ئاق بۇلۇت(ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:22-12-2011
مەنبە: تارىم 2011-يىل 10-سان
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
ھېزىم ئوغلىنىڭ كېسەل ئاسارىتىدە كۈز يوپۇرمىقىدەك سارغايغان ئەپتىگە قاراپ يۈرىكى پۇچۇلدى
ئاپتورى: تۇرغۇن مىجىت
ھېزىم ئوغلىنىڭ كېسەل ئاسارىتىدە كۈز يوپۇرمىقىدەك سارغايغان ئەپتىگە قاراپ يۈرىكى پۇچۇلدى. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىچارىلىك، مادارسىزلىق ئىلكىدە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك. ئامالسىزلىق خۇددى تۈتۈنسىز ئوتتەك ئادەمنى جىمجىتلا كۆيدۈرۈپ كۈل قېلىۋېتىدىكەن. يا يىغلىيالمايسەن يا ۋارقىرىيالمايسەن. سەن ھەم ئۆزۈڭ، ھەم ئۈزۈڭ ئەمەس.
ھېزىمنىڭ جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ياغاچتەك قاتقان قوللىرى، ئوغلىنىڭ بەدىنى بىلەن تەڭ مۇزلىماقتا، تىترىمەكتە ئىدى. ئوغلىنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشىنى ئويلىغىنىدا، ئوغلى بىلەن تەڭلا ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتى. تەقدىر راستلا رەھىمسىزكەن، ھاياتنىڭ نېمىلىكىنىمۇ ئاڭقىرالمىغۇدەك مەسۇم، سەبىي بالىغا شۇنچە ئېغىر كېسەلنى يۈكلەپ، شۇنچە قىينىغان بارمۇ. ئۇ تېخى ئەمدىلا 12ياشقا كىرگەن بالىغۇ؟
ھېزىمنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدە ياش لىغىرلايتتى. يۈرىكى ھازىرلا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىيتتى. ئۇ ئاشۇ ئازاب ئىچىدە تۇرمۇش بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك سۆيگەنلىكىنى بىلگۈسى كېلىپ قالدى.
ھېزىمنىڭ خىرە - شىرە ئېسىدە. ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆي شۇ زامانلاردا خېلى ھەشەمەتلىك ھېسابلىنىدىغان ۋاسا جۈپ ساراي ئۆي ئىدى. تاملىرى گەجخا قىلىنغان، كىرىشتۈرمە پەنجىرىنىڭ ئەتراپى كۆركەم نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن، ئوتتۇرىدىكى نەقىشلىك تۈۋرۈككە نۇرغۇن ئويما مەنزىرىلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ھېزىم ھەر قېتىم ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچقىنىدا ئۆزىنى خۇددى دادىسى سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكلەردىكى سىرلىق ماكاندا تۇرغاندەك ھېس قىلاتتى.
ئۇنىڭ دادىسى ئۇستا پالۋان ئىدى. ھېزىم دادىسى چىلانتۇرۇق ئارغىماققا مىنىپ ماڭسا ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قاراپ قالاتتى، دادىسىدىن تولىمۇ پەخىرلىنەتتى. پۇتلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، بويۇن ئەگمىسى تولىمۇ قاملاشقان بۇ ئات بەكلا چىرايلىق ئىدى. پارقىراق كەلگەن چىلانرەڭ مويلىرىنىڭ ئۈستىدە قۇياش نۇرى يالت - يۇلت قىلىپ چاقناپ كېتەتتى. پېشانىدىكى سۈزۈك ئاق قاشقىسى خۇددى ئېقىپ چۈشكەن بىر پارچە نۇرغا ئوخشايتتى. يەلپۈنۈپ تۇرغان قۇيرۇقى لەرزان شارقىراتمىنى ئەسلەتسە، بىر جۈپ قۇلىقى ئۈكەر يۇلتۇزنىڭ ئۇچلۇق قىرىدەك جىمىرلايتتى. دادىسى ناگان - ناگاندا ئۇنى ئاتنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈۋالسا، ئۇ ئۆزىنى گويا كۆكتە ئۇچۇۋاتقاندەك، ئايىغى ئاستىدا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلاتتى.
دادىسى قىش - ئەتىيازلاردا ئوغلاق، بەيگىلەرگە قاتنىشاتتى. دائىم سەپنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ ماڭاتتى. ئۇ يۇرتنىڭ كۆزى، ئەرلەرنىڭ سەرخىلى ئىدى. شۇغىنىسى، ھېزىمغا بۇنداق ئامەت نېسىپ بولمىدى، دادىسى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭغا ئات مىنىشنى ئۆگىتەلمىدى. ئۇ ئاتتا نېمىشقىكىن يالغۇز ئولتۇرالمايتتى. ئات بىر - ئىككى قەدەم ماڭا - ماڭمايلا ئۇ ئاتنىڭ قورسىقىغا چۈشۈپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتقا ھەۋەسلىنىپ قاراش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ يۈرىدىغان بولدى.
ھايات شامىلى ئۇچقۇر ئاتتەك چېپىپ ھېزىممۇ تۇيمايلا چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يېتىپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئۆيى بىر نەچچە قېتىم يۆتكەلدى. چىرايلىق ساراي، ئارقىدىكى قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىغان گۈزەل باغ تىلسىملاردەك غايىب بولدى. ھېزىمنىڭ ئەسلىمىسىدىكى گۈزەل بىر بەت يىرتىپ تاشلاندى.
ھېزىم گۈزەل قىزلارغا، ياندىشىپ ماڭغان جۈپ - جۈپ قىز - ئوغۇللارغا ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولدى. بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن قاسىماخۇن ئوغلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغلىنى ئۆيلەشنىڭ تەرەددۇتىغا چۈشتى. ھەشەمەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە ئازراق پۇل بىلەن بالا ئۆيلەش تەس ئىدى. قاسىماخۇننىڭ تاپقان - تەرگىنى توينىڭ چىقىملىرىغا بويلىمىدى. ئاخىر ئۇ ئامراق ئېتىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى، ئات خۇددى ئوغلىدەكلا ئۇنىڭغا ئىچەكىپ كەتكەنىدى، يات بىر ئادەم يېتىلەپ ماڭغاندا ئۇ كىشنەپ، چاپچىپ خېلى ئاۋارىچىلىك تاپتى. قاسىماخۇن تېيىشىپ مەجبۇرى كېتىۋاتقان ئېتىغا قاراپ چىدىيالماي كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى، چىداش كېرەك.
قاسىماخۇن قوشنا مەھەللىدىكى سەمەتباينىڭ يالغۇز قىزىنى ئوغلىغا ئېلىپ بەردى. رىسالەت ئىسىملىك بۇ قىز چىرايلىق، ئەركە ئىدى. ياشلىق دېگەندە ھەر خۇينىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق لاتاپىتى، ئۇزلۇقى بولىدىغان گەپكەن.
ھېزىم توي قىلىپلا باشقا بىر دۇنياغا يۈزلەندى. ھايات دېگەن ئاجايىپ رەڭدار بولىدىكەن، سەن ئويلىمىغان، ھېس قىلمىغان تۇيغۇ، ئارزۇلار ساڭا قۇچاق ئاچىدىكەن. كۆكچى قوغۇندەك شېرىن چاغلار ئاستا - ئاستا سۇسلىشىپ ھېزىم كىشىلىك ھاياتتا يەنە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ گاھىلىرىنى خالاپ قىلساڭمۇ، گاھىلىرىنى ئامالسىز قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنسەن.
ھېزىم ئۆزىمۇ سەزمەيلا بىر سىزىققا كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇ رىسالەت سىزغان سىزىق ئىدى. ئۇ بۇ سىزىقتىن چىقىپ كېتەي دەپمۇ چىقىپ كېتەلمەيتتى، خۇددى رېلىسقا چۈشكەن پويىزدەك رېلىستىن چىقسىلا پويىز پاچاقلىناتتى، نۇرغۇن نەرسىلەر ۋەيران بولاتتى. ئۇ رىسالەتنىڭ سىزىقى بويىچە دادىسىنى تاشلاپ، قېيىنئاتىسىنىڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتتى.
بۇ چاغدا قاسىماخۇن خېلىلا ياشىنىپ قالغان ئىدى. قەدىناس ئايالىدىن ئايرىلغان، ئىككى قىزىنى باشقا يۇرتقا ياتلىق قىلىۋەتكەچكە ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئىدى. ھېزىمنىڭ دادىسىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشكە يۈرىكى چىدىدى، چىدىمايمۇ ئامال يوق، چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بېغىشى باشقا بىرىنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ھېزىمنى بالا بېسىپ ئۆز ھەلەكچىلىكىدىلا قالغانىدى، رىسالەت ئارقا - ئارقىدىن تۆت بالا تۇغقانىدى. دەرەخ مېۋىلىگەندە شاخلىرى پەسكە ساڭگىلىغاندەك ھېزىممۇ پەسكە −− بالىلىرىغا ساڭگىلىماقتا ئىدى. مېھىر دەرياسى دادىسى تەرەپكە ئەمەس، بالىلىرى تەرەپكە ئاقاتتى. ئۇ چاڭ - توزان ئىچىدە قالغان ئادەمدەك ھايات مەنزىلىنىڭ باش - ئاخىرىنى پەرق ئەتمەي تولىمۇ ئالدىراش، جىددىيچىلىك ئىچىدە ياشايتتى.
كۈتمىگەندە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىمىن بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. بالا تېخى 12ياشقا كىرگەنىدى. ھېزىم ئوغلىنى خېلى كۆپ داۋالاتتى، تاپقان - تەرگىنىنى قۇرۇتتى، باشقىلاردىن قەرز ئالدى، ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن ياردەم سورىدى، بالا دەردىدە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلدى. بالا ياخشىلانمىدى.
ئاھ، دادا بولۇش نېمىدېگەن تەس - ھە؟
ھېزىم شۇندىلا دادىسىنى ئويلىدى، ئوتتەك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدىنى ياللىدە كۆيدۈردى، ئۆزىنى ئەمدىلا ھوشىنى تاپقان ئادەمدەك ھېس قىلدى. كۆڭۈل ئېكرانىدا پېشانىسىدە بىر پارچە نۇر چاقناپ تۇرغان گۈزەل ئارغىماق ئۈستىدە ئولتۇرغان قامەتلىك بىر گەۋدە نامايان بولدى. ئەسلىمىلەر قوينىدىن ئۇچۇپ كەلگەن بىر نۇر قاراڭغۇ قەلبىدە كىچىككىنە يورۇقلۇق پەيدا قىلدى.
ئۇ كۆزىنى ئاچتى. ئوغلى تولىمۇ ئاجىز نەپەس ئېلىپ ياتاتتى، ھىملەشكەن كىرپىكلەر بىر - بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى. سۈتتەك ئاق، بىغۇبار يۈزلەردە ئۆلۈم شەپىسى سويلايتتى. ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرىدا ئوغلىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزلىرىنى سىلىدى، بارماقلىرىغا ئوغلىنىڭ تولىمۇ سۇس تىنىقلىرى ئۇرۇلدى. ئوغۇلنىڭ يۈزلىرى سەل ئىللىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى، ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە بوشقىنا سۆيدى، ئوغلى ئىڭرىغاندەك قىلدى. راست، ئۇ ئىڭرىدى، ھاياتقا سىگنال بەردى. ئاھ خۇدا، بىر مۆجىزە يارىتىپ ئوغلۇمنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇۋەتسەڭ، ھازىر ئۇنىڭ كېيىكتەك قىيغىتىپ ئەركىن چېپىپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئەمەسمۇ؟
ھېزىمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىيالىغا يەنە دادىسى كىرىۋالدى. جېنىم دادام، يالغۇزلۇقتا نېمە كۈنلەرنى كۆرگەنسەن - ھە! مېنى كەچۈر، مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر. ساڭا ياخشى قارىيالمىدىم، مەن ئادەم ئەمەس، مەن بىر تۇزكور، خۇدا چوقۇم مېنى جازالىدى، چوقۇم جازالىدى! ئوغلۇمنىڭ كېسىلى ماڭا بېرىلگەن جازا ئەمەسمۇ دادا، جېنىم دادا...
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ رىسالەت، كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھۆسنىدىكى بۇرۇنقى گۈزەللىك ئىزىنى يوقاتقانىدى. ئاقارغان چېكە چاچلار، خالتىلاشقان قاپاقلىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھسىزلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈۋەتكەنىدى. ھېزىم ئايالىنى كۆرۈپلا ھاياجېنىنى باسالماي قالدى:
−− قارا... قارا... رىسالەت، ئىمىنجان بىر نەچچە قېتىم ئىڭرىدى، كۆزىنى ئاچقاندەك قىلدى، تېز ... تېز بول، قارا، يۈزلىرىگىمۇ قان يۈگۈرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ.
رىسالەتمۇ دەلدۈگۈنۈپ بارغىنىچە ئوغلىنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى ياقتى.
−− ئاھ، جېنىم بالام، كۆزۈڭنى ئېچىپ ماڭا قارىغىنا، ماڭا بىر قارىغىنا!
−− ئۇ ساقىيىدىغان ئوخشايدۇ، رىسالەت، ماڭا شۇنداق تۇيۇلۇۋاتىدۇ.
−− دېگىنىڭىزدەك بولغاي، ئىلاھىم.
ئۇلار تەڭلا بېشىنى كۆتۈرۈشۈپ بىر - بىرىگە قاراشتى.
−− دوختۇرغا ئاپىرايلى.
−− قايسى پۇلغا ئاپىرىمىز؟ قەرز سورىغۇدەك ئادەممۇ قالمىدى.
ئۇلارنىڭ ئەمدىلا ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىغان كۆزلىرىدە يەنە غەم بولۇتلىرى پەيدا بولدى.
−− ئۆينى ساتايلى.
−− ئۆينى ساتساق، بالىلار بىلەن نەدە بويۇن قىسىپ يۈرىمىز؟
−− جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان، دەپتىكەن. ئوغلىمىز ساقىيىپلا قالسا ئۆي دېگەننى سېلىۋالغىلى بولىدۇ.
−− مەيلى ئەمىسە، ساتساق ساتايلى.
ھېزىم ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراپ بىردەم دېلىغۇل بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئېغىز ئاچتى:
−− رىسالەت.
−− ھە؟
−− بىر گەپ بار ئىدى، دېسەم ئاڭلارسەنمۇ؟
−− نېمە گەپ؟
−− دادام ... دادامغا ئۇۋال بولدى، ئۇنى يالغۇز تاشلىۋەتتۇق، مەن ئازابلىنىۋاتىمەن.
رىسالەت بېشىنى سالغىنىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.
−− ئاتا - ئانا بولمىغۇچە ئاتا - ئانىنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدىكەنمىز. ئاپامغۇ مەن كىچىك چاغدىلا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. دادام ھايات تۇرۇپ ئۇنى باقالمىسام، يوقلىيالمىسام، مەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ - ھە؟
رىسالەت بېشىنى كۆتۈرۈپ ھېزىمغا قارىدى:
−− ئەمدى كېلىپ مېنىڭدىن سورامسىز؟
−− شۇ... شۇ... مەسلىھەت بىلەن بىر ئىش قىلارمىزمىكىن دەپ...
−− بولدى، مېنى گۇناھكار قىلىۋەرمەي ئۆزىڭىز بىلىپ بىر ئىش قىلىڭ. مەن ھېچقاچان سىزگە دادىڭىزنى يوقلىماڭ، دېمىدىمغۇ.
ھېزىم قىزىرىپ كەتتى. ئادەم دېگەن ئاجايىپ مەخلۇق - ھە؟ ھەممە ئىشقا باھانە - سەۋەب تاپقۇسى، ئۆزى كەتكۈزۈپ قويغان خاتالىقنى باشقىلارغا ئ−ارتق−ۇسى كېلىپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆزىگە مەنسۇپ.
ھېزىم روھلاندى، كۆزلىرى نۇرلاندى، ۋۇجۇدى يەڭگىللەپ قالدى.
−− بۈگۈنلا بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كېلەي.
−− مەيلى.
−− بالىغا قاراپ تۇر.
−− ماقۇل.
ھېزىم ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى.
−− توختاپ تۇرۇڭە.
ھېزىم دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئارقىسىغا قارىدى.
−− بارسىڭىز دادامغا رەھمەت ئېيتىپ قويۇڭ.
ھېزىم چۈشەنمەي رىسالەتكە ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى. رىسالەت خىجىللىق ئارىلاش يەرگە قارىدى، ئاندىن پەس ئاۋازدا پىچىرلىدى:
−− ئالدىنقى قېتىم بالىنى داۋالاتقان پۇلنى دادام بەرگەن.
ھېزىمنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى.
−− نېمىشقا شۇ چاغدا ماڭا ئېيتمايسەن؟
رىسالەت لېۋىنى چىشلەپ جىم تۇرۇۋالدى. ھېزىم بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، چوڭقۇر بىر تىنىپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
باش ئەتىياز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ھاۋا تېخى ئىللىمىغان، نەمخۇش سوغۇقتىن كۆزلەر ياشاڭغىرايتتى، يۈزلەر پۈرۈلەتتى. سەللا شىۋىرغان كۆتۈرۈلسە يولدىن توپا ئۆرلەيتتى.
ھېزىم گۇناھكار ئادەمدەك ئىزتىراپ ئىچىدە دادىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشتى. يول بويىدىكى توپىلاڭ يەردە بىر ئات ئېغىناۋاتاتتى. جۇغى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئەمما ئۇستىخانلىرى تولىمۇ قاملاشقان، قاردەك ئاپپاق تۈكلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان بۇ ئات، ئادەمگە خۇددى رىۋايەتلەردىكى سېھىرلىك ئارغىماقلارنى ئەسلىتەتتى. بوۋاي قېرىغان بولسىمۇ، ئاتقا بولغان ھەۋىسىنى تاشلىمىغانىدى. بوۋاي ئۈچۈن بۇمۇ بىر خۇمار، مىسكىن كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان، تەنھالىقىنى بىلىندۈرمەيدىغان ئىشتىياق ئىدى.
ئات توپىلاڭ يەردە بىر ھازا ئېغىنىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇددى يەر تەۋرىگەندەك قاتتىق سىلكىندى، تۈكلىرى قايتىدىن پارقىراشقا باشلىدى. ئات تۇمشۇقىنى سىلكىپ بىر نەچچە پۇشقۇردى - دە، ئىگىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇمشۇقى بىلەن تۈرتۈشكە باشلىدى.
بوۋاي چۈشەندى. ئاتنىڭ تۇياقلىرى قىچىشىپ قالغانىدى. ئۇ ئىگىسىگە »مېنى مىنىپ راسا بىر چاپتۇرۇپ كەلمەمسەن« دەۋاتاتتى. بوۋاي ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويدى، ھازىر ئۇنىڭدا ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىدەك ماغدۇر قالمىغانىدى. ياشلىقتىكى جاسارەت، قۇۋۋەت ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن، پۇت - قولنىڭ ماغدۇرى قېچىپ كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۆتكەن كۈنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن شېرىن ئەسلىمە، گۈزەل چۈشكە ئايلىنىپ قالغانىدى.
ئات تۇيۇقسىز نېمىدىندۇر ئۈركۈگەندەك قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن پۇشقۇرۇپ كەتتى. قىسقا - قىسقا كىشنەپ، تۇياقلىرىنى يەرگە ئۇرۇشقا باشلىدى. بوۋاي نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئارقىسىدىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
−− دادا...
ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئوغلى ھېزىمنى كۆردى. ھېزىمنىڭ ساقال - بۇرۇتلىرى ئۆسكەن، ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىدىن ئېغىر غەم، پۇشايمان، خىجىللىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. بوۋاينىڭ ۋۇجۇدى ياللىدە قىلىپ، ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىدە كەچكى قۇياش نۇرىدەك ئاجىز ئەمما تولىمۇ مېھىرلىك بىر نۇر چاقناپ ئۆتتى.
ھېزىمنىڭ پۇشايمان، خىجىللىق ئىلكىدە ئۆرتىنىۋاتقان قەلبى قاتتىق ھاياجانلانماقتا ئىدى. ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك كەلگەن پېتى دادىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى.
−− دادا... دادا... جېنىم دادا... مېنى كەچۈرۈڭ...
بوۋاي ئۈندىمىدى، ئۇنىڭ باغرىدا بىر پارچە ئوت، بىر پارچە مۇھەببەت چاراسلاپ كۆيمەكتە ئىدى. شادلىق ئىچىدە يۈرىكى تېپىرلايتتى. كىشىلەر: »پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنى بوينىغا مىندۈرۈپ نەچچە مەرتەم ھەجگە ئاپارسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قېتىملق مېھرى ھەققىگە تەڭ بولالمايدۇ« دېيىشىدىكەن. ئەمما ئاتا - ئانا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ بىر قېتىم يوقلاپ قويۇشى نەچچە قېتىم ھەرەمگە ئاپارغاندىنمۇ ئالىي خىزمەت ۋە تەسەللى ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قەلبى شۇ قەدەر بىپايان، شۇ قەدەر قانائەتچان، شۇ قەدەر مۇھەببەتكە باي. مۇشۇ تاپتا بوۋايمۇ ئوغلىنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى. ھېزىم ئۇنىڭ نەزىرىدە يەنىلا بىر بالا، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولالمايدىغان ساددا بىر بالا ئىدى.
−− بالام، ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ −− ئەڭ ئاۋۋال يەنىلا ئاتا ئەھۋال سورىدى، −− ئىمىنجاننىڭ كېسىلى ساقايدىمۇ؟ دوختۇرخانىغا ئاپاردىڭمۇ؟
كۆزلىرى ياش بىلەن نەمدەلگەن ھېزىم دادىسىغا بىچارىلەرچە تەلمۈردى.
−− خۇداغا شۈكرى، دادا. بالىنىڭ كېسىلى سەل ياخشى، ھازىر ئۆيدە.
−− نېمىشقا دوختۇرخانىدا ياتقۇزمىدىڭ؟
ھېزىم يەرگە قاراپ ئۈندىمەي تۇرۇپ قالدى. بوۋاي ھەممىنى چۈشەندى، ھېلىمۇ ھېزىم ئوغلىنى كۆپ داۋالاتتى، دوختۇرخانا دېگەنگە پۇل سۇدەك كېتىدىغان يەر، چوڭقۇر قۇدۇق بولسىمۇ سۈيىنى ئېلىۋەرسە تېگى كۆرۈنۈپ قالىدىغان گەپ. گەرچە بوۋاي نەۋرىسىنى كۈندە يوقلاپ تۇرالمىسىمۇ، ئېسى - يادى شۇنىڭدا ئىدى. ئۆتكەندە ئۇ ئوغلىنىڭ قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن تەييارلىغان ئىككى مىڭ سوم پۇلنى بىرەيلەن ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتكەن ئىدى.
ھېزىمنىڭ ئۆز نەپىسىدىن ئۆرلەۋاتقان ھەسرەتلىك تىنىقى يۈزلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى، چاپىنىنىڭ يېڭى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى.
−− ئۆتكەندە رىسالەتكە پۇل بېرىپتىكەنسىز، ئاڭلاپ بەك خىجىل بولدۇم. ئەسلىدە مەن سىزگە بەرسەم بولاتتى، دادا.
−− ئۇنداق دېمە بالام، ئاتا تۇرۇپ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ھەمدەم بولالمىدىم. نامراتلىق مۇشۇنداق چاغدا جانغا پاتىدىكەن. راستىڭنى ئېيتقىنا بالام، ئىمىنجاننىڭ كېسىلى زادى قانداقراق؟
−− بۈگۈن قارىسام خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ئۇزاقتىن بېرى قىلغان داۋالىرىمىز تەسىر قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ.
−− دوختۇرخانىغا يەنە بىر قېتىم ئاپىرىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ.
−− ئامالىم قالمىدى، دادا.
بوۋايمۇ غەمگە پاتتى، ئامالسىزلىق ئۇنىمۇ قىينىماقتا، غۇرۇرىنى ئاستا - ئاستا پايخان قىلماقتا ئىدى. ياشلىقتىكى گۈلگۈن ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ، ئىقتىساد يىغىشقا سەل قارىغانلىقىغا مىڭ - مىڭ پۇشايمانلارنى قىلاتتى.
تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغان بوۋاي ئاتنىڭ تۇيۇقسىز تۈرتۈشىدىن چۆچۈپ كېتىپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئۇ بىمەھەل ۋاقىتتا چاقچاق قىلغان ئامراق ئېتىدىن خاپا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدى. ئاتنىڭ تىنىق كۆزلىرىدە ئاللىقانداق شولىلار لەيلەپ يۈرەتتى. بوۋاي بىردىنلا ئاتقا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى، خۇشاللىققىمۇ، ئازابقىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇ كۆزلىرىدە ئەكس ئەتتى. ئات خۇددى ئۇنىڭ خىيالىدىكىنى بىلىۋالغاندەك بېشىنى سىلكىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئەلەملىك كىشنەپ كەتتى. بوۋاينىڭ يۈرىكى ئېچىشتى، قىيالماسلىق ئىلكىدە تارتىشتى. ئۇ ھاياتىدا ئىككىنچى قېتىم ئازابلىق، شۇنداقلا قىيىن بولغان بىر ئىشقا قارار چىقىرىش ئالدىدا تۇراتتى.
−− ئامال تېپىلدى، بالام.
ھېزىم دادىسىنىڭ گېپىنى دەماللىققا چۈشىنەلمەي ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قارىدى.
−− مۇنۇ ئاتنى ساتايلى.
ھېزىم چۆچۈپ كەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ بۇنداق دېيىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، دادىسى ئاتتىن ئايرىلىپ قالسا بولمايتتى، ھازىر ئۇنىڭغا بىردىنبىر تەسەللى، ھەمراھ، غەمگۈزار بولىدىغان مۇشۇ ئاتلا قالغانىدى.
−− ياق ... ياق ... ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، دادا. ئۇ دېگەن سىزنىڭ...
−− نەۋرەمدىن ئايرىلىپ قالسام تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ھىجران ئازابىنى تارتقۇدەك مادار مەندە يوق، بالام، ئات ناھايىتى مەندىن ئايرىلىپ باشقا بىر ئۆيدە تۇرىدۇ شۇ.
ھېزىم دادىسىنىڭ قەتئىي قارارغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بوۋاي ئاتنىڭ يەردە سۆرۈلۈپ تۇرغان ئارغامچىسىنى ئېلىپ ھېزىمغا تۇتقۇزدى.
−− ئاتنى ئېلىپ كەت.
−− دادا...
−− بولدى، تالاشما، ئەگەر ئات شۇنىڭغا ئەرزىپ قالسا، بۇمۇ بىزنىڭ بەختىمىز.
ھېزىم تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئارغامچىنى ئالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا نۇرغۇن خىياللار بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كەلگەچكە، مېڭىسى قالايمىقانلىشىپ ھېچنېمىنى ئويلىيالماي قالدى. ئات خۇددى ئۆزىنىڭ سېتىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغاندەك قاتتىق كىشنەپ، يەرگە چاپچىدى، قۇلىقىنى يوپۇرۇپ بېشىنى سىلكىدى، ئارقىسىغا تىرەجەپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى، ھېزىمنى چايناپ پۇرقۇۋېتىدىغاندەك دەھشەت بىلەن ئالايدى. ھېزىم قورقتى. ئات ئۇنى يەكلەۋاتاتتى، ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلىۋاتاتتى.
بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن ھېزىم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. ئات بارغانچە ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى، يەنە بىردەم تۇرسا ھېزىمنى دەسسەپ - چەيلىۋېتىشتىنمۇ يانمايدىغاندەك قىلاتتى.
−− ھوشت ... ھوشت ئاق بۇلۇت، تىنچلان، بۇمۇ سېنىڭ قېرىندىشىڭ.
بوۋاي ئاستا كېلىپ ئاتنىڭ بېشىنى، بوينىنى سىلىدى. ئات سەل تىنچلاندى. ھېزىم شۇندىلا بۇ ئاتنىڭ ئىسمىنىڭ »ئاق بولۇت« ئىكەنلىكىنى بىلدى. يۈرىكى ئاللىقانداق تۇيغۇلار ئىچىدە شىرىلداپ ئاقتى. بوۋاي بېشىدىكى تۇمىقىنى ئېلىپ ھېزىمغا كەيدۈرۈپ قويدى.
−− ئەمدى مېڭىۋەر ئوغلۇم.
ئات سەل تارتىشتى، بىردە بوۋايغا، بىردە ھېزىمنىڭ بېشىدىكى تۇماققا قارىدى. تۇمشۇقىنى سوزۇپ تۇماقنى پۇرىدى، شۇندىلا تارتىشىپ كەتكەن مۇسكۇللىرى بوشاشتى، قەدەملىرىنى يەڭگىل تاشلاپ ھېزىمنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى.
ھېزىم بېشىغا خۇددى قۇياش قونۇپ ئولتۇرغاندەك چەكسىز ھارارەت ھېس قىلدى. ئاق ئاتنىڭ دۈمبىسىدىن يالتىرىغان نۇر ئەتراپنى يورۇتتى.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------