• مۈڭگۈزنىڭ كۈچى تۇياقتىن كېلىدۇ

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    ئاپتورى: مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز يۆگىمە مۈڭگۈزلۈك، ئاق ياللىق قوچقارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرۈپ نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆزلىرى ياشاڭغىراپ، كى

    ئاپتورى: مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

     

    يۆگىمە مۈڭگۈزلۈك، ئاق ياللىق قوچقارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرۈپ نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆزلىرى ياشاڭغىراپ، كىرپىكلىرى تەكرار جۈپلەشتى. ئۇنىڭ جۈپلەشكەن شۇ شالاڭ كىرپىكلەر ئارىسىدىن سىرغىپ چىققان قەترىلەر سەينادىكى ئۆزىنىڭ قارا بويۇن قوچقىرىنى يۇتۇپ كەتتى.
    بوۋاي يەكتىكىنىڭ پېشىنى قايرىپ، ئۇنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى. ئۆسۈك بۇرۇتى ئارىسىدىن سىرغىغان كۆز ياشلىرىنى تىلى بىلەن يالاپ قويدى. ئۇ كۆزى سەلگىنە سۈزۈلگەندىن كېيىن، قارا بويۇن قوچقىرىنىڭ كەينىگە يانغىنىنى كۆردى. قوچقارنىڭ كەينىگە داجىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ كەينىگە داجىدى...
    قارا بويۇن قوچقار بىردىنلا داجىشتىن توختاپ، كەينى پۇتلىرىنى تىرەجەپ، تۇياقلىرىنى قۇمساڭغۇ تۇپراققا پاتۇردى، ئاندىن تىزلىرىنى سەلگىنە ئېگىپ، بوينىنى پەسلەپ كۆزلىرىنى ئۇدۇلغا تىكىپ، كۆتمەك مۈڭگۈزىنى رەقىبىنىڭ قاق پېشانىسىگە ئۇدۇللاپ ئالدىغا قاراپ ئېتىلدى! قارا بويۇن قوچقار ئالدىغا قاراپ ئېتىلغان شۇ دەقىقىدە نۇراخۇن بوۋايمۇ ئالدى تەرەپكە سىلكىندى...
    تۇياقلاردىن توپا توزۇدى، مۈڭگۈزلەر ئۇچراشتى. ئۇچراشقان مۈڭگۈزلەردىن ئوت ئۇچقۇنداپ، يۆگىمە مۈڭگۈزلۈك ئاق ياللىق قوچقار تىك موللاق چۈشتى - دە، ھاۋا تاپان بولۇپ بىر نەچچىنى تىرتاڭلىغاندىن كېيىن جىمىپ قالدى.
    مەيدان لەرزىگە كەلدى، نۇراخۇن بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىمۇ لەرزىگە كەلدى. مۇسابىقە رىياسەتچىسى قارا بويۇننىڭ چېمپىيون بولغانلىقىنى جاكارلىدى. قارا بويۇننىڭ بېشىغا قىزىل شەلپەردىن لېنتا چىگىلدى، بوۋاينىڭ مەيدىسىگىمۇ گۈل تاقىلىپ، مۇكاپات سۈپىتىدە قولىغا بىر بولاق چاقماق قەنت تۇتقۇزۇلدى. بوۋاي توقۇناق ئارغامچا بىلەن قوچقىرىنىڭ قارا بوينىدىن ئالماپ چىگىپ، قوينىغا سېلىپ بولغان چاقماق قەنتنى قولىغا ئالدى - دە، جامائەتكە كۆز - كۆز قىلماقچى بولغاندەك بىر قولىدا قەنتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدا قوچقىرىنى يېتىلەپ مەيداندىن ئايرىلدى.
    ئالامان نۇراخۇن بوۋاينى ئورىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ يەڭگۈر قارا بويۇننىڭ قايسى نەسىلدىن ئىكەنلىكىنى، قانداق ئوت - چۆپلەر بىلەن بېقىلغىنىنى، قانداق سېھرىي كارامەت بىلەن كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۆزىدىن زور ئاق ياللىق، يۆگىمە مۈڭگۈزلۈك قوچقارنى يەر چىشلەتكىنىنى بىلگۈسى كەلدى.
    −− يەرلىك قوچقار، −− دېدى تارتىنچاق نۇراخۇن بوۋاي قۇرۇغان ئەۋلىرىنى يالاپ قويۇپ، −− ئۆز ئېغىلىمدا تۇغۇلغان. ئانىسىمۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆزۈمنىڭ ئىدى. قايسى قوچقاردىن تۆرەلگىنىنى بىلمەيمەن. مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سامان، ھەلەپ بىلەن باقىمەن. ئانچە - مۇنچە قوناق بېرىپ قويىمەن.
    −− ساتاملا؟!
    تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ قەھرلىك ئاۋاز نۇراخۇن بوۋاينى مەڭدەتتى. ئۇ سوئالچىغا قاراپ، ئۇنىڭ بايامقى ئەگرى مۈڭگۈزلۈك، ئاق ياللىق يېڭىلگۈچى قوچقارنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقناتقىنىچە ئۆزىگە قادىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
    بوۋاي جاۋاب بېرەلمىدى، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنىمۇ بىلەلمىدى. ئۇنىڭغىچە ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى پوتىسىنى يېشىپ، مونەك - مونەك پۇللىرىنى نۇراخۇننىڭ كۆزىچە پۇلاڭلاتتى.
    −− قانچە دېسىلى مەيلى، دېگەنلىرىگە ئالىمەن.
    −− ئۆ... ئۆزلىرىنىڭ قوچقىرى...
    −− ئۆلدى!
    −− خاپا بولمىسىلا، بۇ مەخلۇقنىڭ قوچقارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىنى ئۇققان بولسام ھەرگىزمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسكەنمەن. سېكرېتار يېزىدا نورۇز بولىدۇ، قوچقارلىرىنى ئېلىپ چىقسىلا دېمىگەن بولسا...
    −− نەچچە پۇل؟! −− ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى بوۋاينىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، −− ئېغىزلىرىدىن چىققىنى ھېساب ! دېگەنلىرىنى بېرىمەن.
    بوۋاي كېكەچلىدى، قارا بويۇننى سېتىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغىنى ئۈچۈن دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمىدى. سالاچىلار ئاۋۇدى. بىر - بىرىدىن ئۈستۈن باھا قويۇشۇپ بوۋاينى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە يېزا بويىچە چېمپىيون بولغان قوچقار دېگەننىڭ باھاسى مۇشۇنداق ئۆرە بولارمىش. بۇنداق قوچقار بازاردىكى گۆش قوچقىرىنىڭ نەرخىدە سېتىلسا ئۇۋال بولارمىش. قوچقار سوقۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان بىرەرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغۇدەك بولسا، نەرخى - ھاۋاسى تېخىمۇ ئۆسۈپ بارارمىش.
    بۇ گەپلەرنىڭ ھەق ياكى ئەمەسلىكىنى، زادى قانچە پۇلغا ساتسا مۇۋاپىق بولىدىغىنىنى نۇراخۇن بوۋاي دەڭسىيەلمىدى. شۇ گاراڭلىقتا قولىدىكى ئارغامچىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. قارا بويۇن ئۆز بوينىدىكى ئارغامچىنىڭ تۇرۇپلا يات كىشىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغىنىدىن ئەجەبلەنگەندەك بوۋايغا باش كۆتۈرۈپ قارىغاچ يېنىك پۇشقۇرۇپ قويدى. ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى قارا بويۇننى يېتىلەپ توپ ئارىسىدىن چىقىپ كەتتى. ئالامان ئەمدى نۇراخۇن بوۋاينى تاشلاپ قارا بويۇننىڭ كەينىدىن ئىز باستى - دە، تۇشمۇتۇشتىن سورىدى:
    −− بۇ قوچقارنى ناھىيەدىكى مۇسابىقىگە سېلىش ئۈچۈن سېتىۋالدىلا ھە؟
    −− ياق؟
    −− ئەمىسە...؟
    −− ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن سېتىۋالدىم. ھېلىلا بوغۇزلىۋېتىمەن، گۆشىنى لالما ئىتلارغا تاشلاپ بېرىمەن.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئاچچىق سېزىم نۇراخۇن بوۋاينىڭ قۇلىقىدىن كىرىپ يۈرىكىدىن جاي ئالدى. بوۋاي بىردە قولىدىكى بىر تۇتام پۇلغا، بىردە ئۆزىدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپىغا قارىغىنىچە مەڭدىدى. كۆز ئوڭىدا قارا بويۇننىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قارىغاندىكى ئاخىرقى قىيالماسلىق تۇرقى زاھىر بولدى. قوچقارنىڭ قۇندۇزدەك قارا بوينىغا پارقىراق تىغلىق چوڭ بىر پىچاق سۈركەلگەندەك، ئۇنىڭدىن سوغۇق بىر نۇر قايتقاندەك بولۇپ ئەندىكىپ كەتتى - دە، جامائەتنىڭ كەينىدىن يۈرگۈرگىنىچە ۋارقىرىدى:
    −− ياق! قوچقىرىمنى ساتمايمەن!
    ئالامان يەنە بىر نۆرى تەۋرىدى. قارا بويۇننىڭ يېڭى ئىگىسى كۆزلىرىدن قەھر ئۇچۇپ تۇرغان نۇراخۇن بوۋاينىڭ تۇرقىدىن ئەيمىنىپ، چېچىلغان پۇلغا، تورۇكلاپ تۆكۈلگەن چاقماق قەنتلەرگە قاراپ مەڭدىدى.
    ئارغامچا نۇراخۇن بوۋاينىڭ قولىغا قايتتى. ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى بوۋاينىڭ يۈزىگە تۈكۈردى، قارا بويۇن يەنە بىر قېتىم يېنىك پۇشقۇرۇپ قويدى.
    شۇ كېچە نۇراخۇن بوۋايغا بەك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇ ئېغىلغا ئۈچ قېتىم كىردى. ھەر قېتىمدا مامات قىرغىقىدىن قايتقان قوچقىرىنىڭ سۆيۈملۈك قارا بوينىدىن قۇچاقلاپ قويدى. قوچقارمۇ بوۋاينىڭ ئالىقانلىرىنى يېنىشلاپ پۇراپ، كۆن ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا بېشىنى سۈركىدى. بوۋاي شۇندىلا ئۆزىنىڭ قارا بويۇنغا قىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسىنىڭ پىچىقىدىن قايتۇرۇۋېلىپ توغرا قىلغىنىنى ھېس قىلدى. بۇ قىلغىنى ئۈچۈن ساقىلىدىن ساقىپ چۈشكەن تۈكۈرۈكنىڭ، كىملەرنىڭدۇر ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيدى.
    ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، قايسى كۈندىكى مۇسابىقە رىياسەتچىسى −− يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقى ئەتىگەندىلا بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپ بوسۇغىدا تۇرۇپلا ۋارقىرىدى:
    −− نۇراخۇن ئاكا! ھوي نۇراخۇن ئاكا! ناھىيەدىكى قوچقار سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى بۈگۈن بولىدۇ. قايسى كۈنى سىزگە دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپتىمەن. بولۇڭ تېز، قوچقىرىڭىزنى يېتىلەڭ. ناھىيەگە ماڭىمىز!
    بوۋاي ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، پونكىت مەسئۇلىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى خېلى تەستە ئاڭقىرىدى، ئەمدى ئۇنىڭ قارا بويۇن قوچقىرى يېزىغا ۋەكىل بولۇپ ناھىيەدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. ناھىيە بويىچە تاللانغان قوچقارلار بىلەن سوقۇشۇپ چېمپىيون بولسا ۋىلايەتكىچە بارىدىكەن، بوۋاينى قوچقىرى بىلەن ۋىلايەتكە ماشىنىدا ئاپىرىپ - ئەكېلىدىكەن، مېھمانخانىدا ياتىدىكەن، كۈنىگە ھەق بېرىدىكەن.
    پونكىت مەسئۇلى نۇراخۇن بوۋاينىڭ يا ياق، يا ماقۇل دېيىشىنىمۇ كۈتمەستىنلا موتوسىكلىتىنى مىنگىنىچە كېتىپ قالدى. ئۇ چوڭ يولغا قايرىلىۋېتىپ يەنە ۋارقىرىدى:
    −− مۇسابىقە ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا، كونا مال بازىرىنىڭ ئورنىدا. مەن سىلىنى شۇ يەردە ساقلايمەن!
    نۇراخۇن بوۋاي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ قوچقار سوقۇشتۇرغۇچى بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئادەم كۆپ جايلارغا بېرىشتىن نېمىشقىدۇر ئۇيىلاتتى. ياشاش تەڭلىكىدىن بازار كۈنى ئانچە - مۇنچە يېزا مەركىزىگە بېرىپ قويغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە ئادەملەر توپلاشقان ئاۋات يەرلەردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئۈلۈشكۈنمۇ سېكرېتار زورلاپ تۇرۇۋالمىغان بولسا... قاچانلاردا كۆرۈپ قېلىۋېدىكىن قارا بويۇننى... شۇنداقتىمۇ بېرىش كېرەك، چۈنكى پونكىت باشلىقى بۇ پۈتۈن يېزىنىڭ شان - شەرىپى ئىكەنلىكىنى، يېزا باشلىقى بوۋاينىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ قوچقىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە ئۇ »چېمپىيون« دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ئەمما يېزا باشلىقىنى، ئۇنىڭ سۈر - ھەيۋىسىنى، يىڭنىدىن ئۆتكۈر، قىلىچتىن كەسكىن سۆزلىرىنى ئوبدان بىلەتتى.




    ھالقىلىق سۆزلەر : power,كۈچ


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار