تاشلاندۇق پايتەخىت
ئاپتۇرى:جىيا پىڭۋا
ئابلىكىم مۇھەممەت تەرجىمىسى
جىيا پىڭۋا شەنشى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى،جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق يازغۇچى.1952-يىلى تۇغۇلغان. شەنشى ئۆلكىسى شاڭلۇ شەھىرى دەنفېڭ ناھىيسى لۇخۇا بازىرىدىن.1975-يىلى غەربىي شىمال ئۇنۋېرسىتىتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.1974-يىلى ئەسەر ئېلان قىلشقا باشلىغان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «چىنچىياڭ ئەلنەغمىسى»،«خۇشاللىق»،«كۆڭۈل»،«مۇھەببەت ھەركىتى»،«تاشلاندۇق پايتەخت»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. «تاشلاندۇق پايتەخت»1993-يىلى بېيجىڭ نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرقىلىنغان. 1997-يىلى فىرانسىيە فېلمىنا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان.
قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەھلىلى
ئاپتۇر باش قەھرىمانى جۇاڭ جىدىيېنى مەركەز قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن بىلەن كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى سۆرەتلەپ بەرگەن.جۇاڭ جىدىيېنى ئوراپ تۇرغان تۆت ئايال-نىيۇ يۆچىڭ،تاڭ ۋەنئېر،لىيۇ يۆ،ئاسەنلەر روماندا ناھايىتى كۆپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى،جەمىيەت قاتلىمى ئوخشىمايدىغان ئاياللار بولۇپ،ھەربىر كىشىنىڭ ئەتراپ مۇھىتى،پىسخىكىسى جەمىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەرىپىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
قايغۇلۇق مۇھىت روھنىڭ قانلىق يېشى
تاشلاندۇق پايتەخت،غەربىي پايتەخىت(بۈگۈنكى شىئەن)،بۇ شەھەر ۋە شەھەرنىڭ رەڭگا-رەڭ روھى جىمجىت ھالدا قان ياش تۆكىدۇ.گويا ھەممىنى بەربات قىلىدىغان بۆرە توپى يېقىنلا يەرگە كېلىپ قالغاندەك ھەسرەت چېكىدۇ. يەنە تامچىلاۋاتقان قاننىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.
سەنئەت مۇۋەپىقيىتى: ئۈچ پارچە كىلاسسىك ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ بىرلىشىشى
«تاشلاندۇق پايتەخت»نىڭ ئەدىبىي مۇۋەپىقيىتىنى يەكۈنلىگەندە،مەشھۇر ئۈچ پارچە كىلاسسىك ئەسەر:«قورشاۋ».«جىن پىڭ مېي»(پەن جىنلىيەن،لى پىڭئېر،پاڭ چۈنمېي)،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىن ئىزدەش مۆمكىن.ئۈچ پارچە كىلاسسىك ئەسەر يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە شەۋكىتىنى يوقاتماي،مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان نۇرىنى ساقلاپ كەلدى.«تاشلاندۇق پايتەخت»ئۈچ ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىنى قېدىرىپ،ئورتاق مۇكەممەلللىكىنى قولغا كەلتۈردى.
«تاشلاندۇق پايتەخت»-«قورشاۋ»دىن كېيىنكى زىيالىيلارنى ئاساسىي ئوبىكت قىلغان رومان بولۇپ،ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى،پىسخىك ھالىتىنى ھەقىقى ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەرىجىدە ئېچىپ بەردى.
«تاشلاندۇق پايتەخت»تە يۈرەكلىك ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن جىنسىيەت تەسۋىرلىنىپ،«جىن پىڭ مېي»گە ۋارسلىق قىلىنىدى.ھەمدە قايناق ھېسسىياتنىڭ ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قېزىپ چىقتى.روھ ۋە تەننىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىشىشىنى تەكىتلەپ،پۈتكۈل ئەسەر جەريانىغا كىلاسسىك مۇھەببەتنىڭ بىر قەۋەت تونىنى كىيدۈردى.
«تاشلاندۇق پايتەخت»تىكى تۆت چوڭ داڭلىق شەخىس،خۇددى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىكى تۆت چوڭ جەمەت،بولۇپمۇ جىيا جەمەتىنى تەسۋىرلىگەندەك،ئوقۇرمەنلەرگە كىشىلەرنىڭ تەقدىرى سۆرىتىنى كەڭ دائىرىدە نامايەن قىلىپ بەردى.تەسۋىرلەردىكىسى ئۇششاق-چۈششەك كۈندىلىك تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى بولۇپ مۇرەككەپ ئىنسانلار توپىنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەش بىلەن بىر ۋاقتتا دەۋىر پەيدا قىلغان تىراگدىيەنى تەسۋىرلىدى.«تاشلاندۇق پايتەخت» دەرۋەقە دەۋرىمىزدىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» بولدى.
جىنسىيەتنى تەسۋىرلەش-روھ بىلەن تەننىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىشىشى
جىنسىيەتنى تەسۋىرلەش بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئاز كۆرۈلىدىغان ھادىسە ئەمەس،بىراق ئىچ-قارنىنى يېرىپ تەسۋىرلىگەن ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز.«تاشلاندۇق پايتەخت»دەل مۇشۇنداق ئاز كۆرۈلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى.ئۇ جىنسىيەتنىڭ ماھىيتىنى پۇخادىن چىققۇدەك نامايەن قىلىپ يۈكسەك دەرىجىدە روھ بىلەن تەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.
جۇاڭ جىدىيې بىلەن نىيۇ يۆچىڭنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ئەپلىشەلمىگەنلىكى ئەمەلىيەتتە روھ بىلەن تەننىڭ بىرلىشەلمىگەنلىكىدە ئىدى.جۇاڭ جىدىيې گەرچە مەشھۇر يازغۇچى بولسىمۇ بىراق ،نامىنىڭ مەشھۇرلۇقى ئۇنى چارچىتىدۇ،ئەتراپىدىكى دوسىتلىرى كۈچىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ،ئۇنى ئۆزى خالىمايدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ.ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ روھىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى ئازاپقا ،قارىغۇلارچە ياشاشقا دۇچار بولۇۋاتقىنىنىمۇ سەزمەي قالىدۇ.بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇ ئەسەبىيلەرچە جىنسىيەتكە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ،بۇ ئۇنىڭ روھى-ئازاپ،بۇرۇختۇرمىلىقتىن جىنسىيەتنى قوغلىشىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنى ئىزدەيدىغان روھى ئىدى.
|