• نامازشام گۈلى

    يوللانغان ۋاقتى:22-09-2011   مەنبە: تارىم 2011-يىل 3-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    نەچچە كۈندىن بېرى مېھمان كۈتىمەن دەپ ئالدىراشچىلىقتا »ئۇھ« دېگۈچىلىكىم قالمىدى. ئېرىم تۆمۈرنىڭ ئون يىللىق ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوست

     

     


     

    ئاپتورى: رەشىدە سېيىت

     

    نەچچە كۈندىن بېرى مېھمان كۈتىمەن دەپ ئالدىراشچىلىقتا »ئۇھ« دېگۈچىلىكىم قالمىدى. ئېرىم تۆمۈرنىڭ ئون يىللىق ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى ئەخمەت يۇرتتىن ئايالىنى داۋالاتقىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەنىدى. تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ئىككى بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلار تۆت، بىز تۆت سەككىز جان ئادەمنىڭ تامىقىنى ئېتىش، يوتقان - كۆرپىسىنى سېلىش، يىغىش ئاسانمۇ، ئۆينىڭ ئىشىنى قىلمىسام تېخى، تالانىڭ ئىشىنى قىلمىسام تېخى. تۆمۈرنى ئۆزۈم شۇنداق يامان ئۆگىتىپ قويغان. سەي - كۆكتات تۈگۈل پۇتىغا بىر پايپاقنىمۇ ئۆزى ئالالمايدۇ. ئەخمەتنىڭ ئايالى نادىرە كېسەلمەن بولغىنى بىلەن تولا گەپ قىلىدىغان ئايال ئىدى. ئورنىدىن تۈردىمۇ ئاغزى بېسىقماي سۆزلەيتتى. بىر ئادەم گەپ قىلىۋاتقاندا ھۆرمەت يۈزىسىدىن گېپىنى ئاڭلىمىسىڭىز تېخى، سورىغان سوئاللىرىغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، پىكىر قاتناشتۇرمىسىڭىز تېخى. بۈگۈن نېمە بولدىكىن، نادىرەنىڭ ئۇيقۇسى قاق سەھەردىلا ئېچىلىپ كەتتى.
    −− ۋاي سانىيە، تىنچ قوپۇپسىزمۇ؟ −− ئۇ چىشىنى چوتكىلىغاچ مەندىن ئەھۋال سوراۋاتاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ:
    −− خۇداغا شۈكۈر، يامان ئەمەس قوپۇپتىمەن. ئۆزىڭىزچۇ؟ −− دېگىنىمنى بىلەرمەن، ئۇ سۆزلەپلا كەتتى:
    −− قاراڭ، بۈگۈن بەك ئوبدان ئۇخلاپتىمەن، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ياققان ئوخشايدۇ. كېچىچە ئاجايىپ ئوبدان چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن. بۇرۇن كېسىلىم كۈچىيىپ كەتكەچكىمۇ، كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ تاپالمايتتىم. بۈگۈن كېچە ھەر بىر چۈش كۆرگەندە بىر قېتىم ئويغاندىم. كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىيەلىدىم. بىر - بىرىدىن ئېسىل چۈشلەرنى كۆرۈپتىمەن. قاراڭ، چۈشۈمدە ناھايىتى كۆپ كىرلەرنى ئۆزۈم يالغۇز يۇيۇپ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئېلىپ چىقىپتىمەن، قارىسام ئاپپاق ئۇزۇن تانا تارتىلغانمىش، كىرلەرنى يايدىم. قۇياش بېشىمدىلا تۇرۇپتۇ. يايغان كىرلەر بىردەمدە قۇرۇپ كەتكۈدەك، لېكىن ھال رەڭ كۆڭلىكىم ئۇچۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى، ئىزدەپ تاپالمىدىم. يەنە بىر چۈشۈمدە ئۆزۈم يالغۇز ناھايىتى كەڭ بىر باغدا تۇرىمەن، باغنىڭ تېمى بار، لېكىن ئىشىكى يوق. باغدا ساپلا نامازشام گۈللىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. مەن گۈلنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتىمەن. بىر چاغدا ئۇ ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى ئوغرىتىكەنگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بوران چىقىپ قۇيۇنلار قاپساپ كەلدى. مەن باغنىڭ ئىشىكىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. كېيىن يەنە بىر چۈش كۆردۈم قاراڭ، بۇ چۈشۈمنى سىزگە نېمە دەپ دەرمەن ئەمدى ئىزا تارتماي، ۋاي بوپتۇلا، دەۋېرەيچۇ، قۇلىقىڭىزنى يېقىن ئەكىلىڭ، −− ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ چىش پاستىسىنىڭ ماغزىپىنى يۇتۇپ سالارمۇ دەپ كۆزۈم تۆت بولاتتى، −− ئېرىم بىلەن ئىككىمىز ئادەملەر ناھايىتى كۆپ قايناق بازاردا كېتىۋاتقۇدەكمىز. ئۇ مېنى شۇنچە ئادەملەر قاراپ تۇرسا سۆيۈۋالدى، −− بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈۋەتتىم.
    ناشتىلىق تەييار بولدى. بىز ھەممىمىز داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرىمىز. نادىرەنىڭ ھېلىقى چۈشى ئېسىمگە كەلسىلا كۈلۈپ تاشلايتتىم. »ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئادەم ئالىدۇ« دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۆمۈرنىڭ يۈرىكىمنى ئېزىپ دېگەن گەپلىرى ئېسىمدىن بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. نادىرە ھەقىقەتەن شوخ، چىرايلىق ئايال ئىدى. ئېرى ئەخمەتمۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى. ئىككى بالىسى شۇنداق ئەقىللىق، ئەدەپلىك چوڭ بولغانىدى. شۇنداق بەختلىك بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئايالمۇ ئاغرىپ قالىدىكىنا، دەپ ئويلايتتىم.
    داستىخان ئۈستىدە نادىرە چوڭقۇر غەم - ئەندىشىگە پاتقانىدى. ئۇ ھېلىدىن - ھېلىغا ئېرىغا قاراپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئەتىگەنكى مۇھەببەتلىك كۆزلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. مەن ئۇنى كۆرگەن چۈشنىڭ پەيزىنى نەچچە كۈنگىچە سۈرۈپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئويلىغانىدىم، چايدىن كېيىن ئاشخانىدا قاچىلارنى يىغشتۇرۇۋاتسام، ئۇ يەنە قېشىمدا پەيدا بولدى.
    −− سانىيە، سىز مېنىڭ چۈشلىرىمنىڭ بىرسىگىمۇ تەبىر بەرمىدىڭىزغۇ؟ −− دېدى ئۇ مەيۈس بىر قىياپەتتە.
    −− كەچۈرۈڭ، شۇ چاغدىلا چۈشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىپ بولغانىدىم. لېكىن شۇ كۈلكە بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن. بەك ياخشى چۈش كۆرۈپسىز. كېسىلىڭىز تامامەن ياخشى بولۇپ كەتكۈدەك، تۇرمۇشۇڭلار تېخىمۇ ئىناق، بەختلىك ئۆتكۈدەك.
    −− دېگىنىڭىز كەلسۇن، −− دېدى ئۇ ھارغىن ۋە مىسكىن قىياپەتتە. بەلكىم بۇ چاغدا كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ساقىيىشىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىغاچقىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ناھايىتى چوڭقۇر ئازاب ۋە ئاچچىق ئارمانلار يېلىنجاپ تۇرغان بىر سوغۇق نۇر چاقناپ كەتتى. ئۇ ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇۋېرىپ ئۈزۈلۈپ قالمىغىدى دەپ ئويلاپ، ئىشلىرىمنى بالدۇرلا تۈگەتتىم. تۆر ئۆيگە يېكەندازنى سېلىپ، پەر ياستۇقنى جۈپلەپ قويۇپ، بىردەم يېتىۋېلىڭ، دېدىم. ئۇ، قىلغانلىرىمغا قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
    −− سانىيە، ئىلگىرى بالىلىرىمنىڭ دادىسىدىن نۇرغۇن تەرىپىڭىزنى ئاڭلىغانىدىم. قارىسام راستتىنلا شۇنداق ئاق كۆڭۈل ئىكەنسىز. قىلغانلىرىڭىزنى بۇ دۇنيادا ياندۇرالمىسام، ئۇ دۇنيادا ياندۇرارمەن. خۇدايىم ماڭا يەنە ياشاش پۇرسىتى بېرىپ قالسا، سىزنى يۇرتقا ئاپىرىپ تازا ئوينىتىپ، نەچچە قات كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، سىز مېنى كۈتكەندەك كۈتسەم دەيمەن.
    −− ئۇنداق دېمەڭ نادىرە، سىزنى تۈزۈك كۈتەلمىدىم. سىزنى كۆرۈپ، مۇڭدىشىپ يۈرىكىمدىكى دەردىم يەڭگىللەپ قالدى.
    −− سىزنىڭ نېمە دەردىڭىز بار؟ ئىككى بالىڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. تېنىڭىز سالامەت. يولدىشىڭىز سىزگە سادىق. بىلەمسىز سانىيە، ئاياللار ئۈچۈن سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن. سالامەت بولسىڭىزلا ھەممىنى قولىڭىزدا تۇتۇپ تۇرالايدىكەنسىز، −− ئۇنىڭ قارىقاتقا ئوخشاش چىرايلىق كۆزلىرىدىن ياش ئېقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا قاراپ مېنىڭمۇ يۈرىكىمدىكى دەرد - ھەسرەتلىرىم، ئەندىشلىرىم قوزغىلىپ قالغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدىم.
    −− توۋا، بۇلارغا قارا تۆمۈر، تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتىشكەنلىرىنى، خوتۇن كىشى دېگەن مانا مۇشۇنداق ئەخمەق، −− ئەرلىرىمىز ئىشىك تۈۋىدە بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇشاتتى. تېلېۋىزوردا راستتىنلا يېقىندا تەرجىمە قىلىنغان بىر تېلېۋىزىيە فىلىمى بېرىلىۋاتاتتى. ئايال باش قەھرىماننىڭ نەچچە يىل جاپا چېكىپ تۇتقان ئۆيىنى ئېرى ۋە ئۇنىڭ ئاشنىسىغا تاشلاپ بېرىپ، بىر دانە چاماداننى ئېلىپ كېتىۋاتقان ھالىتى ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياش باش كۈزدە تۆكۈلگەن غازاڭلارنىڭ ئۈستىگە تېمىپ، كۈز قوينىغا −− ھەممە گۈللەر خازان بولىدىغان كۈز قوينىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. قەلبىم غەزەپكە تولدى. مەن ئۇنداق ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ بەختلىك ئائىلىسىنى باشقا بىر ئايالغا قوش قوللاپ تۇتۇپ بېرىدىغان ئايال بولۇشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن!
    ئەخمەت يولدىشىم تۆمۈرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالىي مەكتەپكىچە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى ئىدى. بىز خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ بۇ شەھەرگە يۆتكىلىپ كەلگەنىدۇق. بۇ شەھەرنىڭ ياز پەسلىدىن قىش پەسلى ئۇزاق بولۇپ، توختىماي قار يېغىپ تۇرىدىغان قىش پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرساق، تىنماي يامغۇر ياغىدىغان ياز پەسلى كېلەتتى. مەن يامغۇر بىلەن قارغا بەك ئامراق ئىدىم. قار ياغقان كۈنلىرى شەھەرنىڭ ئاپپاق قار ئاستىدىكى مەنزىرىسىگە قاراپ ھاياجانغا تولاتتىم. ئۇزاققا سوزۇلغان قارلىق يوللىرىدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن تاكى ھارغىچە ماڭاتتىم. ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن قۇشقاچلارنىڭ توپ - توپ بولۇپ ئۇچۇشۇپ، قارلارنى چوقۇشلىرىنى كۆرەتتىم. ئۇششاق بالىلارنىڭ چانا تېيىلىشلىرىنى، قار ئۈستىدە پومداقلىشىپ ئويناشلىرىنى، قار بوۋاي ياساپ ئۆزلىرىنىڭ قىش قوينىدىكى بۇ نادىر ئەسىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشكەنلىرىنى كۆرەتتىم.
    يامغۇر پەسلى تېخىمۇ گۈزەل بولاتتى. بولۇپمۇ باھار يامغۇرى ياغقان ئاشۇ پۇرسەتتە چىرايلىق ئېچىلغان چېچەكلەرگە قارايتتىم. بىخلانغان، باراقسان بولۇۋاتقان يېشىل يوپۇرماقلارغا تەلپۈنەتتىم. تاراسلاپ تۆكۈلگەن يامغۇر تامچىلىرىنىڭ بەرگلەرنىڭ قات - قېتىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ خىياللارغا چۆمەتتىم. كۆز ئالدىمدىكى لىرىك دۇنياغا تويماي قارايتتىم. ئاق يېغىنغا ئايلانغان يامغۇرلارنىڭ تىمتاس باغرىدا تەسەۋۋۇر ئىستەكلىرىم ئېرىپ كېتەتتى.
    بۇ شەھەرنىڭ پاكىز، مەدەنىي مۇھىتى، تېز ھايات رىتىمى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى، قارىسىڭىز بىرەر ئادەمنىڭ لاغايلاپ يۈرگىنىنى كۆرمەيسىز. ھەممىسى ھاياتلىق ئۈچۈن، تۇرمۇش ئۈچۈن ئالدىرىشىدۇ. ھەتتا بەزىلەر قوش خىزمەت قىلىدۇ. بىز بۇ شەھەرگە كېلىپ ئۈچ يىل بولغاندا تۆمۈرنىمۇ بىر كىتاب سودىگىرى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي كىرىمىمىز بىر قاتلاندى. تۇرمۇشىمىز ئالاھىدە ياخشىلاندى. يېڭى سېتىۋالغان ئۆيىمىزنىمۇ بۇ شەھەرنىڭ مودا ئۆيلىرىدەك چىرايلىق بېزىۋالدۇق. مەن ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمدىن بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئالماشقانىدىم. تۆمۈر خىزمەتتىن كېلىپلا كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇنىڭ قانداق چاغدا يېتىپ، قانداق چاغدا قوپىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغۇم ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دېگەندەك، داس بوشلۇقى ياللۇغى كېسىلىم ئېغىرلاپ كەتتى. تۆمۈر بەزىدە كۆزلىرىمگە قاراپ چىرايىمنىڭ بارغانسېرى سارغىيىپ، جۈدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالاتتى ھەم ئۆزىنىڭ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقانلىقىدىن خىجىل بولاتتى. ئۇنىڭ ئىچى سىقىلىپ نېمىگىدۇر تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم. لېكىن ئۇنىڭ ئامالىنى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيتتى. ئۇنىڭ چېيىنى تەييارلاش، كىيىملىرىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ دەزماللاش، ئۆيلەرنى تازىلاپ رەتلىك، پاكىز تۇتۇپ، ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرىش بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئېرىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ھەم ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇنىڭ خىزمەتتە، تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنەتتىم. بولۇپمۇ ماڭا سادىق، بالىلىرىمغا كۆيۈملۈك ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنەتتىم. ئۇنىڭغا قارىسام، ئۇنىڭغا يۆلەنسەم، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىسام قەلبىمدە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى. بەزىدە بالدۇرراق ساقايسام، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلسەم دەپ ئويلاپ كېتىمەن. بىر كۈنى ئۇ قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى.
    −− سىز زادى قاچان ساقىيىسىز؟ ئۆزىڭىزنى ئاسرىسىڭىز بولمامدۇ؟ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ قاچىلارنى يۇيىسىز. كۈندە نەچچە ۋاق نەم لۆڭگىنى تۇتۇپ پول سۈرتىسىز. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭمۇ كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىسىز. ئۆزىڭىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ مېنى بولسىمۇ ئويلاپ قويۇڭ. مەن دېگەن ئەر كىشى. مېنىڭ كوچىغا قاراپ قېلىشىمدىن قورقمامسىز؟! −− ئۇنىڭ يامغۇردا قالغان ناغرىدەك ئاجايىپ سادادا ياڭرىغان بۇ ئاۋازى يۈرىكىمنى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. بۇ ئاۋاز مېنى ئازابلاپ، بۇ ئۆمرۈمدە ئايال بولۇپ تۆرىلىپ قالغىنىمغا تۇنجى قېتىم پۇشايمان قىلدۇرغانىدى. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم. ھەتتا يۈرىكىمدە دەۋرەپ ئېقىپ كۆزلىرىمگە ئۇرۇلۇۋاتقان ئەلەملىك ياشلارنىڭ بىر تېمىمنىمۇ ئۇنىڭغا كۆرسەتمىدىم. تۇيغۇلىرىمدا گۇمران بولۇۋاتقان ئىشەنچ بىلەن ئۈمىدلەر شۇ دەقىقىدە مېنى ناھايىتى بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.
    مەن ئاشۇ دەقىقىدە يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ كېسەل بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەتىرگۈلدەك پورەكلەپ، جۇلالاپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا بىر - ئىككى ئاي كېسەل بولۇپ يېتىپ باقسىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭ سىزگە قانچىلىك ۋاپادار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىكەنسىز. بىراق ئۇنىڭ ماڭا دېگەنلىرى توغرا ئىدى. ئۇ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى. ئۇ ھەر ھالدا ئەقىللىق ئىكەن. ئۇ ماڭا ھېچنېمە دېمەي، كوچىدا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرسە قانداق قىلاتتىم؟ مەنمۇ ئاشۇ ئەرلىرى تاشلىۋېتىپ، يېتىم بولۇپ قالغان بالىلىرىنى بېقىپ يۈرگەن بەختسىز ئاياللار توپىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولاتتىم. تۇرمۇش يولۇمغا دەل ۋاقتىدا سىزىلغان ئېھتىيات سىزىقىدىن خۇش بولۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىدىم.
    ئۇ كۈنى شەنبە ھەم نورۇز بايرىمى ئىدى. بالىلىرىم مەكتەپتىكى پائالىيەتكە كېتىشكەن بولۇپ، بۇ ئۆي تۆمۈر ئىككىمىزگە خاس قالغانىدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ كۆزلىرىمگە مۇھەببەت بىلەن تىكىلدى. مەن ئاستا ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئوت بولۇپ ياناتتى. لېكىن مەن يەنە ھېلىقى كېسەل بىلەن ئاۋارە ئىدىم. شۇڭا دەرھال ئۇنىڭ باغرىدىن ئۆزۈمنى تارتتىم.
    −− نېمە بولدى؟ −− دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە ئاچچىق تىكىلىپ.
    −− مەن تېخى... تېخى... −− ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەنىدى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ چىرايى قارا بۇلۇت قاپلىغان ئاسمانغا ئايلاندى. كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى چاقناپ، تىل يامغۇرى شىددەت بىلەن تۆكۈلۈشكە باشلىدى. دەسلەپ »مېنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ« بىلەن باشلانغان سۆز ئاخىر ناھايىتى قەبىھ ھاقارەتكە ئايلاندى. شۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى ئەسلىسەم مېنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئۇنىڭدىن دەرھال ئاجرىشىپ كەتسەم، ئۇ مەندىن ساغلام، چىرايلىق بىر ئايالغا ئۆيلەنسە، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزسە ۋە ياكى مۇشۇ تاپتا يۈرىكىم يېرىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك تۇرمۇشقا ئېرىشسە... ئوي - خىياللىرىم ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھەم خەتەرلىك ئىدى. لېكىن بۇنداق ئەھۋالغا راستتىنلا دۇچ كەلسەم نېمە بوپ كېتەرمەن؟ مەن ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام.
    مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ماڭا ئاداۋەت تۇتۇپ يۈردى. چاي تەييارلاپ بەرسەم ئىچىدۇ. تاماق ئەتسەم يەيدۇ. ئەمما گەپ قىلمايدۇ. خىزمەتتىن كەلسىلا كۇتۇپخانىسىغا بېكىنىۋالىدۇ. بۇنداق كۈندىن جاق تويدۇم. ئۇنىڭ مەندىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان مېنىڭ كېسىلىملا ئەمەس ئىدى. ئۇ كومپيۇتېرغا مەستانە بولۇپ كېتىۋاتاتتى. مەن بۇ مەستانىلىقنىڭ سىرى - ئەسناسىغا يەتمەي تۇرۇپ ئۆيىمىزگە مېھمان كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ماڭا گەپ قىلدى.
    −− ئەخمەتنىڭ ئايالى يامان بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە ئەكەلگۈدەك. ئۇلار كەتكىچە ئوبدان كۈتۈۋالايلى، −− دېدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش بولۇپ، تىترەپ چىقاتتى. قارىغاندا ئۇ نادىرەگە ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا چىدىمايۋاتاتتى. بۇنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ كۆزۈمگە ياش كەلدى. ئۇلار مەكتەپتىلا مۇھەببەت باغلاپ بىرى تاغقا، بىرى باغقا تەقسىم قىلىنىپ قېلىپ، بىر يەرگە كېلىپ توي قىلغۇچە بەش - ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا بالىلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن خېلىلا كىچىك ئىدى. خۇدايىم ساقىيىپ قالسىغۇ خەيرىيەت. ساقايماي قالسا ئىككى بالىسى قانداق قىلار؟ بىر تەرەپتىن ئۆزۈمدىن ئەنسىرەيتتىم. مېنىڭمۇ كېسىلىم ئاخىر شۇ خىلغا ئۆزگىرىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟ ئىككى بالام بۇ دۇنيادا ئانىسىز قالسا، بۇ نېمىدېگەن دەھشەت! ئۇلارنى چوڭ بولدى دېگەنبىلەن، تېخى ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىغا ئەمدىلا پۇتىنى ئالدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىسىدە مەن يار - يۆلەك بولۇشۇم كېرەك.
    بۈگۈن مانا مېھمانلارنىڭ كەلگىنىگىمۇ بىر ئاي بولۇپ قالدى. بۇ كۈنلەردىكى جاپالىرىممۇ مەيلى، ئەڭ يامىنى نادىرەنىڭ كېسىلى. ئۇنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ. دوختۇرلار ھەممە ئەھۋالىنى ئېيتىپ، دوختۇرخانىدا ياتقۇزساڭلارمۇ مەيلى، ئېلىپ كېتىپ ئۆيدە ئوبدان كۈتۈپ باقساڭلارمۇ مەيلى. ھازىرقى ئەھۋالدا بەش - ئالتە ئاي بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن، دېدى. ئەخمەت نادىرەنىڭ ئەسلىي كېسەللىك دىياگنوزىنى ئۇنىڭدىن سىر تۇتقانىدى. مەن جىمىغۇر ئىدىم، شۇڭا نادىرەنىڭ ھەر قانداق ھەرىكەتلىرى، گەپ - سۆزلىرى، ھېسسىياتقا تولغان ئاياللىق سۈلكىتى، نازاكىتى مېنى جەلپ قىلىۋالغانىدى.
    −− ئايال كىشى دېگەن شۇنداق بولىدىكەنمىز، خۇددى داكا رومالدەك بىر قېتىم يۇيۇپ سىقىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان. قارىمامسىز، پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كەتكۈدەك بولۇپ قالغىنىمنى، −− دېدى ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، −− ھايات ماڭا قاتتىق زەربە بەردى، سىڭلىم ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئانام بىلەن دادام ئۇنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا ئارقا - ئارقىدىن تۈگەپ كەتتى. بىر يىلدا ئۈچ ئادەمنى كۆمۈپ قويدۇم. ھازىر تىكەندەك يالغۇز قالدىم. يىغلاۋېرىپ بۇ كېسەلنى تاپتىم. ئەمدى ساقايسام ھەرگىز يىغلىمايمەن. خاپا بولمايمەن. يىغلىغانغا ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ تىرىلىپ كەلمەيدىكەن. قولىڭىزدىن كەتكەن نەرسىلىرىڭىزمۇ قايتىپ كەلمەيدىكەن. ئەمدى سۇ كېلىپ، سەل كەتسىمۇ پەرۋايىمغا ئالمايمەن. ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن. ئۆي دەپتىمەن، ئېرىم، بالىلىرىم دەپتىمەن. پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىرەر نەرسىنى ئېلىپ خۇشال بولۇشنى ئويلاپ باقماپتىمەن. ئەخمەتنى يىگىتلەردەك ياساپ قويۇپ ئۆزۈمنى تاشلىۋېتىپتىمەن. مېھراپقا تىزىۋەتكەن تەتىللا يوتقان - كۆرپە، يېكەندازلىرىمغا قارىسىڭىز ھەيران قالىسىز. ئاشۇ يوتقان - كۆرپىلەرنىڭ بىرەرسىنىمۇ ئۆزۈم سېلىپ يېتىپ باقماپتىمەن، ساقايسام ھەممىسىنى سېلىپ ئېغىناپ يېتىۋالمىسام، −− نادىرە ھەدەپ سۆزلەيتتى، ھاياجاندىن لەۋلىرى تىترەيتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ناھايىتى ئاز قالغانلىقىنى، يېقىندىلا تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق ئازابلىناتتىم.
    ئۇلار ئاخىر كەتمەكچى بولدى. ئىككى كۈندىن كېيىن ماڭىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بولدۇق. ئەتە ماڭىمىز دېگەن كۈنى كېچىچە سىم - سىم يامغۇر ياغدى. كېچىچە توختىماي ياغقان يامغۇر ئەتىسى سەھەردە توختاپ قالغان بولۇپ، قورۇنىڭ ئىچىدىكى دەل - دەرەخلەر، چىملار، گۈللەر ناھايىتى چىرايلىقلىشىپ كەتكەنىدى. نادىرە ئورنىدىن تۇرۇپ ئادىتى بويىچە ماڭا گەپ قىلغاچ چىرايلىق ياساندى. مېنىڭ چىرايىم ئادەتتىكىچە بولغاچقىمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتىم. ئۇ بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ راستمىدۇ؟ ئۇنىڭ چىرايلىق ئەگىم قاشلىرى، چوڭ - چوڭ قاراقاتتەك كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرغان بوستاندەك كىرپىكلىرى، شۇنچە كېسەل تارتقىنىغا قارىماي پارقىراپ تۇرغان سۈزۈك تېرىسى، ئۆز لايىقىدا ياسالغان تەبىئىي بۈدۈر چاچلىرى، نازۇك بوي - بەستى... بۇلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقىنىمدا ئۇ ماڭا قاراپ ھەسرەت بىلەن كۈلۈپ قويدى.
    −− كېلىڭ، −− دېدى ئۇ ماڭا سېرىق سەدەپتەك قوللىرىنى سۇنۇپ، −− ماڭا قاراپ تۇرۇۋەرمەي ئۆزىڭىزنىمۇ تۈزەشتۈرۈڭ. بىز بىر تۇغقاندەك بوپ قالدۇق. سىزدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ. بۈگۈن تاماق ئەتمەڭ، ھېلىمۇ بىر ئايدىن بېرى سىزنى ھاردۇرۇپ ھالىڭىزنى قويمىدۇق. ئىككىمىز يالغۇز ئايلىنىپ كىرەيلى. بۇ ئىككى ئادەم بالىلارنى ئايلاندۇرۇپ كەلسۇن.
    قارىسام، نادىرەنىڭ لېۋى ئازراق كۆكىرىپ قالغان بولۇپ، نەپەس ئېلىشىمۇ قىينلىشىۋاتاتتى. ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان بىر ئايالنىڭ شۇنداق ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن مېنى مۇڭدىشىشقا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىدىيالماي قالدىم. كۆز ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردۇم. ئۇ مېنى ئىخلاس بىلەن ياساپ قويدى.
    −− مۇشۇنداق يۈرۈڭ. تەبىئىي گىرىم قىلىۋالسىڭىز روھىڭىزمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. سىز بەك ساددىكەنسىز. بۇ كەمدە ئېرىڭىزگە تۈزۈكرەك كۆرۈنمىسڭىز، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشتىن يانمايدۇ، −− دېدى ئۇ. مەن ئەينەك ئىچىدىكى ئۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ قويدۇم. بىز بالىلىرىمىز بىلەن ئەرلىرىمىزنى ئۆيدە قويۇپ كوچىغا چىقتۇق. سەھەرنىڭ قۇياشى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرلىرى زېمىنغا ئاستا - ئاستا يېيىلماقتا ئىدى. كېچىچە ياغقان يامغۇردىن ھەممە يەر نەمخۇش ئىدى. دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئاجىز شامالدا نازۇك تەۋرىنەتتى.
    −− قەيەرگە بارىمىز؟ −− دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ. ئالدىمىزدا ئۈچ ئاچا يول تۇراتتى. ئۇ ماڭا قاراپ يېقىملىق كۈلدى. ئاندىن:
    −− بېشىمىز قايغان، پۇتىمىز تايغان تەرەپكە ماڭايلى. ئايروپىلان ئۇچىدىغانغا بىر سائەت قالغاندا ئاندىن ئۆيگە قايتايلى. سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بەك كۆپ، −− ئۇ شۇنداق دەپ قولۇمنى تۇتتى. ئۇنىڭ قولى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، سەل تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىۋالدىم. بىز بىر دوقمۇشتىن قايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى يولغا قاراپ ماڭدۇق. بۇ يولنىڭ ئاخىرىنىڭ نەگە تۇتىشىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم. مېڭىۋاتىمىز، ھەر ئىككىمىز جىم، قەدەملىرىمىز تەكشى چۈشمەكتە. قارىسام، نادىرەنىڭ چىرايى سارغىيىپ تېخىمۇ سۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى. بىز ناھايىتى ئاستا قەدەم ئالاتتۇق. بىر چاغدا يان تەرەپتە مەجنۇنتاللىق بىر چىغىر يولغا دۇچ كەلدۇق. بىز ئاشۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق ماڭدۇق. ئاخىر ئالدىمىزدا تاملىرى چېقىلغان بىر كونا تاشلاندۇق قورۇ كۆرۈندى، ئۇ يەردە بىزدىن باشقا بىرەر ئادەم يوق ئىدى. نېرىدا بىر پۇتى سۇنۇپ قىيسىپ قالغان ياغاچ ئورۇندۇق تۇراتتى. بىر چاغدا نادىرە قاراڭ، نامازشام گۈلى! دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرىمۇ شۇنداق جانسىز ھەم ھەسرەتلىك ئىدى. قارىسام، يان تەرەپتىكى يېرىمى چېقىلغان ھويلا تەرەپتە نامازشام گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. نامازشام گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ تۇرغان ھال رەڭ بەرگلىرى ئۈستىدىكى يامغۇر تامچىلىرى تېخى تامام قۇرۇپ كەتمىگەن، بەرق ئۇرۇپ تۇرغان يېشىل يوپۇرماقلار بۇ خارابىلىك ئىچىدە يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ گۈللەرنى ئاۋايلاپ تۇتتى. سارغىيىپ كەتكەن بارماقلار ئارىسىدىن يېشىل يوپۇرماقلار ئۇنىڭغا قاراپ كۈلەتتى:
    −− مەن نامازشام گۈلىگە ئامراق، −− دېدى ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، −− ئۇ ماڭا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى، ئاشۇ ھال رەڭ گۈللىرى، ھەتتا يىلتىزلىرى ھەممىسى مېنىڭ تەقلىدىمدەك. مەن گۇگۇمدا شەپەقنىڭ يانغىنى بىلەن ئېچىلىمەن. ئۇرۇقلىرىم مېنىڭ كۆز يېشىم، سىز قارا ياشنى كۆرمىگەن بولغىيتتىڭىز؟ ئۇ ياشلار قەلبىمدىن تۆكۈلگەن، كۆزلىرىمدىن سۈزۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، مېنىڭ گۇگۇمنى، يەنى كېچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ تىمسالى. ئۇرۇقلىرىم زېمىنغا تۆكۈلۈپ كۆكلەيدىغانلىرى كۆكلەيدۇ، قالغانلىرى ئاسمانغا ئۇچۇپ شاماللار باغرىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئاسماندا ئاپپاق جىمىرلاپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلاردىن باشقا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قارا يۇلتۇزلارمۇ بار. ئۇلار مەۋھۇم بىر ئارمان، ئەقىدە، پىداكارلىق يولىدا چاقنايدۇ. مەن كۈنلەرنى ئەنە شۇ نامازشام گۈللىرىدەك ئۆتكۈزدۈم. ھاياتىمنىڭ قىسقىلىقى ئۇنىڭ بىردەمدىلا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ، بىردەمدىلا كۆزىنى يۇمىدىغان ئاشۇ ھالىتىگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ، −− ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ناھايىتى تەستە تامدى. ئۇ نامازشام گۈللىرىدىن قولىنى تارتىپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى. بىز ھېلىقى سۇنۇق ئورۇندۇقنى گۈللەرنىڭ يېنىغا قويدۇق. سۇنۇق پۇتىغا پارچە خىشلارنى قويۇپ چىڭ دەسسەتكەندىن كېيىن ئىككىمىز يانمۇيان ئولتۇردۇق. نادىرەنىڭ يۈرەك سوقۇشى ماڭا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تىمتاسلىق ئىچىدە نامازشام گۈللىرىگە قارايتتى. نامازشام گۈلىنىڭ يۇمران بەرگلىرى ئۇنىڭ ئازابلىرىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك تىترەپ - تىترەپ توختايتتى.
    −− سانىيە، مەن سىزنى سىرداش دوستۇم دەپ بىلسەم بولامدۇ؟ −− دېدى ئۇ قولۇمنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، −− دۇنيادا دوست تاپماق ئاسان، لېكىن سىرداش دوست تاپماق ناھايىتى قىيىن. شۇڭا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك سىرداش دوست قىلىپ يۈرىكىمدىكى پىنھان سىرلىرىمنى ئېيتىپ بەرسەم دەيمەن. بىلەمسىز، مەن ساقىيالمايمەن. ئەخمەت بۇنى مەندىن يوشۇرۇپ يۈرگىلى ئۇزاق بولدى. مەن بۇرۇنلا ئۆزۈمنىڭ ساقىيالمايدىغانلىقىمنى دەل ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىر ۋاقىت مېنى ئەجەل گىردابىغا قىستاۋاتىدۇ. مېنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ئىدى. مەن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇندىشىم كېرەك. ئۇلارنىڭ تېخى ساۋاتى چىقىپ بولالمىغان، ئۇلار ئەمدىلا بىرىنچى سىنىپتا، مەن ئۇلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە ئۆز قولۇمدا ئوقۇتۇشۇم كېرەك. يەنە ئائىلەم، بالىلىرىم ئالدىدا قىلىدىغان ئىشلىرىم بار ئىدى. لېكىن ھازىر ھەممىسىگە پۇرسەت يوق. مەن ھايات ۋە ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكى ئالدىدا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئۇ دۇنياغا كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئەخمەت بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ھېچكىمگە ئېيتالماي ئۆزۈم بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەرمەنمۇ دەپ ھەسرەت چېكەتتىم. ئەمدى ئوبدان بولدى. ئۇنىڭ قىلغان ئەلەملىرىنى يۈرىكىمدىن زادىلا چىقىرىۋېتەلمىدىم. مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىر پەس دۈم ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، شۇ چاغدا يۈرىكىمدىكى زەرداپلار چىقىپ كېتەر. مەن يۇرتتىكى دوختۇرخانىدا ئۇزاق يېتىپ كەتتىم. لېكىن كېسىلىم ساقايماقتا يوق، ئەكسىچە ئېغىرلاۋەردى. بىر كۈنى ياتاقنىڭ بالكونىدا ئەخمەتنىڭ بىرى بىلەن تېلېفوندا دېيىشىۋاتقان گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم.
    −− ھەي، توشقان تېرىسىمۇ قىرىق كۈن چىدايدىغۇ. سەن بىرەر - يېرىم يىل چىدىمامسەن؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى خوتۇنغا مەن نېمە دەپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلىمەن. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلىنى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ، ئۇزاق ياشىيالمايدۇ دەيدۇ، −− دېدى ئۇ قارشى تەرەپكە. ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئۆزۈمنى ئانچىكى بىر ئاشقازان كېسىلى بىلەن ياتاقتا ياتتىم، دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئۇ تېلېفوندا سۆزلەشكىنى مەن ئاغرىپ قالغان مەزگىللەردە ئالغان ئايالى ئىكەن. ئالتە ئاي بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا، بىزنىڭ 02 يىللىق تۇرمۇشىمىزغا سېلىشتۇرغاندا قانچىلىك ۋاقىت؟! ئۇ ئالتە ئايمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ھېلىقى خوتۇننى ئالدى. بۇ دەل مەن ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرنىڭ ھەقىقىي دىياگنوزى چىققان چاغ ئىدى. ئۇ دائىم مېنى ياتاقتا ياتقۇزۇپ قويۇپ كاماندىروپكىغا بارىمەن دەپ يوقاپ كېتەتتى. بالىلىرىم بىلەن دوختۇرخانىنىڭ تامىقىنى يەپ ناھايىتى جاپا تارتاتتىم.
    بىر كۈنى ئۇخلاپ ئويغانسام، ياتاقتىكى كېسەل ئاياللار قارتا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار قارتىدىن زېرىككەندە قىزىق پاراڭغا چۈشۈشتى. شۇ ئەسنادا ياندىكى ياتاقتىن كىرگەن ئايال:
    −− قاراڭلار، ھازىر جاھان نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىغاندۇ، مېنىڭ قوشنام بىر قىزىنى ئايالى ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان بىرىگە نىكاھ ئوقۇتۇپلا چېتىپ قويدى. ھېلىقى ئادەممۇ ئۆتۈپ كەتكەن نامەردكەن. ئايالىنىڭ ئىككى كۆزى مۆلدۈرلەپ تۇرسا ئۇنداق ئىشنى قانداقمۇ قىلغۇسى كەلگەندۇ. مەن سىلىگە دېسەم، ھەرگىز ئاغرىپ قالماڭلار، مەھكەم تۇرۇڭلار، ئېرىڭلارنى، ئۆيۈڭلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھېلىقىدەك نىيىتى يامان خوتۇنلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، −− بىز گەپلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئەخمەت كىرىپ كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ ھېلىقى ئايال ئاغزى گەپ يۇقى قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئاندىن ياتاقتىن تېزلا چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا يۈرىكىم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولدى.
    ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئەخمەت يەنە كاماندىروپكىنىڭ گېپىنى قىلدى. مەن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدىم. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئايالنى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇ ئايال:
    −− ئېرىڭىز ئىشىكتىن سىزنى »خوتۇن!« دەپ كىرگەندە قورققىنىمدىن ئوڭدامغا »داراڭڭىدە« ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. توۋا، سىزدەك شۇنداق چىرايلىق، ئوبدان خوتۇنى بار ئادەم سىزنى داۋالىتىپ ساقايتسا بولمامدۇ. سىز ھايات، ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يىل جاپانى تەڭ تارتىپ ئۆي تۇتقان. ئۇنىڭغا پەرزەنت تۇغۇپ بەرگەن، ياقىسىنى ئاقارتىپ، ئېشىنى ئېتىپ بەرگەن تۇرسىڭىز، −− ئۇنىڭ تەسەللىسى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قېشىدىن چىقىپ كەتتىم. ياتاق بىناسىنىڭ 02 - قەۋىتىگە چىقىپ پەسكە قارىدىم. كۆز ئالدىم ناھايىتى سۈرلۈك بىر چوڭقۇرلۇق ئىدى. ئادەملەر، ماشىنىلار... ھەممە نەرسە ناھايىتى كىچىك كۆرۈنەتتى. بۇ يەردىن ئۆزۈمنى تاشلىسام كۇكۇم - تالقان بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئازابلاردىن قۇتۇلىمەن. بىراق شۇ ھامان ئىككى بالام كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ پەسكە چۈشتۈم. ياتاققا كىرگۈم كەلمەي دوختۇرخانىنىڭ گۈللۈكىدە ئولتۇردۇم. ئەتراپىمدا نامازشام گۈللىرى ھەر خىل رەڭدە ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. كىچىكىمدە ئانام ھويلىمىزدىكى گۈللۈككە نامازشام گۈلىنى تېرىۋېتىپ، دۇنيادا بۇ گۈلدىنمۇ ئاسان تۇتىدىغان گول گۈل يوق، دېگەن ئىدى. مەن ئانامنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاشۇ نامازشام گۈلىگە ئوخشاش گۈللىنىپ، ئەخمەتنىڭ قەلبىگە يىلتىز تارتىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياپراق چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىپ كەپتىمەن. شۇ خىياللار بىلەن نامازشام گۈلىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىر تال - بىر تالدىن تېرىشكە باشلىدىم. شۇ چاغدا دولامنى بىرسى يەڭگىل تۇتتى. ئەخمەت ئىككى بالام بىلەن يېنىمدا تۇراتتى. بالىلىرىمنى كۆرمىگىنىمگىمۇ ھەپتە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنى باغرىمغا باستىم. ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىققان ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ كېسەل بىلەن ئېلىشىش، ھاياتىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۇزارتىش نىيىتىگە كەلدىم. بىرسى ئەخمەتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ مېنى »ئۆل !« دەيتتى، مەن قوللىرىمنى سوزۇپ، مەن ئۆلمەيمەن، ياشايمەن، سەندىن ئېرىمنى قايتۇرۇۋالىمەن، دەپ ۋارقىرايتتىم. گەرچە كۆڭلۈم ئاينىپ تۇرسىمۇ خېلى كۆپ تاماق يېدىم. بالىلىرىم مېنىڭ جان - جەھلىم بىلەن تاماقنى چايناپ يۇتۇشلىرىمغا قاراپ خۇشال بولاتتى. ئاپام ساقىيىپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئۈمىدلىنەتتى. ئەخمەت بالىلىرىم بىلەن ئۆيگە كەتتى. شۇ كېچە ياتاقتا يالغۇز قالدىم، ئۈمىدلەندىم، ھەسرەت چەكتىم، غەيرەتكە كەلدىم. ئاخىر ھېچنېمىنى ئۇقمىغان بولۇپ ياشاش قارارىغا كەلدىم. بۇنداق قىلمىسام ئىككى بالامغا قوشلاپ زەربە بولاتتى. ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە داىسىنىڭ بۇرۇنقى پاك، ساداقەتمەن ئوبرازى شۇ پېتى قالسۇن دېدىم. بولمىسا ئۇلار كېيىن ئۆزىگە بۇ دۇنيادا روھىي يۆلەنچۈك تاپالماي قالىدۇ.
    سەھەردە ھېلىقى ئايالنى ئىزدەپ ياتىقىغا كىردىم. ئۇنىڭدىن ئەخمەتنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە خوتۇن ئالغانلىقى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقىنى ئۆتۈندۈم. ئۇ ئايال ماقۇل بولدى. چۈشتە ئەخمەت يەنە كەلدى. ئۇ ئىككى ناننىڭ ئارىسىغا كاۋاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كۈلۈپ تۇرۇپ قولىدىن كاۋاپنى ئالدىم.
    −− كاۋاپ يېگۈم كەلگەن ئىدى. پال باقتىڭىزمۇ نېمە؟ −− دېدىم. ئۇ ئالدىمدا كۈلىمەن دەپمۇ كۈلەلمەيۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ - بۇنىڭ گېپىنى قىلىپ، قەلبىمدىكى ئۆچمەنلىكنى بېسىشقا تىرىشاتتىم. لېكىن ئۇنىڭغا قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمىدىم. قايسى كۈنى سىزگە ئېيتقان چۈشلىرىم ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ئۇ چۈشلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل قارا بېسىش، ياخشى چۈش ئەمەس. ئۈمىدسىز خىياللىرىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن يامان چۈش. ئەخمەت مېنىڭ كۆزۈمگە بىر ساختىپەزدەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھەر قانداق يەرگە بارسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ساختىلىق يېغىپ تۇرغان تىلىنى ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن ئەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيمەن. ھازىر جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك جاسارىتى بىلەن ئائىلىسىنى، ئايالىنى، كەسپىنى سۆيۈپ، ھاياتىنى گۈزەل كۈيلەرگە تولدۇرۇۋاتقان ئەرلەر ئاز ئەمەس. ئەنە شۇنداق ئەرلىرى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى يوقىتىۋاتقان ئاياللارمۇ بار. مەن بۇ ھاياتىمدا چىرايلىق ئۆيۈم بولۇشىنى، ئوخشىتىپ تاماق ئەتسەم بالىلىرىم بىلەن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەيدىغان ئېرىمنىڭ بولۇشىنى، ئۇلار ئالدىدا ھەر قانداق جاپا تارتساممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ياشاشنى بەخت دەپ كەلدىم. راستىنى دېسەم، ئاياللار ئۈچۈن بۇ ئەڭ زور بەخت.
    ھە راست، مەن سىزگە ئەخمەت ماڭا كاۋاپ ئېلىپ چىقىپتۇ دېمىگەنمىدىم. مەندەك كېسەل بولغانلار ئۈچۈن بىر ئوتلام سۇ ئىچىشمۇ ئاسمانغا چىققاندىن تەس ئىش تۇرسا، كاۋاپنى قانداق يەيمەن. لېكىن مەن بىر تال ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم. مەن كاۋاپنى ئاچچىق كەكرىنى چاينىغاندەك چاينايتتىم. مېنىڭ شۆلگەي بەزلىرىممۇ ئىشلىمەي قالغان ئىدى. ئاخىر ئۇنى يۇتۇۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن جەڭدە غەلىبە قىلغان پالۋانغا ئوخشاش يىغلاپ تۇرۇپ كۈلدۈم. بىر مەزگىل داۋالىنىپ دوختۇر، سېسترالارنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن ياخشى بولۇپ قالدىم. ئۇلار مېنى يەنىلا چوڭ شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشقا تەۋسىيە قىلاتتى. بۇنداق گەپنى ئاڭلىغاندا ئەخمەت سۇغا چۈشكەن تاشتەك جىم تۇرۇۋالاتتى. مەن بالدۇرراق ئۆلسەم ئۇلار مۇرادىغا يېتىدۇ. مەن بالىلىرىم ئۈچۈن ياشاش، ساقىيىش قارارىغا كەلدىم. ماڭا ئۆلۈم تىلەپ تاقىتى تاق بولۇۋاتقان ھېلىقى ئايالغا روھىي جەھەتتە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىشنى ئويلىدىم. شۇڭا ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشتا چىڭ تۇردۇم. ھازىر ئەھۋالىم سىز كۆرگەندەك، ئەجەل مېنى قىستاپ كەلمەكتە. بالىلىرىم بۇ كۈنلەردە سىزگە بەك ئامراق بولۇپ قالدى. ناۋادا كېيىنكى كۈنلەرد ئۆگەي ئاپىسىدىن دىلى سۇ ئىچمىسە ئۇنى يوقلاپ قويارسىزمۇ؟ ئۇلار سىزنى كۆرسە مېنى كۆرگەندەك بولىدۇ... −− نادىرەنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ بىر ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىككە ئېچىنىشىمنىڭ ئورنىنى ئەخمەتكە بولغان نەپرىتىم ئىگىلەپ كەتتى. مەن نادىرەگە ئېسىلىپ تۇرۇپ بىر ھازا يىغلىدىم. تۆمۈرنىڭ مەن كېسەل ئازابىدا يۈرسەم ئۆزىنىلا ئويلاپ ماڭا باتناپ يۈرگەنلىرىنى، شۇ سەۋەبتىن كومپيۇتېرغا قادىلىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆيدىكى ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم.
    −− تۆمۈر ئەمدى ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان، −− دېدى ئۇ ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ. ئۇ مۇزدەك بارماقلىرى بىلەن مەڭزىمدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ قويۇپ سائىتىگە قارىدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئېڭىشىپ نامازشام گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىشكە باشلىدى. مەنمۇ تەردىم، قاپقارا دانە - دانە ئۇرۇقلار چاڭگىلىمىزغا تولغاندا بىز ئۇ يەردىن ئايرىلدۇق.
    ئاندىن دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئازادە بېزەلگەن بىر تېز تاماقخانىغا كىرىپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان بىر قانچە خىل قورۇما بۇيرۇتۇپ غىزالاندۇق.
    نادىرە ھەم ئەخمەت كېتىپ بىر ئايدىن كېيىن نادىرەنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. خۇددى بىر تۇغقىنىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ياش تۆكۈپ ھازىدار بولدۇم.
    −− سىز بارمىسىڭىزمۇ بولار، كېسىلىڭىز ئەمدى ساقايدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينى، بالىلارنى تاشلاپ ھەر ئىككىمىز كەتسەك قانداق بولىدۇ؟ −− دېدى تۆمۈر.
    −− بارىمەن! −− دېدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ قاتتىق ئاچچىقىم بىلەن. گويا نادىرەنىڭ ئېرى ئۆتكۈزگەن بارلىق خاتالىقلارغا ئۇمۇ شېرىكتەك، −− بېرىپ تۇپراق بېشىغا چىقىمەن، بالىلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارغا تەسەللى بېرىمەن.
    −− بولىدۇ، مەيلىڭىز. نادىرە ياخشي ئايال ئىدى، −− دېدى ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ.
    ئايروپىلان ئىككى سائەتتىلا بىزنى مەنزىلىمىزگە يەتكۈزدى. نادىرەنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، ھەقەمسايىلىرى، ھەتتا خىزمەتداشلىرىمۇ ھازىدار بولۇشقان ئىدى. ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىدە ياش، خىزمەتداش دېگەن بىلەنمۇ ياخشى ئۆتسە بولغۇدەك. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى. ئۇلار قوشاق قېتىپ يىغلاشسا پۈتۈن ئالەم يىغلايتتى. يۈرەكلەرنى ئېرىتىۋېتەتتى. ئەخمەت مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە مۆل - مۆل ياش ئالاتتى. خۇددى پۇشايماننىڭ دورىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىگە گۇناھكارلارچە تەلمۈرەتتى. ئەمدى بۇلارنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى يوق. نادىرە قارىسا كۆز يەتمەيدىغان، چاقىرسا ئاۋاز يەتمەيدىغان يەرگە كەتكەن ئىدى.
    مەن نادىرەنىڭ يەتتە نەزىرىسىگىچە بىر ئايالنى، يەنى نادىرەنىڭ يۈرىكىنى ئازابلاش بەدىلىگە بەخت ئىزدەپ يۈرگەن ھېلىقى ئايالنى ئىزدىدىم. شۇ چاغدا ئۇنى ئاشۇ ئۆيدە ئۇچراتقان بولسام چوقۇم ھەيدەپ چىقىراتتىم. بىز قايتىدىغان چاغدا نادىرەنىڭ تۇپراق بېشىنى قايتا يوقلىدۇق. شۇ چاغدا مەن بىر تەشتەك نامازشام گۈلى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىغا كۆچۈرۈپ قويدۇم. نامازشام گۈلى بەك چىرايلىق ئېچىلىدۇ، لېكىن ئۇ كەچ كۈزنىڭ قىروۋلىرىغا، شاماللىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بىراق ئۇنىڭغا يېقىندىن قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئاشۇ قاپقارا ئۇرۇقلىرىغا نەزەر سالسىڭىز ئۇنىڭدا تولۇپ - تاشقان بىر ھاياتىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى، تۈگىمەس - پۈتمەس گۈزەل خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇ تاكى خازان بولغۇچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. ئېچىلغانلىكى نامازشام گۈلى بىر تالدىن ئۇرۇق قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۇرۇقلار بۇ دۇنيانى گۈلگە تولدۇرىدۇ.
    نادىرەنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تۆمۈر ماڭا باشقىچە كۆيۈنىدىغان بولۇپ كەتتى. نادىرە ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى بىلەن تۆمۈرنى تور دۇنياسىدىن مېنىڭ يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەن ئىدى. تور دۇنياسىدىكى خىيالىي ئالۋۇنلار بەختلىك ئائىلىمىزنى يۇتۇپ كەتمەكچى بولغاندا، ئۇ خۇددى پەرىشتىلەردەك بىزنى ئەقىل ۋە بەخت يولىدا ئىزدىنىشكە، ياخشىلىق ۋە قەدىر - قىممەت يولىدا ئويلىنىشقا سازاۋەر قىلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ناھايىتىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.

     




    ھالقىلىق سۆزلەر : گۈل، ھېكايە، ئەدەبىيات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار