• ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك

    يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012   مەنبە: تارىم ژۇرنىلى   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مەن بۈگۈن «ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك» تېمىسىدا سۆزلەيمەن. مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق تېمىنى قەستەن ئىشلەتتىم.

    (2007-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

    ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ
    ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى


    مەن بۈگۈن «ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك» تېمىسىدا سۆزلەيمەن. مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق تېمىنى قەستەن ئىشلەتتىم. ئەمەلىيەتتە يۈرىكىم ئۇنچە چوڭ ئەمەس، سۆزلەپ-سۆزلەپ ئاخىرىدا يەنە بوشاپ قالىمەن. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىمەنىلىككە بۇرايدىغان خاھىشنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تە بۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، لىن دەييۈ سۆزلىگەن چاغدا «غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ، بۇ چاغدا شۆ باۋچەي ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ: «سەن بايام نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟ ئاشۇنداق نەرسىلەرنىمۇ ئوقۇمسەن؟ مەن كىچىك ۋاقتىمدا بەك كەپسىز ئىدىم، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتىم، ئۇ نەرسىلەرنى مەنمۇ ئوقۇغان. كېيىن ئۆيدىكى چوڭلار مېنى ئۇرۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى.» دەيدۇ. مانا بۇ بىمەنىلىككە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى. بىرى: ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇچراشقانلارنى ئۇرۇش. يەنە بىرى: ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈش. شۇ ئارقىلىق كۆڭلى ئەمىن تېپىش. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، سىز ئۇ نەرسىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن مىجەزىڭىز ئۆزگىرىپ، روھىڭىز زەھەرلىنىدۇ. مىجەزىڭىز ئۆزگەرگەندىن كېيىن چاتاق تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. مەن ئەدەبىيات-سەنئەتنى بىمەنىلىك دەپ قارايدىغان مىسالدىن يەنە بىرنى كەلتۈرەي. يەنى ئەنگىلىيىلىك ماۋھام يازغان «ئاي ۋە ئالتە پېنىس » ناملىق روماننىڭ خام ماتېرىيالى فرانسىيەلىك رەسسام گارگىننىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان. باش قەھرىمان ئەسلىدە پاي شىركىتىدىكى ئاددىي بىر خىزمەتچى. ئۇ 40ياش چېغىدا توساتتىن ئەدەبىيات-سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ، روھىي جەھەتتە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ، ئۆيىگىمۇ قايتمايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى بىر شەخسىي رازۋىدچېكنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئېرىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېرىنىڭ قايسى ئايال بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىنى رازۋېدچېكنىڭ ئېنىقلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. رازۋېدچېكمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدۇ. چەتئەللىكلەر كەسپچان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەق ئالغاچقا، ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ ئەمەسمۇ. رازۋېدچېك ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئايالغا ئېرىنىڭ سىرتتا ھېچقانداق ئايال بىلەن غەيرىي مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: تۈگىشىپتىمەن! ئەگەر ئۇ باشقا ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قالغان بولسا، كۆپ بولسا ئۈچ يىلدا ئۇنىڭدىن بىزار بولاتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاياللىق لاتاپىتىمگە تايىنىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئۇتىۋالغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئامال قىلىپ ئۇنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئىككى يىلغا قالماي ئۇنى يېڭىدىن ئادەم قىلاتتىم. سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگىشىپتىمەن.-دەيدۇ ھەم رازۋېدچېكقا: سىز ئەمدى يولدىشىم ئۈستىدىن ئۇنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقى، مەلۇم بىر ئايال بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئۆسەك سۆز تارقىتىڭ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ 40ياشتىن ئاشقان مەزگىلى پىشقان، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل، بۇنداق مەزگىلدە بىر-ئىككى قىز دوستىنىڭ بولۇشى نومۇسلۇق ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بولسا مەنمۇ قالتىس كۆرۈنىمەن. گەرچە ئۇ بىر نەچچە ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قالسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئىلكىمدە. شۇڭا، مەن ئاشۇ ئاياللاردىنمۇ قەيسەر، جەلبكار كۆرۈنىمەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ناۋادا سىز ئۇنىڭ سەنئەتكە مەپتۇن بولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويسىڭىز، ھېچبىر شىركەت ئۇنىڭغا قەرز بەرمەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى نورمال ئادەم ھېسابلىمايدۇ. ھېچبىر چېركاۋ سەنئەتكە مەپتۇن بولغان ئادەمنىڭ تىلاۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قارشى ئالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى جەمئىيەتتە يېتىم قالىدۇ-دەيدۇ. بۇ بۆلەك تەسۋىر ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. بىر ئادەم سەنئەتكە مەپتۇن بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئاشۇنچىلىك ناچار بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىشقۋازلىق قىلىشىڭىز، قىمار ئوينىشىڭىز ياخشىمىش. توغرا، ئۇ بايانلارنىڭ ئىچىدە يەنە قىمار ئويناشمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەگەر قىمارغا ئۆگىنىپ قالسا، بىر يىلغا قالماي قاقسەنەم بولۇپ، قىماردىن قول ئۈزىدۇ. قىمارغا بېرىلىشكە بولىدۇكى، سەنئەتكە بېرىلىشكە بولمايدۇ.-دېيىلگەن. مەيلى شۆ باۋچەي بولسۇن ياكى بۇ ئايال بولسۇن ھەر ئىككىسى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى. يەنە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئاشۇنداق ئىشلار بار. سىلەرگە بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. 1970-يىللىرىغۇ دەيمەن، ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلى بولۇپ، سىنىپى قوشۇننى تازىلاشتىن ئىبارەت «بىرگە زەربە بېرىپ، ئۈچكە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى بولۇۋاتاتتى. ئۇ چاغدا مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى قىزىل بايراق خەلق كوممۇناسىنىڭ 2-چوڭ ئەترىتىدە ئىدىم. سىنىپى قوشۇننى تازىلاش داۋامىدا، قىزىل قوغدىغۇچىلار بىلەن ئەترەت كادىرلىرى بىر قېتىم چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىز بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلىدىغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدىن 6-7پارچە كىتاب تېپىۋالدى. ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلار بولۇپ، گوركىنىڭ «كىشىلەر ئارىسىدا» ناملىق رومانى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك شائىرلىرىنىڭ بىر قانچە كىتابىمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى مۇسادىرە قىلىندى. كېيىن ھاشىم ئىسىملىك ئەترەت سېكرىتارىنىڭ ئۇ دېھقانغا تەربىيە قىلىپ، «ئۇ كىتابلارنى ئوقۇماڭ. ئۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئىدىيىڭىزدە، روھىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك» دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان. ئەدەبىيات-سەنئەتنى بىمەنىلىك دەپ قاراشقا ئائىت جۇڭگو، چەتئەل ۋە يەرلىكتىن ئۈچ مىسال كەلتۈردۈم. ھەممىسى ئوخشاش.

    مېنىڭچە، دەڭسەپ كۆرىدىغان بولساق خەتتاتلىقنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك. خەتتاتلىقنى بىمەنىلىك دەپ قارايدىغانلار ناھايىتى ئاز، خەتتاتلىقنى خەتەرلىك دەپ قارايدىغانلار يوق دېيەرلىك. كىشىلەر تېخى خەتتاتلىقنى بىمەنىلىكتىن خالى بولۇشنىڭ تەدبىرى دەپ قارايدۇ. جيا جېڭ جيا باۋيۈگە تەربىيە قىلىشتا دائىم ئۇنىڭغا خەت يازدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى كۆپ مەشق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. لىن دەييۈنىڭ جيا باۋيۈگە ۋاكالىتەن خەت يېزىشىغا كەلسەك، ئىككىسىنىڭ خېتى بەك ئوخشىشىپ كەتكەچكە شۇنداق قىلغان. بۇ جيا جېڭنىڭ بالىغا قاتتىق قوللۇق قىلىپلا، قانداق باشقۇرۇشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان.
    ئەدەبىيات-سەنئەت نېمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن بىمەنىلىك دەپ قارىلىدۇ؟ مېنىڭچە، بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادچانلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجادچانلىق ھامان ئاددىيلىققا خىرىس قىلىدۇ. ھەرقانداق ئىجادىيەت بىر خىل خىرىستۇر. ھەرقانداق ئىجادىيەت زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل ئىجادىيەت ئىلغار ھەم كىشىلەرنىڭ كۆنۈككەن ئىستېتىك ئادىتى، تەپەككۇر ئادىتى بىلەن پەرقلىق بولغان ئەھۋالدا، ئىنتايىن كۈچلۈك زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ھىيۇگو ئەينى يىلى قوزغىلاڭچى قەھرىماننى ئاساس قىلغان بىر درامما يېزىپ چىقىدۇ. ئويۇن قويىلىدىغان چاغدا، تىياتىرخانىنىڭ سىرتىدا نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار «قوزغىلاڭچى قەھرىمان»غا قارشى چىقىدۇ. قاراپ تۇرۇپ «قوزغىلاڭچى قەھرىمان»نى ماختىسا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىكتە! جۇڭگودىمۇ شۇنداق. «سۇ بويىدا»نى ئوغرى-قاراقچىنى يازغان، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربى خاتىرىلىرى»نى ئىشقۋازلىقنى يازغان دەپ قاراپ، بۇلارنى سۆزلەپ يۈرۈشكە، ئۆگىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايمىز. مېنىڭچە، ئىجادىيەت ئاددىيلىققا نىسبەتەن بىر تەھدىت. شۇڭا، نۇرغۇن ئىجادچان كىشىلەردىن خەۋپسىرەيمىز. ئىجادىيەت ئەزەلدىن ئۆلچەمگە چۈشمەيدۇ. ئەمىسە ئىجادىيەت بىلەن ئالدامچىنىڭ پەرقى نەدە؟ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، گەپ يورغىلاتقانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ مانا بۇ ئىجادىيەت دەيدۇ. ياكى بولمىسا ئىجادىيەت ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ باشقىلار ئۇنى گەپ يورغىلاتتى، دەيدۇ. سىز بۇنى قانداق ئايرىيسىز.
    بىناكارلىق ساھەسىدىمۇ بۇ خىل مۇنازىرە بەك كەسكىن. فىرانسىيەدە ھازىرمۇ، ئىففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ گېپى چىقسا بەزىلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، «ناھايىتى شۇ تۆمۈر تەسەكقۇ، نەدىمۇ مۇشۇنداق مۇنار بار! ياۋروپادا بۇنداق مۇنار يوق. بۇ مۇنار پارىژنىڭ نەپىس، ئېسىل ھالىتى بىلەن ماسلاشمىغان!»-دەيدۇ. مەن پارىژدىكى ۋاقتىمدا بىرەيلەن ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: پارىژدا ئىففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئىنتايىن ئۆچ بىر كىشى بولۇپ، مۇنار رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى ھەركۈنى ئىففېل تۆمۈر مۇنارىدىن نېرى كېتەلمەيدىكەن. چۈنكى مۇنارنىڭ ئۈستىدە قەھۋەخانا، كۆرگەزمىخانا، ئاشخانا بار ئىكەن. باشقىلار ئۇنىڭدىن مۇنارغا شۇنچىلىك ئۆچ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ئۇنىڭدىن نېرى كېتەلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ، پۈتكۈل پارىژنىڭ بىرلا يېرىدە بۇ مۇنار كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئۈستى. بولمىسا، مەيلى مەن سىنا دەرياسى بويىغا باراي، ياكى فونتاينبلۇغا باراي، ۋە ياكى ۋېرسايل سارىيىغا باراي بېشىمنى كۆتۈرسەملا كۆزۈمگە ئىففېل تۆمۈر مۇنارى كۆرۈنىدۇ. قېچىپ قۇتىلالمايمەن -دېگەن ئىكەن. ئەمما بىزنىڭ جۇڭگولۇق شوپۇرلار ئىففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئامراق. ناۋادا يولدىن ئېزىپ قالغۇدەك بولسا، مۇنارنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ، ئاخىرى يەنە ئۆز جايىنى تېپىۋالىدۇ. پارىژدا يەنە بىر ؟مۇزىيخانا بار. بۇ مۇزىيخانىنى لايىھىلەشتە سانائەتلەشكەن تەسەۋۋۇر قوللىنىلغان بولۇپ، لېفىتلىرىمۇ ئەينەك تۇرۇبا شەكلىدە ياسالغان. سۈزۈك ئەينەك ياكى سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يىراقتىنلا ئىچىدىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىر قارىماققا ئىچىدىكى ئادەملەر خۇددى ئەينەك تۇرۇبا ئىچىدە توشىلىۋاتقان خام ماتېرىيالدەك، پۈتكۈل قۇرۇلۇش خۇددى ئىلەشتۈرۈش ماشىنىسىدەك كۆرۈنىدۇ. سانائەتلەشكەن نەرسىلەرنى بىناكارلىق سەنئىتىدە ئىشلىتىش فىرانسىيەدە كۆپ ئۇچرايدۇ.




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئەدەبىيات، بىمەنىلىك


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار