بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن تۈلىگەن بەدىلىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئەمەس. بەلكى، شۇنچىلىك بەدەل تۈلىگەندىن كېيىن قەلبىدىكى ئورنىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە كۆڭۈل بۆلىمىز! كىنولاردا دائىم «توختىماي ياد ئېتىشلەر ھامان جاۋاپسىز قالمايدۇ» دېيىلىدۇ، ئەمما كىنو، پەقەتلا كىنو. لېكىن، تورمۇشنىڭ بۇنداق بولىشى ناتايىن.
مەن يېقىندا بىر يىگىتتىن مۇنداق بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالادىم
«ياخشىمۇ سىز xx
مەن بۇرۇنقى قىز دوستۇمغا بىر پارچە كىتاپ سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلماقچى ئېدىم. …
قۇيۇش كونوپكىسىنى باسمىسىڭىز ماڭمايدۇ
ھاياتىمدىكى ئەڭ يامغۇرلۇق كۈنلەر بالا ۋاقىتلاردا جاڭگالدا كالا-قوي بېقىۋاتقاندا بولغان ئېكەن. بار-يوق سېلىنچىمىز بىردا ئۇغۇت چىپتىسى ئېدى. نەم يەردە ئولتۇرساق چىپتىنى ئاستىمىزغا سېلىۋلاتتۇق. يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق قىلىپ كىيۋالاتتۇق. توشەينى ئاستىمغا قۇيۇپ، چىپتىنى كىيىپ، چىپتىنىڭ يۇچىقىدىن تاراسلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىسىغا سىنچىلاپ قارايتتىم. دادامنىڭ «ھەربىر يامغۇر تامچىسىنى بىر پەرىشتە ئېلىپ چۈشىدۇ» دېگەن گىپىنى ئەسلەپ…
ئادەم ھاياتقا تۆرىلىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولغاندىن باشلاپ تۇرمۇشنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلايدىكەن.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەسئۇلىيەتمۇ ئېشىپ بارىدىكەن. ھەتتا مەنىۋىيتىنىڭ زارىنى تىڭشاپ باققۇدەكمۇ ۋاقىتقا ئىگە بولالماي قالىدىكەن.
مەسئۇلىيەتلىرى ئېشىپ بېرىپلا قالماستىن تۇرمۇشنىڭ زەربىللىرىگىمۇ يۇلۇقۇپ تۇرىدىكەن.
بەزەن ۋاقىتتا ئۆزىنى خۇددى بۇلۇتقا مىنىپ قالغاندەك، مىڭىش-تۇرۇش ئىختىيارلىقىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپمۇ قالىدىكەن.
تۇر…
بىز تۇلىمۇ ئالدىراش ئادەملەرمىز، رەيىمىزگە ياقمايدىغان يەردە بىرمىنۇت ۋاقتىمىز چىقمايدۇ. ھالبۇكى، ھارام سورۇنلاردا كىچى-كىچىلەپ تۈنەپ چىقالايمىز. بىزنىڭ ئالدىراشچىلىقىمىز بۈگۈنكلىدەك زامانىۋى جەمىيەتتە تېخىمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
40 كىلومىتىر سۈرئەتلىك يوللاردا 80 كىلو مىتىردا كىتىۋاتقان ماشىنىلار، قىزىل چىراقلاردىن ھەرە ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كىتىۋاتقان موتسىكىلىتلار بىزدىكى بۇ ئالدىراشچىلىقنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە خىيالغا باشلاپ قۇيىدۇ. ئۆلۈم بۇلارن…
سىزنىڭ ئۈلۈمىڭىزگە ئىككى سائەتلا قالدى ! يەنە ئىككى سائەتتىن كىيىن ئۈلۈپ كىتىسىز ! ئىشەنمەمسىز ؟ مەن ئىشىنىمەن، سىز نىمىگە ئاساسەن ئىشەنمەيسىز ؟
سىز دىن سوراپ باقاي سىز ئۆزىڭىزنى ئۆلمەيمەن دىمەكچىمۇ، ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان خىيال بۇلۇپ قالسا پوق يەپسىز. چۈنكى، رەببىمىز«ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ…
ھاياتلىق ھەربىر ئادەمگە بىرلا قېتىملىق بىرلىدىغان پۇرسەت. ھەربىرىمىز ھاياتلىق سەپىرىدە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايمىز. ئەمما، ھەممىدىن بۇرۇن ئاخىرقى نوقتىغا بېرۋېلىشنىمۇ خالىمايمىز . . .
بىر ۋاقىتتا سۆگەت چىۋىقلىرىدا تاج ئىتىپ تاقاپ يۈرگەن، يول بۇيىدىكى ئېرىقلارغا بۇدۇكلىرىمىزنى چىلاپ يۈرگەن بالا ئىدۇق. بۈگۈنكى قورۇق باسقان چىرايلاردا ھېلىمۇ بالىلىقتىكى نىپىز، سۈزۈك تېرىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز . . . قانداق ھايات بەك تىز ئۆتەمدىكەن ؟ «ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان تو…
ھېكايە
روھچىن
ياسىن ھاجىم ماشىنىنى كەينىگە ياندۇروپ چىقىشىغىلا يان تەرپىگە ۋاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر نەرسە چۈشتى. ماشىنىنى توختىتىپ چۈشۈپ بولغىچە كەينىدە ئولتۇرغان قىزى چىقىراپ كەتتى.
سىمىنۇت مەيداندا ياشقىنە بىر يىگىت دۈم ياتاتتى. ئېغىزىدىن، بۇرنىدىن ئاققان قان ئەتىراپقا قىزىل رەخ ياپقاندەك تارقاۋاتاتتى. بىر دەمدە ئەتىراپقا بىرمۇنچە ئادەم ئۇلاشتى، ئۈستىگە قاراپ زادى قانچىنچى قەۋەتتىن چۈشكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمىدى. بالىنىڭ چۈشكەن يىرىگە توغرا كىلىدىغان…
نەچچە كۈن بولدى نىمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن, سىنى تۇلا ئويلايدىغان بۇلۇپقالدىم.
نىمە يەۋاتقاندۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، زىرىككەندە ھال-مۇڭ بۇلۇشقىدەك دوسلىرى بارمىدۇ، بېرىپ ئايلىنىپ كەلگۇدەك يەرلىرى بارمىدۇ، . . . ئىشقىلىپ ئويلايدىغان دائىرەم بەك كەڭىرى.
قۇلچىلىقنى، ئىلىمنى دەپ بۇ يولنى تاللىۋالدىڭ. نىيەتلىرىڭ دۇرۇس، ئىخلاسىڭ خالىس ئىكەن, ياراتقۇچى يول بەردى. مانا بىر يىل بۇلاي دىدى تۇرۇپلا قالدىڭ.
يۇرتۇڭدىن كۆچكەن يۇلتۇزدەك، گۈدۈك چېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن پويىزد…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم