• ھەي كۆڭۈل(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:29-06-2011   مەنبە: تارىم 2010-7-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلاتتى، ئاشقازىنى تىنماي ئېچىشاتتى. »قۇرۇسۇن شۇ ھاراق« ئۇ غۇدۇراپ يوتقاننى تارتتى - دە، ئېچىشىۋاتقان

     


     

    ئاپتورى: ئارسلان تالىپ

    ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلاتتى، ئاشقازىنى تىنماي ئېچىشاتتى. »قۇرۇسۇن شۇ ھاراق« ئۇ غۇدۇراپ يوتقاننى تارتتى - دە، ئېچىشىۋاتقان مەيدىسىگە بېسىپ دۈم يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئادىتى شۇنداق، ئىچكەندە ھاراق كۆزىگە گۈل كۆرۈنىدۇ. لېكىن سەھەردە ئورنىدىن تۇرالماي ئېچىشىۋاتقان ئاشقازىنىنىڭ ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە ھاراقنى، ھاراقخۇمار دوستلىرىنى بولۇشىغا قارغاپ ياتىدۇ. ئورنىدىن تۇرۇپلا كەتسە، ئاز - تولا قورسىقىنى ئەستەرلىۋالسا ئاشقازىنىنىڭ ئاغرىقى سەل بېسىلىدۇ - دە، »چىشىنى چېقىۋېتىش« ئۈچۈن يەنە 100گىرام ق−ېقىۋېلىپ، پادىشاھلاردەك كېرىلىدۇ. ھەي كۆڭۈل، ئاشۇ كۆڭۈلنى دەپ ئىچىمىزدە. ئۇ ئاغرىقى سەل - پەل بېسىلغان مەيدىسىنى سىلاپ يانغا ئۆرۈلدى.
    11 - ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ، دېگەندەك سوغۇق چۈشۈپ كەتمىگەچكە پار بېرىلمىگەنىدى. بىر يەرلەردىن ئېچىغان تەر ۋە قاڭسىق پۇراق تارقىلىۋاتاتتى. كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قۇسۇققا مىلەنگەن ئىشتان تاشلانغان، يەرگە سۆرۈلۈپ قالغان يوتقاننىڭ بۇرجىكى قۇسۇق بىلەن بۇلغانغانىدى. قارىغاندا ئۇ يولدا ياندۇرۇپ ئېشىپ قالغىنىنى يوتقانغا كىرگەندە ياندۇرۇۋەتكەندەك تۇراتتى. خەپ خوتۇن، خەپ، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ ئەجەب ئۆزىنى كۆرسەتتى. كىچىككىنە ئىشقا ئۇنچە قاتتىق ئۇرمىساممۇ بوپتىكەن. مۇشۇنداق چاغدا ئەسقاتاتتىڭ ئەمەسمۇ، ئاچچىق - چۈچۈك سۇيۇقئاشلىرىڭنى ئەجەب سېغىندىم. ھەي ئۆلگۈر ھاراق، ئەجەپ تۈگەشتۈردۈڭغۇ مېنى، ھەي مەستلىك، ھەي پەسلىك، −− ئۇ غۇدۇراپ بىر پەس ياتتى. لېكىن ياتقان بىلەن قورساق غېجەك تارتىشقا باشلىغانىدى، −− ئەمدى تۇرۇپ كېتەي، تاماق يېمەي ياتقىلى بولمىغىدەك. ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن يوتقاننى بىر يانغا ئىتتىرىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ كىيىم ئىشكاپىنى، ساندۇق، چامادانلارنى ئاختۇرۇپمۇ بىرەر قۇر پاكىز كىيىم تاپالمىدى. توغرا، خوتۇنى يامانلاپ كەتكەندىن بۇيان ئۇ كىر يۇيۇپ باقمىغانىدى. ئۇ كەتكىلى قانچىلىك بولغاندۇ؟ بىر ئاي، ياق، 40كۈن بوپتۇ. ئۇ خوتۇنىنىڭ يامانلاپ چوڭ ئۆيگە كېتىپ قالغان ۋاقتىنى شۇنچە ئېنىق ھېسابلاپ چىققانلىقىغا مەمنۇن بولۇپ قالدى. لېكىن بۇ مەمنۇنلۇق ئۇنىڭ دىلىنى غەش قىلىپ سەپراسىنى ئۆرلىتىۋەتتى: ھۇ تۇزكور خوتۇن، ئىككى كۈن يامانلاپ قايتىپ كېلەرمىكىن دېسەم، 40 كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتا. خوتۇنى بار تۇرۇپ بويتاق ياشاپ كۈن بولدىمۇ بۇ. بېرىپ قايتۇرۇپ كەلسەممۇ بوپتىكەن. ئۇ ئۆي ئىچىدە مەقسەتسىز چۆرگىلەپ يۈرۈپ ھاردى. ئۇ يېگۈدەك بىر نەرسە ئىزدەپ ئاشخانىغا كىردى. ھەممە نەرسە قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئاشخانا ئۆيدىن قېتىپ كەتكەن، بىر بۇرجىكى پۇچىلانغان بىر گىردە تېپىلدى. نان شۇنداق قېتىپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇنى چىشلەپ يېيىش ئەمەس تاش بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇشمۇ تەس ئىدى. ئۇ بۇ ناننى قاچان ئەكىرىپ قويغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. ئىشقىلىپ ئۇ خوتۇنى يامانلاپ كەتكەندىن بۇيان »خان« تۇرمۇشىنى باشلىغانىدى. بازاردىكى ئاشخانىلار ئۇنىڭ ئۈچ ۋاق بارىدىغان جايى ئىدى. ئاشخانىدا داۋاملىق ئۆزىگە ئوخشاش ئۈلپەتلىرى ئۇچراپ تۇراتتى. ئۇلار ۋاقىت سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا دوست تارتىشىپ ئىچىشەتتى - دە، كەم قالغىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسسۈپ كىرىپ ئىچىشىۋازلىقنى ۋايىغا يەتكۈزەتتى. ئىشقىلىپ ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ھاراققا بەند قىلىنغان كىشىدەك، كۈندە ئىچىپ تۇرمىسا ماڭالمايدىغان، ھەتتا ئىشمۇ قىلالمايدىغان پىيەنچۈككە ئايلانغانىدى. خوتۇنىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە جېدەل تۈپەيلى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كېتىپ، كەلمەي قويۇشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. كوچىغىلا چىقاي، قاتتىق نان غاجاپ ئولتۇرغىلى قەلەندەر ئەمەسمەن. ھازىر قەلەندەرمۇ قاتتىق نان بەرسەڭ ئالماي ھومىيىدىغان زامان بولۇپ قالدى. 3000يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىدىغان ئوغۇل بالىزە ئاشۇ قەلەندەرچىلىك جىگىرىم بولمىسا بولاتتىمۇ؟ ئۈچ ۋاقلىقىم ئاشخانىدا بولغانغا گاداي بوپ كېتەتتىممۇ؟ ئىسمىمغا لايىق ئىش قىلاي، ئوينا باتۇر، ئوينايدىغان جاھان بۇ...
    ئۇ ئېچىشىۋاتقان مەيدىسىنى سىلاپ قويۇپ، يۇيۇقسىز كىيىملىرى ئارىسىدىن سەل پاكىزرەك بىرسىنى تاللاپ كىيدى - دە سىرتقا ماڭدى.
    −− ئىشقا ماڭدىڭىزمۇ؟ −− ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى.
    −− ياق، بۈگۈن دەم ئالغانتىم، −− ئۇ ئاشخانىغا كېتىۋېتىپ ھېسابلىدى. ۋاي راست، بۈگۈن جۈمە ئىكەنغۇ، ئىشلەيدىغان كۈن، قانداقلارچە ئۇنتۇپ قالغاندىمەن. سائەت نەچچە بولغاندۇ. ئۇ ئىتتىك بىلىكىگە قارىدى. تولا كەينىدە قېلىپ ئۇنى خاپا قىلىدىغان سائىتى يوق تۇراتتى. نەدە قالغاندۇ، كەينىدە قالسىمۇ ۋاقىتنى ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى ئەمەسمۇ، ئەستەغپۇرۇللا، ئىشقا بېرىپ قويىدىغان ئىش ئىدى، قانداق قىلارمەن، كېچىكىپ بارغاندىن بارمىغان ياخشى، ئاغرىپ قالدىم دەپ تېلېفون بېرىۋېتەي.
    ئۇ مانتا، پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىغان ئاشخانىغا كىرگەندە ئاخشامقى ئۈلپىتى −− پەرھات ساقى ئالدىغا ئىككى مانتا قويۇۋېلىپ ھاراق ئىچىۋاتاتتى.
    −− سەھەردە نېمە قىلىۋاتقىنىڭ بۇ ئاداش؟ −− دېدى ئۇ پەرھاتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشكەچ.
    −− چىشلىۋاپتۇ، چىشىنى چاقمىساق بولماس. ھە، ئۆزۈڭچۇ، بۈگۈن ئىشقا بارماپسەنغۇ؟
    −− ئاغرىپ قالدىم دەپ تېلېفون بېرىۋەتتىم، تاماق يەۋېلىپ بىر ئۇخلاي دېدىمغۇ.
    −− كېلە، ماۋۇ مانتىنى يە، تۆتنى ئالسام ئىككىنى ئاران يېيەلىدىم. سەنمۇ تايىنلىق شۇنچىلىكلا يەيسەن، ئاۋۋال ماۋۇ ھاراقنى ئىچىۋەت.
    پەرھات قىرى ئۇچۇپ كەتكەن پىيالىگە يېرىم ھاراق قۇيۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىردى.
    −− پەقەت مىجەزىم يوق تۇرىدۇ ئاداش، بۈگۈنچە ئىچمەي تۇراي، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەردە ئىچسەك قانداق بولىدۇ؟
    −− ئىسمىڭغا لايىق گەپ قىلە، باتۇر دېسەم ئاغزىمغا لىق توشىدۇ ئىسمىڭ. »ھاراق ئىچسەڭ سەھەر ئىچ، بولمىسا زەھەر ئىچ« دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن. تەتى - پەتىلىرىڭنى قويۇپ، ئىچ مانى.
    ئۇ ئەمدىلا چىشلىگەن مانتىنى تەخسىگە قويدى. مانتىنىڭ پىيىزى كۆپ بولۇپ كەتكەنمۇ ياكى ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ، بىر چىشلەم مانتا بىلەن ئۇ غىققىدە بولدى. ئۇ پىيالىدىكى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈشتىلا ئىچىۋەتتى - دە، سوۋۇپ قالغان چايدىن بىر ئوتلاپ راھەتلەنگەندەك بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنى خېلىلا تېتىكلىشىپ قالغاندەك، بەدەنلىرى قىزىشىپ قايتىدىن كۈچ كىرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ھاراق دېگەننىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىنى دەيمىزدە، دەپ ئويلىدى ئۇ قورسىقىنى سىلاپ قويۇپ. پەرھات بىلەن باتۇر شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەت ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئېگىز - پەس دەسسەپ سىرتقا چىقتى.
    −− نەگە بارىمىز؟ −− باتۇر پەرھاتقا قارىدى.
    −− نەگە بارساق بولار، ھەممىسى ئىشقا كەتتى ھەقىچان، ھە راست، سەمەت شوپاڭنىڭكىگە بارايلى، ئۇ بۈگۈن دەم ئالىمەن دېگەن.
    ئۇلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاكسىنى ۋارقىراپ توختىتىپ سەمەتنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.
     

    *    *    *


    ئۆي ئىچى دىمىق ۋە تىنجىق ئىدى. تورۇستا لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسى تۇمانلاشقان ھاۋادەك بوزرەڭگە كىرگەنىدى. بىر - بىرىگە گەپ بەرمەي ۋارقىرىشىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل ياۋايىلىق ۋە قاراملىق چىقىپ تۇراتتى. قىزارغان، سارغايغان، تاتارغان، بوزارغان يۈزلەر پارتلاش ئالدىدىكى شاردەك ئېسىلىپ كەتكەنىدى. سەمەت پەرھات ساقىنىڭ بوينىغا گىرە سالغان ھالدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا مەخپىي گەپلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا دەۋاتاتتى. ئاللىقاچان كەيپ بولۇپ قالغان باتۇر ساپانىڭ قىرغىقىغا بېشىنى قويغان ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. چاي ئۈستىلىدە قالايمىقان تاشلانغان بوتۇلكا، تاماكا ۋە كۈلداندىن باشقا ئىككى تەخسە يەر ياڭىقى مېغىزى، بىر نەچچە پارچە نان تۇراتتى. چىنىلەردىكى چاي، پىۋىلار، ئاللىقاچان ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە يەر ياڭىقى شۆپۈكلىرى لەيلەپ يۈرەتتى. يېرىم كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بۇ ئولتۇرۇشتا ئۇلار قورساق توقلاشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەقلى - ھوشى بىلەن ئولتۇرغىنى ھېلىراقتا كىرىپ كەلگەن ۋەلى ۋەزىيەت بولۇپ، ئۇ دوستلىرىغا تەربىيە بېرىش بىلەن بەند ئىدى. ئۇلار بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ، بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، بىر مەكتەپتە ئوقۇپ تەڭ ئىشقا كىرگەن قىيامەتلىك دوستلار ئىدى. ۋەلى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ، زاۋۇتنىڭ ئورگان ئاشخانىسىدا ئەمەلنىڭ پۇچۇقىنى تۇتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا دوستلىرىنى تاشلاپ كەتسە بولمايتتى، ۋەزىيەت دېگەن لەقەمنىمۇ مۇشۇ دوستلىرى قويۇپ قويغان. بۇ لەقەممۇ ئۇنىڭغا سىڭىشىپلا كەتتى، چۈنكى ئۇ سۆزلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن باشلانسا زاۋۇتنىڭ ياكى سېخنىڭ ۋەزىيىتىگە كېلىپ توختايتتى.
    −− ئەمدى خوتنى يۆتكەيلى، −− دېدى ھاراق قۇيۇپ ئولتۇرغان مەخەت بىر رومكا ھاراقنى ۋەلىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، −− ۋەلى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن بىر قەپەس لېكسىيە سۆزلىسۇن.
    −− قويساڭچۇ شۇ ۋەزىيەتلىرىڭنى، −− دېدى پەرھات قوللىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ، −− ئادەمنى ئارامخۇدا ئىچكىلى قوي، يۇمۇر ئېيتىپ ئىچىمىز. ئېيتقان يۇمۇرىمىز قارا ياكى سېرىق بولسۇن ئەڭ ياخشىسى...
    −− قارىغۇنى يارغا قىستىغاندەك گەپ قىلماڭلار، يۇمۇر ئېيتالمايدىغانلىقىمنى بىلىسىلەرغۇ، −− ۋەلى كەيپى كۆتۈرۈلۈپ مىجەزى ئىتتىكلىشىپ كەتكەن دوستلىرىغا يېلىنىش نەزىرىدە قارىدى.
    −− يۇمۇر ئېيتالمىساڭ ناخشا ئېيت، −− دېدى سەمەت ئالدىدىكى يەر ياڭىقى مېغىزىدىن بىرنى ئاغزىغا تاشلاپ چايناپ تۇرۇپ.
    −− ناخشىنى تېخىمۇ ئېيتالمايمەنغۇ؟ نېمىشقا قىينايسىلەر مېنى، بولسا ئەمدى ئىچىشنى توختىتايلى، قاراڭلار، باتۇر مەست بولۇپ قاپتۇ، ماۋۇ ئىككىڭلارنىڭ ئاغزىدىن گەپ چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.
    −− كىم ئۇ مېنى مەست دەۋاتقان؟ −− باتۇر كۆزىنى ئۇۋۇلاپ ئورنىدىن تۇردى، −− مۇشۇ ۋەزىيەتما، قۇيە مەخەت ھارىقىڭنى، ۋەزىيەت بىلەن ئىچىشىمەن.
    −− بولدى قىل باتۇر، مەن سەن بىلەن تەڭ ئىچەلمەيمەن. يېڭىلگەن بولاي، بولامدۇ؟ −− ۋەلى باتۇرنىڭ قان قۇيۇلغاندەك قىزارغان كۆزلىرىگە، بولدۇرغان خېمىردەك كۆپۈپ كەتكەن قوۋۇزلىرىغا قاراپ يالۋۇردى.
    −− ياق، مېنى مەست دېگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىچىسەن، −− باتۇرنىڭ سەپرالىقى تۇتقانىدى. قارىغاندا ئۇنىڭغا بايا ئۇيقۇ پايدا قىلغان، ئەتىگەندىن بۇيان ئىچىۋاتقان ھاراقلىرى قۇمغا سىڭگەندەك سىڭىپ كەتكەندەك تۇراتتى، ئىلاجسىز قالغان مەخەت بىر رومكا ھاراق قۇيۇپ باتۇرنىڭ ئالدىغا قويدى.
    −− كۆتۈر بۇ نېمەڭنى، پىيالىغا قۇي! −− دېدى باتۇر مەخەتكە ۋارقىراپ.
    −− ھەببەللى، ئوغۇل بالا، ئەركەك، −− سورۇندىكىلەر بىردەك چۇرقىراشتى، ئىككى پىيالە ھاراق ھېچقانداق تەكەللۇپسىزلا ئىككىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.
    −− مېنىڭ ئاشقازىنىم ئاغرىيدۇ، بۇنچىۋالا جىق ھاراقنى ئىچەلمەيمەن، −− دېدى ۋەلى پىيالىنى مەخەتنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ.
    −− نەق ئاشقازاننىڭ دورىسى بۇ، −− دېدى باتۇر پىيالىنى قولىغا ئېلىپ، −− ئىچىۋەت، بولمىسا دوستۇم دەپ سېنى ئارىغا ئالغىلى بولمايدۇ.
    −− ئىچىسەن، ئەگەر مۇشۇ ھاراقنى ئىچىپ ئۆلۈپ قالساڭ ئۆلۈكۈڭنى ئۆزۈم يالغۇز كۆتۈرۈپ ئاچىقىمەن، قانداق، دوستلۇققا يارامدىكەنمەن؟
    −− ھۇششەرە، مانا دوستلۇق دېگەن، −− سورۇندىكىلەر يەنە چۇرقىراشتى.
    −− ۋۇ شۇنداق دوستلۇقۇڭغا، −− دېدى ۋەلى ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، −− ماڭا مۇشۇ زەھەرنى ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن دوستلۇقنى كۆرسەتسەڭ، قالتىس دوستلۇقكەن بۇ، −− ئۇ قولىنى سىلكىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ مېڭىشىغا ئىشىك يېنىدا ئولتۇرغان سەمەت ئۇنى تۇتۇۋالدى.
    −− بولدى قىل ۋەلى، شۇنىڭغىمۇ تېرىكەمسەن، ئىچمىسەڭ مەيلى ئەمەسمۇ، باتۇر مەست بولۇپ قاپتۇ، سېنىڭ ھارىقىڭنى مەن ئىچىۋېتەي، ئولتۇرە، −− ئۇ ۋەلىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ۋەلىگە قۇيۇلغان چىنىنى قولىغا ئالدى. بۇ چاغدا باتۇر قولىدىكى پىيالىنى ئاللىقاچان بىكار قىلىپ ساپاغا ئۆزىنى تاشلاپ تاماكا چېكىۋاتاتتى، ئۇ بايا گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تەن ئالدىمۇ ياكى تېخىچىلا ۋەلىگە ئاچچىقلىنىۋاتامدۇ، بۇنى چىرايىدىن بىلگىلى بولمايتتى.
    سورۇن كۆڭۈلسىزلا ئاخىرلاشتى. ۋەلى بۇرۇنلا كېتىۋالدى. باتۇر ئېغىز مەست بولۇپ ماڭالمىغاچقا مەخەت بىلەن پەرھات ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
     

    *    *    *


    −− قوپە ۋوي، قوپ، −− قاتتىق سىلكىشتىن چۆچۈپ ئويغانغان سەمەت كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئۆزىنىڭ خان ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە شۇنداق سەت قارىدىيۇ، چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان مەخەت بىلەن پەرھاتنى كۆرۈپ بىر قىسما بولدى.
    −− نېمانداق سەھەردە ئادەمنى ئىلەشتۈرۈپ يۈرىسىلەر؟
    −− سەھىرىڭ قۇرۇسۇن، تېز قوپ، باتۇر ئۆلۈپ قاپتۇ.
    −− نېمە دەيسەنۇي؟ −− سەمەت ئورنىدىن چاچراپ ك−ەتتى، −− ق−انداق ئۆلۈپ قالىدۇ. ئاخشاملا ئىچىشكەن تۇرساق.
    −− شۇ ئىچىشكەننىڭ كاساپىتى بولمامدۇ. ھاراقتا زەھەرلىنىپ جىگىرى قېتىپ ئۆلۈپتۇ دېيىشىدۇ.
    −− راست دەۋاتامسىلەر، ھوي؟
    −− راست بولمايچۇ، سائەت ئون ئىككىگە ئاچىقىدىكەن، ھاراقكەشنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمىز، دەپ خېلى تالاش - تارتىش بوپتۇدەك.
    −− ھاراق ئىچىپ ئۆلسەكمۇ مۇسۇلماندە بىز، ناماز چۈشۈرمەي ھەددى ئەمەس، −− سەمەت ئالدىراپ كىيىندى. سائىتىگە قارىۋېدى، 11 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالدىراپ تۈزەشتۈرۈپ بىر ھازا ئاختۇرۇپ بىر شىلەپە، بىر شەپكە، بىر شاپاق دوپپا تېپىپ باشلىرىغا كەيدى - دە، سىرتقا چىقتى. ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىمۇ، ئۇلارنىڭ قەدەملىرى تازا قولاشماي قالغانىدى. چىشىنى چېقىشقا ئۈلگۈرمىگەچكە كەچ كۈزنىڭ سوغۇقى ئۇلارنى جالاقشىتىپ تىترىتىۋەتتى.
    باتۇرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى جامائەتنىڭ سۈرى ئۇلارنى خېلىلا چۆچۈتتى. ئۇلار تىترەپ تۇرۇپ جامائەت بىلەن كۆرۈشۈۋاتقىنىدا ھەممىلا كىشى ئۇلارغا »باتۇرنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ ھاراقكەشلەر« دەپ نەپرەت بىلەن قارىشىۋاتقاندەك بىلىنىپ ناھايىتى قورقۇپ كېتىشتى. تاۋۇتنى چۆرگىلەپ يىغلاۋاتقان ئاياللارنى كۆرگىنىدە ئۇلار ئۆزىنى پەقەتلا تۇتۇۋالالمىدى. ھاراقنىڭ كۈچىمۇ ياكى دوستىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلىقتىنمۇ ئۇلار شۇنداق يىغلاشتىكى، باياتىن جىمجىت تۇرغان ئەر تۇغقانلارمۇ ئۇلارغا قايتىدىن ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
    سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئۇلار ئاخىرقى ماشىنىدا قايتىپ كەلدى. ئۇلار دوستىنىڭ تۇپرىقىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇردى، نام - ئەمەل تاختىسىنى تۈجۈپىلەپ جايلاشتۇرۇپ، »دوستلۇقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ« ئاندىن قايتىپ كەلدى.
    ئۇلار باتۇرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىردەم قول باغلاپ تۇرغاندىن كېيىن تاماق يەۋېلىش ئۈچۈن مېڭىشتى. بايىقى قاتتىق ھازىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى باتۇرنىڭ جانجىگەر دوستلىرى بولغاچقىمۇ، ئۇلارغىمۇ ئاق باغلاپ قويۇلغاچقا ئۈچ نەزىرى بېرىلمىگىچە بۇ مەھەللىدىن كېتىپ قالغىلى بولمايتتى.
    ئۇلار ئاشخانىدا بىر تەخسىدىن لەڭمەن بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئولتۇرۇشتى.
    −− بىر بوتۇلكا ئەكىرسەڭچۇ، −− دېدى سەمەت بېلىدىكى ئاقنى يېشىپ يانچۇقىغا تىقىۋېتىپ، −− توڭلاپ بولالماي قالدۇق، بىرەر رومكىدىن ئىچىپ قىزىۋالايلى.
    −− توۋا دېگىنە ئاداش، باتۇرنى ھازىرلا كۆمۈپ قويدۇق، ھېچبولمىسا ئۈچىگىچە بولسىمۇ چىدايلى، −− مەخەت ئورنىدىن تۇرۇۋاتقان پەرھاتنى بىلىكىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزدى.
    −− باتۇر ئۆلدى دەپ بىزمۇ ئۆلۈپ بېرەمدۇق ئەمدى. رىزقى شۇنچىلىككەن رەھمەتلىكنىڭ، جان دېگىنىڭ شۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ، ئازراقتىن ئىچەيلى ئاداش، بولمىسا ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋېتىمەن، −− سەمەت راستتىنلا يىغلايدىغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
    −− بوپتۇ ئەكىرە، كۆزىمىزنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ياشىۋالايلى، −− دېدى مەخەت پەرھاتقا قاراپ، −− يېنىڭدا پۇل بارمۇ، بولمىسا مەندە بار.
    −− پۇل بار، −− دېدى پەرھات ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، −− ئىچسەك ئىچەيلى، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تازا ئىچەيلى.
    ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى لەڭمەن ئارانلا يېرىملاشتى. لېكىن بىر بوتۇلكا ھاراق تۈگەش ئالدىدا تۇراتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ چىرايىدا بايىقى سولغۇنلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۇلار تېخى بايىلا دوستىنى كۆمۈپ قويۇپ كىرگەن ھازىدارلارغا ئەمەس، تويى بولۇۋاتقان يىگىتكە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.
    يىراقتا بىر قەبرە مۇڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن بىر خىل ھەسرەت، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ئاچچىق تىترەك تارقىلىۋاتاتتى. بۇ ئاشخانىدا بولسا ئەسەبىيلەشكەن ئۈچ مەست بولۇشىغا ناخشا توۋلاۋاتاتتى...

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : كۆڭۈل، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار