_ ئەمىسە ۋېلسىپىت بىلەن نەگە باردىڭ دادا ؟_ گۈلجامال ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى ، _ كەچتىن بىرى سىنى ھېچ تاپالمىدۇققۇ ؟ _ كامىلكاڭ بازاردىن بىر نەرسە ئەكىلىپ بىرىشنى ئېيتقان ، خوشنا بولغاندىكىن ياق دېگىلى بولاتتىمۇ ؟ شۇڭا ... _ يالغان ئېيتمىسىلا دادىسى ، ئۇ خوشنىمىز شۇ تۇرقىدا سىلىنى بىر نەرسىگە بۇيرۇپ يۈرەمدۇ ؟ بۇيرىسىمۇ سىلە بارامدىلا ؟ قۇرساقلىرىدىكىنى مىنى بىلمەيدۇ دېمىسىلە ، _ ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ، _ ماڭا قارىسىلا ، بالىلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ ؟ _ سىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭدىن بەكمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن دادا ، _ گۈلجامال يەرگە قارىغىنىچە پەس ئاۋازدا دېدى ، _ بۇ مەيزاپخانىنى ئېچىش ئەسلىدىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى ،سەن بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھۈرمىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدۇڭ . ئەمدى كىلىپ بۇ بالا – قازانى تېرىپ كامىلكامغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ ، بۇ ئىشنى مەھەللىدىكىلەر ئۇقسا يەنە نىمە دەپ قالىدۇ ؟ بىز بۇ يۈزىمىزنى نەگە قويىمىز ؟ ئۇلار سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ دادا . _ مەن ئۇلارنىڭ كەچۈرۈشىگە مۇھتاج ئەمەس ، _ داۋۇت مەيچى تىرىكىپ ، قىزىنى ئىتتىرىۋەتتى ، _ نىمە ؟ سەنمۇ ماڭا تەنبىھ بىرىۋاتامسەن ؟ قىز بالىنى ئوقۇتقانمۇ ئىشمۇ ؟ ئاز – تولا قانات قۇيرۇق چىقىرىۋېلىپلا ماڭا ئۇ -بۇ دېيىشكە پېتىندىڭمۇ تېخى ؟ گۈلجامال بېشىنى چايقىغىنىچە قۇشۇپ قويدى : _ كۈرىدىغان كۈنىمىز ئالدىمىزدا تېخى، بىزنى مەھەللىدىكىلەر ئارىغا ئالسىلا بولاتتىغۇ ؟ قاينۇق مەھەللىسى قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى . ھەممەيلەن ئىچىگە تىنىپ ، بىر بىرىگە گۇمانى نەزەردە قارىشىپ ، ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى . ئىككى كۈندىن كېيىن كامىلجاننىڭ ئايالى سۇلاقتىن چىقتى . ئۇ مەھەللىگە ئۈن سېلاپ يىغلاپ كەلدى . _ توۋا خۇدايىم ، بىز خەخكە نىمە يامانلىق قىلغان؟ قانچە يۇيسا چىقمايدىغان شۇنداقمۇ قارا سۇۋامدۇ كىشىگە؟ ھەممىنى خۇداغا قويدۇم، بىزگە قىلدىم دەپ بالا چاقىسىغا قىلار خۇدايىم، بىرنى مىڭ قىلىپ كۈزىمىزگە كۆرسىتەر خۇدايىم ، ھۆ...ھۆ... ئايالنىڭ يىغىسى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. مىڭ يىرىدىن تۈكۈلۈپ، ئىچ ئىچىدىن قايناپ ئىزىلىپ يىغلايتتى. ئەمما ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىدىغان، ھالىغا يىتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. _ كەلگۈلۈك بۇلارغا خۇدادىن كىلىپ قالدى- دە ! _ئازراقلا پايدىنى دەپ گۇناھقا دۈم چۈشكەندىكىن، خۇدا شۇنداق شەرمىساز قىلىدۇ ئادەمنى ... _ خوپ بۇپتۇ ، سۇلامچىنىڭ كۈرىدىغان كۈنى شۇ... _ يەنە بىرى قالدى، ئۇنىمۇ نەس باسقۇدى ئىلاھىم ... مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دېيىشكەن بۇ گەپلىرى داۋۇت مەيچىنىڭ جان – پېنىنى چىقارغان بولسىمۇ ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۈندىمەي يۈرۈۋەردى .چۈنكى، ئۇمۇ قىلىپ قويغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بىر ئاز قورقۇپ قالغانىدى . ھەر كۈنى كەچتە بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلار يەنە مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ قاينۇققا كىلىشەتتى . ئاۋال كامىلجاننىڭكىگە بىر دوقۇرۇۋېتىپ ، ئاندىن داۋۇت مەيچىنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولىشاتتى . ئۇلارنى خامۇش قارشى ئالغان بۇ ئائىلە قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكتىن ئىسەنكىرەپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . خىرىدارلار ئۇلاردىكى بۇ خىل روھى ھالەتنى « كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ » دېگەن ئەندىشە بىلەن ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان بولسا كىرەك دەپ بىلىشتى . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كامىلجانمۇ چاچ – ساقاللىرى ئۈسۈپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ھالدا مەھەللىدە پەيدا بولدى. ئۇ ھېچ كىشىگە قارىماستىن ئۇدۇللا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بىر نەچچە كۈنگىچە تالا – تۈزدىمۇ كۆرۈنمىدى . قارا سىرلىرى ئۈچۈپ قالغان يۇغان دەرۋازىسىمۇ ئېچىلمىدى . ئۇنىڭدىكى بۇ خىل بىنورمال روھى ھالەتتىن مەھەللىدىكىلەر ھەيران قالدى . _ كامىلجاننىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتىغۇ ؟ _ سولاقخانا دېگەن بوش يەر ئەمەس ، ئانا – مانىسىنى كۈزىگە ئوبدان بىر كۆرسىتىپ قويغان بولسا، ئادەم بولغاندۇ ؟ _ ئەسلىدىمۇ يامان ئەمەس بىر نىمە ئىدى ، ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك، خوشنىسىنىڭ قوش كۈرۈنۈپ شۇنداق پوقنى يەپ سالغان گەپ . |


