• ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە بىمەنىلىك(2)

    يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012   مەنبە: تارىم ژۇرنىلى   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھۈنىرى ھازىر جۇڭگودىمۇ پەيدا بولدى. مەسىلەن ئېلىمىزنىڭ دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىسى

    فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھۈنىرى ھازىر جۇڭگودىمۇ پەيدا بولدى. مەسىلەن ئېلىمىزنىڭ دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىسىنى بەزىلەر تۇپراق بېشىغا ئوخشاتسا، بەزىلەر ئۆردەك تۇخۇمىغا ئوخشىتىدۇ. چاڭگا مەيدانىنىمۇ فرانسىيەلىكلەر لايىھەلىگەن. مېنىڭ بىر بىناكار دوستۇم بار. ئۇ ئۆزى پۇل خەجلەپ بىر كىتابچە باستۇردى ھەم ھەممە يەردە تارقىتىپ، بېيجىڭدىكى ئۆردەك تۇخۇمى (دۆلەتلىك تىياتىرخانا)، چاڭگا مەيدانى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ Zشەكىللىك يانتۇ مۇنارىنى «ئۈچ غەلىتە» دەپ ئەيىبلەپ يۈردى. بۇنداق ئىش ئادەمنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى سىلەرگە ئازراق ئېيتىپ بېرەي، ئەينى چاغدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇم مۇئاۋىن مىنىستىرى مېنى قۇرۇلۇشنىڭ لايىھەسىگە پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. تاللاشقا قاتناشتۇرۇلغان لايىھەلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇكەممەل لايىھەدىن ئون نەچچىسى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لايىھىلەنگىنىمۇ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيەدە لايىھەلەنگىنىمۇ، نەنجىڭ، شاڭخەيدە لايىھەلەنگىنىمۇ بار ئىكەن. مەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاخىرى تۇپراق بېشى يەنى ئۆردەك تۇخۇمىنى كۆرسەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭدا مول تەسەۋۋۇر بار. ئەمما ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز شۇنداق نورمال، ھېچ يېرىنى ئۆردەك تۇخۇمىدەك ھېس قىلمايسىز. يېقىندا مەن بىر كىرىپ چىقتىم، ئىچى شۇنداق ئوبدان. بولمىسا بىز پەرەز قىلىپ باقايلى، بۇ دۆلەتلىك تىياتىرخانىنى ياساش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى يېقىنلاپ قالغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇنداقتا بۇ تىياتىرخانىنى قانداقراق شەكىلدە ياسىساق بولار؟ تيەنئەنمىن مەيدانىغىمۇ؟ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ يېنىغىمۇ؟ ياكى جۇڭنەنخەينىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغىمۇ؟ ۋە ياكى تيەنئەنمىن راۋىقىنىڭ يېنىغىمۇ؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا ياسىساق چوڭ قەسىردىن بىرنى ياسىيالامدۇق؟ بەلكىم چوڭ-كىچىك قىلىپ بەشنىمۇ ياسارمىز. ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتىدە تىياتىرخانا يوق، چاڭچىلە راۋىقى بار. چاڭچىلە راۋىقىمۇ شۇنداق قىممەتلىك، ئوبدان ئاسرىشىمىز لازىم. يىخېيۈەن باغچىسىدا چاڭچىلە راۋىقى بار، گوڭۋاڭفۇدا چاڭچىلە سۇپىسى بار. مەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىدىكى ۋاقتىمدا گوڭۋاڭفۇ چاڭچىلە سۇپىسىنى ئوبدان ئاسرىشىمىز لازىملىقىنى دەپ ئۆتكەن. جۇڭگونىڭ جىڭجۈ تىياتىرى زامانىۋىلاشقان تىياتىرخانا، ھەرىكەتچان سەھنە، سەھنە چىرىغى دېگەنلەرنى كېرەك قىلمايدۇ. مېنىڭچە، چاڭچىلە سەھنىسى شۇنداق ياخشى. ئاستى-ئۈستى ماسلاشقان. يۇقىرى تەرەپتە ئويۇن قويىدۇ. تۆۋەن تەرەپكە ئۈستەللەرنى تىزىپ، ئويۇن كۆرگەچ چاي ئىچىپ، ئۇنى بۇنى يىگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىبىر قالايمىقان نەرسىلەر مۇۋاپىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئەمما جۇڭگو تىياتىرى بىلەن غەرب تىياتىرىنىڭ ئۇسلۇب-شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ رېتىمى ئاستا، ئالدىرىماي ھوزۇرلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تىياتىر كۆرسە شۇنداق ھوزۇر ئەمەسمۇ؟ كۆز يۇمساق بولمايدۇ. ئەمىسە ھازىر 21-ئەسىر تۇرسا دەپ، ۋىنا ئالتۇنرەڭلىك تىياتىرخانىسىغا ياكى لوندۇن تىياتىرخانىسىغا ۋە ياكى موسكىۋا تىياتىرخانىسىغا تەقلىد قىلامسىز؟ ياۋرۇپادىكى ئۇ تىياتىرخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى 1. ھەيكەلتاراشلىق گاۋدىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىناكارلىقنىڭ ئۆزىلا ھەيكەلتاراشلىق. 2. گىلەم، تام رەسىملىرى ۋە تورۇس رەسىملىرى گەۋدىلىنىشى؛ تورۇس رەسىملىرى تاللانغان رەسىملەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رەسىملەر دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 3. ئۆزگىچە فونتان بولۇشى كېرەك. 4. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى مەرمەر تاش، گرانىت تاش ۋە باشقا ئېسىل تاشلارنى ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشلىرىدا تاش ماتېرىيالى ئاز ئىشلىتىلىدۇ. ژۇرنالدىن كۆرۈشۈمچە، جۇڭگولۇقلار مۆدىتىللىكنى ئاساس قىلىدۇ. تاش بولسا سالقىن قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. تاش دېگەن ئۆلۈك نەرسە، ئەمما ياغاچ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ھاۋا ئۆتكۈزۈش، نەملىكنى تارتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

    ئەدەبىيات-سەنئەت سىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئارامسىزلاندۇرىدىغان زەربىسى بار نەرسە. بىز ھېچ بولمىغاندا بىر خىل چاخچاق ۋە كەپسىزلىك ھېسسىياتى بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئۆردەك تۇخۇمىنى ئېتىراپ قىلايلى. بۇ ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. ئىدىيىمىزگە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلەمدۇ؟ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئاپەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ياكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق ئويلاش ئورۇنسىز. بۇنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى بىر خىل مەيدانىمىزنىڭ نامايەندىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە ئولتۇرغانلاردىن بارسېلوناغا بارغانلار بارمۇ-يوق بىلمەيمەن. بارسېلونا ئىسپانىيەنىڭ كاتلىنيا ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئۇ يەردە ئىسپان تىلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كاتلىنيا تىلى قوللىنىلىدۇ. ئەمما ئۇ يەردە تالانتلىقلار بەكلا كۆپ. ئۇ يەردە گود ئىسىملىك بىر بىناكارلىق ئۇستىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز. چۈنكى ئۇ لايىھەلىگەن دېرىزە، ئىشىك ۋە تۈۋرۈكلەر قىڭغىر-سىڭغىر بولۇپ، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ «بىناكارلىق ساھەسىدىكى ساراڭ» دەپ قارالغان. ئەمما ھازىر ئۇ بارسېلونانىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلانغان. ئۇ يەرگە بارغانلار چوقۇم ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. شۇڭا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادچانلىق نۇقتىسىدىن بىر خىل رىقابەتتۇر. ھەتتا بۇ خىل رىقابەت سىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ.
    ئەمما شەيئىلەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بولىدۇ. مەن دېگەن يەنە بىر تەرەپ قايسى؟ ئۇ بولسىمۇ، ناۋادا ھەقىقىي سەنئەت ۋايىغا يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويسا، ئۇ رىقابەتنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ھەتتا قارشىلىقىمۇ بولمايدۇ. كىشىلەرنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرۇشنىمۇ قوغلاشمايدۇ. قانچىكى ۋايىغا يەتكەن نەرسىلەر سىزگە شۇنچە ئاددىي، سىڭىشلىق بىلىنىدۇ. ئەينى يىلى خۇچيامۇ ئەپەندى ماڭا مۇشۇ خىلدىكى مىساللارنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى گوۋرېسنىڭ بىر پارچە ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئورۇق ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى قاتتىق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز تىلغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، ئارتۇق ھەشەم-دەرەم قىلىش، قىلىق چىقىرىش، چالۋاقاش ھاجەتسىز. پەقەت سىز ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشىنىپ، ئۆز ھېسسىياتىڭىز، پاراسىتىڭىز ۋە ئىبلىس سىياق ئەمەس بەلكى پەرىشتە سىياق قەلبخانىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىزلا يېتەرلىك. يەنى 1. ئۆزىڭىزنى ئىبلىس سۈپەت قىلماڭ. 2. ئۆزىڭىزنى مىسكىنلەشتۈرمەڭ. 3. توختىماي چالۋاقىماڭ. شاڭخەيدە ۋاڭ ئەنيى ئىسىملىك بىر يازغۇچى بار. مەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. ئۇ: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسېرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ-دە، مەنمۇ ئۇسلۇبىمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن.»-دېگەن. بۇ گەپنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغۇم يوق. مەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي، ئىنتايىن غەلىتە ئەسەر يازىدىغان بىر يازغۇچى بولىدىغان، ئەمما ئۇ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندا، ئىنتايىن كۆرەڭلەپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەسەر يازىدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭ بايان قىلىشتىكى جەلبكارلىقىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. مەن مۇشۇنداق غەلىتە نەرسىلەرگە چاپان يېپىشقا، كەڭ قورساق بولۇشقا، تاقەت قىلىشقا ئامراق ئادەم. ئەلۋەتتە، ماڭا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ چاپان يېپىشى ئارقىلىق كىشىلەر ئۇنىڭ غەلىتە نەرسىلىرىدىن بىزار بىزار بولماي، ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ يازغۇچى تازا ئىلگىرى باسمىدى. چۈنكى بۇنداق ئۆزگىچە نەرسىلەر بەك تار دائىرىلىك بولغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىدۇ. بىرى، ھەدەپ ئۆز ئىزىغا دەسسەيدۇ. ئۆزگىچىلىكىنى تەكرارلايدۇ. ئەمما، ئۆزگىچىلىكنىڭ جەبكارلىقى، قارشىلىشىشچانلىقى، يوچۇنلىقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك. سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز ھەدەپ زورۇققانسېرى، شۇنچە مەززىسى قالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇقلاردا «ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتتى، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە ياتتى.» دەيدىغان گەپ بار. ئىككىنچى بىرى، «موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە» بولىدۇ. مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ئۆزىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ. غەلىتە نەرسىلەرنى يازسىڭىزمۇ، نورمال، ئاممىباب، باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يازسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ،-دېگەن. ئۇ ئۆزىمۇ پىكىرىمنى لايىق كۆرگەن. ئەمما، ئۇ ئاشۇ ئاممىباب ئەسەرلەرنى يازغان چاغدا، ئوقۇرمەنلەر زور ئۈمىدسىزلەندى. ئۇنىڭدا نە ئۇسلۇب، نە خاسلىق قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئەدەبىيات، بىمەنىلىك


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار