• مۈڭگۈزنىڭ كۈچى تۇياقتىن كېلىدۇ(5)

    يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    قارا بويۇننىڭ بارلىق مۇسابىقە رەسمىيەتلىرىنى ئۈرۈمچىدىن قوشۇلغان مەسئۇل كىشى پۈتكۈزدى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگ

    قارا بويۇننىڭ بارلىق مۇسابىقە رەسمىيەتلىرىنى ئۈرۈمچىدىن قوشۇلغان مەسئۇل كىشى پۈتكۈزدى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت بىلەن نۇراخۇن بوۋاي قوچقارنىڭ يۇڭلىرىنى تاراپ، تۇياقلىرىنى سۈرتۈپ، تەڭشەلگەن ئوت - چۆپ بىلەن كۈتۈپ، سۇنى ئېمىزگۈ بىلەن ئېمىتىپ، يېتىلەپ - ئايلاندۇرۇپ مۇشۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسىغا كۆندۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولدى.
    ئۈچىنچى كۈنى مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. تۇنجى ئۇچرىشىشتا قارا بويۇننىڭ تەلىيى كەلدى. گەرچە بوي - بەستى ئۆزىدىن چوڭ كۆرۈنىدىغان كۆزلىرىنى چۇپۇر قاپلاپ كەتكەن، تومپاچاق بىر قوچقار بىلەن جەڭلەشكەن بولسىمۇ نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن ئۇ بىر ئويۇن بولدى. قارا بويۇن ئاۋۋال كەينىگە داجىدى، داجىشنى بۇرۇنقىدەك بەش - ئالتە قەدەمگە ئاپارمايلا تۇيۇقسىز ئۈچىنچى قەدەمدىلا توختىتىپ ئالغا قاراپ ئېتىلدى. رەقىبىگە يېقىنلا قالغاندا بېشىنى بىرلا بۇراپ، سىڭا مۈڭگۈزىنى چەنلەپ تۇرۇپ، تومپاچاق قوچقارنىڭ نەق پېشانىسىگىلا كاللا قويدى! تومپاچاق قوچقار بېشىنى گىلدىڭلاتقىنىچە كەينىگە قايتتى. شۇ قايغىنىچە بەلگىلەنگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتتى. ئۇ كېيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە ئىگىسىنىڭ بوۋاي ئاڭقىرالمىغان يات زۇۋاندا ئاچچىقلاپ كالدىرلاشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماستىن تىرەجەپ تۇرۇۋېلىپ زادىلا قەدەم يۆتكىمىدى!
    قارا بويۇن بىر كۈن دەم ئالدى. ئەتىسى قاق سەھەردە ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولدى. ئۇچرىشىش ئالدىدا سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت تۇيۇقسىز نۇراخۇن بوۋاينىڭ يېڭىدىن تارتىپ:
    −− بۈگۈنكى رەقىبىمىز مەن گېپىنى قىلغان كىلون قوچقاردىن ئىكەن، −− دېدى. بوۋاي ئۈندىمىدى. ئۇ پىتكۆز، مۈڭگۈزىنىڭمۇ، قۇيرۇقىنىڭمۇ تايىنى يوق، ئەمما بوي - بەستى تولىمۇ ئېگىز قوچقارغا قاراپ ساقىلىنى تۇتاملاپ قويدى. ئۆز قوچقىرىنىڭ قارا بوينىدىن بىر دەمگىنە قۇچاقلاپ، قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ، ئارقىدىن دۇرۇت ئوقۇدى. ئوقۇلغان دۇرۇتنى ئالىقانلىرىغا سۈپلەپ قارا بويۇننىڭ بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە سىلاپ چىقتى. سىڭا مۈڭگۈزى بىلەن تۇياقلىرىغىمۇ سۈپلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئارقىدىن قارا بويۇننىڭ باشبېغىنى قويۇپ بېرىپ، بىر چەتكە ئۆتۈپ يانپاشلاپ ياتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى مەيداندىكىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى. بولۇپمۇ بارچە قوچقارنىڭ ئىگىلىرى جىددىيلەشكىنىدىن قويغان - تۇتقىنىنى بىلەلمىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالغان مۇشۇنداق دەملەردە نۇراخۇن بوۋاينىڭ جەينىكىنى يەرگە مەھكەم تىرەپ، ئالىقىنى بىلەن ساقىلىنى تۇتاملاپ بەخۇدۈك يېتىشى مۇسابىقە رېپىرىلىرىنىمۇ كۆز چىمچىقلىتىۋەتتى.
    قارا بويۇن نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئالىقىنىنى پۇراپ، ئارقىدىن يېنىك پۇشقۇردى. ئۇ خۇددى مەيداندىكى جىمى كۆزنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغىنىنى بىلگەندەك كەينىگە داجىپ بېشىنى تۆۋەن قىلدى - دە، ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، كەينى تۇياقلىرىنى زەي تۇپراققا پاتۇردى. دەل شۇ چاغدا بىر قوچقار ئېتىلىپ كەلدى، ئۇ شۇنچىلىك كېلەڭسىز ئېتىلىپ كەلدىكى، بۇ چاغدا سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت ئىچىگە سۈمۈرگەن تىنىقنى قويۇپ بېرىشنىمۇ ئۇنتۇدى، رېپىرىمۇ ئېغىزىدىكى پۈشتىكىنى پۈۋلەشكە تەييارلاندى! ئەمما ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. قارا بويۇن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن ئالدىغا تاشلىنىپ، بىرىنچى ئۈسۈشتىلا ھېلىقى قوچقارنىڭ كارنىيىغا مۈڭگۈز ئۇردى! ئۇ قوچقارنىڭ ئالدى پۇتلىرى تىكلىنىپ، بېشىمۇ كەينىگە قاتىيىپ قالدى. قارا بويۇن ئۇنى شۇ ھالدا بىر پەسكىنە كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن كېيىن تولۇق بىرنى پىرقىرىتىۋېتىپ مۈڭگۈزىنى تارتىۋالدى. ھېلىقى قوچقار خارقىراپ يىقىلغىنىچە قانسىراشقا ئۆتتى!
    نۇراخۇن بوۋاي ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت مەيدانغا موللاق ئاتقىنىچە كىرىپ كەلدى. رېپىرى پۈشتىكىنى پۈۋلەشنى ئۇنتۇدى! ئۈرۈمچىدىن قوشۇلغان كىشى نۇراخۇن بوۋاينى قۇچاقلىغىنىچە كۆتۈرۈۋەتتى:
    −− مەن خوتەندىكى مۇسابىقىنى كۆرگەن. قارا بويۇننىڭ چېمپىيون بولىدىغىنىنى شۇ چاغدىلا كۆڭلۈم تۇيغانىدى. بۇ قوچقار چېمپىيون بولىدۇ! چوقۇم ھەممىنى يېڭىۋالىدۇ!
    شۇ مىنۇتتىن باشلاپ قارا بويۇن قوچقار ھەققىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان مىش - مىشلەر ئاۋۇدى. بۇ مىش - مىشلەرنىڭ قېتىغا نۇراخۇن بوۋايمۇ قوشۇۋېلىندى. »شىنجاڭدىن كەلگەن سىڭا مۈڭگۈزلۈك قوچقار قاتىل ئىكەن... ئىگىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن، قانداق ئۈس دېسە شۇنداق ئۈسىدىكەن... ئىگىسىمۇ ئەپسۇنچى ئىكەن، قوچقىرى مەيدانغا چۈشۈش ئالدىدا ئەپسۇن ئوقۇيدىكەن...« دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدا پۇر بولدى. نەتىجىدە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئۈچىنچى ئۇچرىشىش قارشى تەرەپنىڭ ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
    يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىمۇ تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى. قارشى تەرەپ »ئەپسۇنچى«دىن چۆچۈشۈپ، نۇراخۇن بوۋاينىڭ مەيدانغا كىرىشىگە چەك قويۇپ تۇرۇۋالدى.
    −− ياق، −− دېدى مۇسابىقە ھەيئىتىدىكىلەر، −− بىز دېگەن ئۈزۈل - كېسىل ماتېرىيالىزمچىلارمىز، قانداقتۇر سىرلىق بىدئەتلەرگە قارشى تۇرىمىز ۋە ئىشەنمەيمىز. قائىدە بويىچە بارلىق تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ ئىگىسى مەيدانغا ئۆزى چۈشىدۇ.
    بۇ گەپلەر نۇراخۇن بوۋايغا ئۆرۈپ بېرىلدى. بوۋاي خورسىنىشنىڭ ئورنىغا بۆلەكچىلا تېتىكلىشىپ قالدى، قىلىقلىرى ئاۋۇپ، مەيدە - تۆشلىرى كېرىلدى. پوتىسى پەسلىنىپ، مەيدە چۇپۇرى كۆرۈندى. قارا بويۇنمۇ ئىگىسىگە جور بولۇپ بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ، قۇيرۇقىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك سىلكىتىپ يۈرىيدىغان بولدى.
    قارا بويۇن بىلەن ئاخىرقى مۇسابىقىگە چۈشىدىغان قۇيرۇقسىز قوچقار ھەقىقەتەن سۈرلۈك ئىدى. ئۈرۈمچىدىن قوشۇلغان كىشى بىلەن سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت ئىككى كۈنگىچە شاپاشلاپ يۈرۈپ قارا بويۇننىڭ قايسىدۇر بىر رەسمىيىتىنى ئۆتەشتى. مۇسابىقە كۈنى سەينا ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. نۇراخۇن بوۋاي قىلغۇلۇقىنى يەنە قىلدى: ئاۋۋال ئىككى ئالىقىنىنى كەڭ يايدى، ئاندىن بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ ئالىقىنىغا سۈپلىدى. قارا بويۇننىڭ سىڭا مۈڭگۈزىنى، پېشانىسىنى، توم تۇياقلىرىنى سىلاپ قويدى.
    ئىككى قوچقار ھەملە قىلىشقىنىدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندەك بولۇپ، ئۇچراشقان مۈڭگۈزلەردىن كۆزلەر ئالا چەكمەن بولۇشتى. قوچقارلار كەينىگە يانغىنىدا كىشىلەرنىڭ گەۋدىسىمۇ شامال سوققان قومۇش دولقۇنىدەك ئىرغاڭشىپ، بىر - بىرىگە ئېتىلغىنىدا تەڭلا ئالدىغا تاشلاندى! قىيقاس - سۈرەن، مەدەت بېرىشلەر ئەۋجىگە چىقتى. شۇندىمۇ نۇراخۇن بوۋاي يانپاشلىغان جايىدىن قىمىرلاپمۇ قويمىدى. گويا ئۆز قوچقىرىنىڭ شادىيانە غەلىبىسى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولۇنغاندەك ھازىر بولۇۋاتقىنى ئىلگىرىكى بىر ئويۇننىڭ قايتا كۆرۈنمىسىدەك قارا بويۇنغا قاراپ بەخۇدۈك يېتىۋەردى.
    ئۈچىنچى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاندى. قۇيرۇقسىز قوچقار تۇيۇقسىز ئۈسۈش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا، قارا بويۇن ئېتىلىپ كەلگەن ھامانلا بېشىنى بىرلا بۇراپ ياندىن كاللا قويدى. »قارس« قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ نۇراخۇن بوۋاي ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. نېمە بولغىنىنى بىلىپ ئۈلگۈرگىچە، قارا بويۇننىڭ كۆتمەك مۈڭگۈزى يەرگە چۈشۈپ، سىڭا مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن قان تەپچىرىدى! يەرگە چۈشۈپ تۇياقلار ئارىسىدا پۇچىلانغان مۈڭگۈز بىلەن تەڭ نۇراخۇن بوۋاينىڭ يۈرىكىمۇ يەرگە چۈشكەندەك بولدى. شۇندىمۇ قارا بويۇن چېكىنمىدى. ئۇ قان تامچىلىغان كۆزىنى چىمچىقلاتقىنىچە سەينانى بىر ئايلاندى، گويا بىر ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك بېشىنى ئېگىپ ئېغىر پۇشقىرىدى، ئارقىدىن تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ ئېتىلغىنىچە قۇيرۇقسىز قوچقارغا تاشلاندى. نۇراخۇن بوۋاي »يا... ق!« دەپ ۋارقىرىدى. شۇ »ياق«نىڭ ئاخىرقى تاۋۇشى چۈشۈپ بولغىچە ھەممە ئىش تۈگىدى، قۇيرۇقسىز قوچقار بىر دومىلىغىنىچە سىزىقتىن چۈشۈپ كەتتى. ئۆرە بولۇشقا تىرىشتى - يۇ، تىزلىرى ئېگىلىپ يەنە يېتىپ قالدى. رېپىرىنىڭ پۇشتىكى پۈۋلەش زەربىسىدىن ئېغىزىدىن چىقىپ كەتتى!
    نۇراخۇن بوۋاي مۇكاپات سەھنىسىگە چىققىلى ئۇنىمىدى. ئۇ قارا بويۇننىڭ كۆتمەك سىڭا مۈڭگۈزىنى چىڭ تۇتاملىغىنىچە ئۇنىڭ مۈڭگۈزسىز بېشىغا تىكىلىپلا قالدى. قارا بويۇنمۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئىگىسىنىڭ پەشلىرىگە باش سۈركىگىنىچە جىمىپ قالدى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت سېرىق لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى، كۇنۇسسىمان لوڭقىدىن نۇر قايتتى!
    −− ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئاغا، بىز تەرەپتىمۇ نورۇز بولىدۇ، −− تويۇقسىز ئاڭلانغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز نۇراخۇن بوۋاينى سەگىتتى، −− قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى ئون كۈن داۋام قىلىدۇ. سىزلەرنى تەكلىپ ئېتىمەن. قوچقىرىڭىزنى ئېلىپ چىقالامسىزكىن؟
    سوئال قويغۇچىنىڭ گېپى ئۆزىنىڭ زۇۋانىغا ئوخشاپ كېتەتتى - يۇ، پەرقلىق ئىدى، شۇندىمۇ خېلى كۈنلەردىن بېرى ئۆز زۇۋانداشلىرىنى يەتكۈچە سېغىنغان نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆزلىرى نۇرلاندى. ئۇ قىرقىم ساقال، يارىشىملىق بۇرۇت قويۇۋالغان بۇ تەمبەل كىشىنىڭ سوئالىغا دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قولىنى مېھىر بىلەن سىقتى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : power,كۈچ


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار