دۇنيادىكى ئەڭ قارا، ئەڭ ئېگىز مىللەت __ دىنكالار
-
دۇنيادىكى ئەڭ قارا، ئەڭ ئېگىز مىللەت __ دىنكالار
ۋاقتى: 2016-05-24 ئاۋاتلىقى: 1967 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ قارا، ئەڭ ئېگىز مىللەت ___ دىنكا مىللىتى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
دىنكالار ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ناتونۇش بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقىلىقلارغا نىسبەتەن بەئەينى مارسېللىقلاردەكلا تونۇش. بۇ مىللەتنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە تەرەپلىرى بار بولۇپ، مەسىلەن: ئۇلارنىڭ تېرىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ قارا، بوينىڭ ئېگىزلىكىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز. يەنە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەردە مۇھەببەت ئەركىنلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما دىنكالار ئەركىن مۇھەببەتلىشىۋېرىدۇ.
دىنكالارنىڭ زېمىنى بىر پارچە 15 مىڭ كىۋادرات مىل كېلىدىغان يايلاق بولۇپ، ئەتراپىدا ئاز ئۇچرايدىغان يايلاق ئورمىنى بار. ئۇلار سۇناننىڭ جەنۇبىدىكى نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئويمانلىقىدىكى سازلىقنىڭ ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىنتايىن قالاق.
نۆۋەتتە، ئافرىقىدىكى دىنكالارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 200 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ سان نوپۇسى ئازراق بىر كىچىك دۆلەتكە باراۋەر كېلىدۇ. دىنكالار 12 قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر قەبىلە يەنە بىر نەچچە كىچىك قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن.
دىنكالارنىڭ بويى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.82 مېتىر كېلىدۇ، قىزلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.80 مېتىر كېلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ. دىنكالارنىڭ بەدەن تۇرقىمۇ ئىنتايىن قاملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەتتە نىسبەتەن ئورۇق كەلسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىدۇ. دىنكالارنىڭ ئاياللىرى 60 كىلوگىراملىق كەندىر خالتىسىنى يۈدۈپ 10 نەچچە كىلومېتىرغىچە ماڭالايدۇ، ئەرلىرى 80 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بۆكەنلەرنىمۇ يۈدۈپ ئۇزاقلارغا كېتەلەيدۇ.
دىنكالارنىڭ ئوتتۇرا ياش ئەرلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىدە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك بار بولۇپ، ھەربىرەيلەننىڭ پېشانىسىدە ئوخشاش كەلگەن ئالتە يول تارتۇقتەك ئىز بار. مول ھوسۇل پەسلىدە، ئوغۇللار قورامىغا يېتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئۇلار بىر تۇرالغۇ ئېلىپ بېرىلىپ چوڭلارنىڭ دۇئاسىنى ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇراسىمچى ئۇلارنى قوناقلىققا ئاپىرىدۇ، ھەربىر بالا ئۆزىنىڭ ئالدىغا قان ئالىدىغان كىچىك ئورەك كولايدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، مۇراسىمچى پىچاق بىلەن ئوغۇللارنىڭ پېشانىسىگە ئالتە يول سىزىق سىزىپ چىقىدۇ، كىمىكى ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ سالسا، شۇنىڭ ئورنى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ.
دىنكالار ئۇرۇشۇشقا، جەڭ قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ئوخشىمىغان قەبىلىلەر ئارا دائىم دېگۈدەك كىچىك ئىشلار ئۈچۈن جېدەل-ماجرالار ئۈزۈلمەيدۇ. ئائىلىلەر ئارا جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇق ئارىسىدا جەڭ بولسا بولۇۋېرىدۇ. دىنكا قەبىلىسىدە، ناۋادا ئاتىسىنى دۈشمەنلەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، بالىلىرى چوقۇم ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.
دىنكالارنىڭ نىكاھلىنىش ئادىتى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويغان. ھەر قېتىم بايرام كەلگەندە، قىزلار ئۆيىدىكى توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، خۇشپۇراق ئوت، سامساق قاتارلىقلار بىلەن شورپا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى كىچىك كۇرۇشكىلارغا سېلىپ بازارغا ساتقىلى ئېلىپ بېرىپ، يىگىتلەرنىڭ سېتىۋېلىشىنى ساقلايدۇ.
ناۋادا توخۇ گۆشىنى سېتىۋالغان يىگىتلەرنىڭ قىزىقىشى قىزلار بىلەن بىردەك بولمىسا، قىزلار يەنە باھا قوشىدۇ، يىگىتلەر قىزلارنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى بىلىپ كېتىپ قالىدۇ. ناۋادا قىز مەلۇم يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز توخۇ گۆشىنى يىگىتكە بىكارغىلا بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن يىگىت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىجازىتىنىمۇ ئالماي قىزنىڭ ئۆيىگە قۇدىلىشىشقا بارىدۇ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككىيلەننىڭ بىرلىكتە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلىدۇ. قەبىلىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قىز-يىگىتنىڭ ئارزۇسىغا قارشى تۇرمايدۇ، قارشى تۇرسا قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
شىڭگىل ھېكايە: پەرھادنىڭ ‹‹پەلسەپە››سى
2015-03-11 15:20:274245سەلتەنەتلىك ئەبۇزەبى چوڭ مەسچىتى
2015-04-22 18:21:153895تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى
2015-02-11 18:25:5212124گېرمانىيە ماگدېبۇرگ سۇ كۆۋرۈكى
2015-04-27 18:58:394627نىدائىي: شاھرۇھخاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
2015-10-14 15:45:069023دۇنيادىكى غەلىتە ‹‹سۇ قۇيۇنى›› ھادىسىلىرى
2015-11-23 23:22:384125ئايال قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟
2015-08-13 17:45:446115پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:28:026723
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-