ئەمدى سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت كۆز چىمچىقلاتتى. ئۇ بوۋايدىن بەزى سوئاللارنى سوراپ، ناھىيەدىن بەرگەن مۇكاپات بوۋاينىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكىنى، يۇڭ ئەدىيال، يوتقان تېشى، نەق پۇللار پونكىت باشلىقى بىلەن كېتىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ھازىر ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدى. −− خاپا بولمىسىلا نۇراخۇن ئاكا، قوچقارلىرىغا كۈندىلىك ھەق تۆلەيدىغىنىمىز راست. ئالىمادىس بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرگەندىن سىرت، بىزمۇ بازار نەرخى بويىچە سىلىنى رازى قىلىمىز. ئەمما مۇسابىقىگە سىلى بارمايدىلا، ۋىلايەت ناھىيەمىزدىن بايرامغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى ئېنىق بەلگىلىدى. شۇڭا... قارا بويۇن قوچقار ۋىلايەتكە كەتتى. پونكىت باشلىقىنىڭ دېگىنى يېرىم راست چىقتى. قوچقار شەھەرگە ماشىنىلىق ماڭدى. مېڭىش ئالدىدا نۇراخۇن بوۋايغا تارتىشمىغىنى بىلەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بېشىنى كۆتۈرۈپ يېنىك پۇشقۇرۇپ قويدى. شۇ كۈندىن باشلاپ نۇراخۇن بوۋاي كەنتتىن بەرگەن 41 دىيوملۇق رەڭسىز تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كېتەلمىدى. پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان خەۋىرى بېرىلىپ، قوچقار يېتىلىۋالغان سايىۋەن شەپكىلىك بىر مۇنچە كىشىلەر تىزىلىشىپ مېڭىۋېدى، بوۋاي رەت - رەت تىزىلىپ مېڭىشقان سۆلەتلىك شۇ قوچقارلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قارا بويۇن قوچقىرىنىمۇ بار دەپ قىياسلىدى، كېيىن ئۇ ھەقتە قايتا ئۇچۇر بولمىدى. قارا بويۇندىن ئىككى كۈنگىچە خەۋەر بولمىدى. بۇ ئىككى كۈن نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن ياشىغان بارچە كۈنلىرىدىن ئۇزاق، تارتقان جىمى رەنجى - كۈلپىتىدىن مۇشەققەتلىك بىلىندى. ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۆيىگە ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى كەلدى. ئۇنىڭ كۆزىدىكى ھېلىقى سوغۇق نۇر كۆرۈنمىگىنى بىلەن ئېغىزىدىن يىن ئاقتى: −− قارا بويۇننىڭ چۇلاق مۈڭگۈزى تۈۋىدىن سۇنۇپ كەتتى! مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئەمدىغۇ سېتىپ بېرەلا؟ ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. −− قاراپ تۇرسىلا، چولاق قوچقارلىرىنى ھامان بىر كۈنى... −− قانداق قىلىسەن؟ −− سېتىۋالىمەن! بوۋاينىڭ كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچتى، ئۇ قاچقان ئۇيقۇسىنى ئۆرۈلۈپمۇ، چۆرۈلۈپمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىدى، مومىيىنىڭ ئالماشتۇرۇپ بەرگەن تەكىيەسىمۇ كار قىلمىدى. تاڭغا يېقىن كۆزى ئۇيقۇغا ئىلىنىشىۋېدى، قارا بويۇننى چۈشەپ قالدى. چۈشىدە قارا بويۇن مۈڭگۈزى سۇنۇق، پېشانىسى يېرىق، ئېغىز - بۇرنىدىن قان ئارىلاش شىلىمشىق سۇيۇقلۇق تامچىلاۋاتقان ھالەتتە زاھىر بولدى. بوۋاي سىلكىنىپ ئويغاندى. ئۇ تاھارەت ئېلىۋېتىپمۇ، مەسچىت يولىغا پۇت قويۇپمۇ چۈشىدىكى شۇ بىئاراملىقتىن نېرى بولالمىدى. ئۇنىڭ گېلىدىن بىر لوقما تائام، ئېغىزىدىن بىر يۇتۇم سۇ ئۆتمىگەن شۇ كۈنى كەچكە يېقىن قارا بويۇن قوچقار قايتىپ كەلدى. قايتقاندىمۇ ئۆزى چۈشىدە كۆرگەن تۇرقتا قايتىپ كەلدى - دە، بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا بوۋاينىڭ پېشىنى پۇراپ، كۆن ئۆتۈكىگە پېشانىسىنى سۈركىدى. بوينىدىكى قىزىل شەلپەرنى، بېشىدىكى تۈگۈنەك يالغان گۈلنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولغاندەك بېشىنى ھەريان سىلكىدى. −− مۇبارەك بولسۇن، نۇراخۇن ئاكا! قوچقارلىرى... ئۈچ كۈندىن كېيىن كەنتتە چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، نۇراخۇن بوۋاي سەھنىگە چىقتى، قارا بويۇن قوچقارمۇ چىقتى، ھەر ئىككىلىسىگە بارىكاللا - ئالقىشلار ياغدى. سايىۋەن شەپكىلىك بالا ھاياجاندىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. ئۇ شۇ ھالدا قارا بويۇننىڭ ۋىلايەت بويىچە قانداق چېمپىيون بولغانلىقىنى بىرمۇبىر بايان قىلدى! ئەمما ئۇنىڭ گەپلىرى بوۋاينى خۇش قىلالمىدى. ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا بويۇننىڭ تۈۋىدىن چورتلا ئوشتۇلۇپ كەتكەن مۈڭگۈزىنىڭ ئىزىدا توختاپ قالغانىدى. قارا بويۇننىڭ شۇ غەلىبىسى نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن ھەممىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆيى يېڭىلانمىغىنى بىلەن قىڭغىيىپ قالغان ئېغىلى يىقىتىۋېتىلىپ، ئورنىغا بېتون قۇرۇلمىلىق، كاھىشلىق ئېغىل سېلىپ بېرىلدى. ئوقۇر، غاراللىرى يېڭىلىنىپ، كۈمۈش رەڭگىدە سىرلاندى. قوچقارنىڭ ئۈچ ۋاق يەم - بوغۇزلىرى چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىن ئاجرىتىلغان مۇتەخەسسىسنىڭ بۇيرۇمىسى بويىچە تارازىلاپ بېرىلىدىغان بولدى. ئىچىشىگە چىلان، تۇخۇم سۈيى قوشۇلدى. ھەلىپىگە كاشتان، نوقۇت ئۇنى سېپىلدى. ماياقلىرى ئۇدۇللۇق تېرىپ تۇرۇلدى. ئېغىلنىڭ ئەينەك دېرىزىلىرى قەرەلىدە ئېچىلىپ - يېپىلىپ، ھاۋا سۈپىتى خاتىرىلىنىپ مېڭىلدى. ئېغىلغا يات كىشىلەر يېقىن يولىتىلمىدى. بوۋاينىڭمۇ چولاق قوچقىرىغا بەك ئۇزاق قاراپ تۇرۇۋېلىشى چەكلەندى. بۇ ئىشلارنىڭ نېمە ۋەجىدىن بولۇۋاتقىنىنى نۇراخۇن بوۋاي ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شۇ سايىۋەن شەپكىلىك يىگىتتىن ئاڭلىدى. −− كېلەر يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەملىكەتلىك ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى بولىدۇ، قوچقىرىڭىز شۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بېشىمىزنى قاتۇرۇۋاتقىنى سۇنغان مۈڭگۈزنى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، −− دېدى ئۇ. بىر قوچقارنىڭ دۆلەتلىك يىغىنغا قاتنىشىدىغىنى بوۋاينى ھەيران قالدۇردى. ئۇ شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇق يېزىدا ئاچقان چوڭ يىغىنغا بىر نەچچە قېتىملا قاتنىشالىغانىدى. تۆت تېمى ئۆرۈلۈپ كېتەي، دەپ قالغان كونا ئېغىلىدا داۋراڭسىز تۇغۇلغان، شاۋقۇن - سۈرەنسىز چوڭ بولغان قوچقىرى تۇرۇپلا بوۋاي چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان يەرلەرگە بارىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇمۇ بوپتۇ، مەن كۆرەلمىسەم قوچقىرىم بولسىمۇ كۆرۈپ كەلسۇن. بەرىبىر گۇۋاھنامىگە »يولداش نۇراخۇن« دەپ يېزىلىدىكەنغۇ! −− بۇ قېتىم ئۆزىڭىز بىرگە بارىسىز، −− دېدى سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت زوقمەنلىك بىلەن، −− يۇقىرىنىڭ شۇنداق تەلىپى بار. ئويۇن كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننى مەيدانغا ئۆز ئىگىسى ئېلىپ چۈشىدۇ. يىگىتنىڭ ئېيتقىنى راستكەن. گەرچە قارا بويۇننىڭ سىڭا مۈڭگۈزى قايتا ئۆسمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتلىك يىغىنغا قاتنىشىشىغا توسقۇن بولالمىدى. سىناق ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك دائىرىلىك مۇسابىقىدە تاللاپ كېلىنگەن ئۈچ قوچقارنى پومۇداقلىتىۋېدى، قارا بويۇننىڭ بېرىشى مۇقىملاشتۇرۇلدى. سەپەر كۈنى يېقىنلاپ قالغاندا، بوۋاينىڭ ئۆيىنى ئاۋات قىلىپ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن نۇرغۇن ئادەم كەلدى. جامائەتمۇ كەلدى، تىلەكلەر تىلىنىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈلدى. نۇراخۇن بوۋاي بىر يىل ئاۋۋال تەييارلاپ قويغان مەسە - كالاچنى، تىك يوللۇق كەمزولىنى كىيدى. ساقىلىنى باشقىدىن ياساتتى. چىرايىدىن ئاپتاپ تۆكۈپ تۇرۇپ جامائەتكە خوش ئېيتتى. قارا بويۇن قوچقار ئۈچۈن چىرايلىق تۆمۈر قۇما ياسالدى. بوينىغا مەخسۇس كىنىشكە ئېسىلدى. قۇما بىلەن ئايروپىلانغا سېلىندى. ئۈرۈمچىدە بوۋاينىڭ ئالدىغا ئوغلى بىلەن نەۋرىسى چىقتى، ئۇلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. لېكىن قارا بويۇن ھەركىمدىن پىنھان تۇتۇلدى. كۆزلىرىدىن ئوت ياندۇرۇپ تۇرغان سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت ئارزۇلۇق نەۋرىنىڭ بوۋىسىنى ئۆز شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن قوچقارنى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش ئىلتىماسىنى چىرايلىق رەت قىلدى. ئۆز يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن ھەممە نەرسە يېڭىلىق ئىدى. ئازادە ئايروپىلانمۇ، كۆزنى چاقىدىغان شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىىسىمۇ، بىر كېچىلا قوناق قىلغان ئوغلىنىڭ ياسىداق ئۆيىمۇ ئۆزگىچە ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردىكى مەنزىلگاھىمۇ، ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان يايلاق شەھىرىمۇ، مۇسابىقىگە توپلانغان غەلىتە قوچقارلارمۇ بۆلەكچە ئىدى. −− چاتاق، نۇراخۇن ئاكا! −− دېدى سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت جىددىيلىشىپ، −− كەلگەن قوچقارلار ئارىسىدا كىلون قوچقارلارمۇ باردەك قىلىدۇ. −− كىلون قوچقار دېگەن قانداق قوچقار ئۇكام؟ −− كىلون قوچقار دېگىنىم ئانىسىمۇ، دادىسىمۇ قوي ئەمەس قوچقار. −− ئاتا - ئانىسى قوي بولمىسا، ئۇنداقتا قارا بويۇننى موزاي بىلەن ئۈسۈشتۈرەمدۇق؟ سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت كۆڭلىدىكىنى مۇنۇ ساددا دېھقانغا چۈشەندۈرۈشتىن ئۈمىد ئۈزدى. شۇنداقتىمۇ يىگىتنىڭ دېگەنلىرى بوۋاينىڭ ئۇيقۇسىغا كۈيە بولۇپ قوندى. مۇسابىقە كۈنى ھەر ئىككىسى قوي دېگەننىڭ تۈرى ھەقىقەتەن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدى. سوقۇشتۇرۇشقا تاللاپ كېلىنگەن قوچقارلار ئىچىدە موزايدەك قوچقارلارمۇ بار ئىدى. ئۆز قوچقىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قوزىچىلىك، توشقانچىلىك بىر ھالدا كۆرۈنۈۋاتقىنىدىن نۇراخۇن بوۋاي ئۇيالغاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ نامەلۇم بىر ئۈمىد ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىرەك بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇ خىل ئۈمىدنىڭ نەدىن كېلىۋاتقىنىنى، قانداقسىگە يۈرىكىنىڭ بىراقلا تومشۇپ قالغىنىنى بوۋاي بىلەلمىدى. بەلكىم قارا بويۇننىڭ بۆلەكچىلا مەزمۇتلىشىپ قالغان تۇياقلىرى، قەدەم يۆتكىگەندىكى توپا ئويۇپ مېڭىشلىرى، بوينىنى تىك تۇتۇپ ئەتراپقا مەغرۇر نەزەردە قاراشلىرى، ھەر قەدىمىگە تەڭكەش بولۇپ لىغىرلاپ تۇرغان يۇمىلاق قۇيرۇقى بوۋايغا تەسكىن بولغان بولسا كېرەك. |


