ئاپتورى: جاڭ يۈشېڭ ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى Literary, ئەدىبلەردە »كەسپىي كېسەل« بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. بار بولۇپلا قالماي بۇ خىل »كەسپىي كېسەللىك« ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى تولىمۇ پاجىئەلىك، بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىمۇ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. مېنىڭدىكى بۇ خىل كۆز قاراش لى گۇۋېن ئەپەندىنىڭ »جۇڭگو ئەدىبلىرىنىڭ بىئەجەل ئۆلۈمى« ناملىق كىتابىنى ئوقۇشتىن كەلگەن. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر خىزمەتدىشىمغا ئوقۇپ بېقىشنى ھاۋالە قىلدىم. ئۇ ئوقۇپ ب−ولغاندىن كېيىن ماڭا مۇنداق دېدى: »ئەدىبلەر قەلب كۆزى بىلەن ئەسەر يازىدىغانلار، شۇڭا ئۇلار سىياسىيدىن يىراقراق تۇرغاندىلا ئاندىن بىئەجەل ئۆلۈمدىن خالىي بولالايدۇ.« ئۇنىڭ قارىشىچە، ھە دېگەندە سىياسىينىلا تەكىتلەش، سىياسىيغىلا ئارىلىشىۋېلىش يەنە تېخى ئەمەلدارلىق سورۇنىغا مەپتۇن بولۇش دېگەنلەر ئەدىبلەردىكى ئارتۇقچىلىق ھېسابلانمايدىكەن. مۇبادا ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ جىنايەتچىسىگە، مەزھەپ كۈرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. بۇ گەپنى دەسلەپ ئاڭلىغاندا خېلى قايىل بولۇپ قالدىم، كېيىن تەپسىلىي ئويلاپ كۆرسەم ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن.
لى ئەپەندىنىڭ كىتابىدا نە كىرىش سۆز، نە خاتىمە يوق. ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈشكە قارىتامۇ ھېچقانداق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن. ئۇ بايان قىلغان ئەمەلىي مىساللاردىن قارىغاندا، ئۇ تىلغا ئالغان بىئەجەل ئۆلۈم سىياسىي كۈرەش تۈپەيلىدىن قەتل قىلىشنى كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۆزئەجىلى بىلەن قېرىپ ئۆلۈشنى، كېسەل بىلەن ئۆلۈشنى كۆرسەتمەيدۇ. دۇرۇس، مۇبادا ئەدىب سىياسىيدىن يىراقلىشىپ سىياسىيغا ئارىلاشماي، ئىشىكنى دۈم تاقاپ، كۆپ بولسا ھويلا - ئارامغا چىقىپ كۆككە تەلمۈرۈپ، گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىپ، چۈمۈلىلەرنىڭ ئۆي كۆچۈشىنى تاماشا قىلغان ياكى چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، غۇلاچ يېيىپ كېرىلىپ، كۆركەم مەنزىرىلەرنى، گۈزەل سەھەر، چىرايلىق كېچىلەرنى كۈيگە قاتقان تەقدىردىمۇ بەرىبىر بىئەجەل ئۆلۈمدىن مۇستەسنا بولمىقى بەسىي مۈشكۈل. »بالا - قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس پۇت - قولىنى ساڭگىلىتىپ« دېگەن گەپ بار. مەيلى نېمىلا دېمەيلى، ئەنە شۇنداق بىئەجەل ئۆلۈم ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئازلىدى. بۇ يەردە ئەدىب بىلەن بىئەجەل ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى مەلۇم باغلىنىشنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
دەرۋقە، ئەدىب قەلەمنى قولىغا ئالغانىكەن، سىرتقى دۇنياغا يۈزلىنىپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئەسەرلەرنى يازماي قالمايدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتا ئۇنى سىياسىي بىلەن باغلاپ قويىدۇ - دە، بىلىپ - بىلمەيلا ئەمەلدارلىق چەمبىرىكىگە كىرىپ قالىدۇ. مېنىڭچە ئەدىب بىلەن سىياسىيوننىڭ مۇناسىۋىتى ئۇلاردىكى »كەسپىي كېسەللىك« بولسا كېرەك. ئەدىبلەر پەقەت مۇشۇ كەسىپنى قىلىمەنلا دەيدىكەن، مۇشۇ خىل كېسەلدىن خالىي بولالمايدۇ.
بۇ خىل »كەسپىي كېسەللىك« مۇبادا شەخسىي خاراكتېرگە ئايلىنىپ كەتسە، ئەدىبلەر ئەمەلدارلىقنى جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن، سىياسىيغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، خاتالاشمىسام ئۇ بەرىبىر بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە ئەمەلپەرەس ئەدىبلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. مەن لى بەينى تەتقىق قىلىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنىدىم، تىياتىردىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا لى بەيدە ئەمەلدارلىق ئىستىكى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ھەتتا ئۇ ئۆلگىچە بۇ ئىستەكتىن قۇتۇلالمىغان. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يېزىلغىنى راستتىنلا لى بەيمۇ - ئەمەسمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئۇنىڭغا ئوخشاش ھايات ۋاقتىدا شېئىرىيەت مۇنبىرىدىكى كاتتا شائىرغا ئايلانغان ئادەم يەنە شۈكۈر قىلماي بىر قولىدا شېئىرىيەتنى، يەنە بىر قولىدا ئەمەلنى تۇتماقچى بولغان بولسا مۇقەررەركى يېرىم ئەدىب بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پىرى بولغان لۇشۈنمۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا كىرىپ بىر مەھەل ئەمەلدار بولۇپ باققان، ئۇنىڭ ئەمەلدارنى كۆرسىلا قۇيقا چېچى تىك تۇرمىغان، ئەمەلدارغا يولۇقۇپ قالسىلا ئۆزىنى قاچۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمۈر بويى ئەمەلدارلار تەرەپتە تۇرۇپ باقمىغان.
يەنە بىر قىسىم ئەدىبلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىدۇكى، ئۇلار ئەدەبىياتنى يۇقىرىغا يامىشىشنىڭ شوتىسى، ئەمەلدارلىق سورۇنىغا كىرىشنىڭ ئىشىكى قىلىۋالىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا جاڭ كېبياۋ ئەپەندى »ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يۇقىرىغا يامىشىش ماھارىتى« ناملىق كىتابنى يېزىپ، مۇشۇ خىلدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئەمەلدارلىق سىياسىي دېمەكتۇر، ئەمەلدارلىق سورۇنى سىياسىي كۈرەش مەيدانىدۇر. ئەمەلدار بولۇشنى ئويلىغان ئەدىبلەر ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلدارلارنىڭلا كەتمىنىنى چېپىشى، سىياسىيدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك.
ئۆمۈربويى ئەمەلدار بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەدىبلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولماس. مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە مەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمەلدارلار تەرەپتە تۇرمايدىغان ئەدىبلەرگە بىر نېمە دېيىش ئاسان، بۇنىڭغا ئۇنىڭ كەچمىشلىرىلا ئاساس بولالايدۇ.
ئەمما ئەمەلدار بولۇشنى ئويلاپ باقماسلىق ئابستراكت، شەكىلسىز بولۇپ مېڭىدە ئەكس ئېتىدىغان بولغاچقا ئۇنى باشقىلار كۆرەلمەيدۇ. سىز ئۇنى ئويلاپ باقمىغان دېگەنبىلەن، ئۇ ئويلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن؛ سىز ئۇنى ئويلاپ باققان دېگەن بولسىڭىز، ئۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنى ئۆزى دېمىسە باشقىلار قانداقمۇ قىياس قىلالىسۇن؛ ئۆزى دېگەن تەقدىردىمۇ باشقىلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە يەنە بىكار. ئاخىر ئۇنى سىناق ئورۇندىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىر قېتىم كاللىسىدا نېمە بارلىقىنى بىلىپ باقمىغىچە تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ. habits,
بۈگۈنكى كۈندە ئەدىبلەر 50− 60ياشقا كىرىپمۇ يەنە ئەمەلدارلىق سورۇنىدىن ئورۇن تەگمىسە، ئۇنىڭدا ئەمەلدار بولۇشتىن قىلچە ئۈمىد يوق دېگەن گەپ. ئەمەلدارلارمۇ مۇشۇ ياشقا كەلگەندە پېنسىيەگە چىقماي قالمايدۇ. ئەمەلدارلىق سورۇنىدىن ئورۇن تەگمىگەنلەر مۇشۇ ياشقا كەلگەندە بېشىنى تاشقا ئۇرسىمۇ بىكار. ئويلىمىغان يەردىن ئامىتى كېلىپ بىر كېچىدىلا سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئەربابقا ئايلىنىپ، ھوقۇقنىڭ چوڭىنى تۇتقان تەقدىردىمۇ بەرىبىر كېچىككەن بولىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ يېزىقچىلىق قىلغىنى تۈزۈك. ئەمما بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەدىبلەردىكى »كەسپىي كېسەللىك« ھېسابلىنىدۇ. »كەسپىي كېسەللىك« باشقا يەردە ئەمەس، دەل كەسىپتە كۆرۈلىدۇ.
يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بولىدۇ. ئۇنىڭدا جەمئىيەتكە ۋە كىشىلىك ھاياتقا يۈزلىنىش، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھايات ھەققىدە ئىزدىنىش، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتنى تەسۋىرلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇشۇ تەلەپكە يەتمەي تۇرۇپ قانداقمۇ يېزىقچىلىق قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنداق دېگەنلىك قانداقتۇر ئەدىبلەر سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ، سىياسىيغا ئارىلاشمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھايات سىياسىيدىن ئايرىلالمايدۇ. سىياسىي جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشى، كىشىلىك ھاياتقا ھەمدەم بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ۋەھالەنكى، بۇ ئەدىبلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ئىجتىمائىي توپتىن ئايرىلىپ بىر چەتتە تۇرۇۋېلىپ ئەسەر يازغاندا ئۇ ئەسەرنىڭ چىنلىقى بولمايدۇ.
بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرسەك بولار. يېقىندا ئىككى مۇنازىرە ماقالىسىنى ئوقۇپ قالدىم. بىر پارچىسىدا، دېھانلارنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر بەك ئاز دېيىلىپتۇ؛ يەنە بىر پارچىسىدا، بۇنداق ئەسەرلەرنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ، جاۋ XX دېگەن ئادەم نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان دېيىلىپتۇ. مېنىڭچە، بۇ ئاز ياكى كۆپلۈك مەسىلىسى ئەمەس. ھازىرغا قەدەر 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى دېھقانلار تۇرمۇشىنى چىن ۋە چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىرەر ئەسەر روياپقا چىقىپ باقمىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان دېھقانلىرىنىڭ ئوبرازى تېخىچە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ باقمىدى. »يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار مەسىلىسى«، »مۇھىمنىڭ مۇھىمى« بولغىنى بىلەن ھازىرغا قەدەر ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنغىنى يوق. بىر قىسىم ناھىيە - يېزا كادىرلىرىنىڭ زوراۋانلىقى، دېھقانلارنىڭ شىللىسىدىكى شۇنچە ئېغىر باج - سېلىقلار، تۈرلۈك كەمسىتىشلەر ھەرخىل زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندى. ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدىكى ئاشۇنداق ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى جۇڭگو دېھقانلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ. ئەمما ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئورۇن ئالالمىدى. گەرچە بىر نەچچە پارچە تەسىرى بار ئەدەبىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تىپىكلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بەدىئىي ئەسەرلەردىن بىرەرسىمۇ يېزىلىپ باقمىدى. »قىزىلبايراق شەجەرىسى«دىكى جۇلاۋجۇڭدەك پىشقان دېھقان ئوبرازى تېخىمۇ يارىتىلمىدى. ھازىرقى زامان ئەدىبلىرى »يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار« دىن ئالۋاستىدىن قورققاندەك قورقامدۇ، قانداق؟ جاۋ XX ياراتقان قېنىمۇ، جېنىمۇ بولغان شياۋ ئېركې ئوبرازى »مۇھىمنىڭ مۇھىمى« بولغان دېھقانلارغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ - يوق؟
ئەدىبلەر جەمئىيەتكە يۈزلەنمەكچى بولىدىكەن، تۇرمۇشقا چۆكمەكچى بولىدىكەن، شۈبھىسىزكى سىياسىيدىن ئايرىلالمايدۇ. ئايرىلالمايلا قالماستىن بەلكى يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، سىياسىيغا مەردانىلىك بىلەن ئارىلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ بايان قىلىشى زۆرۈر.
بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سىياسىيدىن بىزارمىش، سىياسىيدىن يىراقراق تۇرماقچىمىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، تۇرمۇشقا چۆكمەكچىمىش. مانا بۇ خىل كۆز قاراش ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇپ سەمىمىيەتسىزلىكتىن، ساختىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. سىياسىي بىلەن جەمئىيەت، سىياسىي بىلەن كىشىلىك ھايات خۇددى پۇلنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدۇ. قانداقمۇ ئۇنىڭ بىر يۈزىنى كېرەك قىلىپ يەنە بىر يۈزىنى كېرەك قىلمايمەن دېگىلى بولسۇن؟ سىياسىينى چەتكە قاققاندا، سىياسىينى قەلەمگە ئالمىغاندا جەمئىيەتنى، تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگىلى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ۋە كىشىلىك ھايات قىممىتىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ.
ئەدىبلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىپ ھەپسىگە چۈشۈپ قېلىشى تارىخىي ۋەسىقىلەردە »يېزىق ئاسارىتى« دەپ ئاتالغان. چۈنكى ئەدىبلەرنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى ۋە قەتلىئام قىلىنىشىغا يېزىق سەۋەب بولغان. مانا بۇ تارىختىكى زۇلمەتلىك بىر بەت. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ تارىختىكى بۇنداق زۇلمەتلىك بەتلەر مەڭگۈ تەكرارلانماسلىقى كېرەك. زامانىۋى سىياسىي دېگەنلىك مەدەنىي سىياسىي، دېموكراتىك سىياسىي دېگەنلىك.مەدەنىي سىياسىي، دېموكراتىك سىياسىيدا نېمە دەپ سىياسىيغا ئارىلىشىشقا، ئۇنى تەنقىد قىلىشقا بولمايدىكەن؟ بۇنىڭغا زامانىۋى دەۋر نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدەش، زامانىۋى دەۋر نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھە دېسە دەۋردىن ھالقىغان ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىنىۋاتمامدۇ؟ بۇ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك دېگەنلىكتۇر. art,
ئەدىبلەر »كەسپىي كېسەللىك«تىن قۇتۇلالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىش بەدىلىنى تۆلىمەسلىكى كېرەك.
لى ئەپەندى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن سىماچيەندىن ۋاڭ گوۋېيغىچە نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ بىئەجەل ئۆلۈمى فېئوداللىق دىكتاتورا ئاستىدا يۈز بەرگەن. لۇشۈن مۇنداق دېگەن: »سىياسىيونلار ئەدىبلەرنى جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق چىقىرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك جەمئىيەت تىنچلىنىدۇ دەپ ئويلايدۇ.« ئۇ ئۆز سۆزىدە يۇقىرىقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتسا كېرەك. لۇشۈن بۇ گەپنى دېگەندە پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ مىنگو قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ ئاسارەتلىرى تېخى تۈگىمىگەنىدى. پەقەت مۇشۇ ئاسارەتلا مەۋجۇت ئىكەن، قانداق زامان، قانداق ماكاندا پەيدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەدىبلەر بىئەجەل ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. فېئوداللىق تۈزۈم يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئاسارەتلىرى تۈگىتىلىپ، جۇڭگودا دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈملۈك جەمئىيەت قۇرۇلدى. گەرچە »كەسپىي كېسەللىك« ئېلىپ كېلىدىغان بىئەجەل ئۆلۈمدىن بىرىمۇ يوق، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئازلىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇ. مۇبادا ئاشۇنداق ئىشتىن بىرەرى سادىر بولۇپ قالسا جامائەت پىكرى پەيدا بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئۇنداق ياكى مۇنداق سۆز - چۆچەكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تۇرغانلا گەپ.
ئەمەلىيەتتە بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن سىياسىيونلار بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ئەدىبلەردىن كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىتېخىمۇ پاجىئەلىك بولغان. بۇ بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزى فېئوداللىق تۈزۈمدە. فېئوداللىق تۈزۈمدىكى پادىشاھلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى غايەت زور ھەجىمدىكى »جۇڭگو سىياسىيونلىرىنىڭ بىئەجەل ئۆلۈمى«دىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە ئۇلىشىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دەۋرگە كىردى. ئەمدىلىكتە ئەدىبلەر بىئەجەل ئۆلۈمنى قارغايدىغان، سىياسىيونلارمۇ بىئەجەل ئۆلۈمنى مەدھىيەلىمەيدىغان بولۇشتى. ئۆلۈمنىڭ ياخشىسى يوق، ئۇ ھەممىگە ئاچچىق، ئۆلۈمگە ئادەملا ئەمەس، بارلىق جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆچ. ئەدىبلەر دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈمگە تەشنا، سىياسىيونلارمۇ دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈمگە تەشنا. سىياسىي كۈرەش مەيلى قانچىلىك كۆپ ۋە ئۆتكۈر بولمىسۇن، ئۇ بىئەجەل ئۆلۈمنى ئۆزىگە بەدەل قىلماستىن بەلكى ھامان دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈمنى كاپالەت قىلىشى كېرەك. بۇ بىر گۈزەل ئىستەك، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ئۇنىڭغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
كىشىلىك ھوقۇق دەخلىسىزدۇر. ئادەم ھەممىنىڭ ئاساسى، ھايات ئەڭ قىممەتلىك. سىياسىيونلارنىڭ ھاياتى سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن نابۇت قىلىنماسلىقى، ئەدىبلەرمۇ »كەسپىي كېسەللىك« سەۋەبىدىن بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشتىن ۋايىم يېمەيدىغان بولۇشى لازىم.
|


