بۇ ئەمەس يامغۇردىن يىگىرمە تامچە! ئاپتۇرى : بەيخۇا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابىلكىم خېۋىر
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابىلكىم خېۋىر بىر جۈپ كۆچمەن قۇش يازنىلا ئىزدىگەن بىر جۈپ كۆچمەن قۇش، قاچانمۇ تۆت پەسىل سىلەرنىڭ بولار؟ تومۇزدا ئاسماننى كەزسەڭلار، قۇياش مەۋجۇتلۇق بېشىدا كۈينى توۋلار. زېمىستان كۈنلىرى ئۇچساڭلار كۆكتە، قار،بوران زېمىندە «قىر-چاپ»نى باشلار. ھەممە ياق ئاشۇنداق مۇقىمسىز ماكان، سۈرگىنلىك تەقدىرىگە سىلەر بەك يېقىن. كەچ بولسا كۈندۈزنى تىلەپ ياتماستىن، تاڭ ئاتسا كېچىنى خالايسىلەر چىن . مىلتىق سىتوۋلىدىن ئۈزۈلىدۇ ئوق، شۇئان توزۇيسىلەر ئىككى تەرەپكە. ئايرىلىش،دات پەريات يەنە يەم غېمى، ئىككى سىزىق قالار شۇئان پەلەكتە. مىڭ تۈمەن ئايلىنىپ چەمبەرلەر سىزىپ، ھالدىن كەتكەن چاغدا ۋىسال يېقىنلار. يۈرەك ئەندىشدە،ھىجران ۋە توزۇش، يەم غېمى بەرىبىر سەرگەندان قىلار. ئابى ھايات چۆللەردە تونۇرغا چۈشكەندەك بولسام، بۇلاق شىر-شىر ئاقار قۇلاق تۈۋىمدە. سۇسىزلىق تېنىمنى كاۋاپ ئەتسىمۇ، سۈپ-سۈزۈك بىر ئېقىن ئاقار كۆڭلۈمدە. كۆزۈمگە كۆرۈنەر،كۆرۈنەر قايتا، مېنى مەس ئەيلىگەن شېشىنىڭ ئاغزى. قۇرىماس،تۈگىمەس ھاياتلىق سۈيى، قەتىرسى مەن ئۈچۈن دېڭىزنىڭ ئۆزى. ئاغزىمنى تامشىيمەن ئىزدەيمەن ماڭا، قايتىدىن جان بەرگەن ئېسىل شاراپنى. ئېھتىمال ئۇ مېنى ئىزدەپ تاپقاندۇر، قىيىن دەپ يۈرەتتىم ئۇنى تاپماقنى. چۆللەردە ۋۇجۇدۇم كاۋاپ بوپ يۈرسە، مۆجىزە بولىدۇ لەۋلىرىم كۆيسە. چۈشتىكى تانسا چۈش ئەركىن،ئەركىنلىك چۈشتە بولىدۇ، بەخىتسىز ئاشىقلار سۇلتانلقى چۈش. چۈشتىلا بەھەزور سۆيشۇش مۈمكىن، چۈشتە بىھاجەتتۇر مۆكۈنۈپ يۈرۈش. چۈشتە بىھاجاتتۇر مەكتۇپلار پۈتۈپ، سۆزلىشىش سۇئالغا جاۋاپلار بېرىش. چېكى يوق ماكاندا ئۆز جۈپتىڭ بىلەن، تانسىغا دەسسەيسەن دىل تاپار قېنىش. تۆت پۇتنى رېتىملىق يۆتكەش مۇزىكا، گۈزەل جۇلا بىلەن ئەركىن يايىرساڭ. بىرىڭ بىرىڭ ئۈچۈن گوياكى سايە، چاقپىلەك بولۇشساڭ ئەركىن سويلىساڭ. تۇغۇلار بىر ئارمان: ئاشۇنداق چۈشۈڭ، ئۆلۈمدەك مەڭگۈلۈك بولسا،ئوينىساڭ . گۈلدارماملىق يامغۇر ئېغىر سۈكۈناتتا دەرەخلەر ئۇچى، ئېغىر سۈكۈناتتا ئاسمان شۈمشىيەر. ئاسماندا كىملەر بار؟ بەلكى بار بىر توپ، ئۈمدسىز،ئەلەملىك،ئەخمەق پەيغەنبەر. ئالەمنى،ئۆزىنى رەسۋا قىلىشىپ، ئۆمىرنى تېگىشەر گۈلدۈر ۋا ياشقا. ئۇلارنىڭ يىغىسى گۈلدارمامدۇر، ياشلىرى يامغۇر بوپ تۆكۈلەر باشقا. جاھاندا مەۋجۇتلۇق بەرمەكتە چىدام، كۈتمەكتە ئۇلاردىن جىق زوراۋانلىق. مەن خوشال شەھەرنى تۇمان باسقىچە، يامغۇرلۇق گۈلدۈرلەش ئىچىگە كىردىم ئۆزىمەن كۆرۈمەن شۇندا داۋاملىق. ئاپەتنى قىياس قىپ ئولتۇرغنىم يوق، سەگەك كۆرمەكتىمەن ئۇنى ئوپ-ئوچۇق! ئاھىمدىنمۇ ياندى ئەكىس سادالار غالىپ بولاي دىگەن ئويدىن يىراقمەن، بولغۇم بار ئىدى سۆيدۈرگۈچى-سۆيگۈچى. بولغۇممۇ يوق بىركىملەرنىڭ دۈشمىنى، بەرگۈچىمەن ئەمەس يۇلۇپ ئالغۇچى! بۈيۈك دەيدۇ،مېنى ھەتتا بەزىلەر، ئۇقۇشماسلىق جىرالاردەك پاكارمەن. جىم تۇرغانلار قاتارىدا ئورنۇممۇ، نەچچە مىسرا ناخشا ئېيتتىم ئىقرارمەن. بەزەن-بەزەن ئۇرۇپ قويسام چوڭقۇر ئاھ... ئاھىمدىنمۇ ياندى ئەكىس سادالار. ئويۇمدا يوق ئۇنداق بولۇش ھىچۋاقتا، ئەكىس سادا قوزغاپ كەلدى شاماللار. ئەلەملەرنى يۈتۈپ كەتمەك تەس ئىكەن، شۇنداق چاغدا پىغانمىنى چاچقانمەن. سۆيدۈم مەنمۇ ھەم سۆيدۈردۈم ئۆزۈمنى، قارچۇغىدەك خوشال سايراپ باققانمەن. ئەلەم دىگەن بولسا بولار شۇنچىلىك، ئۆز قولۇمدا ئۆز گېلىمنى ئۈزگۈلۈك ياز بىلەن قىش يۈرىكىمدىن ئۇرغار داھىم گۈزەل كۈي، يۇمشاق دولقۇن يالىغاندەك گىرۋەكنى. يۈرەك ئىزدەر،ئىزدىنىگىنى نىمىدۇ؟ شۇنچە سېخى ئىزدەر كىمنى سۆيمەكنى. چۈشۈمدىلا يۈرگەچكە بىخارامان، چۈشۈممۇ بۇ؟ بۇ ھالەتكە شۈھبىم بار. شۇڭا قورقۇش داھىم ماڭا يانداشتى، يامان تەقدىر مېنى قانداق ئۇنۇتار؟ ئادەملەرنىڭ جىمى خىيال پىكرىنى، كۈتكىننى ماڭا بەرگەن ئويلىسام. تىلەپ كېتەي: جۆرئېتىم يوق ئۇلارنىڭ، ھەممىسگە يالغۇز ئىگە بولمىسام! دارچىن گۈلى ھېد ئۇرغاندا بۇرنۇمغا، سەزدىم كۆپ يىل ئۆتمۈشۈمگە ئايلاندى. يازننىڭ ھەيۋەت ئومۇمى خورى تۈگۈمەي، كۈزنىڭ چوڭقۇر ئاھ ئۇرغىنى ئاڭلاندى. قانائەت ئورمان جىمجىت، جىمجىت بولغاچقا، ئاڭلاۋاتىمەن بۇلبۇل ئۈنىنى. ئاشۇ جىمجىتلىق بەكمۇ ئۇزاق بەكمۇ قات -قات قىلىپ كۆرۈستەر، يېشىل ئاسماننىڭ گىرۋەك،قىرىنى. كېچە -زۇلمەت. زۇلمەت بولغاچقا كۆرمەكتىمەن يانغان يۇلتۇزنى، شۇ قاراڭغۇلۇق پاك،مەسۇم قىلىپ كۆرسەتمەكتە مېنىڭ قەلبىمنى. ھايات ئېغىر ئېغىر بولغاچقا سىزىمەن سۆيگۈنىڭ قىزىق تەپتىنى. قانائەت تاپتىم مەن شۇنداق سۆيگۈدىن، ئۈمىد ئۈزگەندە قايتىدىن ئۈمۈتۋار قىپ قويدى مېنى. تا بۈگۈنگىچە كۈتۈشلەر بىلەن ئۆتكۈزۈمەن ھەر بىر كۈنۈمنى. ئىشەنچ ئاجىز ئۇرۇق لاي تۇپراققا كۆمۈلدى. بېسىم بىلەن ئىشەنچ بەردى ئاڭا جان. ئۇنىڭ كىچىك يۈرىكىدە ساقلىنار يورۇقلۇققا تولۇپ تۇرغان بىر جاھان. ئۇ بىلىدۇ ئەلۋەك باھار ئاپتىپى، ئاڭا مەنسۇپ بولارىنى ئاقىۋەت. ئۆز-ئۆزىنى ئاستا-ئاستا كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنىنى كېڭەيتىدۇ داۋامەت. ئاجىز بىخ ۋە قاتتىق تۇپراق ئاشۇنداق كومېدىيە ئوينىغاندۇ مىليون رەت. ھاياتلىققا كۆز ئاچتىمۇ ، تاپار بىخ، ماكان بىلەن ئەركىنلكنى ھەر نۆۋەت. كىمدۇر يەنە ھاياتلىقنى بوغماقتا، تۈنۈگۈنكى پاجىئەلىك ئويۇنلار، ئوينالسۇنمۇ تەكرارلىنىپ مىليون رەت؟! ئاقار يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ ئاشۇ يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ، پارلاۋاتىدۇ ماڭا ئاشۇ يېتىپ ئاشىدۇ. باشقا يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرسىمۇ، ماڭا مەنسۇپ بولغىنى پەقەت نىگاھىمنى ھامان تارتىدۇ. كۆزلىرىمنى يۇممىسام دەيمەن، يۇلتۇزىمغا باققان چېغىمدا. ئۇ ئۆچكەندە باشقا يۇلتۇزلار، قۇياش بولۇپ يېنىپ كەتسىمۇ، مېنىڭ كۆزۈم كور بولۇپ قالىدۇ. ئەي يۇلتۇزۇم كۆردىڭمۇ يەردە، غىل-پال ياشقا تولغان جۈپ كۆزنى. سەۋەبى دەرد ۋەھىمە ئەمەس، سەۋەبى شۇ: سەن چاقنىغاچقا نۇرغا تولۇپ كۆزلەر ياندى بەس! ئەتراپىمدا تال-تال نۇرلۇرۇڭ، ھاياجاندىن تىترەر پۇت- قولۇم. ئۆسمۈر كىتاپخانغا(1) چوڭلا بولۇپ قاپسەن بالىجان، ئىككى پارچە خېتىڭدىن بىلدىم. بىرى قىسقا بىرى قەدىمدىن؛ بىرى ئۇزۇن،پۈتۈن بىر ئۆمۈر- ئوقىساممۇ تۈگۈمەس دىدىم. ئۆشنەڭدىكى يۈكۈڭ يۈز ھەسسە ئېغىرلاپتۇ مۇشۇ يېقىندىن. ماڭا كەلگەن مالامەتلەرنى كۆتۈرەيلى دەپسەن تېڭىدىن. قانداق مۇمكىن؟! كىچىكقۇ ئۆزۈڭ، ئۆشنەڭدە بار تۇرسا بىر كىرسىت. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇرۇنقىدىن ئۇ ئېغىر تۇرسا ،تېخى ۋاي ئېسىت. ئۇنى يۈدۈپ كېلەرسەن،مېنى- كېرسىتقا مىقلىغان يەرگە. يۈرۈكۈمدىن ئوقچىغان قانلار پۇتلىرىمنى بۇيىغان دەمگە. مۇھەببەتكە ئېرىشتىم مېنى سەن ۋە باشقىلار سۆيگىنى ئۈچۈن. ماڭا شۇمۇ يېتەر ۋە قايتا تىرىلەرمەن ئەيسادەك بىر كۈن. ئۆسمۈر كىتاپخانغا(2) دەرەخلەر ئۇچلىرىدا شەپەق نۇرى، دېڭىزنىڭ تەكتى تامام غۇسسە دىمەك. سوزۇلۇپ سايراپ يۈرەر قۇشقاچ ئەنە، مۇز تاغلار ئېتىكىدە چاقنار ئىدرەك. شىۋىرلاپ چاۋاك چالغان يوپۇرماقلار گاھ يوقاپ گاھ كۆرۈنگەن ئارزۇ -ئىستەك. ئوماق ۋە بۇدرۇق قولۇڭ بىلەن ماڭا، ھارارەت بېرەلمەستىن زارلىنىسەن. ھە بەلكى باردۇ سېنىڭ ئوماق ئىنىڭ، مېنىمۇ كۈلدۈرمەك بوپ راسلىنىسەن. بېشىمنى چايقاپ قويغۇڭ كېلەر غەم يەپ، قورقىسەن ئىلھاملىرىم ئۆلمىسۇن دەپ. ئالەمدە شەپەق بولسا قۇشقاچ بولسا؛ ياپراقلار ۋە ئادەملەر ياشاپ تۇرسا؛ ھەر تاڭدا ئۇپۇق بويلاپ چىقسا قۇياش؛ نۇرلىرى بۇ ئالەمگە تاراپ تۇرسا؛ قورىقمىغىن يۈز بەرمەيدۇ ئۇ ئىش ھەيھات. قېرىماس شائىردىكى تالانىت ،ھىسىيات. تۈز سىزىق ئاتسىمۇ ئۆزىنى ئاسمان ئۇپقۇنلارغا، ئۆزگەرمەس ئاسماندىكى گۈزەل رۇخسار. بىردەمدە ئاي مۆكۈندى نەلەرگىدۇر، مەس قۇياش دەلدۈگۈنۈپ چىقتى بىئار. ئۇ كېچە بولدى قايسى ئولتۇرۇشتا، ھاۋانى تۇتۇپ كەتتى شاراپ ھىدى. مەن ھاردىم ھېرىپ كەتتىم،بەك چارچىدىم، ھالىمدىن كەتكەن چېغىم ئاشۇ پېتى. ئەتراپتا نازاكەتلىك قۇش-قانات كۆپ. ھەممە يار چىمەنزارلىق گۈل-گۈلىستان. ئۆمىلەپ يۇققىرىغا ياماشقىنىم يوق، كۆتەرمەس چۈنكى ئۇنى مەندە ۋىژدان. ئالەمگە ياشاي دەپلا كەلگنىم يوق، ئۆلۈمدىن قوتقۇپ تېخى ئۆلگىنىم يوق. تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ ئارىسدا نىمە بار، زادى نىمە بولغان تۈزۈك؟! مېنىڭچە بۇ ئارىدا بولسا ئەلھەق، دېڭىزدا غۇلاپ تاشلاپ ئۈزگەن ئىنسان دولقۇنلار ئۆزرە سىزغان بىر تۈز سىزىق. كىتاپخانغا بىلمەيسىلەر سىللەر بەرگەن تارتۇقلار، مەن ئىزدەنگەن نەرسدىن كۆپ ئاشقانتى. ئەگەر رۇخسەت بولسا ماڭا شۇ تاپتا، يىغلاپ باقسام ھاياجاندىن ،سۆيگۈدىن ئايىغىمدا ياش دەرياسى ئاققاتتى. ئاجىزلقىم سىللەر ئۈچۈن نە كېرەك، بىر تامچىنى تۆككىنىم يوق يېشىمدىن. بالالارنى ئاسان ئۇنتار بىر قۇشمەن، بىر دەمدىلا ئۆز پەدەمگە سايرايمەن. تېخى ھىلى ئوق ئۆتسىمۇ يېنىمدىن، شۇنداق خوشال ناخشا ئېيتىپ تىنمايمەن. دۇنيا ناخشام ئۈچۈن ھايات تۇرغاندەك. ھەر بىرىڭنىڭ ئالقىنغا قونارمەن، چۆچەكتىكى قولغا كۆنگەن تورغايدەك. ئوقلار يەنە مېنى چەنلەر بۇ مۇمكىن، قان ئەتمىسۇن قولۇڭلارنى ۋە لېكىن. گويا سەھەر نۇرى مېنىڭ شادلىقىم يىراقتىن سوققان سابا بەرگىلەردىن، ئاخشامقى شەبنەملەرنى تۆكەلمىدى. چۈشۈمگە چۈش ئۇلىدىم شۇدەم گويا، ئۆتكەن ئىش ئويلىغانغا تۈگەرمىدى؟ مۇڭ تۆكۈپ تۆت ئاكورتلىق سىمفونىيە، ياڭرىدى چاتكوۋىسكى ھوزۇرىدىن. ئىخ،ئاققۇ يايدى ئاپئاق قانىتىنى زوق ئېلىپ رىغبەت ئېلىپ كۈن نۇرىدىن. ھويلاندا توختام سۇلار تۇرۇپ قاپتۇ، بىر ئىپلاس ئەينەك بولۇپ ئۇ ھۈرپۇيەر. قارىسام كۆكۈش ئاسمان ئاشۇ سۇدا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر تەكتى بوپ كۆرۈنەر. ئاجىزنىڭ مۇڭ زارىدەك نالەش بىلەن، ئالدىمدىن يەرگە چۈشتى بىر ئورگىنال. بىر گەۋدە دېرىزىدىن مارىلايدۇ، ھېچ ئىش يوق،مېنى ماراپ ئۆگەنگەن شۇ. بامبۇكنىڭ بىر نوتىسى،ئۇ ئېھتىمال. شادلىقىم گويا سەھەر نۇرى مېنىڭ، پات كېلىپ،كېتەر،مېنى تەرىك ئېتەر. ئەلەملىك كۈندۈز يەنە ھەمرا ماڭا، گۇگۇممۇ تۈنگە پاتلا سىڭىپ كېتەر. ئورمانلار سايىسدىن ئۆتكىندە جىم يولدا ئىشەنچىلىك كېتىپ بارىمەن، قاراڭغۇ سايىغا مەن ئورالغانچە. توختىسام بىر چاغدا،ئوخشار ئەتراپىم بىر شادلىق ئوردىغا ،قارىسام قانچە. ئوردىدىن تارالغان ھەيۋەت رەڭلەرگە، كۆمۈلدى بىردىنلا مۇنۇ لاي تۇپراق. ئاي ئورمان ئۈستىدە يانغىلى نەكەم، رەڭ دىمەك شاخلاركەن،شاخ سايىسى ھەم. مەنمۇ بوپ قاپتىمەن ئالايىتەن بىر شاخ. بويۇم پاكار ئىكەن،ساياممۇ ئاۋاق ئەجەپ ھال،گەۋدىلىك ئۆزۈم ئاشۇ چاغ. ئورماندىن چىقىپلا چىمەنگە چاپتىم. قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ باقتىم. بىلدىمكى،مېنىڭدە ئۆسمىگەن ياپراق، ئىكەنمەن تۆككىدەك ياپرىقى يوق شاخ. |


