نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

خەلقئارا بالىلار بايرىمى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى: 13:44 31-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھەريىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنىدۇر.

Www.SalamURUMQI.Com

 1949 - يىلى 11 - ئايدا موسكۋادا چاقىرىلغان خەلقئارا دېمۇكراتىك ئاياللار بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا ، يەر شارىدىكى بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ، ساغلاملىقىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ؛ جاھانگىر ئۇرۇش تەلۋىلىرىنىڭ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، كېڭەش مەجلىسى ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى « خەلقئارا بالىلار بايرىمى » قىلىپ بېكىتكەن .

بالىلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى خوجايىنلىرى . شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىپ بالىلارغا بىر ياخشى ئائىلىۋىي مۇھىت ، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۆگىنىش - تەربىيلىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش - ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندى . 1925 - يىلى 8 - ئايدا ، ئوخشىمىغان 54 دۆلەتتىن كەلگەن بالىلارنى قوغداش ۋەكىللىرى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جەم بولۇپ ، « بالىلار بەختى خەلقئارا يىغىنى » ئۆتكۈزدى ھەمدە « بالىلارنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش خىتاپنامىسى » نى ماقۇللىدى . خىتاپنامىدە ، بالىلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك شارائىت ، نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىش ، بالىلارنى خەتەرلىك خىزمەتلەردىن نېرى قىلىش ، بالىلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش پۇرسىتى ۋە بالىلارنى قانداق بېقىپ - تەربىيىلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى .
بۇ قېتىملىق يىغىن ، بىر تەرەپتىن بالىلارغا مەدەت بېرىپ ، ئۇلارغا بەخت - خوشاللىق ھېس قىلدۇرغان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى تارتىپ ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن « بالىلار بايرىمى » نى ماقۇللىشىغا ، ئېتراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى .
شۇنداق . دۇنيا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ . دۇنيا بالىلارنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ . بىراق شۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بىزنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز يېتەرلىك ئەمەس . نۇرغۇن بالىلار يورۇق دەرسخانىدا دەرس ئاڭلاۋاتقاندا ، بىر قىسىم بالىلار كوچىلاردا ئاياق مايلاۋاتىدۇ ، گېزىت سېتىۋاتىدۇ . نۇرغۇن ئادەم بالىلىرىنى قانداق قىلىپ ياخشى تەربىيلەش ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقاندا ، بىر قىسىم مەلئۇنلار بالىلارنى ئالداپ سېتىۋاتىدۇ . سېتىلغان بۇ بالىلار ھەر خىل جىنايەتلىك قىلمىشلارغا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ .
بىز بالىنى تۇغۇش - تۇغماسلىقنى تاللىيالايمىز ، ئەمما بالىنى ياخشى تەربىيىلەش - تەربىيلىمەسلىكنى تاللىيالمايمىز .
بىز بالىنى مەكتەپتىن ئايرىپ ئىشقا سېلىپ تاپقان تۆت تال پۇلىمىز بىلەن ئاسمانغا چىقالمايمىز ، ئەمما بالىلار بىزگە شۇ تۆت تال پۇلنى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن
ئاسمانغا چىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ . بۇ ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ ؟!
بالىلار بىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىمىز شۇنداقلا كەلگۈسى دۇنيانىڭ خوجايىنلىرى . ئۇلارنى ئۆز دۇنياسىغا قويۇپ بېرەيلى . شۇ دۇنيادىن ئۆز خوشاللىقىنى ، ئۆز تەپەككۇر يولىنى تېپىپ ياشىسۇن . بالىلارنىڭ دۇنياسىغا چاڭ سالمايلى . كىچىك خوجايىنلارنىڭ ياشاش بوشلۇقى تارىيىپ كەتمىسۇن !


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر