رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك4-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك4-باب

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1209 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش



كەنجى تاغام ھەيران قالدى ، ئەگەر كەينىدىن بىر- ئىككى ئادەم كەم بولسا ئۇنى چۈشۈنۈشكە بۇلاتتى ، ھەتتا كەينىدىكى ھەممە ئادەم غايىپ بۇلۇپ كەتسىمۇ كەنجى تاغام بۇنى توغرا چۈشۈنەتتى . بىراق ھازىر بىر ئادەم ئارتۇق چىقتى ، زادىلا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، ئۇ ۋېنجىننى خاتا ساناپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆزى بىر قېتىم ساناپ باقتى . ئۆزى بىرىنجىسى ، ۋېنجىن ئىككىنجىسى ، ئۇندىن كىيىن نۆۋەت بۇيىچە  ..ئۈچ ، تۆت ، بەش ، ئالتە ، يەتتە ، سەككىزىنجىسى لىسىدى ، توققۇزىنجىسى ……
ئۇ ئەندىكىپ ئىچىگە تىندى ،چۈنكى ئۇ ئارتۇق چىققان ھېلىقى توققۇزىنجى ئادەمنى كۆردى ، ئۇ ئادەم ئۇزۇن سەپنىڭ ئاخىرىغا يۇشۇرۇنۇۋالغان بۇلۇپ ناھايىتى تۇتۇق بولغاچقا ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى . << چۇقۇم مەسىلە بار !>> دەپ ئويلىدى كەنجى تاغام .
كەنجى تاغام ئىختىيارسىز سۇغۇق تەرگە چۆمدى . ئۇ ھېچقانداق جىن – ئالۋاستىدىن قورقۇپ باقمىغان ، لىكىن سۇ ئاستىدىكىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ تەجىرنىسى يوق ئىدى ، يەنە كىلىپ كەينىدىكى ئۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى . بۇ ئەبلەخ جەزمەن سۇ ئۈزشنى بىلمەيدۇ ، گىپىمىزگە كەلسەك ، كەنجى تاغام دېڭىز ئاستى قەبرىسىدىكى بۇ نەرسىنى نىمە دەپ ئاتاشنى زادىلا بىلەلمىدى ، << ئەجەبا دېڭىز زۇڭزىسى(粽子) دەمدۇق ياكى سۇمانتىسى دەمدۇق ؟>> .
ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ :<< ۋۇ ئاناڭنى ! لىسىدى دىگەن بۇ ئەبلەخ ھەقىقەتەن دۆتكەن ،مۇشۇنداق بىر نەرسە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرسە شۇنىمۇ بايقىماپتۇ دىسە كىممۇ ئىشەنسۇن !  بىردىن بىر ئامال بېرىپ قاراپ بېقىش كىرەك .>> دەپ ئويلىدى . ئۇ ئاستا خەنجىرىنى چىقىرىپ قولىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇپ ، سەپنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتى .
توققۇزىنجى ئادەم مىدىر – سىدىر قىلماي تۇراتتى ، لىسىدى كەنجى تاغامنىڭ ئۈزى تەرەپكە ئۈزۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىرەر مەسىلە بارلىقىنى ھىس قىلدى – دە ئۆرۈلۈپلا كەينىگە قارىدى ، ئۇ مىدىرلىۋىدى كەينىدىكى ئادەممۇ خۇددى ئۇنى  دورىغاندەك تۇيۇقسىز  مىدىرلىدى . لىسىدى قاتتى قورقۇپ كىتىپ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، ئۇ ئادەممۇ كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى ، قارىماققا ئۇ لىسىدىنىڭ ھەركىتىنى ئۈگۈنۈۋاتقاندەك قىلاتتى ،لەنجى تاغام بۇ ئادەمنىڭ ھەركىتىنىڭ چاققان بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئازراق  ھەييار ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، ئۇ بېشىدىكى كۈزۈتۈش چىرىقىنى ئېلىپ شۇندق تۇتىۋىدى ، ئۇ نەرسە چىراق نۇرىدىن ئەندىكىپ كەينىگە قاچتى ، شۇ ئارلىقتا ، يۈزىنى بىلىىق قاسرىقى قاپلىغان  بىر بەتبەشىرە چىراي كەنجى تاغامنىڭ كۈزىگە لىپ قىلىپ كۈرۈنىۋىدى كەنجى تاغام قوروققىنىدىن قولىدىكى جەنجەر چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى .
لىسىدى قورۇققۇنىدىن چىرايىدا قانمۇ قالمىغانىدى، ئۇ بۇ يەردە دەم ئېلىشقا پېتىنالماي ئالدىغا قاراپ ئۈزدى ، بۇۋاقىتتا كەنجى تاغام ئۇنى كاپلا قىلىپ تۇتىۋالدى ، ئۇ كەنجى تاغامغا قاراپ ۋارقىرىدى ، ئېغىزىنىڭ شەكلىگە قارىغاندا ئۇ << ياخشى بالا ! ياخشى بالا ! (好孩子 ) >> دەۋاتقاندەك قىلاتتى .
ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ گەپ قىلمىقى بىرئاز تەس ئىدى ، ئادەتتە گەپ قىلسىمۇ ناھايىتى كۈچەپ كىتەتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېغىز شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، كەنجى تاغام ئۇنىڭ ئەسەبىلىشىپ ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قالپاقنى ئېلىۋەتمەكچى بولغانلىققىنى كۆرۈپ ئۇنى تامغا يۈلىدى . ئۇنى تامغا يۈلەش بىلەن تەڭلا تامدىكى تۆت دانە يىرىق ئاستا بۇشاپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن تۆت ئەتراپتىكى سۇ دەھشەت بىلەن تامنىڭ ئىچىگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى . كەنجى تاغام كۆڭلىدە ئھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدى ، بىراق كىچىككەنىدى ، ئۇلار خۇددى سۈرى ماڭغۇزۇلغان تەرەت تۇڭىدىكى سۈۋۈرەكتەك نەچچە پىرقىراپ تامدىكى ھېلىقى كامارغا كىرىپ كەتتى .
كەنجى تاغام ئۈزىنىڭ قانچىلىك پىرقىرىغانلىقىنى بىلمەيتتى ، ئۇ پەقەت ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ بىرتەرەپكە تاشلىۋەتكەندەك ھىس قىلدى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېشى ناھايىتى قاتتىق بىرنەرسىگە سوقۇلدى ، ھېلىمۇ ياخشى بېشىدا قالپاق باركەن بولمىسا نىمە بۇلۇپ كىتىشىنى بىلگىلى بولمايتتى ، ئۇ بىرقانچە يەرگە پۇتىنى تىرەپ ناھايىتى تەستە بېشىنى شۇندەق كۈتۈرىۋىدى ،ئۇزىنىڭ سۇ يۈزىگە چىققانلىقىنى بايقىدى .
باشقىلارمۇ ئالدى – كەينى بۇلۇپ سۇ يۈزىگە چىقتى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە قىز قالپاقنىڭ ئىچىگىلا قۇسىۋەتكەنىدى ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ھۆ قىلغانلىقىنى دىمەيلا قۇياي بولدى ، ئەھۋالى ياخشىراق بىر قانچەيلەن ئۇلارنىڭ سۇغا چۈكۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بېرىپ ئۇلارنى يۈلەشتۇرىۋالدى .
كەنجى تاغاممۇ بېرىپ ۋېنجىننى قۇچاغلاپ يۈلەشتۈردى ، ئاندىن كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ئاللىبۇرۇن قەبرە ئىچىگە كىرىپ بولغانلىقىنى بايقىدى .ئۇ چاقماقنى ئېلىپ چاقتى ، ئوت كۆيدى ،دىمەك ئوسىگىن بار دىگەن گەپ . شۇنىڭ بىلەن كەنجى تاغام 《ok》دىگەن قول ئىشارىتىنى چىقىرىپ ھاۋادا مەسىلە يوقلىقىنى ئىپادىلىدى ، باشقىلار ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئىشارىتىنى كۈرۈپ  بېشىدىكى كۈرۈمسىز ھەم ئېغىر قالپاقنى ئېلىۋىتىپ ، نەپەسلىنىىپلا  << ۋاھ ! نىمە دىگەن خۇشپۇراق ! >> دىيىشتى .
قەبرە ئىچىدە بىر خىل ناھايىتى سۇس ئەمما ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان خۇشپۇراق بۇلۇپ ، بۇپۇراڭنىڭ نىمىدىن تارقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . كەنجى تاغام سېسىقلىقىدىن چىدىغۇسىز قەبرىلەرنى كۆپ ئۇچراتقان ، لىكىن  بۇنداق خۇشپۇراق قەبرىنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشى بولغاچقا ئۇ بىرئاز تېڭىرقاپ قالدى . ئۇ كۈزۈتۈش چىرىقىنى ياندۇرۇپ بىر قۇر كۈزەتكەندىن كىيىن بۇنىڭ ئاساسى قەبرە ئەمەس بەلكى يان ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلدى ، چۈنكى بۇيەردە جەسەت ساندۇقى يوق ئىدى ، پەقەت قاتار تىزىلغان فار –فۇر ھەمدەپنە بۇيۇملىرى تۇراتتى ، بۇنەرسىلەر جەزمەن قەبرە ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىلىرى بولسا كىرەك ، يەنە كىلىپ ئۇلار ھازىر يان ئۆي ئىچىدىكى بىر كۆلچەكنىڭ ئىچىدە ئىدى ، كەنجى تاغام بۇيەرنىڭ بىزىلىشىگە يەنە بىرقېتىم قاراپ چىقتى ،ئۇ قارىغانسىرى گۇمانلاندى . تامنىڭ ھەممە يېرىدە تام رەسىمى بار ئىدى ، سۇھورىنىڭ تەسىرىدە ھەممىسى دىگۈدەك ئۈچۈپ كەتكەنىدى ، ئۇ پەقەت تامدىكى بۇ رەسىملەرنىڭ ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئازراق ئىلغا قىلالىدى .
ئادەمنىڭ سايىسىگە ئوخشايدىغان بۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ئىگىز ،  پاكار ، ئۇرۇق ، سىمىز ، مېڭىۋاتقان ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئىشقىلىپ ھەرخىل قىياپەتتىكىلىرى بار بۇلوپ خۇددى ھەقىقى ئادەمنى رەسىمگە تارتقاندەك ناھايىتى ئىنىق ئىدى ، بىراق سۈرەتلەر ھەممىسى غەلىتە ئىدى ، يەنى رەسىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قورسىقى ناھايتىى چوڭ ئىدى ، خۇددى ھامىلىدار  ئاياللارغىلا ئوخشايتتى . ۋېنجىننىڭ تام رەسىملىرىنى تاتقىق قىلىشتا خېلى بىلىمى بار ئىدى ، بىراق ئۇمۇ بۇ رەسىملەرنىڭ نىمىشقا ئۇنداقلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى .
ئەكسىچە لىسىدى بۇ تام رەسىملىرىنى كۈرۈپ قورقۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى ، ھەمدە : << دېڭىز ئالۋاستىسى ! بۇ يەردە دېڭىز ئالۋاستىسى باركەن ! بۇ دېڭىز ئالۋاستىسىنىڭ قەبرىسىكەن . >> دەپ ۋارقىرىغىلى تۇردى .
كەنجى تاغام بايا كۆرگەن ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقنى ئىسىگە ئالدى ، ھەمدە كۆڭلىدە << ئەجابا ھېلىقى نەرسە راستىنلا دېڭىز ئالۋاستىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ئويلىدى ، بىراق جەزىملەشتۈرەلمىدى ، شۇڭا يەڭگىلتەكلىك بىلەن بۇئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا ، چۇقۇم ئالاقزادىلىك پەيدا قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ ۋاقتىنچە مەخپىيەتلىكنى ساقلىماقچى بولدى .
لىسىدى ھازىرمۇ توختىماي سۆزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ گەپ قىلىشىدا بىرئاز مەسىلە بولغاچقا باشقىلار ئۇنىڭ دېڭىز ئالۋاستىسى(海鬼) دىگەن گىپىنى دېڭىز تاشپاقىسى (海龟) دەپ ئاڭلاپ ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، لىسىدى بۇ ئەھۋالغا قاراپ يا يىغلىشىنى يا كۈلىشىنى بىلەلمەي قالدى ، بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام سائىتىگە قاراپ ، ئۇلارنى سۇدىن چىقىشقا بۇيرىدى ، يۈرەكلىكرەك بىر قانچەيلەن ئاللىبۇرۇن يان ئوينىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى . ئۇ ئىشىك ئانچە ئىگىز ئەمەس ، بۇ ئىشىك ھەقاچان كارىدورغا تۇتىشاتتى ، كەنجى تاغام ئۇلارنى قايتۇرۇپ كىلىپ : << بىرىنىجىدىن ھازىر بىزدە ئارخولوگىيە قۇراللىرى يوق ، ئىككىنجىدىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىمىز يوق  شۇڭا ھېچكىمنىڭ ھېچ يەرگە بېرىشىغا روخسەت يوق كۆپچىلىك يۇۋاشلىق بىلەن مۇشۇ يەرد جىم ئولتۇرۇڭلار . بۇ قەبرە يۇلىدا مەخپى قۇرۇلما بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز ، بىز بۇيەرگە بىر سائەت خەتەدىن پاناھلانغىلى كەلگەن ، كۆپچىلىك باشقىچە خىيالدا بولماڭلار ، چۈشەندىڭلارمۇ يوق ؟ >> دىدى .
بۇ سولتەكلەرنىڭ دەرۋەقە ئانچە رازى بولمىدى كىلىن يەنىلا بوي سۇنماي ئامالى يوق ئىدى ، ئەمدى ئۇلار ياۋاشلىقچە بۇ يەردە ھېلىقى فار – فۇر بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى ، كەنجى تاغام بىر قاراپلا بۇ نەرسىلەرنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ئۇ << ئەجەبا بۇ راستىنلا شېن ۋەنسەننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قەبرىسىمىدۇ ؟ >> دەپ ھەيران بولدى .
كەنجى تاغام قەدىمى ئاسار ئەتىقىنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن بولغاچقا بۇ نەرسىلەرگە قىزىقمىدى ، ئەكسىچە ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى بۇ بوشلۇقتىكى ھاۋا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يىتىش يەتمەسلىكىدە ئىدى . ئۇ ئادەملەرنى يەنى بىر قېتىم ساناپ بېقىۋىدى بۇ قېتىم توغرا چىقتى ، ئۇ ئەمدى بىر ئۇھ دەپ تىندى ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئۇنىڭغا ياخشىراق ئارام ئالىدىغانغا ۋقىت بولمىغاچقا چارچاپ ۋاي داد دىگۈدەك بولغانىدى ، شۇڭا ھازىر  ئۇنى مۈگۈدەگ باستى .
ئۇ تامغا يۈلىنىپ ئولتۇردى ، ۋېنجىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنى سۈيۈپ قويدى ، بىر ھىسابتا بۇ ئۇنىڭ بۇقېتىمقى كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە بىرىلگەن مۇكاپات ئىدى ، كەنجى تاغامنىڭ روھى چىىپ كەتكەندەك بولدى . ئەسلىدىنلا قۇرساق كۈپۈگى بولۇپ تۇرغان بۇ سولتەكلەرنىڭ  ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، كەنجى تاغام ۋېنجىننىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۈرۈپ بۇتارتقانلىرىنىڭ  ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ،  راستىنلا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى . ھازىر ۋېنجىن كەنجى تاغامنى يەنە بىر قېتىم  خەتەرگە تەۋەككۇل قىل دىسە ئۇ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بۇلاتتى .
ئۇلار بىردەم ئارام ئالدى ، غەۋۋاسلىق ىلىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ ،ئەگەر ئۇزۇن مەزگىللىك سۇئاستى پائالىيەت تەجىربىسى بولمىسا ، بىر قېتىم غەۋۋاسلىق قىلىغاندا ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان گەپ ، كەنجى تاغامنىڭ بەدەن قۇۋىتى يامان ئەمەس بىراق گۇرپپىدىكى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا تازا ماسلىشىپ بولالمىغاندى ، ھازىر بەدىنى ئازادىلىشىپلا ئەسنەشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى خۇشپۇراقنىڭ ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىنى تىنىشلاندۇرۇش رۇلى باردەك قىلاتتى ، بىردەمدىن كىيىنلا ئۇ ناھايىتى ئۇيقۇسى كەلگەندەك ھىس قىلدى ، ئۇ ئويقۇلۇق ھالدا ۋېنجىنغا :<< مەن بىردەم ئۇخلىۋالاي ، ئەگەر ۋاقىت توشسا مىنى ئويغۇتىۋېتىڭ .>> دىدى .
ئۇنداق چارچاش نورمال ئەمەستەك ، بىراق كەنجى تاغام بۇنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ۋېنجىننىڭ مۇلايىملىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتقانلىقىنى خىرە كۆردى . ئۇنىڭ بۇرنىدا سۇس بىرخىل خۇشپۇراق بار ئىدى ، ئۇ بۇ خۇشپۇراقنىڭ ۋېنجىننىڭ چېچىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى ياكى قەدىمى قەبرىدىكى خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى ، ئاخىرى ئۇ شۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتتى .  

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى