كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك4-باب
-
كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك4-باب
ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1209 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كەنجى تاغام ھەيران قالدى ، ئەگەر كەينىدىن بىر- ئىككى ئادەم كەم بولسا ئۇنى چۈشۈنۈشكە بۇلاتتى ، ھەتتا كەينىدىكى ھەممە ئادەم غايىپ بۇلۇپ كەتسىمۇ كەنجى تاغام بۇنى توغرا چۈشۈنەتتى . بىراق ھازىر بىر ئادەم ئارتۇق چىقتى ، زادىلا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، ئۇ ۋېنجىننى خاتا ساناپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆزى بىر قېتىم ساناپ باقتى . ئۆزى بىرىنجىسى ، ۋېنجىن ئىككىنجىسى ، ئۇندىن كىيىن نۆۋەت بۇيىچە ..ئۈچ ، تۆت ، بەش ، ئالتە ، يەتتە ، سەككىزىنجىسى لىسىدى ، توققۇزىنجىسى ……
ئۇ ئەندىكىپ ئىچىگە تىندى ،چۈنكى ئۇ ئارتۇق چىققان ھېلىقى توققۇزىنجى ئادەمنى كۆردى ، ئۇ ئادەم ئۇزۇن سەپنىڭ ئاخىرىغا يۇشۇرۇنۇۋالغان بۇلۇپ ناھايىتى تۇتۇق بولغاچقا ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى . << چۇقۇم مەسىلە بار !>> دەپ ئويلىدى كەنجى تاغام .
كەنجى تاغام ئىختىيارسىز سۇغۇق تەرگە چۆمدى . ئۇ ھېچقانداق جىن – ئالۋاستىدىن قورقۇپ باقمىغان ، لىكىن سۇ ئاستىدىكىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ تەجىرنىسى يوق ئىدى ، يەنە كىلىپ كەينىدىكى ئۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى . بۇ ئەبلەخ جەزمەن سۇ ئۈزشنى بىلمەيدۇ ، گىپىمىزگە كەلسەك ، كەنجى تاغام دېڭىز ئاستى قەبرىسىدىكى بۇ نەرسىنى نىمە دەپ ئاتاشنى زادىلا بىلەلمىدى ، << ئەجەبا دېڭىز زۇڭزىسى(粽子) دەمدۇق ياكى سۇمانتىسى دەمدۇق ؟>> .
ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :<< ۋۇ ئاناڭنى ! لىسىدى دىگەن بۇ ئەبلەخ ھەقىقەتەن دۆتكەن ،مۇشۇنداق بىر نەرسە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرسە شۇنىمۇ بايقىماپتۇ دىسە كىممۇ ئىشەنسۇن ! بىردىن بىر ئامال بېرىپ قاراپ بېقىش كىرەك .>> دەپ ئويلىدى . ئۇ ئاستا خەنجىرىنى چىقىرىپ قولىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ ، سەپنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتى .
توققۇزىنجى ئادەم مىدىر – سىدىر قىلماي تۇراتتى ، لىسىدى كەنجى تاغامنىڭ ئۈزى تەرەپكە ئۈزۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىرەر مەسىلە بارلىقىنى ھىس قىلدى – دە ئۆرۈلۈپلا كەينىگە قارىدى ، ئۇ مىدىرلىۋىدى كەينىدىكى ئادەممۇ خۇددى ئۇنى دورىغاندەك تۇيۇقسىز مىدىرلىدى . لىسىدى قاتتى قورقۇپ كىتىپ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، ئۇ ئادەممۇ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، قارىماققا ئۇ لىسىدىنىڭ ھەركىتىنى ئۈگۈنۈۋاتقاندەك قىلاتتى ،لەنجى تاغام بۇ ئادەمنىڭ ھەركىتىنىڭ چاققان بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئازراق ھەييار ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، ئۇ بېشىدىكى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ئېلىپ شۇندق تۇتىۋىدى ، ئۇ نەرسە چىراق نۇرىدىن ئەندىكىپ كەينىگە قاچتى ، شۇ ئارلىقتا ، يۈزىنى بىلىىق قاسرىقى قاپلىغان بىر بەتبەشىرە چىراي كەنجى تاغامنىڭ كۈزىگە لىپ قىلىپ كۈرۈنىۋىدى كەنجى تاغام قوروققىنىدىن قولىدىكى جەنجەر چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى .
لىسىدى قورۇققۇنىدىن چىرايىدا قانمۇ قالمىغانىدى، ئۇ بۇ يەردە دەم ئېلىشقا پېتىنالماي ئالدىغا قاراپ ئۈزدى ، بۇۋاقىتتا كەنجى تاغام ئۇنى كاپلا قىلىپ تۇتىۋالدى ، ئۇ كەنجى تاغامغا قاراپ ۋارقىرىدى ، ئېغىزىنىڭ شەكلىگە قارىغاندا ئۇ << ياخشى بالا ! ياخشى بالا ! (好孩子 ) >> دەۋاتقاندەك قىلاتتى .
ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ گەپ قىلمىقى بىرئاز تەس ئىدى ، ئادەتتە گەپ قىلسىمۇ ناھايىتى كۈچەپ كىتەتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېغىز شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، كەنجى تاغام ئۇنىڭ ئەسەبىلىشىپ ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قالپاقنى ئېلىۋەتمەكچى بولغانلىققىنى كۆرۈپ ئۇنى تامغا يۈلىدى . ئۇنى تامغا يۈلەش بىلەن تەڭلا تامدىكى تۆت دانە يىرىق ئاستا بۇشاپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن تۆت ئەتراپتىكى سۇ دەھشەت بىلەن تامنىڭ ئىچىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام كۆڭلىدە ئھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدى ، بىراق كىچىككەنىدى ، ئۇلار خۇددى سۈرى ماڭغۇزۇلغان تەرەت تۇڭىدىكى سۈۋۈرەكتەك نەچچە پىرقىراپ تامدىكى ھېلىقى كامارغا كىرىپ كەتتى .
كەنجى تاغام ئۈزىنىڭ قانچىلىك پىرقىرىغانلىقىنى بىلمەيتتى ، ئۇ پەقەت ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ بىرتەرەپكە تاشلىۋەتكەندەك ھىس قىلدى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېشى ناھايىتى قاتتىق بىرنەرسىگە سوقۇلدى ، ھېلىمۇ ياخشى بېشىدا قالپاق باركەن بولمىسا نىمە بۇلۇپ كىتىشىنى بىلگىلى بولمايتتى ، ئۇ بىرقانچە يەرگە پۇتىنى تىرەپ ناھايىتى تەستە بېشىنى شۇندەق كۈتۈرىۋىدى ،ئۇزىنىڭ سۇ يۈزىگە چىققانلىقىنى بايقىدى .
باشقىلارمۇ ئالدى – كەينى بۇلۇپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە قىز قالپاقنىڭ ئىچىگىلا قۇسىۋەتكەنىدى ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ھۆ قىلغانلىقىنى دىمەيلا قۇياي بولدى ، ئەھۋالى ياخشىراق بىر قانچەيلەن ئۇلارنىڭ سۇغا چۈكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بېرىپ ئۇلارنى يۈلەشتۇرىۋالدى .
كەنجى تاغاممۇ بېرىپ ۋېنجىننى قۇچاغلاپ يۈلەشتۈردى ، ئاندىن كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ئاللىبۇرۇن قەبرە ئىچىگە كىرىپ بولغانلىقىنى بايقىدى .ئۇ چاقماقنى ئېلىپ چاقتى ، ئوت كۆيدى ،دىمەك ئوسىگىن بار دىگەن گەپ . شۇنىڭ بىلەن كەنجى تاغام 《ok》دىگەن قول ئىشارىتىنى چىقىرىپ ھاۋادا مەسىلە يوقلىقىنى ئىپادىلىدى ، باشقىلار ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئىشارىتىنى كۈرۈپ بېشىدىكى كۈرۈمسىز ھەم ئېغىر قالپاقنى ئېلىۋىتىپ ، نەپەسلىنىىپلا << ۋاھ ! نىمە دىگەن خۇشپۇراق ! >> دىيىشتى .
قەبرە ئىچىدە بىر خىل ناھايىتى سۇس ئەمما ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان خۇشپۇراق بۇلۇپ ، بۇپۇراڭنىڭ نىمىدىن تارقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . كەنجى تاغام سېسىقلىقىدىن چىدىغۇسىز قەبرىلەرنى كۆپ ئۇچراتقان ، لىكىن بۇنداق خۇشپۇراق قەبرىنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشى بولغاچقا ئۇ بىرئاز تېڭىرقاپ قالدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىر قۇر كۈزەتكەندىن كىيىن بۇنىڭ ئاساسى قەبرە ئەمەس بەلكى يان ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلدى ، چۈنكى بۇيەردە جەسەت ساندۇقى يوق ئىدى ، پەقەت قاتار تىزىلغان فار –فۇر ھەمدەپنە بۇيۇملىرى تۇراتتى ، بۇنەرسىلەر جەزمەن قەبرە ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىلىرى بولسا كىرەك ، يەنە كىلىپ ئۇلار ھازىر يان ئۆي ئىچىدىكى بىر كۆلچەكنىڭ ئىچىدە ئىدى ، كەنجى تاغام بۇيەرنىڭ بىزىلىشىگە يەنە بىرقېتىم قاراپ چىقتى ،ئۇ قارىغانسىرى گۇمانلاندى . تامنىڭ ھەممە يېرىدە تام رەسىمى بار ئىدى ، سۇھورىنىڭ تەسىرىدە ھەممىسى دىگۈدەك ئۈچۈپ كەتكەنىدى ، ئۇ پەقەت تامدىكى بۇ رەسىملەرنىڭ ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئازراق ئىلغا قىلالىدى .
ئادەمنىڭ سايىسىگە ئوخشايدىغان بۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ئىگىز ، پاكار ، ئۇرۇق ، سىمىز ، مېڭىۋاتقان ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئىشقىلىپ ھەرخىل قىياپەتتىكىلىرى بار بۇلوپ خۇددى ھەقىقى ئادەمنى رەسىمگە تارتقاندەك ناھايىتى ئىنىق ئىدى ، بىراق سۈرەتلەر ھەممىسى غەلىتە ئىدى ، يەنى رەسىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقى ناھايتىى چوڭ ئىدى ، خۇددى ھامىلىدار ئاياللارغىلا ئوخشايتتى . ۋېنجىننىڭ تام رەسىملىرىنى تاتقىق قىلىشتا خېلى بىلىمى بار ئىدى ، بىراق ئۇمۇ بۇ رەسىملەرنىڭ نىمىشقا ئۇنداقلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى .
ئەكسىچە لىسىدى بۇ تام رەسىملىرىنى كۈرۈپ قورقۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ، ھەمدە : << دېڭىز ئالۋاستىسى ! بۇ يەردە دېڭىز ئالۋاستىسى باركەن ! بۇ دېڭىز ئالۋاستىسىنىڭ قەبرىسىكەن . >> دەپ ۋارقىرىغىلى تۇردى .
كەنجى تاغام بايا كۆرگەن ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقنى ئىسىگە ئالدى ، ھەمدە كۆڭلىدە << ئەجابا ھېلىقى نەرسە راستىنلا دېڭىز ئالۋاستىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ئويلىدى ، بىراق جەزىملەشتۈرەلمىدى ، شۇڭا يەڭگىلتەكلىك بىلەن بۇئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا ، چۇقۇم ئالاقزادىلىك پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ ۋاقتىنچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىماقچى بولدى .
لىسىدى ھازىرمۇ توختىماي سۆزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ گەپ قىلىشىدا بىرئاز مەسىلە بولغاچقا باشقىلار ئۇنىڭ دېڭىز ئالۋاستىسى(海鬼) دىگەن گىپىنى دېڭىز تاشپاقىسى (海龟) دەپ ئاڭلاپ ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، لىسىدى بۇ ئەھۋالغا قاراپ يا يىغلىشىنى يا كۈلىشىنى بىلەلمەي قالدى ، بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام سائىتىگە قاراپ ، ئۇلارنى سۇدىن چىقىشقا بۇيرىدى ، يۈرەكلىكرەك بىر قانچەيلەن ئاللىبۇرۇن يان ئوينىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى . ئۇ ئىشىك ئانچە ئىگىز ئەمەس ، بۇ ئىشىك ھەقاچان كارىدورغا تۇتىشاتتى ، كەنجى تاغام ئۇلارنى قايتۇرۇپ كىلىپ : << بىرىنىجىدىن ھازىر بىزدە ئارخولوگىيە قۇراللىرى يوق ، ئىككىنجىدىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىمىز يوق شۇڭا ھېچكىمنىڭ ھېچ يەرگە بېرىشىغا روخسەت يوق كۆپچىلىك يۇۋاشلىق بىلەن مۇشۇ يەرد جىم ئولتۇرۇڭلار . بۇ قەبرە يۇلىدا مەخپى قۇرۇلما بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز ، بىز بۇيەرگە بىر سائەت خەتەدىن پاناھلانغىلى كەلگەن ، كۆپچىلىك باشقىچە خىيالدا بولماڭلار ، چۈشەندىڭلارمۇ يوق ؟ >> دىدى .
بۇ سولتەكلەرنىڭ دەرۋەقە ئانچە رازى بولمىدى كىلىن يەنىلا بوي سۇنماي ئامالى يوق ئىدى ، ئەمدى ئۇلار ياۋاشلىقچە بۇ يەردە ھېلىقى فار – فۇر بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى ، كەنجى تاغام بىر قاراپلا بۇ نەرسىلەرنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ئۇ << ئەجەبا بۇ راستىنلا شېن ۋەنسەننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قەبرىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ھەيران بولدى .
كەنجى تاغام قەدىمى ئاسار ئەتىقىنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن بولغاچقا بۇ نەرسىلەرگە قىزىقمىدى ، ئەكسىچە ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى بۇ بوشلۇقتىكى ھاۋا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يىتىش يەتمەسلىكىدە ئىدى . ئۇ ئادەملەرنى يەنى بىر قېتىم ساناپ بېقىۋىدى بۇ قېتىم توغرا چىقتى ، ئۇ ئەمدى بىر ئۇھ دەپ تىندى ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇنىڭغا ياخشىراق ئارام ئالىدىغانغا ۋقىت بولمىغاچقا چارچاپ ۋاي داد دىگۈدەك بولغانىدى ، شۇڭا ھازىر ئۇنى مۈگۈدەگ باستى .
ئۇ تامغا يۈلىنىپ ئولتۇردى ، ۋېنجىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنى سۈيۈپ قويدى ، بىر ھىسابتا بۇ ئۇنىڭ بۇقېتىمقى كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە بىرىلگەن مۇكاپات ئىدى ، كەنجى تاغامنىڭ روھى چىىپ كەتكەندەك بولدى . ئەسلىدىنلا قۇرساق كۈپۈگى بولۇپ تۇرغان بۇ سولتەكلەرنىڭ ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۈرۈپ بۇتارتقانلىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ، راستىنلا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى . ھازىر ۋېنجىن كەنجى تاغامنى يەنە بىر قېتىم خەتەرگە تەۋەككۇل قىل دىسە ئۇ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بۇلاتتى .
ئۇلار بىردەم ئارام ئالدى ، غەۋۋاسلىق ىلىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ ،ئەگەر ئۇزۇن مەزگىللىك سۇئاستى پائالىيەت تەجىربىسى بولمىسا ، بىر قېتىم غەۋۋاسلىق قىلىغاندا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان گەپ ، كەنجى تاغامنىڭ بەدەن قۇۋىتى يامان ئەمەس بىراق گۇرپپىدىكى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا تازا ماسلىشىپ بولالمىغاندى ، ھازىر بەدىنى ئازادىلىشىپلا ئەسنەشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى خۇشپۇراقنىڭ ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىنى تىنىشلاندۇرۇش رۇلى باردەك قىلاتتى ، بىردەمدىن كىيىنلا ئۇ ناھايىتى ئۇيقۇسى كەلگەندەك ھىس قىلدى ، ئۇ ئويقۇلۇق ھالدا ۋېنجىنغا :<< مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي ، ئەگەر ۋاقىت توشسا مىنى ئويغۇتىۋېتىڭ .>> دىدى .
ئۇنداق چارچاش نورمال ئەمەستەك ، بىراق كەنجى تاغام بۇنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ۋېنجىننىڭ مۇلايىملىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتقانلىقىنى خىرە كۆردى . ئۇنىڭ بۇرنىدا سۇس بىرخىل خۇشپۇراق بار ئىدى ، ئۇ بۇ خۇشپۇراقنىڭ ۋېنجىننىڭ چېچىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى ياكى قەدىمى قەبرىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى ، ئاخىرى ئۇ شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتى .
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
- 2015-10-30 19:32:08كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك12-باب
- 2015-11-10 16:02:07كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك32-باب
- 2015-11-08 16:17:52كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك20-باب
- 2015-11-10 16:00:01كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك30-باب
- 2015-11-01 14:43:50كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك22-باب
- 2015-11-04 19:04:57كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك16-باب
- 2015-11-10 15:59:02كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك29-باب
- 2015-11-01 14:46:24كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك24-باب
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-