−− نېمە بولدى دادا؟ −− ئىزتىراپ بىلەن سورىدى ئوغۇل، −− ئارزۇلۇق قوچقىرىڭىز... −− ئەمدى ئۇنى ساڭا بىرەي، سويۇپ يەۋېتىڭلا. بوۋاي ئوغلى بىلەن نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرگىنىچە قارا بويۇن سولانغان قۇما يېنىغا كەلدى. قۇمىدىن چىقىرىلىپ ئەمدىلا يەر دەسسىتىلگەن قوچقىرىنى كۆرۈپ بوۋاي كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. چۈنكى ئەمدىكى قارا بويۇن باشقىچە بىر ھالدا تۇراتتى: توم تۇياقلىرى توكوروكشىپ يەر تىلغايتتى. بوينى ئارغىماقلارنىڭكىدەك تىكلىنىپ زادىلا تۇتۇق بەرمەيتتى. ئويناق كۆزلىرى ھەريان تىكىلەتتى، ئۇزايىدىن قارىغاندا قايسى كۈندىكى ئىنجىمارۇق رەقىبىنى ئىزدىگەندەكمۇ قىلاتتى. بوۋاي ياش يۇقى كۆزلىرىنى قارا بويۇننىڭ سېمونت مەيداننى ئويۇۋەتكۈدەك ئەلپازدا دەسسەپ تۇرغان مەزمۇت تۇياقلىرىغا تىككىنىچە تۇرۇپ قالدى.
|


