا دۆڭدىن ئېقىتىۋىتەيمۇ- ھە ؟ بۇ قىپ قىزىل زىيانغا كىم ئىگە بولىدۇ ؟مەنمۇ ساڭا ئوخشاش پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سالايمۇ؟ داۋۇت مەيچى ئاخىرى ھارغىن بەستىنى يەنە شۇ ئۈجمە كۈتىكىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى . ئۇنىڭ چىكىسى قورۇلۇپ ، بويۇن تۇمۇرلىرى كۆپۈپ چىققان ئىدى . ئۆي ئىچىدىن ھېلىقى قېرى مەستنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : _ دا...ۋۇ...تۇم ، قې...قېنى سىلە ... داۋۇت مەيچى ئەڭ ئاخىرقى بۇ چۆپقىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇردى ۋە قازناققا كىردى . _ دا...ۋۇتۇم ، مۇشۇنداق ...مۇشۇنداق ...ئىچىۋىرىمىزما ؟ بۇ مەيزىپىڭ بىزنى نەگە ئاپاردى ھە ؟ ئۇنى ئىچىپ ئەرشى ئەلاغا چىقتۇقمۇ ؟خان ئامبىلى بولدۇقمۇ ؟ ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق ئىچىۋىرەمدۇق ئۇكا ؟ يۈرەكنى ياشارتىدىغان قىز - پىزلىرىڭ يوقمۇ مانداق ..._ ئېغىزىدىن شالىسى قۇيۇلۇپ ، يۈزلىرىنى ئۆمۈچۈك تور تارتقاندەك تىلىم -تىلىم قورۇق باسقان ، كىيىملىرىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى پەرق ئىتىش تەسكە توختايدىغان ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىچەرمەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى . _ ئەستا ، كېرىمكا ، بىر پۇت گورغا ساڭگىلىغاندا ، ئېغىزىڭدىكى چىشىڭنى سانىماي قىز غەلۋىسى قىلغىنىڭ نىمىسى ؟ _ داۋۇت مەيچى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغان بولۇپ گەپنىڭ پەدىسىنى يۆتكىمەكچى بولدى . _ سە...سەن نېمىنى بىلىسە...ن ،ئادەم مۇشۇنداق قېرىغاندا...خۇ...خۇتۇنغا ئا...ئالامەت ئامرا...ق بولىدۇ .قېنى ئۇكا ، قىز ... بىر قىز... _ ھەي كېرىمكا ، بۇنداق چاغدا ساڭا قىز ئەمەس ، ئون ئىككىنى تۇققان قېيناناممۇ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ ،بېشىڭنى كۈتۈرۈپ بولغۇچە قوڭۇڭ سالامغا تۇرىدىغان بولۇپ قاپسەن ، پۇتلىرىڭمۇ يۆگمەچ ئوتتەك يۆرگىشىپ تۇرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى شەيتىنىڭنى باس-تە ، مەيزىپىڭنى ئىچ ! _ نىمە ، ماڭا مەيزاپ سا...تارىڭدا مىنى قېرى دېمەيسەن ، قىز گېپىنى قىلسام بوۋاڭدەك كۈرۈندۈمما ؟ قېنى ... با...يىلا بىرسى لىپپىدە ئۆتۈپ ...كەت..كەندەك قىلدىيا ؟ساقىلىمغا قا...قارىماي كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارا ، نېمىنى كۆردۈڭ ؟ بىر پارچە ئوت ...ھە ، بىز قېرىمىدۇق .قىز ئوينايمىز قىز ...خوشناڭنىڭكىدە خېلى پەيزى بارلىرىدىن كۆپمىشقۇ ؟ داۋۇت مەيچى چۈچۈپ كەتتى . ئۇ مۇشۇ قېرى جېنىدا كامىلنىڭ ئۆيىدىكى ئويۇن -تاماشىلاردىن خەۋەر تاپقىنىنى ، ئۇنىڭمۇ ئاشۇ يەرگە ئۇسساپ تۇرغىنىنى ئويلىغىنىدا سەپرايى قايتىدىن ئۆرلىدى . _ ھەممىسى شۇنىڭ كاساپىتىدىن ، _ دېدى ئۇ كېرىم بوۋاينىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزىۋېتىپ ، _شۇ قىلغىنى ئۈچۈن تۇرمىغا كىردى تۇرمىغا ! _ ئوغۇل بالىنىڭ كىرىدىغان يىرى ئۇ ، _كېرىم بوۋاي مەيدىسىگە مۇشتلىدى ، _ مانا بىزمۇ ئاشۇ يەرنىڭ ئون ئىككى يىللىق مېھمىنى ! ياشاۋاتىمىز ، ئىچىۋاتىمىز .ئۆلمىدۇق تېخى ...قىز قېنى ؟ _ ئەستا كېرىمكا ، مىنى ھەجەپ تەڭلىككە سېلىۋاتىسەن ، ئەمدى بۇ چاغ بولغاندا مەن ساڭا نەدىن قىز تاپىمەن ؟ بۈگۈن بولدى قىل ، ئەتىگىچە ... _ ئەتىگىچە سىنىڭكىگە كەلمىسەممۇ بازاردا تۇلا گەپ ئۇ .ئاسىيخاننىڭ دۇكىنىغا شۇنداق قاراپ قويساق ، بەش ئالتىسى سەپ تارتىدۇ ئۇكا . داۋۇت مەيچىنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى . بىر ئىچكى جاراھەت ئۆزلىگىدىن قانىدى . ئۇ كىشىلەردىن « شەھەرنىڭ بىر چېتىدە ، ئاسىيخان شاڭگاڭنىڭ دۇكىنى بار ، ئاشۇ يەردە ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان قىز تاپقىلى بولىدۇ » دەپ ئاڭلىغان ئىدى . مانا ، ئەتىسىنىڭ بار يوقلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر قېرى جېنىدا ئاسىيخان شاڭگاڭنىڭ دۇكىنىنى سېغىنىۋاتىدۇ . بۇ كەمنىڭ ئادەملىرىگە نىمە بولغاندۇ ؟ شاراپقا ئېغىز تەگدىمۇ بولدى ، ھەممىسى بىرسى ئۈگىتىپ قويغاندەك قىز جىدىلى قىلىشىدۇ . قارىساڭ ھەممىسى ئۇخلاپ ياتقان شەيتىنىنى ئويغىتالماي ئۆزىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىمات قىلىۋاتقان ، ئېغىزىدىن شالىسى ئېقىپ تۇرسىمۇ يەنە سۈيدۈك پۇرىشىدۇ .قانداق جاھان بوپكەتتى بۇ ؟ داۋۇت مەيچى ئاچچىقىغا ھاي بىرىپ سىرتقا چىقتى ۋە ئايالىنى چاقىردى . _ ماۋۇ دوۋزاخ شوتىسى قېرى ھەجەپ چىشىمنى قېرىشتۇرۇۋاتىدۇ .مەن سىرتلارنى بىر ئايلىنىپ كىلەي ، سەن ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ، مەيزاپتىن تازا ئىچۈرگىن – دە، كۈكىنى ئوبدان يۇلۇپ يولغا سېلىۋەت .ھىساپ قەتئى نېسى قالمىسۇن . _ بۇ كەچتە نەگە بېرىپ يۈرىدىلا ؟ياخشىسى ئۆيدە ئولتۇرسىلا ،مەن قورقىمەن ... _ قورققىدەك نىمە ئىش بار ؟ مەن دېگەندەك قىل . _ ئەمىسە تىزرەك قايتىپ كەلسىلە ، ھايال بولمىسىلا . _ نىمە ، قېرىغاندا مىنى بىرسى ئۆيىگە سۇلىۋالامدىكەن ؟ ئەلبەتتە شۇنداق قىلىمەن ، ئۇ ئاستا مېڭىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تۇپىلىق يولغا چىقتى . سۈتتەك ئايدىڭ كىچە ؛ ئىزغىرىن شامال بىر خىلدا شىڭىلداپ تۇراتتى . ئۇ نىمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . خىرىدارسىز قالغان بۇ ئۆي خۇددى مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئىگە – چاقىسىز مۇمايدەك غېرىپسىنىپ قالغان ئىدى .ئۆي ئىچىدىن سۇس يېنىپ تۇرغان چىراق يۇرۇقى كۈرىنەتتى .ئاشۇ ئاجىز نۇرنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ ئۆيدە ھاياتلىققا تەۋە ھېچ نەرسە قالمىغاندەك ئىدى . ئۇ كۈرەك جۇۋىسىگە ئوبدان چۈمكىنىپ ، بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە مەھەللىنىڭ سىرتىغا تۇتىشىدىغان يالغۇز ئاياغ يولغا چىقتى . بۇقا سۈيدۈكىدەك تۇپىلىق يول خۇددى قۇملۇققا تاشلانغان يىلاندەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى . دەل- دەرەخلەر ئارىسىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن تۇلۇنئاينىڭ سۈتتەك نۇرى ئاشۇ ئەگرى بۈگرى يولدا ئۇششاق تەڭگە گۈللەرنى ھاسىل قىلىپ ، يولنىڭ ئوي- چوڭقۇرىنى ئوبدانلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى . داۋۇت مەيچىنىڭ نىمىشقىكىن ، بۈگۈن ئوبدانلا خۇمارى تۇتقان ئىدى . بىر قاپاق مەيزاپنى ئىچىپ مەست بۇلۇپ ، تازا قېنىپ بىر يىغلىۋېلىپ ، نەچچە يىلدىن بىرى يىغىلىپ قالغان بارلىق كۈڭۈل ئاغرىقلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلىدى . لېكىن ئۇ بۇ كەيىپنى يالغۇز قىلىپ كۆنمىگەن ئىدى .ئەمما ، كۈلكە – چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ ، بىللە ئىچىشىپ بىرىدىغان ئۈلپىتىمۇ يوق ئىدى . ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلدى . شۇڭا ئاياغ سەۋداسىنى كىسىپ ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىپ ،بۇ كىچىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈشنى خالاپ قالغانىدى . يىراق يىراقلاردا ، قارىيىپ كۈرۈنگەن ئورمانزارلىقلار ئارىسىدا سۇس يېنىپ تۇرغان چىراق نۇرلىرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى . كىچە قانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى بۇنداق چىراق يۇرۇقلىرى شۇنچە جۇلالىق ،شۇنچە نۇرلۇق بولۇپ كىتەتتى . ئادەمنىڭ سۇنۇق كۆڭلىگە تەسەللى ، قاراڭغۇ دىلىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بۇنداق يۇرۇقلۇق نەقەدەر سۈيۈملۈك ھە ؟! داۋۇت مەيچى ئاشۇ ئەلەڭگۈپ يېنىپ تۇرغان چىراق نۇرلىرىغا يىراقتىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئۇلۇق كىچىك تىندى . _ يالغۇزلۇقۇڭغا ، مىسكىنلىكىڭگە تەسەللى بۇلالايدىغان ئاشۇ چىراق يۇرۇقىدىن باشقا نىمەڭ قالدى ئەمدى داۋۇتۋاي ؟مەيزاپخانا ئاچقىنىڭدىن نىمە پايدا كۆردۈڭ ؟تاپقىنىڭ پاتماللاپ كۈڭۈل زېدىسى . ھەر ھالدا بىرەر ئورامدىن مۇخۇركا سۇنۇشۇپ ، ئەتىسى ئاخشىمى گۇڭۇر – مۇڭۇر سوقا سۆھبەتلەرنى قۇرۇپ ، سۇنۇق كۈڭۈللەرگە تەسەللىي بېرىشىدىغان خوشناڭدىنمۇ ؛ ئېغىرىڭنى تەڭ كۈتۈرۈپ ، يىغاڭنى بىللە يىغلايدىغان جامائەتتىنمۇ ئايرىلدىڭ . مانا ، قۇرتلۇق ئىتتەك ئىنىڭدىن چىقالماي ياتىسەن ، ھالىڭ نىچۈك دەيدىغان ئادىمىڭمۇ يوق ، ئەمدى بۇ جاننى قەيەردە قۇيۇپ ، بۇلغانغان يۈزۈڭنى نەدە پاكىزلايسەن داۋۇتۇم ؟! |


