شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تۈزۈم ۋە ئىقتىسادتا ئىككى چوڭ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ماي شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 60 يىلدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بەيماچىلىن شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بەيماچىلىن مۇنداق دېدى: 1951-يىلى 23-ماي مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن سابىق شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا «شىزاڭنى تېنچ ئازاد قىلىش چارىسى كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، شىزاڭنىڭ تېنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جاھانگىر كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدى، بۇ ئۇزاق مۇددەت بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن شىزاڭ جەمئىيىتىگە زامانىۋى مەدەنىيەت نۇرىنى ئېلىپ كەلدى، شىزاڭ جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور ياردىمى ئاستىدا، شىزاڭ تېنچ ئازاد بولۇش، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۆت تارىخىي باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارلاق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى، قىسقىغىنا 60 يىلدا مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشتەك مۆجىزىنى ياراتتى، يەنە مۇنداق ئىككى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىرى ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى ھالقىش بولۇپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمدىن سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە بىرى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ھالقىش بولۇپ، بېكىنمە، نامرات، قالاق ھالەتتىن ئېچىۋېتىش، بېيىش، مەدەنىيلىشىشكە قاراپ ھالقىش ياسىدى. بەيماچىلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:مەن شىزاڭدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى، شىزاڭنىڭ نامرات، بېكىنمە، قالاق ھالەتتىن مەدەنىيەتلىك، تەرەققىي تاپقان، گۈللەنگەن دەۋرگە ھالقىغانلىقىدەك تارىخىي جەرياننىڭ شاھىدى. بىرىنچى: شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، 1951-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 129 مىليون يۈەن ئىدى، 2010-يىلغا بارغاندا 50 مىليارد 746 مىليون يۈەنگە يەتتى، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 1951-يىلدىكىدىن 111.8 ھەسسە ئاشتى. ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كونا شىزاڭدا يانچىلار ۋە قۇللار يوقسۇل ئىدى، 2010-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇرالغۇ ئۆي شارائىتى بىرقەدەر ناچار دېھقان، چارۋىچىلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4138 يۈەنگە يەتتى. ئۈچىنچى: ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. ھەقسىز داۋالاش ئاساس قىلىنغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى داۋالىنىش تۈزۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق دېھقان چارۋىچىلاردا ئومۇملاشتى، شىزاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى تېنچ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرىكى 35.5 ياشتىن 67 ياشقا ئۆرلىدى، ئومۇمىي نوپۇس تېنچ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرىكى 1 مىليون 140 مىڭدىن 3 مىليونغا كۆپەيدى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.2 گە يەتتى، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %1.4 گە چۈشتى. تۆتىنچى: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى، بۇدالا سارىيى، داجاۋ بۇتخانىسى، لوبۇلىنكا قاتارلىقلار دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، زاڭزۇ يېزىقىنى ئۆگىنىش ، ئىشلىتىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلدى، دىنىي ئېتىقادقا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنغا بولغان ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى. بەشىنچى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، 1959-يىلى شىزاڭدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فېئودال يانچىلىق تۈزۈم بىكار قىلىندى، 1965-يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، قەددىنى رۇسلىغان بارلىق يانچىلار ۋە قۇللار دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرىغا، شىزاڭنىڭ خوجايىنلىرىغا ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوندىكى 34 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە زاڭزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %94 دىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلىدۇ. |