مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئىنتايىن غەلىتە ئۇسلۇب، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ۋە ئاتالمىش «ئاغدۇرمىچە ئوقۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سەن شۇنداق ياقتۇرساڭ، مەن نېمىشقا يازمىغۇدەكمەن، دېگەن خاھىشتا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر كۆپ ھاللاردا سىزنى بىردىنلا ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى، ھەيران قىلارلىقى، يېڭىلىقى ۋە ئۆزگىچە بىر دۇنيالىقى سىزنى قايىل قىلىدۇ، ئەمما بۇ قايىللىق ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. ئەكسىچە، بەزىبىر ئادەتتىكى نەرسىلەر، مەسىلەن: ساپ ھېسسىيات، بىپايان، ئالىيجاناب قەلب، شەيئى ۋە ئوبيېكتقا بولغان ئەتراپلىق غەمخورلۇق، تاللانغان سۆز-جۈملىلەر، رەسىمدىكى سىزىق، رەڭ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارىلىقلارلا ئۇزاققىچە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چوڭ زىددىيەت. بىمەنە نەرسىلەر كۆپ ھاللاردا بەلكىم يېڭى ئىجادىيەت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سەنئەتتە بىمەنىلىكنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقماڭ. ئەمما، ئاشۇ ھەقىقىي ۋەزنى بار ئىجادىيەتلەر كۆپ ھاللاردا بىمەنە نەرسىلەرگە قارىغاندا ئاسان ماسلىشىش، كۈچلۈك قوغدىنىش ۋە ئاسانلىقچە چەك كەتمەسلىكتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەن دائىم ھەقىقىي سەنئەت، ھەقىقىي ئىجادىيەت «قوغدىنىش كۈچى»گە ئىگە دەيمەن. ئاتالمىش قوغدىنىش كۈچى دەل ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كۆككە كۆتۈرۈلۈشى ياكى تۇيۇقسىز يەرگە يەكسان قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇنىڭدا چېكىدىن ئېشىش ھەم غەيرىي مۇددىئا يوق. ئۇنىڭ ھايات ۋە كائىناتقا بولغان مۇپەسسەل چۈشىنىشى ۋە ئىپادىلىشىگە بىر خىل كۆيۈنۈش ۋە زور بوشلۇق يوشۇرۇنغان. شۇڭا، نۇرغۇن ئادەم ئۇنى ياقتۇرىدۇ. سىزھەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايسىز. ناھايىتى ئاسانلا يوققا چىقىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ چېكىدىن ئېشىشنىڭ بىرەر تال شېخى، ياپرىقى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ھەم قارىماققا گۈزەل كۆرۈنىدىغان شاۋقۇنلۇق ئېرىق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇ دەريا ۋەياكى دېڭىز ئەمەس. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىمەنە تەرەپلىرى مەۋجۇت. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرگە يېقىنلىشىشتەك يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئەدەبىيات-سەنئەتنى مەجبۇرلاش ياكى قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يىغىپ ساقلاپ تۇتىيا كۆرسىتىشمۇ بەزىدە ئەسقاتىدۇ. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت كىشىلەرنى جەلب قىلىشتا قايمۇقتۇرۇشقا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا، خۇشتار بولۇشىغا تايىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالەمنى مالەم قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان يىرگىنىچلىك نەرسە ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، كىشىلەر دائىم ئاتالمىش بىر كۆرۈپلا چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. مەسىلەن بىر پارچە رەسىمنى مىسالغا ئالساق، بىر قاراپلا بۇ مايمۇن ئىكەن، بۇ گۈل ئىكەن، بۇ تاش ئىكەن، بۇ بامبۇك ئىكەن دېسىلا بۇ رەسىمنى چۈشەنگەنلىك بولامدۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. چۈشىنىش دېگەن نېمە؟ چۈشەنمەسلىك دېگەنچۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ بەزىبىر غەلىتە ئىشلار بار، مەسىلەن: ئەسەر ئىنتايىن بازار تاپتى، كۆرمىگەن ئادەم قالمىدى. ئەمما ھەممىسى چۈشەنمىدۇق دېيىشتى. ھېچكىم چۈشەنمىگەن نەرسىنى نېمىشقا ھەممە ئادەم ياقتۇرىدۇ؟ ھەممە ئادەم كۆرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بىز ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا ئۇنى چۈشىنىشتىن سىرت، ئۇنى ھېس قىلىشىمىز، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن نەرسىلەر تۇيغۇغا ۋە مەپتۇنلۇققا تايىنىدۇ. بۇنىڭ چۈشىنىش ياكى چۈشەنمەسلىك بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇنداق ئىشلار مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتسام، چەتئەللىكلەر تۇيغۇنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. مەن دائىم چەتئەلدىكى بەزىبىر پائالىيەتلەرگە قاتنىشىمەن. ئۇلارنىڭ دېكلاماتسىيە يىغىلىشىغىمۇ قاتناشقان. بىر قېتىم ئەنگىلىيىلىك، تۈركىيىلىك، لاتىن ئامېرىكىق ۋە جۇڭگولۇق بولۇپ بىرقانچە كىشى ئۆز تىلىمىزدا ئۆز ئەسەرلىرىمىزنى دېكلاماتسىيە قىلدۇق. كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئەمما كۆپچىلىك شۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى. ئەمما، مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر يازغۇچى دوستۇم ئاشۇ قېتىملىق دېكلاماتسىيە يىغىلىشىدىن قايتىپ كېلىپ، بىر پارچە ماقالە يازدى. ماقالىسىدە: «مەن خورلۇق ھېس قىلدىم. مەن بىر جۇڭگولۇق، نېمىسچە ياكى ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدىغان تۇرسام، مېنى بىرتالاي نېمىسچە ۋە ئېنگىلىزچە ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغان يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ دوستانە ئەمەسلىكنىڭ، جۇڭگولۇقلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. نېمىدەپ ماڭا بىر تەرجىماننى ھەمرا قىلمايدۇ.»-دەپ قاقشىدى. دېكلاماتسىيە قىلغان چاغدا قانداق تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ؟ توۋا قىلدىم، نەدىمۇ ئاشۇنداق تەرجىمە قىلىش بار؟ سېنى يازغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى، خاسلىقىنى ئاڭلاپ باقسۇن دەپ تەكلىپ قىلغان تۇرسا! 1985-يىلى، مەن بېرلىنغا بېرىپ، ئۇپۇق سىزىقى سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتىم. شۇ چاغدا، جياڭسۇنىڭ بىر تىياتىرخانىسى شۇ يەردە «مودەنگۈل راۋىقى» دېگەن ئويۇننى قويدى. ئويۇن قويىدىغان چاغدا، بىز نۇرغۇن ھەرىكەتلىك سۆرەت كۆرۈنۈشى تەييارلىغان. ئەمما، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، بۇنىڭدىكى نېمىسچە تەرجىمە ياخشى قىلىنماپتۇ، باشقىلارنىڭ ئەسەرگە بولغان باھاسىغا تەسىر يېتىدۇ. يەنە ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشمۇ بەك كۆپ ئىكەن، توختىماي كۆرۈنۈپ تۇرسا كۆپچىلىكنىڭ ئويۇننى كۆرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ،-دەپ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قويغىلى قويمىدى. ۋە بىزگە تەكلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ۋەقەلىك سۆزلەنگەن بىر چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى تەييارلاڭلار، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىياتىر جەھەتتە تەربىيىلەنگەنلەر بولغاندىكىن، بىر كۆرۈپلا چۈشىنىدۇ،-دېدى. بىرھازا تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردۇق. ئاقىۋەتتە شۇنداق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تاماشىبىنلارمۇ قوبۇل قىلالىدى. شۇڭا دەيمىزكى، ياخشى بولغان سەنئەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرسەك، بىزنىڭ ئاتالمىش بىمەنە بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يەنە بىر زور ئارتۇقچىلىقى بار. يەنى بىزنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان ئورتاقلىقىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى. مەسىلەن مەلۇم بىر ئەسەر زور دەرىجىدىكى زېرىكىشلىكنى ئىپادىلىگەن. ئەمما، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل زېرىكىشلىك ئىپادىلىنىپ چىققاندىن كېيىن، زېرىكىشلىك تۈگەيدۇ. مەن باشقىلار ئانچە ياقتۇرمايدىغان ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي. گيۇتى ياش ۋاقتىدا «ئۆسمۈر ۋېتنىڭ ئازابى» ناملىق داڭلىق روماننى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر يېزىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ئادەم ۋېيت ۋە قىز باش قەھرىمانغا تەقلىد قىلىپ كىيىم كەيگەن، ھەم ۋېيتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى دورىغان. ئەمما، بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، گيۇتى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمىغان. ئۇ تېخى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، 80يېشىدا بىر قېتىم توي قىلغان. مانا بۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئىنساننى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز ئۆز زېرىكىشلىرىڭىزنى، غەم تۈگۈنلىرىڭىزنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقارغاندا، ئۇ سىزنىڭ قايغۇ-نەپرىتىڭىزنى بەردەملىككە ئايلاندۇرۇپ، سىزنى چېكىدىن ئاشقان يولغا باشلىمايدۇ. شاڭخەي ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2009-يىلى 8-ئايدا نەشر قىلغان «ۋاڭ مېڭنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابتىن قىسمەن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
|


