خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسىيە ۋېسىتلاستىكى يىجا ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىدا شۇيەر ۋاقتى 10-ئاۋغۇست بىر قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قاتىل دۇكان ئىچىدە پىچاقنى قالايمىقان شىلتىپ ۋە چاناپ ،ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىگىلىنىشچە، قازا قىلغىنى بىر ئەر ۋە ئايال خېرىدار بولۇپ، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئۇلار تېخى ھايات بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرەيلەن ئېغىر يارىلانغان بۇلۇپ، نۆۋەتتە جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
يىجا ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى تەرەپتىن بىلدۇرىشىچە، قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، سودا سارىيىنى ۋاقىتلىق تاقىغان.نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى سوراق قىلىۋاتىدۇ.
تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئىشلىگەن فىلىم ‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي››نىڭ فىلىم كۆرۈش يىغىنى 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئارزۇ چېچەكلىگەن جاي›...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved