−− ياق تېخى! ئەمدى بىرىنچىسى تۈگىدى. يەنە ئۈچ رەقىبى بار. شۇنىڭدىن ئۆتەلىسە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بوۋاينى يەنە قەي تۇتۇپ سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېغىز - بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىقتى! −− سىلىنى دەڭگە ئاپىرىپ قوياي نۇراخۇن ئاكا، قوچقارغا مەن ئىگە بولاي، −− دېدى پونكىت باشلىقى. قوچقىرى نەدە قالدى، ئۆزى قايسى دەڭگە كەلدى. بوۋاي بۇلارنى ئاڭقىرالمىدى. ئۇ تام - تورۇسلىرىنى ئىس باسقان بىر ئۆيدە كەچ كىرگىچە ياتتى. دىمىقىغا زەي پۇرىقى تولدى. كەچ بولغاندا پونكىت باشلىقى ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا كىرىپ كەلدى: −− چېمپىيون بولدۇق! بىز چېمپىيون بولدۇق! ناھىيە بويىچە بىزنىڭ قارا بويۇنغا تەڭ كېلەلىگۈدەك قوچقار چىقمىدى! ئەمدى ۋىلايەتكە... −− يېزىغا كېتەيلى، −− دېدى بوۋاي، −− قوچقىرىم قېنى؟ −− مۇشۇ دەڭدە بار. سىلە يېتىلەپ ئاۋۋال ماڭغاچ تۇرسىلا. مەن شاڭجاڭغا تېلېفون بېرىپ ... بوۋاي ئۆرە بولۇپ پونكىت باشلىقىنىڭ يۆلەشتۈرۈشى بىلەن زەي باسقان ئۆيدىن چىقتى. ھويلىدىكى ئوقۇر يېنىدا ئالدى تۇياقلىرىغا تۇمشۇقىنى تىرەپ مىسكىن بىر ھالدا تۇرغان قوچقىرىنى كۆرۈپ بوۋايغا جان كىردى، قوچقار يېنىككىنە پۇشقۇرۇپ قويدى. شۇ پۇشقۇرۇق بىلەن تەڭ بۇرنىدىن قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق ساقىدى. بوۋاي قوچقىرىغا قاراپ ئېتىلىپ، ئوقۇر تۈۋىگە تىزلاندى. قوچقىرىنىڭ قارا بوينىدىن مەھكەم قۇچاقلاپ، ئېغىز - بۇرنىنى پوتىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتتى. دىرىلدەپ تۇرغان تۇياقلىرىنى سىلاشتۇرۇپ، ئۇچى ئۇچۇپ كەتكەن مۇتەك مۈڭگۈزىگە سۆيۈپ قويدى. پونكىت باشلىقى ئالدىراپ كېتىپ قالدى. كېتىش ئالدىدا بوۋايغا بەش يۈەن تەڭلەپ: −− بۇنىڭغا سامسىدەك بىر نەرسە ئېلىپ يەپ، قورساقلىرىنى ئەستەرلىۋالسىلا. مەھەللىدە كۆرۈشەيلى. ھەراست، مۇنۇ قارا بويۇننى سېتىۋالىمىز دېگۈچىلەر بەك كۆپتەك قىلىدۇ. ھەرگىز ساتقۇچى بولمىسىلا. بۇ مېنىڭ ئەمەس، شاڭجاڭنىڭ گېپى، −− دېدى. بوۋاي ئەتىگەنكى يول بىلەن مەھەللىسىگە قايتتى. ئاچ قورسىقى يولبويى توختىماي كورۇلداپ، تولا قەي تۇتۇپ ئۇنى بەكلا بىئارام قىلدى. قارا بويۇننىڭ داڭقى پۇر بولدى. ئىزدەپ كەلگۈچىلەر ئاۋۇدى. سېتىۋالىمىز دەپ بوۋاينى تەڭلىك تارتقۇزغۇچىلارمۇ بولدى. ئۇرۇق نەسلىگە رەنە قويغۇچىلارمۇ چىقتى. بوۋاينىڭ مەھەللىسى، ئۆيى بىردىنلا ئاۋاتلاشتى. گەرچە يېزا باشلىقىنىڭ قەدىمى يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كەنت مۇدىرى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەلدى: −− قوچقارلىرى كەنتىمىزنىڭلا ئەمەس، يېزىمىزنىڭ يۈزىنىمۇ يورۇق قىلدى نۇراخۇن ئاكا! −− دېدى ئۇ، −− شاڭجاڭ چوڭ يىغىندا ئىسىملىرىنى ئاتىدى. پۈتۈن يېزىدىكىلەرنى سىلىنىڭ قوي بېقىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر قىلدى. يېزا تەۋەسىدىكى ساغلىقلارنى سىلىنىڭ قارا بويۇن قوچقارلىرىدىن نەسىللەندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى! نۇراخۇن بوۋاينىڭ ھويلىسى ساغلىقلارغا تولۇپ، قوينىڭ مەرەشلىرى مەھەللىنى بىر ئالدى. ئىشىك تۈۋىدە ساغلىقلىرىنى تۇتۇشۇپ ئۆچىرەت كۈتىدىغانلار دەرۋازىنى ياپقۇزمىدى. ئۆچىرەت چوڭ يولغىچە سوزۇلدى. ئەپسۇس، قارا بويۇن قوچقار نېمىشقىدۇر نازلىنىۋالدى. باشتا »يېڭى كېلىن ساغلىقلار«غا ئىشتىياق بىلەن چاپچىپ، بىقىنلىرىغا تومشۇق تىرەپ، ئالدى ئوڭ پۇتلىرىنى سىلكىشلەپ يۈرگىنى بىلەن ھەپتە ئۆتمەيلا شوخلۇقى نەلەرگىدۇر يوقاپ، ئ−ورۇق−لاپ شۈمۈۋالغاندەكلا بولۇپ قالدى. ئىككى بىقىنى كىرىشىپ، توم پۇتلىرى دىرىلدەپ، ئۇنىڭ ناھىيەنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن رەپتارىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. بۇ ھالدىن نۇراخۇن بوۋايمۇ، مومىيىمۇ ۋايىم يېدى. ئۇلار كۈندە دېگۈدەك مىشىلداپ، ئۆچىرەتچىلەرنى ئۈنسىز قارغاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھىيەدىكى مۇسابىقىدە رىياسەتچى بولغان سايىۋەنلىك شەپكىسى بار ھېلىقى يىگىت بوسۇغىدا پەيدا بولۇپ، قولىدىكى بىر يەشىك سوۋغىنى مومايغا تۇتقۇزدى. چوڭ يول، دەرۋازا ئالدى ۋە ھويلىدىكى شۇنچە كۆپ ساغلىقلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىدىن ئاغزى كاماردەك ئېچىلدى. كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى - دە، بوۋايدىن بۇرۇن ئېغىلغا ئۆزىنى ئاتتى. ئېغىلغا كىرە - كىرمەيلا ۋارقىراپ كەتتى: −− نېمە قىلىق ماۋۇ ھوي! سوقۇشتۇرۇشقا باققان قوچقار دېگەننىمۇ مۇشۇنداق... شۇ كۈنىلا ناھىيەدىن ئادەم كېلىپ يېزىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. خېلى غىژىلدىشىشلاردىن كېيىن ئۆچىرەت كۈتۈشۈۋاتقان ساغلىقلار شۇ كۈنىلا تەلتۆكۈس قوغلاندى! ۋىلايەتتىكى مۇسابىقىگە بوۋاينىڭ قوچقىرى بېرىۋېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭغىچە ناھىيەدىن كەلگەن ھېلىقى رىياسەتچى يىگىت نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونۇپ، قارا بويۇن قوچقارنىڭ ھەر ۋاقلىق ئوت - سۈيىگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى. ناھىيەدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن نورمىلىق ئوزۇق ئېغىل ئالدىغا دۈۋىلەندى! بوۋاينىڭمۇ، مومىيىنىڭمۇ چېھرىگە سۇس كۈلكە ياماشتى. نۇراخۇن بوۋاينىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرۈشى بىلەن بىللە قارا بويۇننىڭ تۇياقلىرىمۇ قايتىدىن تىكلىنىپ، شۈمۈۋالغاندەك بولۇپ قالغان بىقىنى، پۇسكىيىپ ئۆزىنى تاشلىغان مويلىرى پارقىراشقا باشلىدى. بوۋاينىڭ ئۆيىگە چارۋىچىلىق ئىدارىسى، ئوتلاقچىلىق پونكىتى، نەسىلچىلىك پونكىتى، سۇغۇرتا شىركىتى دېگەندەك ئىدارە ۋە شىركەتلەردىن مېھمانلار كەلدى. ئۇلار ھەممىسى ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، بەكلا ئالدىراش بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قارا بويۇن سىرتتىن پىنھان تۇتۇلىدىغان بولدى. يات كىشىلەر تۈگۈل نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئۆزىمۇ ئېغىلغا بىسوراق كىرەلمەس بولدى، ئۇنىڭ باشقا پادا - چارۋىلىرى نەلەرگىدۇر يۆتكەپ كېتىلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سايىۋەنلىك شەپكىسى بار ھېلىقى يىگىت باشقۇراتتى. كىم بويۇنتاۋلىق قىلسا »ھاكىمغا دەيمەن!« دېگىنىچە قولىغا تۇخۇمچىلىك تېلېفونىنى ئالاتتى. قوچقارنىڭ كۈندىلىك يەم - ئوزۇقلىرىغا ئۆزىدىن باشقا كىشىنى يېقىن يولاتمايتتى، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتنىمۇ قارا بويۇنغا ئۆز قولى بىلەن ئىچۈرەتتى. قارا بويۇن قوچقار ئۇچۇپ كەتكەن مۈڭگۈزى ئۆسمىگىنى بىلەن باشقا جەھەتتىن تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلىپ، ھەقىقىي سوقۇشچى قوچقارغا ئايلاندى. ئەمدى ئۇ نۇراخۇن بوۋاينىمۇ تونۇمايدىغاندەك قىلاتتى. پەقەت سايىۋەنلىك شەپكىسى بار ھېلىقى رىياسەتچى يىگىتنى كۆرگىنىدىلا يېنىك پۇشقۇرۇپ قوياتتى. ۋىلايەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان قايسىدۇر بىر بايراملىق پائالىيەتنىڭ داۋرىڭى تېلېۋىزور، كارنايلارنى بىر ئالدى. مەھەللە - كويلاردىمۇ شۇ ھەقتە گەپلەر بولۇندى. گەرچە بايراملىق پائالىيەت شەھەردە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىراق سەھرادىمۇ يوللارغا سۇ سېپىلىپ، تام - توسۇقلار رېمونتلاندى. قىغ دۆۋىلىرى كۆمۈلۈپ، تاملار ئاقلاندى. يول - يوللارغا لوزۇنكىلار ئېسىلىپ، شوئارلار چاپلاندى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن ئۆز قوچقىرىنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇنۇۋاتقاندەك تۇيۇلدى. قارا بويۇن قوچقىرى ئەمدى پۈتۈن ۋىلايەتنى ئۆرىتۆپە قىلىۋاتقاندەك بىر خىل يېقىملىق ھاياجان ئۇنىڭ قەلبىنى سەيلىتىپ ئۆتتى. قارا بويۇن قوچقىرىنىڭ سايىسىدا شۇنچىلىك دەبدەبىسى بولۇۋاتقان شۇ بايرامغا تېزرەك قاتنىشىش ئىستىكى كۆڭلىدە چالما قوپۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ يېزا بازىرىغا بېرىپ ساقىلىنى ياسىتىپ، مەيدىسى ئوچۇق كەمزولى بىلەن پوتىسىنى يېڭىلىدى. قوشنا كەنتلىك موزدۇزغا مەسە - كالاچ بۇيرۇتتى... −− قوچقارنى مەن ئېلىپ بارىدىغان بولدۇم، −− دېدى سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت تۇيۇقسىز، −− ۋىلايەت شۇنداق ئۇقتۇردى. −− مەنچۇ؟ −− ئەندىكىپ سورىدى نۇراخۇن بوۋاي، −− مەن... مەن بارمامدىمەن؟ −− شۇنداق، سىلە بارمايدىكەنلا. −− ئۇنداقتا قوچقىرىممۇ بارمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ قوچقىرىنى ئېلىپ بارسىلا! سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت كۆزلىرىنى مىتىلداتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىنمۇ ھېلىقى ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى ۋە پونكىت باشلىقىنىڭ كۆزىدىن ئۇچقاندەك سوغۇق نۇر چاچرىغاندەك بولدى: −− قارا بويۇن ئەمدى ناھىيەنىڭ قوچقىرى، سىلىنىڭ ئۇنداق دېيىشلىرىگە ھەققىلىرى يوق ! نۇراخۇن بوۋاي بۇ گەپلەرنى چۈشىنەلمىدى. ئۇ قانداقسىگە ھەققىم بولمايدىكەن؟ قارا بويۇن ئېغىلىمدا تۆرىلىپ چوڭ بولغان تۇرسا، ئەمدى تۇرۇپلا... −− پونكىت باشلىقى ۋىلايەتتىكى مۇسابىقىگە ئۆزىڭىز بارىسىز، ماشىنىغا چىقىرىپ ئاپىرىمەن، ياتاقتا ياتىسىز، سىزگىمۇ، قوچقىرىڭىزغىمۇ مائاش بېرىمىز دېگەن. −− ئۆتكەنكى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالغانلا؟ يىگىتنىڭ سوئالى نۇراخۇن بوۋاينى توختىتىپ قويدى. ئۇ كۆزلىرىنى تەكرار يۇمۇشلاپ، سەل ئويلىنىۋېلىپ قايناپلا كەتتى: −− ھەي، گەپ قىلىڭ دېسە ھاكىمدىن چۈشىدىكەنسىز، مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدىغان ئاشۇ بەش يۈەن پۇلنى پېشانەمگە تاقاپ يۈرەمسىز؟ |


