• تاش كۆۋرۈكنىڭ بۇ تەرىپىدە

    يوللانغان ۋاقتى:08-07-2011   مەنبە: تارىم 2004-9-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    نېمىدۇر بىر نەرسە ئۇنىڭ يېنىغا چىرقىراپ كېلىپ، كۈچلۈك شامال چىقىرىپ توختىدى

    (ھېكايە)


    ئاپتورى: ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان


    1

    نېمىدۇر بىر نەرسە ئۇنىڭ يېنىغا چىرقىراپ كېلىپ، كۈچلۈك شامال چىقىرىپ توختىدى. ئۇمۇ، ئۇ ھەيدەپ كېلىۋاتقان قوي پادىسىمۇ چۆچۈپ، ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.
    — ھەي موماي!
    ئۇ مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا، غايەت ئېغىر بىر نەرسىنىڭ يانجىشىدىن ئامان قالغان ئادەمدەك تەسلىكتە ئۆزىگە كەلدى ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قارىدى. قارا كۆزەينەك تاقىغان، بېشىغا ئاتا-ئانام كۆرمىگەن غەلىتە بىر قالپاق كىيگەن، شاپ بۇرۇت ئادەم — مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سايىت داققال مۇتسىكلىتتىن چۈشمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دېدى.
    — ئاڭلىدۇقمۇ، ھەي موماي؟ — ئۇ، گېپىمنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلىدى بولغاي، ئۇلاپلا يەنە دېدى، — ماۋۇ ماللارغا يېتىشەلىسەك باقىلى، بولمىسا ئىگىسىگە تارقىتىۋېتىلى ئۇنى، يولنىڭ قىرغاقلىرىدىكى دەرەخلەرنى ساپلا غاجىلىۋېتىپتۇ. كوللېكتىپنىڭ نەرسىسىنى ئاسرايلى. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىلى ھە، موماي!
    ماقۇل دېدىمۇ، دېمىدىمۇ ئۇ ئۆزىمۇ بىلەلمىدى. لېكىن يولنىڭ چېتىگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان قوزا، ئوغلاقلارنى توسۇۋاتقاچ ئارقىسىغا قارىغىنىدا كەنت مۇدىرىنىڭ بايىقى جايىدا، موتسىكلىتتىن چۈشمەي تۇرۇپ، بىلەيگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ تۇرغىنىنى كۆردى. ھايال ئۆتمەيلا، يېزىدىن كەلگەن كادىرلارغا ئوخشاش تاش كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ بىر نېمىلەرنى دېگىنىنى ئاڭلىدى.
    ھالىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرەيمۇ بۇ تازەكنىڭ، دەپ پىچىرلىدى ئۇ. كېيىن گېپىمنى ئاڭلاپ قالدىمىكىن دېگەندەك ئىتتىك كەينىگە قاراپ قويدى. خۇنۈك كۆزلىرى قاپقارا گەۋدىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. كەنت مۇدىرىنىڭ »موماي« دېگەن گېپى ئۇنىڭغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. بەك بولساڭ، سەنمۇ شۇ كىچىككىنە بىر كادىرغۇ، دېدى ئۇ، بوغۇزىغا كەپلەشكەن يىغا تۈگۈنچىكىدەك بىر نەرسىنى مىڭ تەستە يۇتۇۋېتىپ تۇرۇپ، ئەمما چاناقلىرىغا يامراپ كەلگەن ياشنى يۇتۇۋېتىش ئاسان ئەمەس ئىدى، كادىر مەن دەپ، مېنىڭ ئېتىمنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك بولدۇڭما؟ مېنىڭ ئالدىمدا ئىشتانسىز چوڭ بولغان سايىت سەن شۇ. ئاچ قورساق كىرىپ قالساڭ تويدۇرغان، كاللاڭدىكى چاقا، تەمرەتكىلەرگە زېرىكمەي، سەسكەنمەي دورا سۇۋۇغان نۇرانىخان ئاپاڭ مەن شۇ. ھالا بۈگۈنگە كېلىپ ئېتىمنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ-ھە؟ داداڭ رەھمىتى ھايات بولغان بولسا، ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا مۇشۇنداق گەپنى دېيەلەرمىدىڭ. ساڭا دەرد ئېيتاي دەپ يۈرۈپتىمەن. قۇرۇپ كەتسۇن ساڭا ئېيتىدىغان دەردلىرىم، ئويلىماپتىمەن، ئەترەت باشلىقى دېگەنلەرگىمۇ سەن يەل بېرىپ يۈرۈپتىكەنسەن-دە، ئەسلىدە. بىر كۈنى يەرنىڭ گېپىنى قىلغان، بىر كۈنى مالنىڭ، يەنە بىر كۈنى قوپۇپ... مېنى ئەجەب قىيناپ كېتىۋاتىدىغۇ...
    مۇشۇ گەپنى دەپ بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپلا، مەيدىسىگە تۇرۇۋالغان يىغا تاشقىنى ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىنى تىترىتىپ چىقتى. تۈنۈگۈندىن بېرى ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇرغان نۇرانىخان مانا ئەمدى بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.
    مال پادىسى بىر خىلدا كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشمايلى دېگەندەك، كەپسىز قوزا، ئوغلاقلارمۇ ئەمدىلىكتە يولنىڭ چېتىگە قاچماي، ئانىسىنىڭ چاتىرىقىغا تۇمشۇقىنى تىقىشىپ جىمجىت كېتىۋاتاتتى. قويلارنىڭ يەرگە ئۇرۇلغان، سۈركەلگەن شاخشاقلىرىدىن رىتىملىق ئاۋاز چىقاتتى. يەردىن ئاچچىق توپا ئۆرلەيتتى. ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان سەركە — روزەك شوخ ئۇنىڭغا پات-پات ئۆرۈلۈپ قاراپ قوياتتى. ئوڭ ياندا قوي توپىغا نازارەت قىلىپ مېڭىۋاتقان قوچقار — چاۋار مۆڭ ئىگىسىگە قاراشقا خىجىل بولۇۋاتقاندەك، ئۈن-تىنسىز ھالدا بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كېتىپ باراتتى. ھەممە ئىش سىلىنىڭ مۇشۇ ياۋاشلىقلىرىدىن بولۇۋاتىدۇ چاۋاراخۇن، دېدى ئۇ، يەردىن ئۈستۈن قارىماي كېتىپ بارغان قوچقارغا قاراپ، لېكىن ئۇنىڭ قوشقارغا تىكىلگەن كۆزى باشقىچە بىر چىراينى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ چىراي ئۇنىڭغا ئايانچىلىق ھالدا مۆلدۈرلەپ قارايتتى. كىمدىندۇر ئەنسىرەۋاتقاندەك ئىككى يېنىغا ئالاق-جالاق ھالدا كۆز يۈگۈرتەتتى... دېمىسىمۇ، سىلىگىمۇ تەس... ئۇنىڭ بىردىنلا قوچقارغا ئىچى ئاغرىپ قالدى. شۇئان، ئۇنىڭ نەم چاناقلىرىغا يەنە بىر ئىسسىق ئېقىن ئۇرۇلدى. ئۇ، كونا چىت كوڭلىكىنىڭ پېشى بىلەن ئورۇق مەڭزلىرىگە ئېقىپ چۈشكەن ياشنى سۈرتۈپ باراتتى. قاچاندىن بېرى يىغىلىپ قالغان ياش ئىدىكىن، ئېرتقانسېرى تېخىمۇ كۆپ يامراپ كېلىۋاتاتتى. كونىلارنىڭ: ياش — دىل جاراھىتىنىڭ ساقىندىسى، دېگىنى راست بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشقان چاناقلىرىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقىنىمۇ دەردنىڭ، جاراھەتنىڭ تاشقىنىدۇر، بەلكىم. ئۇنىڭ ئاقارغان چاچلىرى توزۇپ، چۇۋۇلۇپ كەتكەنىدى. كونا يىپ ياغلىقى چېچىنىڭ بىر يەرلىرىگە ئېلىشىپ، ساڭگىلاپ تۇراتتى. قېشى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى بولسا جانسىز، نۇرسىز ئىدى. ئورۇق چىرايى قارىداپ، مەڭز سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققانىدى. يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى ئازاب تاشقىنى ھەر قېتىم ئۆرىدەپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى، تەن-تېنى تىترەپ كېتەتتى. مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى ئېچىلىپ، چۈشۈپ كەتكەن ئۇدۇل چىشلىرىنىڭ مېلىكلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. رەڭگىنى بىلىپ بولمايدىغان ئۇزۇن، كونا چىت كۆڭلەك، ئوشۇقىنىمۇ ياپالمىغان قىسقا تامبال ئۇنى تېخىمۇ بىچارە كۆرسىتەتتى. قارىداپ، يېرىلىپ كەتكەن پۇتلىرى بولسا ئالدىدا كېتىۋاتقان قېرى قوينىڭ شاخشىقىدەكلا قېتىپ كەتكەنىدى. مەھەللىدە كەمدىن-كەم تېپىلىدىغان مالچى، دىلى نازۇك نۇرانىخان ئانا يالىڭاياغ كېتىپ باراتتى...
    دۈ-دۈت!...
    بو-بوپ!...
    توغرا، بۇ ماشىنىنىڭ ئاۋازى. تاش كۆۋرۈك تەرەپتىن، تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەن ئاۋاز. يەنە مۇشۇ ئاۋاز ھە دېگەندىلا ئانىنى چۆچۈتۈپ، قورقۇتۇپ تۇرىدۇ. ماڭغاندىمۇ، تۇرغاندىمۇ، ھەتتا يىغلىغاندىمۇ ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلايدىغىنى بۇلا ئەمەس. مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سايىت داققالغا ئوخشاش تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ تۇرۇپ، ھېلىقى بىلەيگە ئوخشايدىغان نەرسىسىگە گەپ قىلىدىغان كادىرلار بەك جىق. ئۇلارنىڭ ئاۋازى نۇرانىخان ئانىغا دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ:
    — ... ۋەي، ئامال قىلىلى ئاداش، يېزا باشلىقى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇۋالدى. سىلى ئىشخانا مۇدىرى بولغاندىكىن، ھاكىم بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار ياخشى. نېمە كەتسە مەيلى، ماڭا بىر ياردەم قىلىڭلار جېنىم ئاداش. تاش كۆۋرۈككە كەلمىگۈچە تېلېفون تارتمايدىغان بۇ نەس مەھەللىدە جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى. سىلىدىن ئۆتۈنەي، ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا خۇش بولۇپ كېتەي!...
    — ھە... ھە... مەھەللە مۇدىرى، ئۇ، بۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تاماخور بىر نېمىلەر. نەدە ھاراق باركىن دەپ پۇراپ تۇرىدۇ. سورۇنىڭنى قورقماي تۈزۈۋەر. ماۋۇ كەنتتىكى ھاراقكەش چوشقىلارنى ئېلىۋالىمەن. تازا مەست بولغاندا تالوننى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىمىز. ماۋۇ نېمىلەر خوتۇن كىشى قوشۇلغان سورۇننى بەك چوڭ بىلىشىدۇ. بولسا، ئاۋۇ زۆھرە، ھۆرىيەت... دېگەنلەرگە خەۋەر قىلىپ قوي. ئۆزلىرىمۇ، دوستلىرىمۇ نېپىز كىيىنىپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن كەلسۇن، تازا يەپ-ئىچىپ، ئاندىن...
    قارشى تەرەپتىكى نامەلۇم بىرىنىڭ قولىدىمۇ بىلەيگە ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلايدۇ نۇرانىخان ئانا. شۇئان ئۇنىڭغىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولىدۇ. خوتۇن كىشىنىڭ ئاۋازى، رومكا ئاۋازى، چوكىنىڭ ئاۋازى؛ يەنە تېخى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى، رەڭگارەڭ ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن، كىمنىڭدۇر مەستلىكتىن، توقلۇقتىن ھۆركىرىگەن ئاۋازى...
    ئانا تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەن ئاۋازلارنى ھەر قېتىم ئاڭلىسا چۆچۈپ، ئەندىكىپ كېتەتتى. ھەتتا، ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان قوي پادىسىمۇ ئانا ئاڭلىغان ئاۋازدىن چۆچۈيدىغان بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى ئاۋاز كۈچەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ توپى شالاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇلار تاش كۆۋرۈككە بارمايتتى. ئانىمۇ تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتمىگىلى ئۇزۇن بولغانىدى.

    2

    تاش كۆۋرۈك — راستتىنلا ئاجايىپ بىر كۆۋرۈك. ئۇنىڭ كىم تەرىپىدىن سېلىنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا باغلانغان خەۋەرلەرنى ئاڭلىمىغانلار يوق.
    بىر چاغلاردا، شور مەھەللە خامانلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن لاي-لاي ئاۋازلىرى تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگىچە ئاڭلىناتتى. مانا ئەمدى تاشكۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ماشىنىلارنىڭ دۈت-دۈتلىگەن ئاۋازلىرى شور مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزىدىغان بولدى.
    جىددىي خەۋەرلەرنى ئېلىپ ماڭغان چاپارمەنلەرنىڭ ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەنلىكى تاش كۆۋرۈكنىڭ ئېسىدە. ئەمدىلىكتە كىشىلەر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەي تۇرۇپلا، قۇلاققا بىر نەرسىنى تۇتۇپ ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان بولدى. ھەممىنىڭ ئېسىدە، ئىلگىرى نەچچە-نەچچىلىگەن قىز-يىگىت ئاتا-ئانىسى توي قىلىشقا قوشۇلمىغىنى ئۈچۈن تاش كۆۋرۈكتىن سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغانىدى. تېخى يېقىندىلا مەھەللىنىڭ چىرايلىق بىر قىزى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، خەقنىڭ كۆزىچىلا تاش كۆۋرۈكتىن تاشلىۋەتتى.
    تاش كۆۋرۈككە باغلانغان يېڭىلىقلار كۆپ ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى تاش كۆۋرۈكتىن سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋالىدىغانلارنىڭ خەۋىرى مانا ئەمدى زادىلا ئاڭلانمايۋاتاتتى...
    تاش كۆۋرۈك — ئاجايىپ كۆۋرۈك ئىدى. ئۇ، ئۆزىگە باغلانغان خەۋەرلەرنى يىراق-يىراقلاردىن بۇ تەرەپكە، ھەتتا نۇرانىخان ئانىنىڭ قۇلىقىغىچە ئۇچۇرۇپ كېلەتتى. قوڭغۇز پىكاپلارنىڭ كۇشۇلداپ توختىغان ئاۋازى تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كېلەتتى. پۇزۇر كىيىنگەن گەۋدىلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى، چوكىلارنىڭ تەخسىلەرگە تەگكەن ئاۋازلىرى، زىل كۈلكە ۋە توم كېكىرىكلەر... ھەممىسى تاش كۆۋرۈكنىڭ نېرىقى تەرىپىدىن ئاڭلىناتتى. تاش كۆۋرۈككە بارمىسىمۇ، ئۇنىڭدىن قېچىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، لېكىن ئانا ھەممىسىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

    3

    ئانا يېقىندىن بۇيان قۇلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېچىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتى. كۆزىدىن ئايرىسىمۇ ھاسىسىدىن ئايرىمايدىغان خۇدايىم، بارلىق سەزگۈرلۈكنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. كۆز ئوبدان كۆرمىسىمۇ، قۇلاق ياخشى ئاڭلىسا، خەق كۆرگەننى ئاڭلىسا، باشقىلار ئاڭلىمىغاننىمۇ ئاڭلىسا كىمنىڭ ئارمىنى! كۆزىنىڭ غۇۋالىشىپ كېتىشى ئانىنىڭ ئازابىنى ئېغىرلاتماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ھەممىلا نەرسە غۇۋا كۆرۈنەتتى. خۇدايىم، ئۆزۈڭ ساقلا خۇدايىم! ... مەھەللىدىكى تېنىگەنلەر يەرنى تارتىۋالىمىز دەپ ئاران تۇرغاندا، كۆزۈم تۇتۇلۇپ قالسا قانداق قىلارمەن. ئۇ قاتقان قوللىرى بىلەن ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويدى. مەدەت تىلىگەندەك مال پادىسىغا، قوچقارغا قارىدى. ئاھ، قېنىدۇ، نەگە كەتكەندۇ بۇ چاۋاراخۇن؟ ئۇ ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى. قاقشالدەك پۇتلىرى بىلەن توپا توزىتىپ، سانجىلىپ تۇرغان شوخا-تىكەنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي پادا ئارىسىغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇنىڭ قۇلاشمىغان يۈگۈرۈشلىرىدىن قوي-قوزىلارمۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭچە، قوچقار يوقاپ كەتسە بولمايتتى. كۆز ئالدىدىكى مالنىڭ ھەممىسى يىتكەن ھالەتتىمۇ، قوچقار ھېچيەرگە كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. يائاللا، ئادەمنى مۇنداق قورقاتمىسىلا-يا، چاۋاراخۇن، پادىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر ساغلىقنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئاستىغا تۇمشۇقىنى تىقىپ كېتىۋاتقان قوچقارنى كۆرۈپ شۇنداق دېدى ئۇ تىترەك ئاۋازدا، ھاسراپ تۇرۇپ. ھېلىمۇ، ھە دېسىلا قېچىپ يۈرۈلا، كۆڭلۈم بەك يېرىم، چاۋاراخۇن...
    — مېنىڭمۇ شۇ...
    شۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى نۇرانىخان ئانا، شۇئان ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق يىغا تۇتۇپ كەتتى. تۈنۈگۈندىن بۇيانقى دىل غەشلىك مۇشۇ ئەمەسمىدى. كېچىدىن بېرى ئۇخلاتمىغان كۆڭۈل دەردى مۇشۇ ئەمەسمىدى!
    شۇنداق دەيدىكەنلا... — خىيالىدا، يىگىتكە ئەركىلىگەن قىزلاردەك چىرايىنى پۈرۈشتۈردى ئانا، — شۇنداق دەيلا-يۇ، يەنە مەندىن قېچىپ... ئۇنداق قىلمىسىلا چاۋاراخۇن، ئىگىسى يوق ئادەمنى ھەممە كىشى بوزەك قىلىدىكەن. ئۇزۇن بولدى قېتىق ئىچكىلىمۇ كىرمىدىلە. ئۆتكەنكى ئىش ئۈچۈن مەندىن خاپا بولۇپ قاللىمۇ-يا؟ پەقەت خاپا بولمىسىلا، ئۇ ئىش ئۈچۈن مەنمۇ بەك خىجىل، چاۋاراخۇن... ئۆچكىنى ھازىرمۇ سېغىۋاتىمەن. ھەر كۈنى يوللىرىغا قاراپ... ئىسمىنى چاۋاراخۇن قويۇۋالغان ھېلىقى قوچقارنى سىيلاپ كېتىمەن، ئۇنىڭغا قاراپ كېتىمەن...
    مال پادىسى بىر خىلدا كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سۇس، ئەمما ئاچچىق توپا ئۆرلەيتتى. ئاچچىق سېزىم قېتىدا كېتىۋاتقان ئانا، ئاشۇ توپىغا پۈركىنەتتى، قوي مايىقىنىڭ پۇرىقى ئارىلىشىپ كەتكەن ئاشۇ تونۇش توپىنى ئۈن-تىنسىز سۈمۈرەتتى...
    ... شۇ كۈنىمۇ ھاۋا تۇتۇق ئىدى. ئەلياتقۇ ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئانا زادىلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. بارچىسىدىن، ئىككى بالىغا ئاتا بولغان ئوغلى خۇدابەردىنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقى ئۇنى ھەممىدىن بەك قىينايتتى. نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ بۇ بالا، چوڭ بولسام سىزنى ھەرەمگە ئاپىرىمەن، مۇرادىڭىزغا يەتكۈزىمەن دەيدىغان. مانا ئەمدى چوڭ بولۇۋېلىپلا... قېرىغاندا ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىسەن دەيدۇ. ئەرگە تەگمىسەم، دادىسىدىن قالغان ماۋۇ بەش مو يەرنى قانداق تېرىيمەن؟ مال ئىگىلىرى ئۇ يەرگە قاچان قوش سېلىپ بىرەر، قاچان ئورمىسىنى ئورۇپ بىرەر دەپ خەققە تەلمۈرۈپ يۈرۈۋېرىمەنمۇ؟ ئەرگە تېگىمەن دەپ مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكمە، گېپىمگە ئۇنىمىساڭ، ئۆيدىكى ئۈچ ساقلاندىنى ساڭا تاشلاپ بېرىپ، بېشىم قايغان تەرەپكە چىقىپ كېتىمەن دەيسىنا تېخى، بالا بېقىش تەس كەپتۇ-دە، ساڭا. سېنىمۇ شۇنداق تەستە باققان بالام. قېرىغاندا ئەرگە تېگىش گۇناھ بولسا، رەھمەتلىك داداڭنى تىرىلدۈرۈپ ئەكىلىپ بەرگىنە ماڭا، شۇ قەدىناسىم بىلەنلا ياشاپ ئۆتەي، ھايات چېغىدىكىدەك، نۇرانىخان دېگەن ئېتىمنى ئۆزگەرتىپ ناۋاتخان دېسۇن. مەن: قېرىغىنىنى تۇيمايدىغان بومبۇر ساقال، بەزنىڭ مەرىدىن كېچەلمەيدىغان چاپاق مۈشۈك دەي ... لېكىن، لېكىن... بالام، مەن سەندىن رەنجىدىم، چاۋاراخۇنغا چۈشسەم يامان يەرگە چۈشمەيتتىم. يامان ئادەم ئەمەستى ئۇ. ئۇ دېگەن... يەنە تېخى يەر ھەققىدە گەپ قىلسام نېمە دېدىڭ سەن خۇدا بەردى، ھە؟ ئۇنتۇپ قالمىدىم. ھېچ تەپ تارتماي: يەرنىڭ ھەممىسىنى ئەترەتكە ئۆتكۈزۈۋېتىلى دېدىڭ. راست شۇنداق دېدىڭ! مەن سەندىن شۇنى كۈتكەنمىدىم؟ شۇنداق جاۋاب بېرەر دەپ ئويلىغانمىدىم بالام. ھېچبولمىسا ئۇنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇڭ، بىرەر ئامالى بولۇپ قالار، دېسەڭمۇ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ، بېشىم ئاسمانغا يېتەتتى. مەن تىرىشىپ بېرىمەن دېمىسەڭمۇ بولاتتى. لېكىن سەن، مەن ئويلاپ باقمىغان گەپنى قىلىپ سالدىڭ، مېنى بەك رەنجىتتىڭ بالام. يەر دېگەننى بەش پاتمان يىغىۋېلىپ نېمە قىلىدۇ، ئۆتكۈزۈۋېتىلى دېدىڭ. ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ. داداڭنىڭ تاپىنى تەگكەن يەر بۇ. يەنە كېلىپ، يەر كۈندىن-كۈنگە قىسىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ... دەپ يېلىنىپ چۈشەندۈردۈم. سەن: ئۇنداق بولسا، ھېلىقى ھۆددىگەرگە ھۆددىگە بېرەيلى. باشقىلارمۇ بېرىۋاتىدىغۇ، دېدىڭ. يەرنى ھەرگىز قولدىن چىقارمايمەن. داداڭ دەيدىغان: يەر ئالتۇن قوزۇق، دەپ. يېرى يوق ئادەم ئادەم ئەمەس، دېدىم. سەن ھۈرپەيدىڭ. قاپىقىڭدىن مۇز ياغدۇرۇپ تۇرۇپ: ئۇنداق بولسا، ئاشۇ ئالتۇن قوزۇقتىن كېچە-كۈندۈز ئىنجىقلاپ يۈرۈپ ئالتۇن، يامبۇ قېزىڭ، لېكىن، لېكىن... ھېلىقىدەك گەپنى (ئەرگە تېگىدىغان گەپنى دەۋاتقانلىقىڭ ماڭا ئايان) قىلسىڭىز... سىزدەك ئانام يوق، دېدىڭ. مۇشۇ گەپنى سەن دېدىڭمۇ، ئويلاپ دېدىڭمۇ، خۇدايىم بەرگەن بالام! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولسام بۇنداق گەپنى قىلمايتتىم. سىزدەك ئانام يوق دېگەن گەپنى زادىلا دېمەيتتىم، بالام. ئانىغا شۇنچە ئاسان تويۇپ قالىدىغان گەپمۇ؟ ياق، مېنىڭ ئانام يوق، مەن ئانىغا قانماي ئۆتكەن ئادەم بالام. بولسا، مەندىن بەتتەر تۇل خوتۇن بولسىمۇ، ئېلىشىپ قالغان بولسىمۇ مەڭزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ «ئانا» دېسەم، لېكىن... مېنىڭ ئانام يوق. رەنجىتمەي دېسەممۇ ئانام يوق، بالام، ئەمما... سەن مېنى رەنجىتىپ قويدۇڭ، شۇ چاغدا قورسىقىم ئاچ ئىدى، مالنى سولاپلا تۇرغان ئىدىم. بىر توغرام نان، كىچىككىنە بىر بۇردا كۆيۈك نان كۆزۈمگە ئوت كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بالام. مەن سېنى بىلمىدىم. ھېچ بىلمىدىم!
    ئۇ راستتىنلا بىلەلمەيۋاتاتتى، ئوغلىنىمۇ، بۇ تەتۈر جاھاننىمۇ. دېمىسىمۇ قانداق تەتۈرلۈك بۇ؟ ئۆز خوتۇنىنى تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئاپىرىپ ھاراق ئىچىشنى ئۆگىتىپ كەلگەنلەر، يۈزى ئېچىلمىغان قىزلىرى يەنە شۇ تاش كۆۋرۈكنىڭ نېرىسىدا يات ئەرلەر بىلەن تۇتۇلۇپ قالغانلار... نىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتمەي، بىر ئەرنىڭ پېشىگە ئېسىلاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىلىرىنىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتسە-ھە! قۇرۇپ كەتسۇن. ھەممىسى قۇرۇپ كەتسۇن!...
    ئۇنىڭ ئاۋازى سىرتقا چىقىپ كەتتىمۇ نېمە، قاشا ئىشىكنى بېقىپ ياتىدىغان قانجۇقى تۇيۇقسىزلا قاۋاپ توختاپ قالدى. شۇئان ئۇنىڭ يۆتىلىمۇ قىستاپ كەلدى. مەيدىسى خىرقىراپ، گېلى بوغۇلدى. يۆتەلگەنسېرى ئۇنى قورقۇنچ باسقىلى تۇردى. مۇشۇ پېتى جېنى چىقىپ كەتسە نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق-ھە؟ ئوغلى ئۇنى يوقلاپ قويمىسا، قېرى قانجۇقىدىن باشقا ھېچكىمى بولمىسا... ئۇنىڭ جەسىتى قۇشقاچ ئۇۋىلاپ كەتكەن مۇشۇ ئۆيدە كۈن-كۈنلەپ تۇرۇپ كەتسە... خۇدا ئۆزۈڭ بار، ئاسان ئاغرىق، ئاسان ئۆلۈم نېسىپ قىلارسەن!
    قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، قايسى چاغ بولدى بىلىپ بولمايتتى. ئالىقانچىلىك تۈڭلۈكتىن تۇتۇق ئاسماننىڭ خىرە يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قوتاندىكى قايسىبىر پاقلان مەرەپ قويدى. قايسىدۇر بىر قوي يەنە بىرلىرىنى گۈرسۈلدىتىپ ئۈستى. بىر-بىرلىرىنى قوغلىشىش، گۈپۈرلىشىش ئەۋجىگە چىقتى... خەپ، مۇشۇنداق چاغدا بىر ئەركىشى بولسا-ھە. ئۇ، قوتاندىكى قوي-قوزىلارنى يوقلاپ كىرمەك بولدى. مۇشۇنداق چاغدا يوقلاش زۆرۈرلۈكىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. بىرەر ساغلىق تۇغۇپ قېلىش مۇمكىن ئىدى. بىرەر قوزا-ئوغلاقنى چوڭ قويلار دەسسىۋەتمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايتتى. يوچۇن ئادەمنىڭ قويلارغا تېگىپ قېلىشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. يەنە كېلىپ، شۇنداق چاغدا قويلار ھەر قاچانقىدىن بەكرەك گۈپۈرلەيتتى...
    ئۇنى سەل قورقۇنچ بېسىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ سىرتقا چىقمىسا بولمايتتى. ئوغرى دېگەننىڭ ھۈنىرى تولا. بىر پارچە نان بىلەنلا ئىتنى قاۋىماس قىلىۋېتەلەيدۇ. ئالىمادىس قويدىن بىرەرىنى ھەيدەپ كەتسە... بىسمىللاھىرراخمانىررەھىم! ئۇ تەكىيە ئاستىدىكى قىڭغىراقنى پەم بىلەن قولىغا ئالدى. سول قولى بىلەن يوتقاننى ئاستا قايرىدى. يۈرىكى نېمىنىدۇر تۇيۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاھ، يالغۇزچىلىق!... ئۇ كاڭدىن تاپسىغا چۈشەي دەپ تۇرۇشىغا، ئۆگزىنىڭ تۈڭلۈككە يېقىنلا يېرىگە گۈپ قىلىپ بىرنەرسە چۈشكەندەك بولدى. ئۇنىڭ يۈرىكى كۆكرىكىنى يېرىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. نەپىسى قىسىلدى. ئوغرىنىڭ ئىتقا تاشلىغان نەرسىسى ئۆگزىگە چۈشۈپ قاپتۇ-دە، دەپ ئويلىدى ئۇ. خەير، شۇنداقتىمۇ چىقاي، بەك بولمىسا، ئادەم بارمۇ، دەپ ۋارقىراي...
    ئۇ جالاقلاپ تىترىگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئىتمۇ قاۋاپ كەتتى.
    — نۇرانىخان... نۇرانىخان!
    ئۇ، ھاڭ-تاڭ قالدى. توخۇ كاتىكىدەك پاكار ئۆگزىدە چاۋار ھامۇت، ھېلىلا خىيال قىلغان چاۋىراخۇن بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇراتتى. كېچە قاراڭغۇسى بولسىمۇ، ھاۋا تۇتۇق بولسىمۇ ئانا ئۇنى كۆرەلەيتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى پەرقلىق، بەك-بەك... تونۇش ئىدى.
    ھاۋا تۇتۇق، ئىت ئاچچىق قاۋايتتى...
    — قېرىغاندا نېمە قىلىق بۇ، چاۋىراخۇن؟ — ئۆيگە كىرىپ داستىخان راسلاپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى ئانا، قاپىقىنى يالغاندىن تۇرۇپ، — بىر بولسا ھەپتە-ھەپتىلەپ يوقاپ كېتىلا، بىر بولسا كىچىك بالىدەك ئۆگزىگە يامىشىپ...
    — ئاۋالەم بار ئاۋۇ ئىتنىڭ ئاغزىنى ئەتسىلە دەيمەن نۇرانىخان. خەقلەر تۇيۇپ قالىدۇ، — ئۇ، داستىخاندىن بىر توغرام ناننى ئېلىپ ئىشىكتىن سىرتقا ئاتتى. شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپلا نۇرانىخان ئانىمۇ بىر توغرام تاشلىدى، — ھە، مۇندىغە، قورققانسېرى يامان ئىتقا ئۇچراپ قالىمەن. ئۇدۇل كىرەي دېسەم، ئىتتىن قورقتۇم. شۇڭا پەم بىلەن ئارقا تەرەپتىن يامىشىپ ئۆگزىگە چىقىۋالدىم. سىلىنى كۆرگۈم كەلدى... ھامان بىر كۈنى ئىتقا يەم بولىمەنمىكىن دەيمەن. ھە راست، ياش بالىلاردەك ئىش قىلىپ قويدۇم-ھە، بۈگۈن. نۇرانىخان.
    — بىر دېمىسىلە، تاغ ئاتلىغان تاھىردەك، دەريا كەچكەن غېرىبتەك...
    — قانداق قىلىمەن، كۈندۈزى چىقالمىسام. نەچچە كۈندىن بېرى ئانچە گەپ قىلماي يۈرەتتى. نېمە بولدىكىن، مۇشۇ يېقىندىن بۇيان مېنى بەك چىڭ تۇتىدىغان بولۇپ قالدى ئۇ بالا. نۇرانىخاننىڭ قېشىغا ئازراق يۈگۈرۈڭ، مەھەللىدە مېنىڭ يۈزۈمنى قويۇڭ دەيدۇ كۆرسىلە. تېخى قايسى كۈنى، گېپىمگە كىرمىسىڭىز ئۆيگە سولاپ قويىمەن دەپ قورقۇتتى. مەھەللىنى سىزگە تاشلاپ بېرىمەن دەپمۇ قوقاق سالىدۇ بەزىدە. ئانىسى رەھمەتلىك بار چېغىدا بۇنداق ئاچچىقى يامان بالا ئەمەستى، نېمە بولدى مۇشۇ يېقىندا...
    — بىزنىڭ خۇدابەردىمۇ شۇ.
    — خۇدايا توۋا، خۇدايا توۋا!...
    ئارىنى جىمجىتلىق باستى. بىر ھازادىن كېيىن يەنە نۇرانىخان ئېغىز ئاچتى.
    — ھە، تۈگىتىپ ئىچىۋەتسىلە. بۈگۈنلا ئۇيۇتقان قېتىق، — دېدى ئۇ، چاۋىراخۇن ئاشۇرۇپ قويغان قېتىقنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ تۇرۇپ، — ئۈلۈشكۈنمۇ، تۈنۈگۈنمۇ ئۇيۇتقان، سىلىنى كىرىپ قالامدىكىن دەپ...
    — رەھمەت.
    — ۋاي، كۆنەلگىسىنى ئاشۇرۇپ قويۇپلىغۇ يەنە. تويۇمدا يامغۇر يېغىپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتاملا؟
    — ئىككىمىزنىڭ بېشى قوشۇلىدىغانلا ئىش بولسا، ھېلىغۇ يامغۇر ئىكەن، تاش ياغسىمۇ مەيلىدى نۇرانىخان. ماقۇل. بۇنىمۇ ئىچىۋېتەي، قېتىقلىرى بەك تاتلىق جۇمۇ سىلىنىڭ...
    — ئەمدى بىلدىلىما ئاران؟
    — بىلىپ قالارمىز...
    ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشتى.
    — زادى قانداق قىلارمىز مۇشۇ ئىشنى، نۇرانىخان؟ — ئاخىرى نەق گەپتىن ئېغىز ئاچتى چاۋارھامۇت، — بالىلار ئەسلىي قوشۇلمىسا، تۆت ئادەمنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك نەرسە تېخى بولمىسا...
    — كۆپ بولمىسا، ئاز قىلارمىز، بارىنى قىلىپ تۇرارمىز. مانا كۆردىلە، ئۆچكە بىرنى تۇغۇپ بەردى. خۇدايىم بۇيرۇسا يىل ئاخىرغىچە يەنە بىرنى تۇغۇپ بەرسە خېلى بىر نەسىگە ياراپ قالىدۇ. يەنە تېخى ئىككى-ئۈچ چارەك بۇغدايمۇ يىغىپ قويدۇم، يەردىنمۇ ئاز-پاز چىقىش قىلىپ قالار. قولۇمدىكى مالنى كۈزگىچە بېقىپ بەرسەم ئىگىلىرىمۇ قاراپ تۇرماس. ھېلىمۇ جېنىمغا خېلى ئەسقىتىۋاتىدۇ ئۇلار. شۇنداقتىمۇ بىركىمگە بويۇن قىسمىساق، قولۇمدىكى يەرنى ئىككىمىز تېرىپ قالساق، چاۋىراخۇن...
    — ۋاي مېنى ئويلىمايدۇ دەمدىلا شۇنى، كېچە-كۈندۈز شۇ غەمدە. كۆزۈم تۆت دېسىلە... لېكىن... لېكىن، ھەرقانداق قىلسام مەن دېگەن ئەر دېسىلە، ھەممىنى سىلىگە ئىتتىرىپ قويسام بولمايدۇ، مەنمۇ ئامالىنى قىلىۋاتىمەن... ئالدىراۋاتىمەن... ئەممازە، ئىككى بالىنىڭ ئىشىنى قانداق قىلارمىز زادى؟
    — ئارىغا ئادەم قويىلى.
    — بىزنىڭ تەرسا بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمايدۇ.
    — ئۇنداقتا، مەن كادىرلارغا دەي، — سەل قىزىرىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى، نۇرانىخان، — بىز ئوغرىلىق قىلمىدۇق، ئادەم بۇلىمىدۇق.
    — راست دەيلا، ئادەم بۇلىمىدۇق!
    شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، قاياقتىندۇر بىر توخۇنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. بۇ ئاۋاز چاۋار ھامۇتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.
    — مەن چىقاي، نۇراخانىخان، — دېدى ئۇ، ئىلداملا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، — ئاۋۇ بالا ئويغىنىپ قېلىپ يەنە ئىش تېرىمىسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالاڭ تامبىلىمنى كېسىپ نەۋرە بالىغا ئىشتان قىلىپ بېرىۋېدى، تامبالسىز قالدىم. سىزگە يېڭىدىن تىكتۈرۈپ بېرىمەن دەيدۇ، ھېچ ئېشىنالمايدۇ. ياز ۋاقتى پاختىلىق تامبالنى كىيىۋەرسىمۇ ئېغىر كېلىدىكەن ئادەمگە، شۇڭا بايا ئاۋۇ بالىنىڭ تامبىلىنى كىيىپ چىقىۋېدىم. ھېلى ئويغىنىپ قالسا چاتاق بولمىسۇن. خوش، شۇنداق قىلىلى ئەمىسە، ئاۋۇ ئىتلىرىنى توسىسىلا دەيمەن... ھەممە خەقنى ئويغىتىۋېتىدىغان بولدى-دە، ئەستا...

    4

    مەن سىلىگە چوقۇم بىر تامبال تىكىپ بېرىمەن.
    يەنە ئۆز ئورنىغا — پادىنىڭ ئوڭ يان تەرىپىگە كېلىپ قالغان قوچقارغا قاراپ شۇنداق دېدى نۇرانىخان. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئۇنى كۈلكە قىستاپ كەتتى. توپا باسقان ياغاق يۈزى پۈرۈشتى.
    لېكىن... لېكىنزە، ئەر كىشى تۇرۇپ ئىتتىن قورققانلىرى قىزىق-دە، سىلىنىڭ. ئىت دېگەن قورققانسېرى يامىشىدىغان نەرسە، يەرگە بىر ئېڭىشسىلە قاچمامتى... ھېچبولمىسا، ئولتۇرۇۋالسىمۇ قورقۇپ ھېچنېمە قىلالمايتتى ئەمەسمۇ... ئانىنىڭ كۆڭلى سەل كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشاتتى. چەتتە كېتىۋاتقان قوچقارنىڭ يانپىشىنى يېنىش-يېنىشلاپ سىلاپ قويغۇسى، شۇ ئارقىلىق چاۋار ھامۇتنىڭ ئاغرىقىغا ئازراق بولسىمۇ دال بولغۇسى كېلەتتى. شۇغىنىسى... بۇ، قوچقار ئىدى. چاۋار ھامۇتنىڭ ئۆزى بولسا ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى. ئۆيدە ۋايجانلاپ ياتقاندۇ. ئوغلىنىڭ تاپا-تەنىسىنى ئاڭلاپ، ئۆيىدىن چىقالماي تۇرغاندۇ ۋە بەلكىم...
    شۇ كۈنى كەچتە ئىت بەك ئاچچىق قاۋاپ كەتتى. نۇرانىخان ئانا شاخ ئىشىكنى بېقىپ ياتقان قانجۇقنى ھويلىنىڭ چېتىگە ئاپىرىپ بوينىدىن مەھكەم تۇتۇپ تۇردى.
    — خوش. يەرنى چوقۇم ئىككىمىز تېرىيمىز، — دېدى چاۋارھامۇت شاخ ئىشىكتىن ئىلدام چىقىپ كېتىۋېتىپ، پەس ئاۋازدا.
    — دېگەنلىرى كەلسۇن، خۇداغا ئامانەت!
    چاۋار ھامۇتنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى يىراقلاپ كەتتى. ئەمما، ئىت قاۋاۋەردى. ئۇشۇ قەدەر غالجىرلاشتىكى، نۇرانىخاننىڭ يالىڭاياغ پۇتىنى ئاغرىغۇدەك چىشلىدى. ئانا ئۇنى قويۇۋەتتى. قانجۇق ھويلىنىڭ شاخ ئىشىكىدىن بوراندەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى. چاۋار ھامۇتنى خېلى ئۇزاپ كەتتى دەپ ئويلىغانىدى ئانا، لېكىن، ئىتنىڭ بىر نەرسىنى بوغۇشلىغان چاغدىكى ئاچچىق قاۋىشى، چاۋار ھامۇتنىڭ ئەس-ھوشىنى ئۇنتۇغان ئادەمدەك قاتتىق ۋارقىرىشى نۇرانىخان ئانىنى ئۆتە-تۆپە قىلىۋەتتى. بۇ ئىتنىڭ ماراپ چىشلەيدىغان ئەيىبى بار ئەمەسمىدى. ۋاي ئىسىت، 70 دىن ئاشقان شۇ ئادەمنى تالىۋەتتى بولغاي. ئۇ ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي سىرتقا چاپتى. چاۋار ھامۇت ئىچىنىشلىق ۋارقىرايتتى. ئادەم بارمۇ دەپ توۋلايتتى. ئىت بولسا، دۈملا يىقىلغان چاۋار ھامۇتنىڭ بېلىنى، سۆڭگۈچىنى، يانپىشىنى ...چىشلەپ تارتاتتى...
    بىر قانچە ئىشىك غىچىلداپ ئېچىلدى، ئادەملەرنىڭ گۈدۈڭشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
    — يۈرسىلە، ئىتنىڭ چىشى پاتقان يەرگە خېمىرتۇرۇچ چاپلاپ قوياي، — دېدى، ئىتنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتكەن ئانا بوش ئاۋازدا يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
    — بولدى چاپلىمايلى. ۋاييەي، ۋايجان! ئادەم كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مەن مېڭىۋالاي... ھېلى ئاۋۇ بالا ئويغىنىپ قالمىسۇن...
    — سەت ئىش بولدى، خاپا بولۇپ قالمىسىلا، پەقەت خاپا بولمىسىلا...
    نۇرانىخان ئانا ئىختىيارسىز ھالدا قوچقارغا قارىدى. ئۇ، ئىت چىشلىۋالغان يانپېشىنى سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. قانچە قىينالغانلا، بىچارە چاۋىراخۇن... قوچقارغا قاراپ تۇرۇپ، خىجالەت بولغان ھالدا لېۋىنى چىشلىدى ئانا، تامباللىرىمۇ تىتما-تالاڭ بولۇپ كەتتى. ئوغۇللىرى قانچە تىللاپ كەتكەندۇ سىلىنى. تامبالنىغۇ تىكىپ بېرەرمەن. لېكىن ئاشۇ بالىلارنىڭ پوقى تېخىمۇ قېتىپ قالماسمۇ ئەمدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەل-جامائەت بىلىپ كەتتى شۇ كۈندىكى سەتچىلىكنى... خۇدايىم توۋا، بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكودىن يا كەتتى، دېگەندەك... ئىشىمىز خېلى يېقىنلاشتى دەپ خۇش بولسام، بۇ ئىش چىقتى ئەمدى. نېمە نەسچىلىك، نېمە كېلىشمەسلىك بۇ بىزگە... بىردەم جىمجىت ماڭغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىگە كەلدى ئۇ، ئەمما... ئەمما شۇنداقتىمۇ دېمىسەم بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىشىمىزنى كادىرلارغا چوقۇم دەيمەن... كادىر دېگەن ئىسىمنى ئېغىزىدىن چىقىرىش بىلەن تەڭلا، بايىقى ئۇنى قورقۇتۇۋەتكەن چىرقىراق ئاۋاز يەنە ئاڭلانغاندەك بولدى. بۇلا ئەمەس ھەممىلا ئاۋاز ئاڭلاندى.
    نۇرانىخان دېگەن مۇشۇ خوتۇننىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، باشقا ئادەمگە ئېلىپ بەرمىسەك بولمىدى. يا باشقىلار بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا تېرىيالمىسا، يا ۋاقتىدا يىغالمىسا...
    «بەشتە كېپىللىك ئائىلە» بۇلۇڭ-يۇ، يەنە بەش مو يەر تېرىڭ. قانداق دېگەن گەپ بۇ؟ خېلى-خېلى ئادەمنىڭمۇ بەش مو يېرى يوق ھازىر، يېقىندا كەلگەن ھۆددىگەر يەنە ئازراق يەر بولسا بولاتتى دەۋاتقان، شۇنىڭغا بېرەيلى بۇ خوتۇننىڭ يېرىنى. ئاۋۇ رېستورانغا ئاپىرىپ مېھمان قىلغان، ھەممىمىزنى غەرق مەست قىلىۋەتكەن ئاداشچۇ؟ بۇ خوتۇننىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. «بەشتە كېپىللىك ئائىلە» بولسىلا دەپمۇ ئۇنىتالمايۋاتىمەن ئۇنى، ئىشىككە چاپلايدىغان ھېلىقى «بەشتە كېپىللىك ئائىلە»لىك بەلگىسىنى مەن مىخلايمەن، ئۇ خوتۇن ئېلىپ تاشلىۋېتىدۇ. ھېچ توختىتالمىدىم. تېخى ئۈلۈشكۈنمۇ بۇ توغرىدا بىر مۇنچە چالۋاقاپ قالدىم. گېپىنىڭ سېسىقلىقى... قانداق خېتى بار بەلگىنى چاپلىغۇسى باركىن ئۇنىڭ.
    ئانا ھەممىنى ئاڭلىدى. ئۆزى ھەققىدىكى گەپلەرنى قانداقمۇ ئاڭلىماي قالسۇن.
    كېيىنكى كادىرنىڭ گېپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاڭلانغاندەك بولدى. ئىككى كۈندىن بېرى ئۇنى ئازابلاپ كەلگەن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا دېيىلگەن گەپلەرنى ئۇ نېمىشقا ئاڭلىمىسۇن؟
    ... شۇ چاغدا، ئانا مالنى ئەمدىلا سولاپ تۇراتتى. پايلاپ تۇرغاندەكلا شاخ ئىشىك تۈۋىگە بىر گەۋدە پەيدا بولدى. ئۇ، ئانىنىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرىگە بىردە تونۇشتەك، يەنە بىر قارىسا زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئادەمدەك كۆرۈندى. ئۇ، نېمە ئادەمدۇ دەپ بولغۇچە، ھېلىقى گەۋدە ھويلىنىڭ شاخ ئىشىكىنى ئاچتى ۋە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دېگەننىڭ ئورنىغا:
    — ئىشىكتىكى بەلگىنى يەنە ئېلىۋېتىپلىغۇ؟ — دەپ كىردى.
    — ئېلىۋەتتىم، — دېدى ئانا، چاۋاراخۇننى چىشلىۋالغان دۆت ئىت ئەمدى نەگە كەتكەندۇ دېگەندەك ئەتراپىغا قاراپ قويۇپ، — سۇپىغا كەلسىلە.
    قانجۇقنىڭ ھېكايىسى بۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن بولسا كېرەك، قولىغا يوغان بىر تاياق ئېلىۋالغانىدى. ئەلپازىدىن بۇنداق قانجۇقلاردىن قورقمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. شۇنى بىلگەندەك ئىتمۇ ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى.
    — ئۆيلىرى كىچىك بولغان بىلەن پاكىز تۇتۇپلا بولمىسا، — دېدى ھېلىقى كىشى، قوغۇنلۇقنىڭ ساتمىسىدەكلا ئاددىي، قىڭغىيىپ قالغان ئۆيگە سىنچىلاپ قارىۋېتىپ، نۇرانىخان تېخى قايسى كۈنىلا ئۇنىڭ ئالدى تېمىنى چوتكىدا ئاقارتىۋالغانىدى، — ئەممازە، ئاۋۇ ئىشىكلىرىگە مىخلاپ قويغان نەرسىنى تاشلىۋېتىپ يامان قىپلا.
    — تاشلىۋەتتىم.
    ئۇنىڭ ئوشۇق گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى. كۈن چۈش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەتىگەندىن بۇيان ئېغىزىغا ھېچنېمە سالمىغان ئانىنىڭ كۆزىگە ناندىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى.
    ئۇ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن كونا داستىخاننى تىتىلىپ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن بوز كېگىز سېلىنغان كىچىككىنە سۇپا ئۈستىگە يايدى. ئۆينىڭ ئالدى تېمىغا يۆلەپلا سېلىنغان بۇ سۇپىغا 3-4 ئادەم سىغاتتى. ھېلىقى كىشى تۇپا توزۇپ تۇرغان كىگىزنىڭ قىرغىقىغا سۆڭگۈچىنىڭ بۈرجىكىنى قويۇپ، ئاۋايلاپ ئولتۇراتتى.
    — داستىخان سالمىسىلىمۇ بولاتتى، — دەپ قويدى ئۇ، خۇشياقمىغان بىر قىياپەتتە.
    ئانا ئۈن-تىنسىز ھالدا يوغان بىر تاۋاقتا زاغرا نان ئېلىپ چىقتى. ئاستىدىكى بىر زاغرا پۈتۈن تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېرىم نان ئىككى توغرام قىلىپ ئۇشتۇلغان ئىدى.
    ئۇ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپراق ئۆيگە يەنە بىر كىردى ۋە كىچىك بىر قاپاق چىنىگە ئۇيۇتۇلغان قېتىقنى ئاۋايلاپ ئېلىپ چىقىپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى.
    — قېنى ئالغاچ ئولتۇرسىلا، — دېدى ئۇ، تاۋاقتىكى پۈتۈن زاغرىنى ئۇشتۇۋېتىپ.
    — قېنى خوش، — مېھمان، ئانىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن قاپاقنىڭ بۇرجىكىدىن بىر ئىلىم قېتىق ئىچىپ قويدى ۋە، — مېنى تونۇدىلىمىكىن، مەن مۇشۇ مەھەللىگە نۇقتىغا چۈشكەن كادىر، قايسى كۈنىمۇ ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن، ھېلىقى بەلگىنى مەن مىخلاتقان... — دېدى.
    — ھە... — شۇنداقلا دەپ قويدى ئانا، ئېغىزىدىكى زاغرىنى ئىشتىھا بىلەن ئۆمەللەپ. ئۇ، بۇ ئادەمنى ئەمدى تونۇغاندەك قىلدى، — كادىرلار تولىمۇ ئالمىشىپ كەتتى...
    — ھە-ئە، جىق ئالماشتى، — دېدى ئۇ، ئانىغا بىر ھازا تىكىلىپ تۇرۇۋېتىپ، — ئۆزلىرى نەچچىگە كىرگەنلا؟
    — مەن... مەن ئەللىكتىن ئاشتىممىكىن... — يېشىمنى ئەينەن دېسەم، قولۇمدىكى يەرنى تارتىۋالىدۇ دەپ ئويلىغان ئانا مۈجمەللا گەپ قىلدى، — ئانام رەھمەتلىك كاككۇك كەلگەندە تۇغۇلدۇڭ دەيدىغان. ئەينەككە قارىسامغۇ يۈز ياشقا كىرگەندەك تۇرىمەن... — ئۇ، خاتاغا يول قويغانلىقىنى سېزىپ، دەرھال تۈزەتتى، — لېكىن، كۈچۈم بار. ياش بالىنىڭ ئىشىنى قىلالايمەن. ئىككى كىشىلىك غىزانى كۆرمىدىم دەپ يەپ بولىمەن...
    مېھمان كۈلۈپ كەتتى. ئۇ، گەپ يەيدىغان ئايالكەن دەپ ئويلىدى بولغاي، يول تەرەپكە قاراپ ۋارقىرىدى:
    — ھەي تۇردى قارىي، ئاۋۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىڭلار!
    شۇئان، ئەترەت باشلىقىغا قوشۇلۇپ يەنە بىر يىگىت ئېغىزى بوغۇلغان بىر خالتا، سۇلياۋ تۇڭغا يېرىم قاچىلانغان ياغ كۆتۈرۈپ كىردى.
    — سىلىدىن ھال سوراپ قويايلى دەپ كىردۇق، — گېپىنى سىلىق باشلاشقا تىرىشتى ھېلىقى كادىر، — سىلى بەشتە كېپىللىك ئائىلە، تۇل خوتۇن، شۇڭا سىلىگە ياردەم قىلمىساق، ھاللىرىدىن خەۋەر ئالمىساق بولمايدۇ. تۇردى قارىي نەچچە قېتىم بىرنەرسە ئېلىپ كىرسە، ئالمايمەن، دەپ بېشىغا ئېتىپلا، تىللاپ ھەيدەپ چىقىرىپلا...
    — ياخشىغا ياغ ياراشماس، ئۆچكىگە يۇمغاقسۈت دەپ... — گەپنى قاپ بەلدىن ئۈزۈۋەتتى تۇردى قارىي.
    — ۋاي ماۋۇ گەپنى بىر دېگىلى قويۇڭا، — تېرىكتى ھېلىقى كادىر، — شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن... ھە، شۇڭا شەخسەن ئۆزۈم كىردىم. تېخى ھازىرلا تاش كۆۋرۈك تەرەپتىن كېلىشىم. سىياسەت بەك قاتتىق ھازىر. نامرات، يېتىم-يېسىرلارنى قۇتقۇزمىساق، ھالىدىن خەۋەر ئالمىساق بولمايدۇ. ئەتە-ئۆگۈنلا يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كېلىدۇ... ھە، سىلىگە يەنە دەيدىغىنىم، بىرىنچىدىن، ماۋۇ ماللارنى ئىگىلىرىگە تارقىتىۋەتسىلە. سىلى دېگەن تۇل خوتۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى بېقىشتىمۇ قىينىلىپ قالىلا. ئالىمادىس بىرەر-يېرىمى يوقاپ كەتسە ھۆددىسىدىن چىقماق تەس. ئىككىنچىدىن، بەش مو يەرلىرى باركەن، ئۇنى ئۆتكۈزۈۋەتسىلە. سىلى دېگەن تۇل خوتۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقتىدا تېرىپ-يىغالمايلا... ئەترەتنىڭ باھالىنىشىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باج-پاراقلىرى بار... ئۈچىنچىدىن، ماۋۇ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئەپقالسىلا، سىلى دېگەن تۇل خوتۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نامرات، بەشتە كېپىللىك، قۇتقۇزمىساق بولمايدۇ...
    — يوقال!... ھەممىڭ يوقىلىش!... — باياتىن بېرى يېڭى كەلگەن مېھماننىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈنلا چىشىنى چىشلەپ ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئانا، تۇيۇقسىزلا شۇنداق ۋارقىرىۋەتتى. ئۇ، جالاقلاپ تىترەيتتى. ئېغىزىغا شۇنىڭدىن باش گەپ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، — يوقىلىش! ئاۋۇ بىر نەرسەڭنى چېكەڭگە تېڭىش! — تېخىمۇ قاتتىقراق ۋارقىرىدى ئۇ، پۈتۈن بەدەنلىرى تىترەپ تۇرۇپ، — سە... سە... سەندەك كادىرنى تولا كۆرگەن مەن... ھەممىڭ ئوخشاش! ... سە... سە... سەنلەر مېنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ بىر خالتا ئۇنۇڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزماقچىمۇ؟ تېخى يېرىمنى تارتىۋېلىپ-ھە! يېرىنى تارتىۋالسا بەشتە كېپىللىك بولمايدىغان كىم بار. خەقنىڭ مال-چارۋىسىنى بېقىپ، ئۇنىڭ ھەققىدە يەر تېرىسام نېمە بوپتۇ. مېنىڭ يېرىمدە ئاتاڭنىڭ ھەققى بارمۇ. مېنى بەشتە كېپىللىك دەيدىغانغا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ. كۆتۈرۈش، ئاۋۇ نەرسەڭنى يەتمىش پۇشتۇڭغا ئاپىرىپ بېرىش. بىلىپ قويۇش مەن تىلەمچى ئەمەس. مېنىڭ يېرىم بار. يېرىم بولمىغان ھالەتتىمۇ ئۇنداق سەدىقەڭنى ئالمايمەن. بىر كۈنى يەرنىڭ گېپىنى قىلىشىسەن، بىر كۈنى تۇل خوتۇن دەپ ئىككى قوۋۇرغا گۆش كۆتۈرۈپ كىرىشىسەن... مېنى نېمە كۆرۈشىۋاتىسەن؟ بىلمەيمەنما سەنلەرنى؟... بەش ئەزايىم ساق مېنىڭ، ئۆزۈم ئىشلەپ تېپىپ يەيمەن... — كىرگەنلەر ئەكىرگەن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ «ساراڭ خوتۇنكەن، ئالجىپتۇ» دەپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئانا داۋاملىق تىللاۋەردى. ھەتتا يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ۋاقىرىدى، — ئاڭلاپ قويۇش، يېرىمنى تارتىۋالىمىز دەپ خام خىيال قىلىشما. كىمدە-كىم يەرگە پۇت دەسسىسە، ئاشۇ يەردە — يەر ئۈستىدىلا ئۈلۈپ بېرىمەن!...
    شۇ كۈنى ئانا ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئېغىزىنى قويۇۋەتتى. ھەتتا ئىلگىرى قۇتقۇزۇش بۇيۇمىنى كۆتۈرۈپ كىرگەنلەرگە دېيەلمىگەن گەپلىرىنىمۇ قوشۇپ دەۋالدى. شۇنىڭ بىلەن خاپىلىقى تاراپ كەتكەن بولسىچۇ كاشكى، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ئەكسىچە، كېچىسى ئۇيقۇسى ھارام بولدى. كۈندۈزى قولى ئىشقا بارمىدى. ئولتۇرسا-قوپسا يەرنىڭ غېمى. ئۆزىنىڭ تىلەمچى قاتارىدا ھاقارەتلەنگىنى!...

    5

    بىزنىڭ ئىشىمىزنى مەھەللە كادىرلىرىغا بولسىمۇ دەي، دەردىمنى بىر تۆكەي... ئاخىرى مۇشۇ قاراغا كەلدى، ھاقارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ باشقا يولىنى تاپالمىغان ئانا. ئۇنىڭسىزمۇ يالغۇزچىلىقتا، ئوغرىدەك مەخپىي كۆرۈشۈشلەرگە جاق تويغانىدى ئۇ.
    ئۇ، ئىشىكتىن شۇنداق دەپ چىقتى. چۈشلۈك تامىقىنىمۇ يېمەي ماڭدى، مۇشۇنداق چاغدا ئېغىزىغا تاماق تېتىسۇنمۇ. گالدىن بىر نەرسە ئۆتسۇنمۇ؟ دەيمەن. ھەممىنى قويماي دەيمەن...
    ئەمما ئۇنىڭ قەدەملىرى ئىختىيارسىز ھالدا ئوغلىنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىپ قالدى. ۋۇجۇدىدىكى قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇنى شۇ تەرەپكە باشلاپ كېتىۋاتاتتى. خەير، خۇدابەرداخۇنغا يەنە بىر دەپ باقساممۇ باقاي. بالام ئەمەسمۇ، چۈشىنىپ قالار، خۇدا دىلىغا ئىنساپ بەرسە ئۇناپمۇ قالار... كادىر دەپ يات خەققە دەرد تۆكۈپ يۈرگۈچە، شۇ بالىنى يامان ئاتلىق قىلغىچە ئۆزىگىلا دەي، نېمىلا بولسۇن دەپ باقاي... ئۇ قەدىمىنى ئۆزگەرتمىدى. گاژگۇن، تەرسا بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بالىسى ئىدى. بىر بالا، بىردىنبىر بالا ئىدى.
    شادا دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، يەنە بىر قانىتى نەگىدۇر يوقالغان ۋەيرانە ھويلىغا قەدەم باسقاندا، ئانىنى مۇزدەك سوغۇق تىترەك باستى. نەچچە يەردىن شورا ئېچىلغان ھويلا چىتلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلدى. شۇنداقتىمۇ ھويلىغا كىردى. ئوغلۇم ئۆيدە بارمىدۇ يا ئېتىزدىن كەلمىگەنمىدۇ دەپراق كىردى-يۇ، بوسۇغىغا كەلمەي تۇرۇپلا پۇشايمان قىلدى. چۈنكى ئۇ جېدەل ئۈستىگە چۈشكەنىدى.
    — ... ئەمدى مۇشۇ بىر ئېشەكنىمۇ سېتىۋەتسەك نېمە بىلەن تىرىكچىلىك قىلىمىز، ئېشەكنى ساتمايلى دادا دەپ قويغىنىغا شۇنچىزا ئۇرامسەن بۇ بالىنى. بولسا مېنىمۇ ئۇرە... ھە! يەنە ئۇر، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەت! مەنمۇ تويدۇم بۇ ئۆيگە، بۇ جانغىمۇ تويدۇم...
    — ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يېمەيدىغان سېسىق جېنىڭغا تويساڭ بوپتۇ. مەنمۇ تويدۇم ساڭا!
    — ھە، تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدىكى بۇزۇقلارنى ئىت يەمدىكەن. ئەجەپ يۈزى قېلىن ئىت ئىكەنا ئۇ، ھارام، ھالال دېمەيلا يەيدىغان. ھۇ... قارا يۈز گۇينىڭ ئىتى!...
    شۇ گەپ بىلەن تەڭ گۈلدۈر-غالاپ، جاراڭ-جۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئايالىنىڭ ۋاي-دادلىرى، بالىلارنىڭ چۇرقىراشلىرى ھويلىنى بىر ئالدى.
    — نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟! — ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپلا شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى كېلىنىنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان ئانا، ئۇياق-بۇياقنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا.
    — نېمە ئىش قىلىپتىمەن؟ نى... نېمىش... — گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇرغان خۇدابەردى ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان دەلدەڭشىگىنىچە، خوتۇن-بالىلىرىغا ئېتىشقا بىرنېمە ئىزدەپ يۈرەتتى.
    — قولۇڭنى تارت!
    ئانىسىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغان خۇدا بەردى، ئۇنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتقاندەك جايىدا جىملا توختىدى ۋە خوتۇنىغا قول شىلتىدى:
    — ئاپامغا سەن خەۋەر قىپسەن-دە، مېنى تىللاپ بېرىدۇ... ئەدىپىمنى بېرىدۇ... دەپ ئويلاپسەندە، ئۆزىنى باشقۇرۇۋالسۇن... ئاڭلىدىڭمۇ بۇزۇق، ئۆ... ئۆزۈڭنى باشقۇرۇش...
    — مانا مۇشۇنداق ئىش ئانا. گەپ قىلسام گەپ بولىدۇ، گەپ قىلمسام دەرد... نېمىلا قىلسا، ھەممىگە كۆزۈمنى يۇمۇپلا يۈردۈم، — يىغلاپ تۇرۇپ دەرد تۆكۈشكە باشلىدى كېلىن.
    ھاقارەتلەنگەن ئانا، غال-غال تىترەپ، كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئۆي ئىچىگە قارىدى. كىچىككىنە كاڭنىڭ يېرىمىغا يۇمشاق، بىر-بىرىگە چىرمىلىپ كەتكەن زىغىر پالىڭى، يەنە يېرىمىغا ئۇۋىلىشقا باشلىغان شال پالىڭى سېلىنغانىدى.
    — مەن ھېچ چىدىمىدىم ئانا. يوق دېگەنسېرى، قولىغا چىققانلا نەرسىلەرنى سېتىپ بولدى. ھە دېسىلا تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگە يۈگۈرەيدۇ. مانا ئەمدى بىر ئېشەك قېلىۋىدى، ئۇنىمۇ ساتىمەن دەپ... مەن چىدىمىدىم... چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ئانا...
    — چىدىمىساڭ... چى... چىدىمىساڭ يوقال!... — پۇتىدىكى تۇمشۇقى يىرتىلىپ كەتكەن سېرىق چۇخەينى سېلىپلا ئايالىنىڭ بېشىغا ئاتتى خۇدا بەردى، يەنە بىردىنلا مەستلىكى تۇتقاندەك كۆپۈشۈپ، مەنمۇ ساڭا تويدۇم. مەنمۇ چىدىمىدىم...
    — گېپىنى ئاڭلىدىلا ئانا. ئۇ بۇزۇلدى، تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆگىنىۋالدى...
    — بۇ... بۇزۇلدۇڭمۇ قانجۇق، — ھازىرلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك دەلدۈگۈنۈپ تۇرۇپ ئەزۋەيلىدى خۇدا بەردى، — سە... سەن دېگەن مادا ئېشەكتىنمۇ كۈنلەيسەن مېنى، ئېشەكتىنمۇ... بوپتۇ، مەن بۇزۇلغانمۇ بولاي. بۇزۇلسام نېمە بوپتۇ؟ 70 كە كىرگەن ئادەم جېنىدا بۇزۇلۇۋاتسا، قانجۇقى خەقنى تالاۋاتسا... ماڭا نېمىدى... تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپى دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇل بالىسى بارىدىغان يەر... يەنە بارىمەن قانداق؟ چىدىساڭ ئولتۇر، بولمىسا نەگە بارساڭ بار. خوتۇن دېگەن تولا، تاش كۆۋرۈكنىڭ نېرىسىغا ئۆتسەكلا... يىگىرمە كوي بەرسەكلا...
    ئانا خۇدابەردىنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك ئۇردى. «چاڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئاران ئۆرە تۇرۇۋاتقان خۇدا بەردى ئوڭدىسىغىلا يېقىلىپ چۈشتى. بۇنىڭدىن ئانىمۇ ھەيران قالدى. مەست دېگەن شۇنداق زەئىپ بولامدىغاندۇ ياكى ئانىنىڭ شاپىلىقى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولامدىغاندۇ؟ ئانا نېرى-بېرىسىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدى، ئويلىغۇدەكمۇ تاقىتى يوق ئىدى. پەقەتلا سەسكىنىپ چىقىپ كېتىۋېتىپ شۇنداق دېيەلىدى:
    — خۇدا جاجاڭنى بېرەر، قىلغانلىرىڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتەر!...

    6

    نېمىشقا بارغاندىمەن-ھە؟ دەرد ئۈستىگە دەرد، يەنە شۇ دەرد!...
    ئانا يىغلىغاندەك بىر خىل ئاۋازدا يۆتىلىپ كەتتى. مەيدىسى يەنە چىڭقىلىۋاتاتتى. ھەر يۆتەلگەندە، بەدەن-بەدەنلىرىدىن قانداقتۇر بىر سۇيۇقلۇق گېلى تەرەپكە شۇرۇلداپ ئېقىپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بۇ دەردلەرگە قانداقمۇ چىدىغىلى بولسۇن، ۋاي بۇ دەردلەرنى كىمگىمۇ ئېيتسۇن، قانداقمۇ سىڭدۇرسۇن؟!
    ئۇ، سول قولى بىلەن چىڭقالغان مەيدىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوڭ قولىغا كىچىك بىر چالمىنى ئېلىپ ئاتتى. بىر-ئىككى بەڭۋاش قوي باشقا يولغا كىرىپ كەتكىلى قەستلەۋاتاتتى.
    كەلدۇق، ئۆيگە ئاخىر كەلدۇق...
    ئانا ھارغىن، ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ شاخ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. چىركىلەپ قويغان شوينىنى يېشىش ئۈچۈن قولىنى ئىشىككە ئۇزاتتى-يۇ، ئەرۋاھى تېخىمۇ ئۇچتى. ئىشىكنىڭ ئۈستۈنكى توغرا ياغىچىدا ئالىقانچىلىك بىر قىزىل تۆمۈر مىخلاقلىق تۇراتتى. ئۇ ماللارنى سولىۋېتىپلا، كونا كەكىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
    — ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىغان ئائىلە، دېگەن خەتكەن!
    بوينىغا سومكا ئېسىۋالغان، 8-9 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ، ھېلىقى بەلگىدىكى خەتنى ئوقۇۋەتتى ۋە ئالدى-كەينىگە قارىمايلا ئۆز يولىغا ماڭدى.
    بېيىغان ئائىلە؟ مېنى شۇنداق دەپتۇمۇ؟ ئۇ بۇنىڭ تېگىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدى. نېمىلا دېسۇن، بەرىبىر بەلگىغۇ؟! ئۇ ئىشىكتىكى نەرسىنى ئېلىۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئازابچۇ؟ يۈرىكىنى مۇجۇپ كەلگەن، مەيدىسىگە يىغىلىپ تۇرغان دەردچۇ؟ ئۇنى ئېلىۋەتكىلى بولامدۇ؟
    چايدان قۇپقۇرۇق ئىدى. ئۇسساپ ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، چاي قاينىتىشقا رايى بارمىدى. ئۇنىڭ گەۋدىسى ئاستا-ئاستا ئېگىلدى. بىر يەرلىرى تارتىشقاندەك بولۇپ، ئالدىغا پۈكۈلدى. نەپىسى بوغۇلۇپ، دىمىغىغا بىر نەرسە تۈرگەندەك بولدى. شۇنداقتىمۇ ئولتۇرۇۋالغۇسى كەلمىدى. قايسى كۈنى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئېغىلنىڭ شادىلىرىنى بولسىمۇ يىغىپ قوياي دەپ ئويلىدى. شادىلار بوش تارتقانغا چىقمايتتى. ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمىغان ئانا، ئۇنى جەزمەن بۈگۈن يىغىۋېلىش كېرەكتەك، ئەتە يىغىشقا پەقەتلا ۋاقتى يەتمەيدىغاندەك كۈچەپ-كۈچەپ تارتتى. تارتقانسېرى خىرقىراپ، ھاسىراپ كەتتى. كۆڭۈلدىكى دەرد-ئەلەمنى مۇشۇنداق تارتىپ چىقىرىۋەتكىلى بولسا-ھە؟ ئۇنىڭ بېشى قايدى، كۆزى قاراڭغۇلاشتى. پۈتۈن بەدەنلىرى بوشىشىپ، قانداقتۇر بىر نەرسە كۆكرىكىگە قاپسىلىپ كەلدى. ئاسان ئاغرىق، ئاسان ئۆلۈم بېرەرسەن خۇدايىم! ئۇ قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. يۆتەل بىلەن تەڭلا ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن ئوقتەك قان كەلدى. ئاھ خۇدا، بۇ نېمە ئىش؟ ئۇ قان چىقالمىسۇن دېگەندەك، ئېغىزىنى ئالىقانلىرى بىلەن مەھكەم ئېتىۋالدى. لېكىن قان توختىمىدى. ئاياغنىڭ ئورنىدەك يەر، كۆڭلىكىنىڭ ئالدى، يەڭ ۋە ئالىقانلىرى قىپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتتى...
    شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟ ھېچكىم بىلەن كۆرۈشەلمەي، مۇشۇنداقلا كېتىپ قالارمۇ؟ جەسىتى مۇشۇ ھاڭدەك ھويلىدا قالسا... گىژىلداپ تۇرغان چىۋىنلەرگە كۈن-كۈنلەپ يەم بولۇپ كەتسە!... ياق، بۇ يەردە يەنە تۇرۇشقا بولمايدۇ، ئېغىز-بۇرنىدىن قان كەلدىمۇ... قان سەپرا قىلدىمۇ... دېمەك، ئىش چاتاق، چاتاق!...
    ئۇ ئېغىز-بۇرنىنى ئىككى قولىدا مەھكەم ئەتكىنىچە چوڭ يولغا چىقتى. بارماقلىرىنىڭ ئاراچلىرى ۋە كۆڭلىكىنىڭ پېشىدىن قان تېمىپ كېلەتتى. ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، نەگە بارسام بولار؟ جىددىي پەيتتە ئىككىلىنىپ قالدى ئۇ. خۇدابەردى ئۇققان بولسىمۇ، خۇدا بەردى... لېكىن ئوغلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى بىلەنلا مېڭىسىگە تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىق كىرىپ كەتتى. يەنە شۇ خۇدابەردىغۇ؟ بىرقانچە دەقىقىلىق تېڭىرقاشتىن كېيىن، ئۇ كەسكىن بىر قارارغا كەلدى، يەنىلا شۇ يەرگە باراي. چاۋىراخۇننىڭ ئۆيىگە باراي. ھالىمنى كۆرسە، ئەھۋالىمنى بىلسە، ئوغلىنىڭمۇ رەھىمى كېلەر... ئوغلى بولمىسا تېخى ياخشى، چاۋىراخۇن ئامالىنى قىلىدۇ... ئۇنىڭ بۇنداق ئىشقا ئېپى بار. قولى بەك ئەپلىك...
    ئەمما ئانا ئۇزۇن ماڭالمىدى. ئۇ بىرنەرسىگە پۇتلاشقاندەك بولدى، تاش يېيىتىلغان بىريەرگە دۈملا چۈشتى. ئېغىز-بۇرنى تاش ئۈستىگىلا تەگدى. ئەمدى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىدىنمۇ قان چىقىۋاتاتتى...
    ئاھ خۇدا!
    ئۇ پەقەت شۇنداقلا دېيەلىدى. بەلكىم ئاخىرغىچە شۇ سۆزنى ئويلىغاندۇ. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن زادىلا قوپالمىدى. قوللىرى ماغدۇرسىزلاندى. پۇتلىرى، نىمكەش تامباللىق يالىڭاياغ پۇتلىرى ئاستا-ئاستا سوزۇلدى... چاۋىراخۇننىڭ تامبىلى قانداق بولغاندۇ؟ مەنمۇ سىلىنى نۇرانىخان دېمەي، ناۋاتخان دەي، دەپ كۈلۈپ كەتسە-ھە!... مېنىڭ ئۇنداق ئانام يوق، دەپمۇ قالارمۇ؟... ھەقىقىي ئارام دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟! ئۇنىڭ ھېسلىرى بارغانسېرى خىرەلەشتى. ھاۋا يەنىلا تۇتۇق ئىدى. تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئاۋازلارمۇ بارغانسېرى تۇتۇقلىشىپ كېتىۋاتاتتى...

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : كۆۋرۈك، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار